ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 713|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

باش ئەگمەس مىللەت-ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-7 22:30  
(http://bbs.oylirim.cn)7 |3 f4 K3 \- D) F$ U" ^(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
"باش ئەگمەس مىللەت-ئۇيغۇرلار"
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)0 B. l  C. W$ X' e) `8 N' Wئاپتورى بىر ئامېرىكىلىق، تىمىنىڭ تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھاتى بولسا "جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ھېس قىلغانلىرىم". ماقالىدىن ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان قۇرلارنى تېپىشقا ئالدىرىدىم:
(http://bbs.oylirim.cn)7 [' ?/ s. l' R    " ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر.... ئۆزلىرى بېيجىڭدا ياشايدۇ، سائىتى ئۈرۈمچى ۋاقتىغا توغرىلاقلىق. بېيجىڭدا ياشىغىنىغا 10-20 يىل بولغان، ئەمما بېيجىڭلىقلاردىن بىرمۇ دوستى يوق، ئۇلار بىلەن ئارىلىرىدىكى ئەڭ يېقىن دېيىلگەن مۇناسىۋەت خىزمەتداشلىق. 'دۆلىتىڭنى سۆيەمسەن؟' دەپ سورىساڭ ھەئە دەپ باش لىڭشىتىپ قويىدۇ، ئەمما بىللە ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرسەڭ، چاۋاكنى جوڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئەمەس، چەتئەل كوماندىسىنىڭ ئۇتۇقىغا چالىدۇ.... ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك قۇرلار تېپىلمىغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئابزاسقا ئاتلاپ كەتتىم: " .... ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار..... سانى بىر ئونۋېرسىتتا 70 ياكى 80 ، ئېشىپ كەتسە 200 ياكى 300 . ئونمىڭ، 20 مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار ئونۋېرسىتلاردا خۇددى مۇشۇلارلا ئوقۇۋاتقاندەك مەۋجۇتلۇقى نامايەن... كېچىدە چىرىقى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆچىدىغان ياتاق مۇشۇلارنىڭ. ھەپتە ئاخىرلىرى ئەڭ جۇشقۇن مۇزىكىلار جاراڭلايدىغان، ئەڭ قاتتىق كۈلكە ياڭرايدىغان ياتاقلارمۇ ھەم. گاھى باشقا ئۆلكىلىكلەر بىلەن، گاھى مەكتەپنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن كالتەك-چوماقنى قىز-ئوغۇل تەڭ كۆتۈرۈپ چىقىپ سوقۇشىدىغانلارمۇ ھەم مۇشۇلار. بۇ ئالامەتلەرگە بىر قارىساڭ كۆرىلىدىغىنى تەرتىپسىزلىك، بىر قارىساڭ چاقنايدىغىنى ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت، دوستلۇققا، قېرىنداشلىققا بېرىلگەن يۈكسەك ئەھمىيەت.... يەنە بىر قارىساڭ، بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق نوپۇس بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ قوپالمايدىغان پەرقلىق مىللىي زوق، سىڭىشىپ بولالمايدىغان پەرقلىق بىر ھايات شەكلى".... " تىرىكچىلىك كويىدىكى ئۇيغۇرلار.... يول قويساڭ، ئالدىنى توسمىساڭ، ھەممىسى ئۇستا تىجارەتچى- سودىگەر. ..پۇتلىكاشاڭ چىقارساڭ، ھەر بىرسى بىر جەڭچى. بۇلار قولىدا نېنى قالمىسا، تىلەپ يىمەيدۇ، بۇلاپ يەيدۇ. يانچۇقىدا پۇلى تۈگىسە، كوچىدا ياتمايدۇ، تۈرمىدە ياتىدۇ....ئەسلىدە بېشىدىن كەچۈرىۋاتقىنى كۈن ئەمەس، بىر جەڭ. بېشىغا كەلگەن ئېگىز-پەس كۈنلەر بەزلىرىنىڭ قولىدا سۇنۇق، بەزىلىرىنىڭ بېشىدا يېرىق ئىزى قالدۇرغان، ئەمما كۆزلىرىدىن ۋە تونلىرىدىن مەلۇمكى، روھىي سۇنۇق ئەمەس، يۈرىكى ئېزىك ئەمەس. بۇلار يەرلىكلەرگە قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈشكە رازىكى، غېرىپ-بىچارە كۆرۈنۈشكە رازى ئەمەس. ھەق-ناھەق جىدەللىرىدە تاياق يېگۈچى بولۇشقا رازىكى تاماشىبىن بولۇشقا رازى ئەمەس....زىيارىتىم داۋامىدا ئۇنتۇلماس بىر دىيالوگقا شاھىد بولدۇم. ئىككى شېرىك، ياق ئىككى سەبداش، ياق ئىككى تەقدىرداش، بىرى كۈندىلىك ئوقىتى ئۈچۈن بوسۇغۇدىن ئاتلاشنىڭ ئالدىدا يەنە بىرىگە تاپىلىدى: -ئەگەر بۈگۈن كەچ قايتىپ كېلەلمەي قالسام، بۇ پۇلنى تۈرمىدىكى ئاكامنىڭ ئايالىغا يوللاپ بەر . -ئېتىلىپ كەتكەن ئاكاڭنىڭ بالىلىرى تېلىفون قىلپ قالسىچۇ؟ -ئالدىنقى قېتىملىق ئولجىنىڭ پۇلىنى مەن شۇلارغا ئەۋەتكەن. -كۆرۈشمەكچىتىم دەپ قالسىچۇ؟ -'ئالدىراش، مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ' دەپ قوي. تىلىنى چۈشۈنۈپ قالدىم، مەكتەپ دېگىنى تۈرمە ياكى مازار. بۇنىڭغىمۇ ھەيران قالمىدىم، چۈنكى كۆرۈپ بولغانمەن، بۇ شەھەردە بىرمۇ ئۇيغۇر مەھەللىسى يوق، ئەمما ئۇيغۇر مازارلىقى بار، بۇ مازارلقىتىكى گۈمبەزنىڭ سانى، بۇ شەھەردە مىدىرلاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن ئاز ئەمەس. تەسىر قىلىغىنى بۇ سۈزلەرنى دەۋاتقان چاغدىكى ئۇ تەمكىن روھىي ھالەت، بوسۇغۇدىن ئاتلىغان چاغدىكى ئۇ مەزمۇت قەدەم. مېنىڭچە بۇ " مەن ياشايمەن"لا ئەمەس، " ئائىلەم ۋە قەۋمۇ-قېرىنداشلىرىمنىمۇ ياشىتىمەن!" دېگەن ئۈنسىز بىر بايانات! ئەگەر بىر مىللەت ئاچلىقتىن يوقۇلىدىغان ئىش بولسا، بۇلار كوپىراتسىيە دەۋرىدە يەنى 1960-، 1970‏-يىللاردا يوقۇلۇپ بولغان بولاتتى؛ ئەگەر بىر مىللەت نادان قالدۇرۇلۇش بىلەن تۈگىشىدىغان ئىش بولسا، ياڭ زېڭشېڭ دەۋرىدىن كېيىنلا ئىزى يوقالغان بولاتتى؛ ئوقتا بىر مىللەتنىڭ يوقۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئوقتا بويسۇندۇرغىنى بولىدىغان ئىش بولسا، بۇ مىللەت زو زوڭتاڭ دەۋرىدىن كېيىن باش كۆتۈرەلمىگەن بولاتتى. جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتىنى خالىمايدىغان، ھە دېسىلا جوڭگۇدىن ئەيىپ ئىزدەيدىغان بەزى كۈچلەر بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرىدۇ، ئەمما بۇ مىللەتنى يوقىلىدۇ، دېسە مەن ئىشەنمەيمەن... بۇ مىللەت بۈگۈنگىچە يوقالمىدى، ئىنتېرنېت دەۋرىدە ئەسلا يوقالمايدۇ."

(http://bbs.oylirim.cn). O$ w# P4 p8 C2 \) P2 F0 S(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جۇڭگۇ خەۋەر تورىدىن ئېلىندى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل1 ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-5-8 20:26:41 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايتۇ  تۇغرا  يېزىپتۇ   ......  


يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-5-10 18:50:32 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق راسلا


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:33 , Processed in 0.656795 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش