ھاماقەت پادىشاھ(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(چۆچەك)
(http://bbs.oylirim.cn)$ X: Q2 x; f4 a- J1 k& T
(http://bbs.oylirim.cn)3 ]) N% D! `3 Qبۇرۇنقى زاماندا دىسە بۇرۇنقى زاماندا،يېقىنقى زاماندا دىسە يېقىنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانكەن.ئۇ زىيادە ھورۇن بولغاچقا ،كۈن بويى شاھانە ھوجرىغا كىرىۋېلىپ،يەپ-ئىچىپ،ئويۇن-تاماششا قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالى بىلەن كارى بولمايدىكەن.كۈنلەر، ئايلار،يىللار ئۆتۈپ شاھ سەمىرىپ،ئورنىدىن تۇرالمايدىغان، ئۆز ھاجتىدىن چىقالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ئۇنىڭ دوزاخ بوپتۇ.ئۇ ئىسسىققا چىدىماي يالىڭاچ يۈرىدىغان ئادەتنى چىقىرىۋاپتۇ.ئۇنىڭ بۇ بىمەنە قىلىقى ئوردىدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ،خانىشلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ھېچكىم چىش يېرىپ بىر نىمە دىيەلمەپتۇ.چۈنكى ئۇ ئىنتايىن زالىم ئىكەن.ئۆزىگە قارشى چىققانلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)- y3 V# F# m( I) R* Q0 `6 Sبۇ پادىشاھ دەسلەپ تاشقىي كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ يۈرگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ھەممە كىيىمنى سېلىپ تاشلاپ، قىپيالىڭاچ يۈرىدىغان بوپتۇ.بىر كۈنى ئۇ بىر نەچچە مۇلازىمنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇن مەسخرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوغۇرلىقچە كۆرۈپ قاپتۇ.غەزىپى ئۆرلەپ گەجگىسىگە چىقىپتۇ. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يالىڭاچ يۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ.چاكارلار پادىشاھنىڭ گېپىگە قارشى چىقالايتتىمۇ؟...ئۇلار دەسلەپ باشقىلاردىن نۇمۇس قىلىپ،ئالقانلىرى بىلەن ئالدى كەينىنى توسۇپ يۈرۈشۈپتۇ.كېيىنچە كۈنۈشۈپ كېتىپتۇ.ھەممەيلەن گويا بەدىنىدىكى تۈكىنى قىرقىۋەتكەن مايمۇنلاردەك يۈرىشىدىكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يالىڭاچ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،بۇ ئىش ئوردىدا غولغۇلا پەيدا قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ۋەزىر پادىشاھقا نەسھەت قىلماقچى بوپتۇ.پادىشاھ ئادەتتە قۇبۇلخانىغا چىقالمايدىغان بولغاچقا،ۋەزىلەر ئۇنىڭ ھوجرىسىغا كىرمەكچى بوپتۇ. لىكىن پادىشاھ ئۇلارنىڭ كىيىم بىلەن قۇبۇلغا كىرىشىنى چەكلەپ،يالىڭاچلىنىپ كىرىشنى ئېيتىپتۇ.ۋەزىرلەر نىمە قىلارنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ.ئاخىرى بۇنداق قىلشتىن ئۇيىلىپ قايتىپ كېتىشىپتۇ.ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىنىشنى خالىماي،قايتىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ،ئوردىدىكى ھەممەيلەننىڭ يالىڭاچ يۈرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)+ p) ^9 l5 h' p0 u |بۇ پەرمان ئوردا ئىچىدە زور مالىمانچىلىق پەيدا قىپتۇ.نۇرغۇن ئادەملەر بۇنداق يۈرگىچە ئۆلگەن ياخشى دەپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋاپتۇ.بەزىلەر يەنىلا ياشىغان ياخشى دەپ،نائىلاج شۇنداق يۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.ئاز ساندىكى بەزى ئىشرەتخورلارغا خويمۇ يېقىپتۇ.پادىشاھتىن تارىتىپ ھەممەيلەن يالىڭاچ يۈرۈش ئوردا ئىچىدە ئومۇملىشىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" b6 X( }1 X) i. p: Y5 K* Fبىر نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ.پادىشاھنىڭ يالىڭاچ يۈرۈش توغرىسىدىكى پەرمانى ئوردىنىڭ سىرتىغا چىقالماپتۇ.بۇ پەرماننى ئىجرا قىلىدىغان ئەمەلدارلار پادىشاھقا «پۈتكۈل خەلق يالىڭاچلىنىپ بولدى،خاتىرجەم بولغايلا...»دەپ مەلۇمات بېرىپ قويۇپ،ئۆز ئىشىنى قىلىدىكەن.بۇ ئىش پۈتكۈل ئاۋامغا پۇر كەتكەنلىكتىن، خەلقنىڭ پادىشاھتىن رايى يېنىپ كېتىپتۇ. ئوردىدىكىلەرنىڭ سىرىتتىكىلەر بىلەن كارى بولمايدىغان، سىرىتتىكىلەرنىڭ ئوردا بىلەن كارى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپتۇ.پادىشاھ سىرىتقا چىقميدىغان بولغاچقا ئۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ھەممە كىشىنى يالىڭاچ يۈرىۋاتدۇ دەپ بىلىدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn): ]7 X& F8 v. x: [& o) J0 ]; Uبىر نەچچە يىلغا بارمايلا ئوردا ئىچىدە ۋابادىنمۇ يامان بىر خىل كېسەللىك-بەدەن سېسىش كېسىلى يامراپ كېتىپتۇ. داۋالايدىغان دورا ھېچيەردىن تېپىلماپتۇ.ئوردىدىكىلەر بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ تۈگەپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)% W, ?" P" |, ~, O) k ]شۇنىڭ بىلەن خەلق بۇ ھاماقەت پادىشاھتىن قۇتۇلۇپ،يېڭىدىن پادىشاھ سايلاپ،كۈنلىرىنى شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(تۈگىدى)
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )