كۈتەرمەن

ئۆزقان

كۈي سېھرىگە چۆمگەن شۇ ئاخشام،

دېرىزەڭنى چەككەنتى ناخشام.

پەنجىرەڭدىن مۇڭلىنىپ باقسام،

چىقمىدىڭ سەن، سېنى كۈتەرمەن.

 

تاپالمىدىڭ ياكى بىر ئىمكان،

ياكى قىلدىڭ مېنى ئىمتىھان؛

بىلسەڭ جېنىم، پىدا ساڭا جان،

سېنى ئويلاپ، سېنى كۈتەرمەن.

 

كۈيلىگىنىم بىر سەن مېھرىبان،

كىرپىك قەلەم، سىياھ بولۇپ قان؛

پەقەت سەنچۈن پۈتەرمەن داستان،

ياشلار تۆكۈپ  سېنى كۈتەرمەن.

 

1995-يىل يانۋار، يېڭىشەھەر-ئارال

(«قەشقەر گېزىتى»نىڭ 1996-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى12-ساندا ئېلان قىلىنغان)

يازما ئاپتورى:

مەن ئۆزۈمدىن باشلانغان يول، ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلكىگە تاشلانغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قەدەم...




3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • سەرگەردان جاۋاب

    نېمىدېگەن كۆركەم بىلوگ بۇ، يىغا باسقان ئادەم كىرسە گۈلدەك ئېچىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك.

    • كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! ماختغىنىڭىزغا رەھمەت، ئەمما سىز دېگەندەك ئۇ دەرىجىدە دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھەر قايسىڭىزلارنىڭ رىغبىتىدە تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif