ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چۆچەكلىك تېپىشماق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-31 17:00  
(http://bbs.oylirim.cn). l4 e+ v4 |, q  |0 p(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شاھزادە ۋە تېپىشماق
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەقىللىق شاھزادە بازاردىكى كىشىلەرگە ئىككى تېپىشماقنى ئېيتتى،لېكىن ئۇلار جاۋابىنى تاپالدىمۇ؟ بۇرۇنسىدا بىر پادىشاھنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق بىر شاھزادىسى بولغانىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى، شاھزادە بازارغا كېلىپ ھەممەيلەنگە شۇنداق جاكارلاپتۇ: - مەن ئىككى تېپىشماق  ئېيتىمەن، سىلەر جاۋابىنى تاپالمىغۇدەك بولساڭلار، بۈگۈن سودا - سېتىق قىلىشنى ئويلىماڭلار! ساتارمەنلەرنىڭ سېتىشىغا، ئالارمەنلەرنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت يوق. بىرىنچى تېپىشماق: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۈتلۇق، ئۇ قانداق ھايۋان؟»؛ ئىككىنچى تېپىشماق: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق، ئۇ نېمە؟» دەپتۇ. كىشىلەرنىڭ بىرسىمۇ تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بازار تارقاپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ. شاھزادىمۇ يەنە بازارغا كېلىپ: - مەن ئېيتقان تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر بۇ قېتىممۇ ئۈندىيەلمەي، كېتىشكە ئالدىراپتۇ. ساتارمەنلەر مېلىنى ساتالماپتۇ. ئالارمەنلەرمۇ ئالدىغىنىنى ئالالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بازار يەنە تارقاپتۇ. بازارغا كەلگەنلەر ئارىسىدا بىر بازار قاراۋۇلى بار ئىكەن. ئۇ تولىمۇ نامرات بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىككى قىزى بار ئىكەن، چوڭ قىزى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، كىچىك قىزى بولسا ئورۇق، ۋىجىك، ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بولۇپ، ئەقىل - پاراسەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىكەن. كەچتە قاراۋۇل بوۋاي قايتىپ كەلگەندە، كىچىك قىزى دادىسىدىن: - دادا، سەن ئىككى قېتىم بازارغا باردىڭ، ئەمما ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىڭ، بۇ قانداق ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەي قىزىم، - دەپتۇ قاراۋۇل، - شاھزادە بازارغا كېلىپ: «سىلەر مېنىڭ ئېيتقان تېپشماقلىرىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سودا - سېتىق قىلماڭلار» دەپ جاكارلىدى، - دەپتۇ. - شاھزادە سىلەرگە نېمە تېپىشماق ئېيتتى؟ - دەپ سوراپتۇ كىچىك قىزى. - ئۇنىڭ بىر تېپىشمىقى: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق، ئۇ قانداق جانىۋار؟»، يەنە بىرسى: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق» ئىكەن، - دەپتۇ بوۋاي. - بۇنى تاپماق بەك ئاسانكەنغۇ، دادا، - دەپتۇ كىچىك قىزى ئويلىنىۋېلىپ، - بىرىنچى تېپىشماقتا دېيىلىۋاتقىنى - ئادەم. ئادەم، ئۆمرىنىڭ ئەتىگىنىدە يەنى بوۋاق چېغىدا ئىككى قول ۋە  ئىككى پۇتى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدۇ؛ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، قېرىغاندا ھاسىغا تايىنىپ ئۈچ پۇتلۇق بولۇپ قالىدۇ. ھېلىقى «دەرەخ» بولسا «يىل»، بىر يىلدا 12 ئاي بولىدۇ، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بىر بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ، شاھزادە يەنە بازارغا كەپتۇ. - بۈگۈن جاۋاپ تاپپتىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ. - تاپتىم، ئالىيلىرى - دەپتۇ قاراۋۇل بوۋاي، - ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق بولىدىغان جانىۋار - ئادەم. ھېلىقى دەرەخ - يىل، بىر يىلدا 12 ئاي، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. - سودا - سېتىقنى باشلاڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ شاھزادە ھەيران بولغان ھالدا. گۇگۇم چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، شاھزادە قاراۋۇل بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ قاراۋۇل بوۋايدىن: - ساڭا تېپشماقلارنىڭ جاۋابىنى كىم تېپىشىپ بەردى؟ - دەپ سوراپتۇ. قاراۋۇل بوۋاي شاھزادىگە راست گەپنى ئېيتىپتۇ. - بۈگۈن كەچ مەن سېنىڭ ئۆيۈڭدە مېھمان بولىمەن، - دەپتۇ شاھزادە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. شاھزادە قاراۋۇلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى كۆرۈپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە ساپتۇ. كېيىن، شاھزادە قاراۋۇلنىڭ كىچىك قىزىنى ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئاپتۇ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 01:50 , Processed in 0.672040 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش