زاماننىڭ زامانىسىدا بىر دانىشمەن سەپەرگە چىقماقچىبولۇپ ، مڭ تىللانى بىر ئەتتارغا ئامانەت قويۇپ كېتپتۇ. بىر قانچە ئايدىن كېين قايتىپكېلىپ ئەتتاردىن مىڭ تىللانى سوراپتۇ، لىكىن ئامانەت ئالغۇچى تېنىۋاپتۇ.ئۇنىڭ بىلەندانىشمەن جدەللىشپ بوغۇشۇپ قاپتۇ. ئادەملەرتوپلىشىپ، دانىشمەنگە نەسھەت قىلىپ :
-بۇ ئادەم ئنتايىن ئنسابلىق ، ئەگەر سىزدىن مىڭتىللا ئالغان بولسا، ھەرگىزمۇ تېنىۋالمىغان بولاتتى،- دېيىشىپتۇ. بەزىلەر :
-ئەگەر يەنە جېدەللەشسەك ،ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن،- دەپ دانىشمەننى قورقىتىپتۇ. دانىشمەن نائىلاجلىقتىنئۆز ئەھۋالىنى يېىزىپ پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى ئۇقۇپ :
-سىز ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرۇڭ، تۆتىنچىكۈنى مەن شۇ جايدىن ئۆتۈپ سىزگە سالام قىلىمەن، سىز گەپ قىلماي ئولتۇرىۋېرىڭ . مەنئۆتۈپ كەتكەندىن كىېين پۇللىرىڭىزنى تەلەپ قىلىڭ، ئۇ نېمە دېسە ، دەرھال كىلىپ ماڭاخەۋەر قىلىڭ، -دەپتۇ.
دانىشمەن پادىشاھنىڭ دېگنى بويىچە ئامانەت ئالغۇچىنىڭدۇكىنى ئالدىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرغانىكەن ،تۆتىنچى كۈنى پادىشاھ ناھايتى ھەيۋەت بىلەنئۆتۈپ كىېتىۋىتىپ دانىشمەننى كۆرۈپتۇ- دە،ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ بۇرۇلۇپ دانىشمەنگەھۆرمەت بىلەن سالام بىرىپتۇۋە:
-ئى بۇرادىرىم ، كەچ كىرگەندە مېنىڭ قېشىمغا بىرىڭ ،قانداقدەرد -ئەھۋالىڭىز بولسا ،ماڭا ئېيتىڭ ،- دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ. دانىشمەن بىشىنى لىڭىشتىپقويۇپلا جايىدا ئولتۇرىۋىېرىپتۇ. ئامانەتكار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ ، دانىشمەنگە:
-ئى تەقسىر ، ئۆتكەن ئىشلارنى ماڭا قايتىدىن سۆزلەپ بېرىڭ. ماڭا ئامانەتنى بەرگەندە كىم بار ئىدى ؟ قەيەردە بەرگەنىدىڭىز؟ ئېھتىمال ئۇنتۇپ قالغانبولۇشۇم مۇمكىن،-دەپ يىلىنىپتۇ. دانىشمەن مىڭتىللانى ئامانەت بېربش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىين ،ئامانەت ئالغۇچى :
-سىز راسىت دەۋاتىسىز ،ئەمدىيادىمغا كەلدى، - دەپ دانىشمەنگە مىڭ تىللانى بېرىپ ،ئۈستىلەپ كۆپ ئەپۇ سوراپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )