ئىشسىزلىق
ئۆزقان
تەنھالىق قورشىغان خانەمنى،
كېچە
روھىمغا سانچىلىپ ياغدى تۇنجى قار.
يوقلۇقنى سوراقلار بۇندا ھەر نەرسە،
سوغ شامال تام مېشىم ئىچرە پىرقىرار.
دۇئاگۇي بەندىنىڭ قاتقان قولىدەك،
پەنجىرەم كوچىغا تۇرماقتا بېقىپ.
بالاغەت پەيتىدە كىرگەن خىيالدەك،
كىرمەكتە ئىشسىزلىق ئاستا جىلمىيىپ.
بۇ كېچە يىرگەندىم تاتلىق خىيالدىن،
يىرگەندى مەندىن ھەم سوغۇق كارۋىتىم.
چۈشەندىم ئىشسىزلىق دېگەننى ئاخىر،
مۇز بولۇپ پاتقاندا قولغا سائىتىم.
شەيتاندەك جىمغىنە كىرمەكتە قىستاپ،
يالىڭاچ ئايالدەك ئۆيگە مۇھتاجلىق.
مۇدھىش بىر چۈش كۆرۈپ ئىسسىنىش كېرەك،
ئىشىكنى چەكمەستە يەنە ئىشسىزلىق.
1998-يىل، قەشقەر
(«تۇرپان گىزىتى»نىڭ 1999-يىل29-دېكابىر سانى ۋە «قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ2001-يىللىق1سانىدا ئىلان قىلىنعان)









مەزكۇر بىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان 1991-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا پەيدا بولغان ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدىكى بەلگىلىك ئەدەبىي دىت ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«قەشقەر».«يېڭى قاشتېشى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«ئىشچىلار ھەرىكىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«قەشقەر گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 120پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. 7پارچە ئەسىرى رايونىمىز تەۋەسىدىكى تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر قەشقەر شەھەرلىك5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. qq:570098091
img src="../../wp-content/uploads/2011/11/未标题-5-150x150.jpg" alt=" ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتى">