ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدىكى بىر قانچە چارە(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)* M' ]9 D. N& H- ` U( I2 H
(http://bbs.oylirim.cn), y5 ^0 I9 i4 c: L$ H+ F+ `: c" w5 r3 [ ئەر – خوتۇنلار ئۇزۇن مەزگىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۈركىلىشتىن ساقىت بولغىلى بولمايدۇ، بۇ خىل سۈركىلىش ئەڭ ئاخىرىدا ئەر – خوتۇنلۇق مۇھەببەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكا داڭلىق پىسخىكاشۇناسى دوكتور خاررىت لېنا يېڭى كىتابى «نىكاھ قائىدىسى: نىكاھلانغان ۋە بىرگە تۇرغۇچىلارنىڭ يېتەكچى قوللانمىسى» دا مۇنداق دەپ تىلغا ئالغان: پاسسىپ ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزگۈرۈشىنى ساقلاپ تۇرۇش نىكاھنى پەقەتلا ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ، ئەڭ ياخشى چارە بولسا ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەتلىنىشتۇر. ئۇ بۇ كىتابىدا ئەر – ئاياللارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرى توغرىسىدا بىر قانچە نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1- چارە: ئۆيىڭىزدە مېھمان بار دەپ ئويلاڭ. نىكاھلانغان كىشىلەرنىڭ ناتونۇش كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلسى ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دوكتور لېنا ئىلگىرى بىر جۈپ ئەر – خوتۇننىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى قوبۇل قىلغان، بۇ ئەر – خوتۇنلار پەقەت يالغۇز قالسىلا، دائىم بىر – بىرىنى ئەيىبلەيدىكەن. شۇڭا، لېنا دوكتور ئۇلارغا بىر خىزمەتدىشىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ بىر قانچە ئاي بىرگە تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. نەتىجىدە، ئەر – خوتۇن ئىككەيلەن خۇددى مېھمان بىلەن ساھىبخاندەك بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ ئۆتكەن. لېنا دوكتور مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئائىلىسدە باشقا بىر مېھماننىڭ بىللە تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ھەمراھىغا قىلغان مۇئامىلىسىنى كونتىرول قىلىش كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2- چارە: ھەر كۈنى قارشى تەرەپنى كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم ئەيىبلەڭ. ئەر – خوتۇن ئىككەيلەننىڭ تونۇشۇش دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەدھىيە سۆزلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىپ، ئەيىبلەش كۆپىيىپ كېتىدۇ. مەيلى كىم بولسۇن ئەيىبلىنىش بىلەن ئۆتكەن نىكاھ مۇناسىۋىتىگە بولغان چىداش دەرىجىسى بىر – بىرىنى خۇشال قىلىش بىلەن ئۆتكەن نىكاھ مۇناسىۋىتىگە يەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر – خوتۇنلار كۆڭۈلدىكىدەك ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنى مۇۋاپىق دەرىجىدە بىرلا قېتىم تەنقىد قىلىش كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)! M+ A# T3 G; ~( Z3 x- \: T$ G 3- چارە: «ئۈچ ئېغىزلا گەپ قىلىش» پرىنسىپىنى ئەستە ساقلاش. نۇرغۇن ئەرلەر ئايىغى چىقماس جىدەل – ماجرانىڭ ئىچىدە ئۆتۈشتىن قورقىدۇ. ئەر كىشىلەرنى ئەڭ پاراكەندە قىلىدىغىنى ئاياللارنىڭ كۈندە يامانلاپ، ئاچچىقلىغان چاغدىكى سۆزلەش سۈرئىتى، كوتۇلدىشىنىڭ كۆپلىكى ۋە ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئاۋازىنى پەسرەك قىلىپ، ئازراق كوتۇلداپ، ئىمكانقەدەر ئۈچ ئېغىز سۆز بىلەنلا ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى ئىپادىلىسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا جىدەل – ماجرادىن ساقلىنىپلا قالماي، پىكىرلىشىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
4- چارە: ماختاش سۆزلىرىنى پىخسىقلىق قىلماي دېيىش. بىز دائىم بالىلارنى ماختاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىمىز، بىراق، بۇ ئۇسۇلنى ئۆزىمىزنىڭ ھەمراھىغا ئىشلىتىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، دائىم قارشى تەرەپنى سۈيۈندۈرىدىغان، قەدىرلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرلايدىغان ئىشلارنى قىلىپ خۇشال قىلىش كېرەك. مەسىلەن، قارشى تەرەپنىڭ پۈتىنى يۇيۇپ قويۇش، ئۆيلەرنى تازىلاشقا ياردەملىشىش ... دىگەندەك ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ قارشى تەرەپنى سۈيۈندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش لازىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
5- چارە: كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىش: ئىككىلا تەرەپنىڭ كەيپىياتى ياخشى چاغدا، مەيلى نېمىلا دېسۇن ئوڭايلا قوبۇل قىلىدۇ. بىر تەرەپنىڭ كاللىسى قىزىپ تۇرغاندا ياكى ئاغزى بېسىقمىغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال جىمجىت ئولتۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش كېرەك.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىن ئېلىندى