wget نى ئىشىلتىش ماھارەتلىرى

wget تېرمىنالدىكى كۆپرەك قوللىنىلدىغان چۈشۈرۈش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نەرسە-كېرەك چۈشۈرۈپ تۇرىمىز. تۆۋەندىكى بىر قانچە ماھارەت ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشىڭىزغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

$ wget -r -np -nd http://example.com/packages/

يۇقارقى بۇيرۇق http://example.com تور بىكەتتىكى packages مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرىدۇ.

$ wget -r -np -nd --accept=iso http://example.com/centos-5/i386/

يۇقارقى بۇيرۇق بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ يەردىكى accept=iso پەقەت i386 مۇندەرىجىنىڭ ئاستىدىكى كېڭەيتىلگەن نامى iso بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرىدۇ. « پەش » بىلەن ئايرىش ئارقىلىق يەنە باشقا كېڭەيتىلگەن نامدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ تەڭ چۈشۈركىمۇ بولىدۇ.

$ wget -i filename.txt

مەزكۈر بۇيرۇق چۈشۈرمەكچى بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئادىرىسىنى filename.txt غا ساقلايدۇ، ئاندىن wget ئاپتوماتىك چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.

$ wget -c http://example.com/really-big-file.iso

بۇ بۇيرۇقدىكى c- ئالدىنقى قېتىم تولۇق چۈشۈرمەي ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ھۆججەتنىڭ داۋامىنى چۈشۈرىدۇ.

$ wget -m -k (-H) http://www.example.com/

يۇقارقى بۇيرۇق بولسا، بەلگىلىگەن تور بىكەتنى مەۋھۈم ھالەتتە ( 镜像 ) تولۇق چۈشۈرىدۇ. ئەگەر چۈشۈرمەكچى بولغان تور بەتتى رەسىملەر باشقا تور بەتلەردىن ئۇلانغان بولسا H- پارامېتىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

بارلىق ھوقۇق خەۋەر تورى غا مەنسۇپ | بېكەت Wordpress ئاساسىدا قۇرۇلغان . ئۆزلەشتۈرگۇچى: پاراۋوز بلوگى بىلەن russian-club