ئالدىن قېتىم بىلەرمەن ئۇسلۇبنىڭ بىرىنچىسى تارقىتىلغان . نۆۋەتتىكى ئىككىنچى ئۇسلۇبمۇ بىرىنچىسى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. گەرچە بىر قىسىم جەھەتتە ئوخشىسىمۇ لېكىن ئىقتىدار جەھەتتە بىرىنچىسىدىن ئىلغار دېيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا ئۇچۇرلار بېرىلدى.
ئۇسلۇب مەس كېلىدىغان تۈرلەر:
تۈزۈلىشى ئاددىي، ئىقتىدارى تولۇق بولغان cms ئۇسلۇبى بولۇپ ئىشىلتىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان سوئال-جاۋاب تۈرىدىكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەس كېلىدىغان تۈرلەردىن، مەسىلەن:
1) ئىسلامىي بىلىم بلوگلىرىدا ئىسلامغا ئائىت پەتىۋا سوراش ۋە پەتىۋالارغا مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇش ياكى مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش؛
2) شىركەتلەر تۈرىدىكى بلوگلار: ئۆز مەھسۈلاتلىرىنى سېتىشدىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىش ، مەھسۈلات سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت ئىگەللەش، خېرىدارلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەتتىش قاتارلىقلار…..
3) دوختۇر-تېۋىپلىق تۈرىدىكى بلوگلار: بىمارلارنىڭ توردا كېسەللىك بىلىملىرىدىن مەسلەھەت سوراش، (
خۈددى 80 خالتا بلوگىدەك)
4) پىسخولوگىيەدىن مەسلەھەت بېرىش قاتارلىق بلوگلار. ئەلۋەتتە ماس كېلىدىنغان تۈرلىرى ناھايتى كۆپ، بۇ يەردە پەقەت ئېسىمغا كەلگەنلىرى بايان قىلىندى.
ئۇسلۇب ھەققىدە:
1) مەلۇم سوئالغا نىسبەتەن جاۋابلار بېرىلگەندىن كېيىن، ئەگەر ئەڭ ئۈنۈملۈك ياكى قائىل قىلارلىق جاۋاب بېرىلگەندىن بولسا مەزكۈر جاۋابنى بىر كۇنۇپكا ئارقىلىقلا « ئەڭ ئۆلچەملىك جاۋاب » قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
2) جاۋاب ياكى ئىنكاس يوللىغان ئەزالارنى بلوگ تەڭگە پۇلى ئارقىلىق مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
3) تىزىملاتقان ئەزالار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھال ياكى شەخشىي ئۈچۈرىنى بەلگىلەپ قويالايدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدۇ.
4) ھەر قايسى ئەزالار بىكەتكە تىزىملىتىپ كىرگەندە ئەگەر يازما ياكى سوئال يوللىغان بولسا « مېنىڭ يازمام » دەپ شۇ يوللىغان سوئاللنىڭ يېنىغا ئەسكەرتىش بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ سوئالىنى باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ بىلىپ تۇرالايدۇ.
IE8 FIREFOX CHROME لاردا سىنالغان. 360 نى قوللىشى %80
ئۇسلۇبدىن بىر قىسىم ئۆرنەكلەر:
سىناق مەنزىل: ../
ئۇسلۇب ھەققى: يەتمىش سوم
نادىر بلوگلار ئۇسلۇبى پاراۋوزدا.