ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 143491|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك - ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك - ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك
(http://bbs.oylirim.cn)/ ?5 e7 e- c8 R1 r
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كىشىلىك ھاياتتا باشقىلارنىڭ ھەر قانداق ياردىمىگە موھتاج بولمايدىغان ھەم باشقىلارغا پەقەت ياردەم قىلىپ باقمىغان ئادەمنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەل ئارىسىدا ‹‹دۇنيادا ھەر قانداق بىر نەرسىگە قارشى تۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن ياخشىلىققا، باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن قىلىنغان ياردەمگە قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ›› دېگەن ھېكمەت بار. بۇ بىزنى ھەر ۋاقىت دۇنياغا ياخشىلىق، سەمىمىيلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىشىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شوتلاندېيەلىك بىر دېھقان ئېتىزدا ئىشلەۋاتسا، يېقىنلا يەردىكى بىر سازلىقتا بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. دېھقان بېرىپ قارىسا، بىر بالا سازلىققا چۈشۈپ كەتكەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى دېھقاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى بوپتۇ. دېھقان: -بالىنى قۇتقۇزۇۋالغىنىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالسام بولمايدۇ؟ - دەپتۇ. -ئەمسە ئوغلىڭىزنى قېشىمغا ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتاي، جەزمەن سىز پەخىرلەنگۈدەك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا كاپالەت بېرىمەن، -دەپتۇ مۆتىۋەر. دېھقان تۇرۇپ كېتىپ ماقۇل بوپتۇ. كېيىن سان مارىئا تېببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، دۇنياغا داڭلىق دوختۇرغا ئايلانغان ھەم پېنسىلىننى ئىجاد قىلغان كېنەز فېلىمىك ئالىكساندىر دەل مۇشۇ دېھقاننىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ 1944 - يىلى كېنەزلىك ئۇنۋانىغا ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كېيىنكى يىللاردا ھېلىقى مۆتىۋەرنىڭ سازلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئوغلى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا، ئۇنى دەل پېنسىلىن ئوكۇلى قۇتۇلدۇردى. ھېلىقى مۆتىۋەر بولسا يۇقىرى پارلامېنت ئەزاسى، كېنەز، ئەنگلىيە سىياسىيونى چېرچىل ئىدى. ئارىمىزدا باشقلار ماڭا ياردەم قىلسا، مەنمۇ ياردەم قىلىمەن، ياردەم قىلمىسا، مەنمۇ ياردەم قىلمايمەن دېگەن قاراشتىكىلەر يوق ئەمەس. بۇنداق كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بەزىلەر مېنىڭ ئەھۋالىممۇ چاغلىق دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى گەپ ياردەمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەگەر ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلالمىسىڭىز، بىرەر ئېغىز تاتلىق گەپ،ئىللىق چىراي بولسىلا كۇپايە. بەزىدە ھەتتا مەنىۋى ياردەمنىڭ قۇدرىتى ماددىي ياردەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. گەپ بىزنىڭ شۇنداق قىلىشنى خالاش - خالىماسلىقىمىزدا. پىسخولوگىيەدە ئىسپاتلىنىشىچە، باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، تۇرمۇشتا ئۈمىدۋار، روھى جەھەتتە ساغلام كېلىدىكەن. ئەكسىچە ‹‹باشقىلاربىلەن نېمە كارىم؟ ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئويلىمىسا يەر يۈتىدۇ›› دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز، تۇرمۇشتا چۈشكۈن، روھى جەھەتتىن بىنورمال بولىدىكەن. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن دەرھال مەنپەئەت كۆرۈش خاراكتېرىدىكى خۇشامەت، ساختا تەكەللۇپ ۋە يالغانچىلىققا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، غەرەزلىك قىلىنغان ياردەم ئەمەلىيەتتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. پەقەت چىن كۆڭلىدىن قىلىنغان سەمىمىي ياردەملا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ ۋە ھەر قانداق كىشىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىدىيەسىنى ئويغىتىدۇ. دېمەك تۇرمۇشتا باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق، باشقىلارغا بېرىلگەن ياردەم ئۆزىڭىزگە سېلىنغان روھى جەھەتتىكى مەبلەغدۇر. شۇڭا ھاياتىمىزدا قايسى جەھەتلەردىن بولسۇن، باشقىلارغا سەمىمىي ياردەم قىلىشنى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى ھەقىقىي بەخت دەپ قارىيالىساق، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل، ئادەملەر تېخىمۇ ئىناق ۋە ھاياتىمىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 b3 @# |+ k0 K, [9 Y" o
(http://bbs.oylirim.cn)) H3 I1 q7 `7 ~  L/ qئابدۇقەييۇم ئېلى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:22 , Processed in 0.701571 second(s), 46 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش