ئۆيدە ھىچكىم يوق ( ھىكايە )
(http://bbs.oylirim.cn)' B) R+ Z7 \% R& s/ Sرىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق يەنە سىلەر بىلەن سىردىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن. ئاڭلاۋاتقىنىڭلار خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو ئىستانسىدىن بىۋاستە تارقىتىلىۋاتقان ‹‹سىرداشلار سەيلىگاھى›› ئالاھىدە پىروگراممىسى. سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك پىروگراممىمىز ئۇزۇندىن بىرى تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىككە ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، پىسخىكا مەسىلىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن تۇرمۇشىنى نورمال ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالغان دوستلىرىمىزغا مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا مەسلىھەت بېرىپ ۋە شۇ ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا يەنە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مەسلىھەتچىمىز ئالتۇنگۈل خانىم سىلەرگە تۇرمۇشتىن، پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىپ ئۆتىدۇ. پىروگراممىمىزنىڭ مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ ئۆزۈڭلار يولۇققان ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سورىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالتۇنگۈل خانىم! پىروگراممىمىزغا خۇش كەلدىڭىز!
(http://bbs.oylirim.cn)2 m& S Z& Z: b- @! A" w$ S4 O# [ (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالتۇنگۈل خانىم: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! رەھمەت سىڭلىم!
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رىياسەتچى: ئالتۇنگۈل خانىم، ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تېلېفۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت سوراشتىن ئىلگىرى كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بولسا ئاڭلىغان بولساق.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالتۇنگۈل خانىم: بولىدۇ. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن تېلېفۇن كېلىشتىن ئىلگىرى ئائىلە ئوقۇمى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئائىلە ئۇ جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئائىلە تىنچ، مۇقىم بولسا جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ياخشى بولىدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن بىر جەمەت كىشىلىرى خاتىرجەم ۋە بەختلىك بولىدۇ. ئائىلە خۇشاللىقى دۇنيادىكى ھېچقانداق خۇشاللىققا ئوخشىمايدۇ، ئەمما بۇ بىرلا تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. ئائىلىنىڭ ئىناق، بەختىيار بولۇشى ئۈچۈن ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە تىرىشىشى، بىر-بىرىگە كۆيۈنىشى، ئاسرىسى، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھۆرمەتلىشى، يول قويۇشى، ئىشىنىشى ۋە بار مۇھەببىتىنى ئاتىشى كېرەك. بۇنى قىلىش ئېغىزدا دېگەندەك ئاسان ئەمەس، بىراق ئەڭ گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە بەختلىك ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم يۇقۇرقىلارغا دىققەت قىلىشقا ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رىياسەتچى: ئالتۇنگۈل خانىم، گېپىڭىزنى بۆلۈۋېتىدىغان بولدۇم. رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزدىن بىرەيلەن تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلىپ باقساق قانداق؟
(http://bbs.oylirim.cn)5 L3 b! p# T% |- y3 Fئالتۇنگۈل خانىم: بولىدۇ، خوش قېنى!
(http://bbs.oylirim.cn)! z+ W( a9 E* J m) e, e% n; @رىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! پىروگراممىمىزغا قاتناشقىنىڭزنى قارشى ئالىمىز!
(http://bbs.oylirim.cn)) u# Y' S7 L5 S$ eتېلېفۇن ئۇرغۇچى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! رەھمەت ھەدە! ئالتۇنگۈل خانىمدىن مەسلىھەت سوراي دېۋىدىم...(تېلېفۇن ئۇرغۇچى تېخى كىچىكلا قىزدەك قىلاتتى)
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رىياسەتچى: ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)) W5 v, x; E; K p+ V4 O7 `تېلېفۇن ئۇرغۇچى: مېنىڭ ئىسمىم ئىلمۇرە، خوتەن شەھىرىدىن بولىمەن. تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)2 J8 L$ Y ~- z! a' v. Q7 j( Z Dرىياسەتچى: ھە... بولىدۇ ئىلمۇرە، ئالتۇنگۈل خانىم ھازىر تېلېفۇنىڭىزنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. قانداقلا ئىش بولسا ئۇنىڭغا ئېيتسىڭىز بولىدۇ سىڭلىم، مەرھەمەت!
(http://bbs.oylirim.cn)% f# @) o8 w: P; [) M' G- Aئالتۇنگۈل خانىم: ياخشىمۇ سىز قىزىم؟ قانداق مەسلىھەتىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ، قۇلىقىم سىزدە!
(http://bbs.oylirim.cn): P$ s7 Z0 a& aتېلېفۇن ئۇرغۇچى: بولىدۇ... لېكىن... بۇ گەپنى دېسەم قانداق بولار، دېمەيمۇ يا دەپ بەك ئىككەنلەندىم ھەدە. شۇنىڭ بىلەن... مىڭ تەستە جۈرئەت قىلىپ تېلېفۇن ئۇرىۋاتىمەن... گېپىمنى نەدىن باشلاشنىمۇ بىلمەيمەن...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالتۇنگۈل خانىم: ھېچقىسى يوق قىزىم، ھۇدۇقماي، ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇپ، مېنى خۇددى ئۆز ئاپىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ، قانداقلا گېپىڭىز بولسا ئېيتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تېلېفۇن ئۇرغۇچى: ماقۇل، رەھمەت سىزگە ھەدە... (سەل تۇرىۋېلىپ) مېنىڭ ئاتا-ئانام توي قىلغىلى ئون يەتتە يىل بولدى. مەن يالغۇز بالا. ئەسلىدە بىر ئوبدان ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. لېكىن ئىككى يىلدەك بولدى ئۇلار تولا ئۇرۇشۇپ زادىلا ئەپ ئۆتمەيۋاتىدۇ. دادام دائىملا ئۆيگە كەلمەيدۇ، كەلسىمۇ يا مەن بىلەن، يا ئاپام بىلەن كارى بولمايدۇ. شۇنداق بولىۋېرىپ ئاپام دادام بىلەن ئۇرۇشىدىغان، نەگە بارغىنىنى، نەدىن كەلگىنىنى، قانچە پۇل خەجلىگىنىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ھەتتا ئۆيگە كەلمىسە ئىزدەپ بېرىپ، بار يېرىدىن تېپىپ، سوقۇشۇپ قايتۇرۇپ كېلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. يېرىم يىل بۇرۇن ئاپام دادامنىڭ سىرتتا باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلىۋالغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، ئۆيگە كەلگەن چېغىدا قاتتىق ئۇرۇشتى. گۆش چانايدىغان قىڭراقنى ئېتىپ دادامنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى. دادام قان ئېقىپ تۇرغان بېشىنى قاماللىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. تا ھازىرغىچە ئۆيگە كىرمىدى. بەزىدە مەكتەپكە ماڭغان ۋاقىتلىرىمدا يولدا ساقلاپ تۇرۇپ ماشىنىلىق ئاپىرىپ قويىدۇ ھەم بىر مۇنچە پۇل بېرىپ كېتىدۇ. بەزىدە يەنە كېيىم-كىچەكلەرنى، كىتابلارنى، ئويۇنچۇقلارنى ئالغاچ كېلىدۇ. لېكىن ئاپامغا قارار كۆزى يوقمىش. شۇڭا، ئۆيگە كېتەيلى دەپ يىغلاپ شۇنچە يالۋۇرۇپ كەتسەم ئۇنىماي تۇرىۋالدى... (قىز مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتى)، ئاندىن... ئاندىن... نەچچە ئاي بولدى، ئاپاممۇ بىر ئاكاشنى بەزىدە ئۆيگە باشلاپ كېلىپ، بەزىدە سىرتتا كۆرۈشۈپ يۈرەتتى، ھازىر دائىملا شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ئۆيدە ئانچە ئولتۇرمايدۇ. دادام ماشىنا تىجارىتى قىلاتتى. ئاپام ئائىلە ئايالى ئىدى. دادام ئۆيگە كىرمىگەندىن كېيىن ئاپام كىچىك بىر تاللا دۇكىنى ئاچقان، كۈندۈزى دۇكاننى ئاچسا كەچتە مەن بىلەن تۇراتتى. ھازىر دۇكاننىمۇ ئاچمايدۇ، نەچچە ئاي بولدى، دۇكان تاقىلىپ تۇرغىلى. مەن مەكتەپتىن كەلسەم بىر دەم-يېرىم دەم ئېچىپ ئاز بولسىمۇ كېرىم قىلىپ تۇراتتىم. دۇكاندا مال قالمىدى، مەن مال ئەكىلىشنى بىلمەيمەن، شۇڭا ھازىر ئاچمىدىم. بۈگۈن ... بۈگۈن ئاپام ئۆيگە كەلمىگىلى ئۈچ كۈن بولدى، مەن يالغۇز قالدىم. تاماق ئېتىشنى ئۆگۈنىۋالماپتىكەنمەن، كۈندە تەييار چۆپ سېلىپ يەپ ئاشقازىنىم ئاغرىپ كەتتى. سىرتتىن تاماق يەي دېسەم يېنىمدا پۇلۇم قالمىدى. دادامغا تېلېفۇن ئۇرسام... ماشىنا ئالغىلى ئىچكىرىگە كېتىپتۇ. ئاپامغا تېلېفۇن قىلىشىمنى ئېيتتى. ئاپامغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئالاقىلىشالمىدىم... (قىز بارا-بارا يىغلاپ ھېقىقداپ كەتتى) ئۈچ كۈندىن بىرى ئۆيدە يالغۇز قېلىپ بەكلا قورقۇپ كېتىپ بارىمەن. تۆنۈگۈن كېچىچە ئۇخلىماي ئاپامنى ساقلىدىم، لېكىن... ئۇ كەلمىدى... يېرىم كېچىدە قۇرقۇسۇم ئېچىپ كېتىپ تەييار چۆپ سېلىپ يەي دېگەنتىم... قايناق سۇ تۆكۈۋېلىپ... پۇتۇم كۆيۈپ قالدى... كۆيگەن يەر ھۈررەك بولۇپ ئىششىپ قېلىپ يەرگە دەسسىيەلمەيۋاتىمەن... ھاجەتكىمۇ ئۆمىلەپ تەستە كىرىۋاتىمەن. مەكتەپكىمۇ بارالمىدىم... بۈگۈن ساۋاقدىشىم ئەھۋالىمنى بىلىپ بىر نەچچە دوستۇم بىلەن يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ يوقلاپ كەپتۇ... مۇئەللىمگە دەپ رۇخسەت سوراپ قويىدىغان بولدى... ئەتە كېلىپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىمەن دېدى... (قىز يىغلاپ گېپىنىڭ داۋامىنى قىلالماي خېلى ئۇزۇن توختىۋالدى)
(http://bbs.oylirim.cn)* F" |+ d: v/ `5 }9 I& Uئالتۇنگۈل خانىم: يىغلىماڭ قىزىم، چىداشلىق بولۇڭ. بەكلا قەيسەر قىز ئىكەنسىز، يارايسىز قىزىم، قورقماڭ، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. يىغلىماڭ!
(http://bbs.oylirim.cn) t; O# H W/ @& M! ^+ p! p8 Kتېلېفۇن ئۇرغۇچى: ھەدە... مەن قانداق قىلسام دادام بىلەن ئاپامنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلەلەيمەن؟ ئۇلارنى بەكلا سېغىندىم. يالغۇز قېلىشتىن قورقىمەن، بەكلا قورقىمەن... (ئۇ يەنە ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى) ئەگەر دادام بىلەن ئاپام يېنىمغا قايتىپ كېلىدىغانلا بولسا مەن قانداق بەدەل تۆلىسەممۇ رازى ئىدىم. ماڭا ئۇلار بولمىسا بولمايدۇ... ئۆيدە ھېچكىم يوق... بەكلا قورقۇۋاتىمەن... پۇتۇم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ...(قىز تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى)
(http://bbs.oylirim.cn)' R" W. k% ?) Z' o7 B+ \7 `ئالتۇنگۈل خانىم: يىغلىماڭ قىزىم، جېنىم قىزىم بەردەم بولۇڭ! ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ ئوماق قىزىم. ماڭا تېلېفۇن نۇمۇرىنى دەپ بېرىڭ، ئاپىڭىزغا نەسىھەت قىلىپ يېنىڭىزغا قايتىشقا كۆندۈرىمەن. قاراپ تۇرۇڭ، ئۇ سىزنى يەنە ئىللىق باغرىغا باسىدۇ. ئۆيىڭىزنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ جېنىم قىزىم، پىروگراممىدىن چۈشكەندىن كېيىن مەن يېنىڭىزغا باراي. قورقماڭ بولامدۇ خان قىزىم (ئالتۇنگۈل خانىممۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى) ئاپىڭىز قايتىپ كەلگىچە مەن سىزگە ھەمراھ بولىمەن. كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تېلېفۇن ئۇرغۇچى: ئاپامغا دەپ قويۇڭ ھەدە، ئەگەر قايتىپ كېلىدىغانلا بولسا مەن ھەرگىز ئاپامنى ئىشقا سالمايمەن، ئۇنىڭغا جاپا سالمايمەن، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزۈم قىلىمەن... كىيىم-كىچەك، ئويۇنچۇق ئېلىپ بەر دېمەيمەن... باغچىغا ئاپىرىپ ئويناتقىن دېمەيمەن... ئۇنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن...
(http://bbs.oylirim.cn)' V6 Z! n( x* [) ]ئالتۇنگۈل خانىم: جېنىم قىزىم...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-دۈت، دۈت، دۈت...
(http://bbs.oylirim.cn)4 U6 y+ v: j, nرىياسەتچى: (يىغلاپ ئىسەدەپ تۇرۇپ) تېلېفۇن ئۈزۈلۈپ قالدى...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالتۇنگۈل خانىم: ھەي ئىسىت، ھەجەپ چاغدا ئۈزۈلدى...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يۈرىكى قېتىپ كەتكەن ھېسسياتسىز مەخلۇقلار! ئاتا-ئانىلىق بۇرچ نېمە؟ ئائىلە نېمە؟ مېھىر-مۇھەببەت نېمە؟ بۇلارنى چۈشەنمەيدىغان، ھاياتىدا ئۆزىدىن باشقىلارنى ئويلىمايدىغان، ئۆزىدىن مېھىر تەلەپ قىلىپ بارچە ئۈمۈدى بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغانلارنى پەرۋاسىزلىق بىلەن چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى بەدىلىگە ئويۇن-تاماشالىرىدىن ھوزۇر ئىزدەپ يۈرگەن مەسئۇلىيەتسىزلەر! لەنەت بۇنداق ئاتا-ئانىلارغا! مەسئۇل بولالمايدىغان ئادەم نېمە دەپ بالا تۇغىدۇ؟ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئادەم نېمىشقا ئائىلە قۇرىدۇ؟ پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزى ئۈچۈن ياشىسىمۇ، پەرزەنت يۈزى كۆرگەندىن كېيىن بالىلىرى ئۈچۈن ياشايدىغان، شۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان ئىشقۇ ئاخىر! ھەقىقى ئانا بولسا ئەنە شۇنداق قىلالايدۇ، ھەقىقى دادا بولسا ئەنە شۇنداق قىلالايدۇ...(غەزەپ ۋە نەپرەت بىلەن قايناپ تۇرۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ) ئىسىت، شۇنداق پەسەندىلەرگە بەرگەن بالىنى بالا يۈزى كۆرەلمەي زار قاخشاۋاتقانلارغا بەرگەن بولسا... ھەي تەڭشەلمىگەن دۇنيا...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىڭلىم، نۆۋەتچى مۇھەررىر بىلەن ئالاقىلىشىپ بايا ئۇرۇلغان تېلېفۇن بويىچە قىزنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى ئېنىقلاپ بېرىڭ، بۈگۈنكى پىروگراممىنىڭ داۋامىنى ئۆزىڭىز بىر ئىش قىلىپ تۇرۇڭ. ھازىر مەن قىزنى ئىزدىشىم كېرەك، ئۇنى يالغۇز قويمايلى... نۆۋەتچى مۇھەررىرگە دەڭ، ج خ ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بايا ئۇرۇلغان تېلېفۇننىڭ ئادرىسىنى ياكى ئىگىسىنى تېپىپ بەرسۇن!
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رىياسەتچى: (يېنىك ئىسەدەپ تۇرۇپ) بولىدۇ، سىز بېرىۋېرىڭ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى مەن ئورۇنلاشتۇراي...قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، بايىقى سۆھبەتنى سىلەرمۇ ئاڭلىدىڭلار، ئاڭلىتىشنى توختىتىۋېلىش مۇمكىن بولمىدى، ئەمدى بولغاندا پەرۋا قىلماي قاراپ تۇرۇش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ئالتۇنگۈل خانىمنىڭ شۇنداق. شۇڭا، توغرا چۈشىنىپ تۇرساڭلار، بۈگۈنكى نەخ مەيدان ئاڭلىتىش بويىچە مەسلىھەت بېرىشنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. رادىئو قانىلىمىزنىڭ باشقا سەرخىل پىروگراممىلىرى داۋاملىق ھوزورۇڭلاردا بولىدۇ. خەير، خۇشۋاخ بولغايسىلەر!...
(http://bbs.oylirim.cn)" C4 F/ {7 r- E8 X3 j# v8 _