ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 51333|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىززىقچىلىق -دەستۇرخان مەيدانىدىكى جەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەستۇرخان  مەيدانىدىكى  جەڭ

(http://bbs.oylirim.cn); b% |# I  ?, H3 {
(http://bbs.oylirim.cn)+ l) I& b" C7 ?/ y' |
غىزا ھەققىدە لەتىپە
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
..... چەتئەللەردىن تەكلىپ بۇيىچە زىياپەتكە قاتناشقان ،ئېلىمىز ئۇچاق مەملىكىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھرىدە تۇرۇشلۇق دائىمى باش ئەلچىسى ۋوتكا  ئەپەندى،ۋالىلداپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ تاۋاردا پىنجەك كىيىپ،بېشىغا گاز ياغلىق ئارتىپ ،يۈزلىرىنى قىپقىزىل بوياپ ياسىنىۋالغان بىراندى خانىمنى قولتۇقلاپ كىرىپ كىلىپ ،ئۆزىگە ئالدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان ئۇرۇنغا چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇلارنىڭ رومكا كانىۋايلىرىمۇ كىرىپ كىلىپ ئىككى يېنىدا قاتار تىك تۇرۇشۇپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn), g' M" `; V% L+ }5 q' \" {    مىھمانلارنىڭ ئالدى يىغىلىپ بۇلىشى بىلەن مانتا ھاجىمنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن زىياپەت باشلىنىپ ،سورونغا ھۆسىن قۇشۇش ئۈچۈن چەينەك ھاپىزلار ۋە پىيالە موللىلارنىڭ ياردىمىدە ساماۋەر ھەرىمىدىن كەلتۈرۈلگەن سىنچاي چۆرە قىزلىرى شاما گۈللىرىنى چىكىسىگە قىستۇرغان ھالدا  دەستۇرخاننىڭ چۆرىسىدە تىزىلىپ خىزمەتكە ھازىر بۇلۇپ تۇرۇشۇپتۇ.شۇ قاتاردا قازان شەھىرىدىكى ئاتاقلىق سازەندە ئەھلىدىن كەپكۈرساتارچى،چويلادۇتتارچى،ساپلىق غىجەكچى،چۈمۈچ تەمبۇرچىلارمۇ چەپراس تەييار بۇلۇشۇپتۇ .كۆپ ئۆتمەي زىياپەتنىڭ ھەشەمەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ۋوتكا ئەپەندى بىلەن بىراندى خانىم تەكلىپ يۈزىسىدىن دەستۇرخان مەيدانىنىڭ ئامانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىپ،ئۆزلىرىنىڭ مىھمانلارغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن مەي-شاراپلىرىنى رومكا كانىۋايلىرى ئارقىلىق ھەربىر مىھماننىڭ ئالدىغا بىر بىرلەپ يەتكۈزۈشكە باشلاپتۇ .ئەزەلدىن ۋوتكا ئەپەندىنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا ھەممىدىن بەكرەك مەستانە بۇلۇپ كىلىۋاتقان پىچاق دورغا قاتارلىق بىر قانچەيلەن بۇنى كۈرۈپ خوشاللىقتىن يۈرەكلىرى ئويناپ ،نەپسى تاقىلداپ كىتىپتۇ.زىياپەت ئىززەت –ھۆرمەت بىلەن ئىنتايىن خۇشخۇي باشلىنىپ بارغانسىرى قىزىشقا باشلاپتۇ.بۇلۇپمۇ پىچاق دورغا ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا تۈزۈت-پۈزۈتنى تاشلاپ باشقىلار تەرەپكە كېتىۋاتقان رومكا كانىۋايلارنى ئىشارەت قىلىپ چاقىرتىپ ھەم ئۆز نۆۋىتىنىمۇ بوش قويماي،كەينى كەينىدىن باشقىلار بىرنى ئىچكۈچە ئۇ بىر نەچچىنى ئىچكەچكە ئۇزاق ئۆتمەي يۈز -كۆزلىرى قىزىرىپ، كاللىسى قىزىپ،نېرۋىسى ئۆرلەپ كونا كىسىلى قوزغىلىشقا باشلاپتۇ .يان تەرەپتىن بۇنى پەملەپ تۇرغان شىكەر سولتان ئۆزىنىڭ مەرھۇم دادىسى قىزىلچا موپتاخۇن بىلەن ئۇدۇلدا ئولتۇرغان تاۋۇز قارىمنىڭ بۇرۇن ئېتىز بېشىدا سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان كونا زىدىيىتى بولغاچقا ،مۇشۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ،پىچاق دورغىنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ كۈشكۈرتۈپ قۇيىشى بىلەنلا،خۇدىنى بىلمەي ئاران تۇرغان پىچاق دورغا ئەزەلدىن مىجەزى ئتتىك بولغاچقا سەكرەپ تۇرۇپ،ھەش-پەش دىگۈچە تاۋۇز قارىمنىڭ بۇرنىنى كىسىپ،قارنىنى يېرىۋېتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن شىكەر شۈيى خېنىم ****** تۇۋا سېلىپ يىغلاپ ،پىچاق دورغىنىڭ پۇتىغا ئېسىلماقچى بۇلۇپتۇ.كۆزلىرى قانغا تولغان پىچاق دورغا ئارقىغا بۇرۇلۇپ ،شىكەر سۈيى خېنىمغا ئېتىلغان ئىكەن،بەكمۇ غەزەپلىنىپ كەتكەن شىكەر سۈيى خېنىم ئاچچىقىغا پايلىماي ،پىچاق دورغا يېقىن كىلە –كەلمەيلا ۋاراسلاپ يېرىلىپ كىتىپتۇ.بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان شىكەر سۈيى خېنىمنىڭ بىر تۇققان ئىنىسى چىلىگە مەخسۇم چاپانلىرىنى يىشىپ تاشلاپ مۇشتۇمىنى ئوينىتىپ،ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پىچاق دورغىغا ئېتىلىپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ. بۇ ۋەقەنى كۈرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئالما ئىمام تەخسە كۆرپىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ.چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئۈزۈم سۇپىنىڭمۇ پۇت-قوللىرى بوشىشىپ ساپ-سېپىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ.بىر چەتتە قاراپ تۇرغان چەينەك ھاپىز قالايمىقانچىلىقتا پۇتلۇشۇپ كىتىپ ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن بېشى يېرىلىپ قۇلىقى ئاجراپ كىتىپتۇ.كۆپچىلىك دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ چىلىگە مەخسۇم بىلەن پىچاق دورغىنى تۇسۇۋاپتۇ.دەل مۇشۇ ماجرا بۇلۇۋاتقاندا دەستۇرخان مەيدانىغا كىچىكىپ كەلگە مىھمانلاردىن يۇتازا مۆتىۋەللاخۇنۇم،پوچكال قازىئاخۇنۇم ،شويلا بۈۋۈم،سۇيۇقئاش ئايىم،لەڭمەن شاڭيۇ،گاڭپەن گەيجاڭ،خوشاڭ يايى،ئەتكەنچاي ھارۋىكەش،شوۋاگۈرۈچ يۈزبېشى،ئۇماچ ئونبېشى،شورپا دەللال ،ئۆپكە-ھېسىپ ئاغمىچى قاتارلىقلار بۇۋەقەنى كۈرۈپ ھاڭ-تاڭ قاپتۇ. بۇ ئىشتىن قورقۇپ كەتكەن يۇتازا مۆتىۋەللاخۇنۇمنىڭ سەللىرى چۇۋۇلۇپ ،سۇيۇقئاش ئايىمنىڭمۇ سۈيى تۈكۈلۈپ كىتىپتۇ .ھەممىدىن بەكرەك ۋەھىمىگە چۈشكەن شورپا دەللالنىڭ قورقىنىدىن كۆزلىرى پارقىراپلا كىتىپتۇ.كۆپچىلىك بۇ ئىشنى دەرھال بىرتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ.خېلىدىن بېرى ھۇدۇقۇپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان مانتا ھاجىم ئالمان –تالمان قۇشۇق ياساۋۇلنى يۈگۈرتۈپ،شۇ مەھەللىنىڭ ئاقساقىلى قاتلىما خەلپىتىم بىلەن جۇۋاۋا بۈۋۈمنى چاقىرتىپ كىلىشكە ئەۋەتىپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ زىياپەتكە خەلپىتىمنىڭ غەزەپتىن چىرايى قارىيىپ كىتىپتۇ. جۇۋاۋا بۈۋۈمنىىڭمۇ قۇلاقلىرى دىڭگىيىپ كىتىپتۇ ۋە بارمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .شۇ ئەسنادا بۇ قانلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان سوت ئەرباپلىرىدىن لازا كوجاڭ،ئاچچىقسۇ سوجاڭلار چوكا مىلتىقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىشىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپتۇ ھەم ناھايىتى خاپا بۇلۇشۇپ ۋارقىرىشىپ كىتىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)( B( B+ T. G& F+ e% Kدىمەك ئەھۋال ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن .ئۇلار بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پادىشاھقا ئەرز قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.ئۇزاق ئۆتمەي شاھ ئۇردىسىدىن خەۋەر كەپتۇ.پوش!...پوش!.. پوش!...ئۇچاق بېشى مەملىكىتىنىڭ خاقانى بولغان شاھى سولتان پولو  گوش تاجىسىنى كىيىپ ،سەۋزە ئوقلىرىنى بەتلەپ،لىگەن مەپىسىگە ئولتۇرۇپ سورۇننىڭ تۆرىدىن ئۇرۇن ئاپتۇ.پولو سولتان ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ ،بۇ كاتتا زىياپەتكە پۈتۈن مەملىكەتتىكى غىزا ئەربابلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەلتۈكۈس چاقىرىلغانلىقىنى ،بىراق بۇ ئىشتىن ئۆزىنىڭ قىلچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ،ئۆز ئىچىدە مانتا ھاجىمغا نارازى بۇلۇپ ئالىيىپ قۇيۇپتۇ.پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ كەتكەن مانتا ھاجىمنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ.پولو سولتان ئەھۋالنى بىر قۇر سۇرۇشتۈرگەندىن كىيىن شەرىئەت بۇيىچە تۈۋەندىكىچە ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)3 y, L, f- g% i$ wپەرمان:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىرىنچى:مەزكۇر قانلىق ۋەقەگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغان جىنايەتچى پىچاق دورغىنى ،مىۋە-چىۋە ئىقلىمىنىڭ ئەربابلىرى بىلەن داۋاملىق ئىزچىل ئۆچمەنلىشىپ كىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلىپ دەرھال ئاسما يامۇلىنىڭ غىلاپ كامىرىغا سولانسۇن!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىككىنچى:قانۇنسىز ھالدا سورون تەييارلاپ بۇ ماجرانىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان جىنايەتچى مانتا ھاجىمغا ئۈلۈم جازاسى بىرىلىپ،نەق مەيداندا لازا كوجاڭ،ئاچچىقسۇ سوجاڭلار چوكا مىلتىقلىرى بىلەن قارنىنى يېرىپ تاشلىسۇن!
(http://bbs.oylirim.cn)4 }( W/ G# `) A3 Rئۈچۈنچى:مەزكۇر جىنايەتچى مانتا ھاجىمنىڭ رەپىقىسى چۈچۈرە خېنىم پىنتوزا ئارغامچىسى بىلەن باغلىنىپ ،بوسۇ قامچىسى بىلەن ئۇرۇلۇپ،ھام-ھام يامۇلىغا سولانسۇن! ھەم قاتار تۇرغان ئوتتۇز ئىككى چىشلىق جادۇغا بېسىلىپ ،كانەي دەرۋازىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ،ئاشقازان بېكىتىدە توختۇتۇلۇپ ئىزىپ يۇمشىتىلىپ ئاچچىق ئۈچەي يوللىرىدا قوغلاپ يۈرۈپ سازايى قىلىنسۇن!
(http://bbs.oylirim.cn)5 O8 j% O+ E- R0 Q3 n( W6 eتۆتىنچى:ۋاقىتسىز قازاتاپقان مەرھۇم تاۋۇز قارىمغا داۋانچىڭدىن ئۇرۇن بىرىلسۇن!مەرھۇم شىكەر سۈيى خېنىم قەشقەر پەيزاۋاتتىن ئۇرۇن ئالسۇن!قالغان مىۋە-چىۋە ئىقلىملىرىنىڭ باشقا ئەربابلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاق ناۋات،توچى،كۆكچى بايۋەچىلەرگە قۇمۇلدىن ئۇرۇن بىرىلسۇن!ئالما ئىمام ئىلىخودىن ئۇرۇن ئالسۇن!نەشپۈت ئىشانغا كورلىدىن ،ئۈزۈم سوپىغا تۇرپاندىن ئۇرۇن بىرىلسۇن!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بەشىنچى: ئەگەر بۇنىڭدىن كىيىن غىزا ئەربابلىرى قۇرساققا كىرىپ قايتا جىدەل-ماجرا تۇغدۇرسا ،مەنچىزە خېنىم مەسئۇل بۇلۇپ بىرتەرەپ قىلسۇن!ئەگەر مەنچىزە خېنىمدا يىتىشەلمەسلىك ئەھۋالى كۈرۈلسەدەرھال سىنچاي چۆرىلىرى ياردەمگە ئەۋەتىلسۇن!يارلىق تامام ! ۋەسسالام !
(http://bbs.oylirim.cn)' l% [4 r3 V' m3 _$ B  U
(http://bbs.oylirim.cn)( I: T: v) i9 R9 y
(http://bbs.oylirim.cn)& m8 D5 i" E/ b$ g8 }2 q- o5 h4 K
2000-يىل ماي  ئۈرۈمچىدە   ساۋاقداشلار خاتىرىسىدىن ئېلىنغان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2011-يىل ئاۋغۇست ئاۋات   قايتا رەتلەندى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)) Y4 J3 e7 J. e2 I& ^
بىجىرىم تورىدىن ئېلندى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:55 , Processed in 0.701275 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش