ئەركىن ۋاھىدوۋ

 

ئەركىن ۋاھىدوۋ 1936–يىلى 28– دېكابىردا فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئالتىئېرىق تۈمەنىدە تۇغۇلغان.ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى(1987)،ئۆزبېكىستان قەھرىمانى(1999)،تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن(1960). ئۇ ‹‹تاڭ نەپىسى››(1961)،‹‹قوشاقلىرىم سىزگە››(1962)،‹‹يۈرەك  ۋە ئەقىل››(1963)،‹‹مېنىڭ يۇلتۇزۇم››(1964)،‹‹مۇھەببەت››(1976)،‹‹تىرىك سەييارىلەر››(1978)،‹‹روھلار ئىسيانى››(1979)،‹‹شەرقىي قىرغاق››(1982)،‹‹كېلەچەككە مەكتۇپ››(1983)،‹‹  بىدارلىق››(1985)، ئىككى توملۇق تاللانما(‹‹مۇھەببەتنامە››ۋە‹‹ساداقەتنامە››1986)،‹‹كۈي ئەۋجىدە ئۈزۈلمىسۇن  تار››(1991)،‹‹ياخشىدۇر ئاچچىق ھەقىقەت››(1992) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى.‹‹ياشلىق دىۋانى››(1968) توپلىمىدا مۇمتاز ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلدۇرغان.ئۇندىن باشقا  ئۇنىڭ يەنە ‹‹ئالتۇن دەۋىر››(1969)،‹‹ئىستانبۇل پاجىئەسى››(1985)قاتارلىق دىرامىلىرىمۇ  بار.ئۇ يەنە گىيۇتىنىڭ ‹‹فائۇست››،يېسىنىنىڭ ‹‹زىمىن دەرگاھى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە  باشقا شائىرلارنىڭ  شېئىرلىرىنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.‹‹بۈيۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن›› ئوردېنىنىڭ سىاھىبى(1997)،ھەمزە نامىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائۇرېياتى(1983).

كەمتەرلىك ھەققىدە


گەرچە شۇنداق مەغرۇر تۇرسىمۇ ،

پىيالىگە ئېگىلەر چەينەك .

شۇنداق ئىكەن  مەنمەنلىك نىچۈن،

كىبرۇ–ھەيۋە نېمىگە كېرەك !؟


كەمتەرىن بول، ھەتتا  بىر قەدەم

ئۆتمە مەغرۇر ئاستانىسىدىن .

پىيالىنى ئىنسان شۇنىڭچۈن ،

سۆيەر دائىم پىشانىسىدىن !

1956–يىل


قارا قاشىڭ


قارا قاشىڭ، قەلەم قاشىڭ ،

قىيىق قايرىلما قاشىڭ، قىز .

قىلۇر قەتلىمە قەست–قەيراب

قىلىچ قاتىل قاراشىڭ، قىز.


قەپەسدە قەلب قۇشىن قىيناب ،

قانات قاقماققا قويمايسەن .

قاراپ قويغىل قىيا ، قەلبىم –

نى قىزدۇرسۇن قۇياشىڭ ،قىز .

1957–يىل


تاڭ لەۋھىسى


ئۇپۇقلارغا قويۇپ گۈلدەستە ،

تاغ ئارقىدىن كۆتەردى–دە باش .

پەسكە باقتى چوققىدىن ئاستا ،

ئالتۇن قەلەم تۇتقان بىر نەققاش .


ھەر چېكىتكە كۆڭۈل قويۇپ ئۇ،

ۋادىلارغا سىزدى زەر لەۋھە.

«كەچكى قۇياش»

شۇنداق يازدى–يۇ،

«تاڭ ئاتار» دەپ قويدى سەرلەۋھە


سۆيگۈ


ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم بار ،

بېغىڭدىن گۈل تەرمىگەن كىم بار .

سېنىڭ ئۈچۈن يېزىپ تۆت شېئىر ،

سىردىشىغا ئاستا كۆرسىتىپ،


قوشنا  قىزغا بەرمىگەن كىم بار .

دەسلەپ ھەر كىم قەلەم ئالغان ئان ،

يەنە سېنى كۈيلەر بىگۇمان ؛

ھەر كۆڭۈلنى قىلىپ مەپتۇن –رام ،


ئاشىقلارنى قىلىپ بىزۇۋان ،

شائىرلارنى قىلۇرسەن  ۋەيران.

چۈشكەن چېغىم  مەن ھەم دامىڭغا ،

ئىزگۈ ھىسلار بەخىش ئەتتىڭ ماڭا .


ھاياتىمغا زەر لەۋھە بولدۇڭ ،

شېئىرىمغا سەرلەۋھە بولدۇڭ ،

خىياللىرىم ئۈلفەتتۇر ساڭا .

يۈرىگىمدىن دېدىم سەن قانات ،


تىلسىم كەبى ئېچىلدى ھايات  ؛

ۋىسال قۇچقان دەملىرىم شىرىن ،

ھىجراندىكى غەملىرىم شىرىن ؛

كۈلۈپ  باقار ماڭا كائىنات


ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم  بار ،

بېغىڭدىن گۈل تەرمىگەن كىم  بار

1959–يىل

يازما ئاپتورى:

مەن ئۆزۈمدىن باشلانغان يول، ئۆزۈمنىڭ چەكسىزلكىگە تاشلانغان تۇنجى ھەم ئاخىرقى قەدەم...




4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم. ياخشى مېڭىۋىتىپتۇ. ئىچىدە خاس تېمىلار كۆپكەن. ھارماڭ! بىلوگىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىز ئۇلىنىشقا قوشىۋەتتىم. ئامان بولۇڭ!

    • رەشىد، كەلگەن قەدىمىزگە مەرھابا! خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تېخى ھېچقانچە ئىش قىپ كېتەلمىدىم، ئەمما ئارزۇلار ناھايىتى زور. كۆپرەك مەدەت بېرىپ تۇرارسىز. ھەمكارلىقىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

  • ئۆزقان قارى ھاجىم،ماۋۇ ئۇسلۇبقا رازى بولدىلىمىكىن!

    • ئۆزلىرىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! مەن تولىمۇ خۇرسەند بولدۇم. ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولغاي!…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif