ئۆزقان
Close[MP3]

ئىلتىجا
ئېلىپ كەتتىڭ يۈرەكنى يۇلۇپ،
مەندە قالدى بېغىشى پەقەت.
روھىم ئۇنى ئىزلىمەك بولۇپ،
تۇتقۇن بولدى ساڭا تا ئەبەد.
ئىگە ئەمەس ئۆزۈمگە ئۆزۈم،
قالدى پەقەت مەندە قۇرۇق تەن.
كۆزلىرىڭگە قادالدى كۆزۈم،
بىر خىيالىي شېرىن ھېس بىلەن.
سەندە قالغان روھ ۋە يۈرىكىم،
سىڭىپ كەتتى ساڭا مۇپەسسەل.
قانائىىتىڭ توشمايدۇ بەلكىم،
ئېلىپ كەتكىن جىسمىمنى تۈگەل…
1990-يىل،ئاپرېل خوتەن
(«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)
كاككۇك گۈلى
كاكككۇك گۈلى تىترەيدۇ مۇڭلۇق،
گۈل بەرگىدىن سىرغىيدۇ شەبنەم.
كونا ئېقىن ئاقمايدۇ ئۇلۇق،
ساھىلنىمۇ سۆيمەس دەممۇ-دەم.
يېشىل چۆپلۈك ياتار بىماجال،
ساھىل دەرتلىك تامشىتىدۇ تىل.
كۈي تۆكمەيدۇ قۇشلار بىمالال،
ياپراقلارمۇ كۈلمەيدۇ ھەر خىل.
چۈنكى كاككۇك ئىزدىگەن ۋىسال،
كەچ «ئوۋچى»غا بولغانتى تېگىل…
پەقەت كاككۇك گۈلى مۇڭلىنىپ،
بەرگلەرنى تاشلار بىرمۇ بىر.
كاككۇك گۈلى رەڭدە چوغلىنىپ،
كۈن ۋىسالغا بەرگۈچە تەبىر.
1991-يىل ئاۋغۇست، يېڭىشەھەر-ئارال
(«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)