ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 643|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رامىزان ئىيىنىڭ خاسىيتى توغۇرسىدا!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  
رامىزان ئىيىنىڭ خاسىيتى توغۇرسىدا!
  
  
          رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئايدۇررامىزان ئېيى بارلىق ئايلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر، چۈنكى ساماۋىكىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھىدايەتنىڭ بىردىن بىر مەشئىلى بولغان قۇرئانكەرىمنىڭ نازىل بولۇشقا (يەنى چۈشۈشكە) باشلىنىشى رامىزان ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقان.ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكەبېغىشلانغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتنىڭ تاماملانغانلىقى ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئانكەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى،قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنىئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت). رامىزان ئېيى ئاللاھتائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەنئالاھىدە بىر ئاي بولغاچقا ئۇنىڭ باشقا ئايلاردىن شەرەپلىك، بەرىكەتلىك ۋە ئۇلۇغبولۇشى تەبىئىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە » بەندىلەر ئەگەررامىزان ئېيىدىكى ياخشىلىقلارنى بىلسە ئىدى، مېنىڭ ئۇممىتىم يىلنىڭ ھەممە ئېيىنىڭرامىزان بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتى«دىگەن(تەبەرانى رىۋايىتى).       2- رامىزان ئېيى قەدىر كېچىسى بىلەن شەرەپلەنگەنئايدۇر   مىڭ ئايدىن خەيرلىك بولغان قەدىر كېچىسىنىڭرامىزان ئېيىغا بەلگىلەنگەنلىكى بۇ ئاينىڭ شەرەپ ئۈستىگە شەرەپ قازانغان ئەڭقەدىرلىك ئاي بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىنئارتۇقتۇر» (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت).     3- رامىزان ئېيى مۇكاپات ئېيىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدىسىدائاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « ئىنسان ئوغلىنىڭ پۈتۈنئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى مېنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭمۇكاپاتىنى ئۆزەملا بېرىمەن» (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ئۇنىڭ تۇتقانروزىسى مېنىڭ ئۈچۈن» دىگەن ئىبارە ئاللاھ تائالانىڭ روزىغا ھاجىتى بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە روزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ۋەئۇنىڭ مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى روزا تۇتقانكىشىنىڭ ئەھۋالىنى (يەنى روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى) پەقەت ئاللاھ تائالائۆزىلا بىلىدۇ، ئەمما روزىدىن باشقا ئىبادەتلەرنى باشقىلارمۇ كۆرىدۇ، شۇڭا بەزىكىشىلەر بۇ ئىبادەتلەرنى رىيا(باشقىلارغا كۆرسىتىش) ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. لېكىن روزىدارىيا يوقتۇر. شۇڭلاشقا روزا ئاللاھ تائالا ئۈچۈندۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاللاھتائالانىڭ ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دىگەنلىكى بايان قىلىنغان: روزا تۇتقان كىشىيېمىكىنى،ئىچمىكىنى ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى مېنىڭ ئۈچۈن (يەنى مېنىڭ رازىلىقىمغائېرىشىش ئۈچۈن) تەرك ئېتىدۇ، شۇڭا روزا تۇتقاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش ماڭا خاستۇر،بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىمەن «(بۇخارى رىۋايىتى).   4- رامىزان ئېيى مەغپىرەت ئېيىدۇر    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەتقىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « كىمكى رامىزان روزىسىنى چىنئىمانى بىلەن، ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتۈش مەخسىتىدە تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ »(بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ئىمانىبىلەن » دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتاقىلىدىغان ئەجىر ۋە ساۋابلار ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە چىن ئىشەنگەن ھالدا روزاتۇتسا دىگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: « بەشۋاخ ناماز، جۈمەدىن جۈمەگىچە، رامىزاندىن رامىزانغىچە بولغان ۋاقىتلار گۇناھلارنىيوققا چىقىرىدىغان ۋاقىتلاردۇر، ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىلسا » (مۇسلىمرىۋايىتى). چوڭ گۇناھلار- ئاللاھ تائالاغا شىرىك كەلتۈرۈش، ئاتا- ئانىنى قاخشىتىش،يالغانغا گۇۋاھلىق بېرىش، زىناقىلىش، ھاراق ئىچىش ۋە باشقىلاردۇر. بۇ ھەدىستىنشۇمەنا چىقىدۇكى، بەش ۋاخ نامازنى ۋە جۈمە نامازلىرىنى ۋاقتىدا، دۇرۇسئاداقىلىدىغان، رامىزان روزىسىنى تۇتىدىغان كىشى ئەگەر چوڭ گۇناھلاردىنساقلىنالىسا ئۇنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يۇقۇرىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ يۈزىسىدىن كەچۈرۈمقىلىنىپ تۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەكىتلىمەكتە:« ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار كىچىك گۇناھلىرىڭلارنىيوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جەننەتكە كىرگۈزىمىز » (نىسا سۈرىسى 31- ئايەت).   5 - رامىزان ئېيى بەرىكەت ئېيىدۇر   ئەبۇ ھۇرەيرە روزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەتقىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بەرىكەتلىك رامىزان ئېيىسىلەرگە يېتىپ كەلدى، بۇ ئايدا ئاللاھ تائالا سىلەرنى رەھمەت ۋە مەغپىرەت بىلەنقارشى ئالىدۇ، خاتالىقلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدۇ، بۇئايدا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە بەس- بەستە ئالدىرىشىڭلارغانەزەرسالىدۇ، پەرىشتىلەر سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، بۇ ئايدىكى ئاللاھ تائالانىڭئىنئاملىرىغا ئىرىشىشكە ئالدىراڭلار! ھەقىقىيي بەخىتسىز ئاللاھ تائالانىڭيۇئايدىكى رەھمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر »(ئەھمەد رىۋايىتى). ھەقىقەتەنرامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنىۋى مول ھوسۇل ئېيىدۇر. تېنى ساق تۇرۇپ رامىزانروزىسىنى تۇتماي بۇ مۇبارەك ئاينىڭ بەرىكەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان، نەتىجىدەگۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنمىغان ئادەمدىنمۇ بەخىتسىز ئادەم بولامدۇ؟!.   مەلۇمكى رامىزان ئېيى رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيىدۇر. ئىنسان مۇشۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھتائالاغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق گۇناھلاردىن پاكلانمىسا، باشقا قايسى ئايدابۇئايدىكىچىلىك ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە گۇناھلىرىنى يۇيالايدۇ؟!.   6 - رامىزان ئېيى نىجاتلىق ئېيىدۇر ئەبۇ سەئىدرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا بۇ كۈننىڭيۈزىسىدىن ئۇكىشىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىگە ئۇزاقلاشتۇرىدۇ » (بۇخارىرىۋايىتى). ئەرەپ تىلىدا «يەتمىش» ۋە «يەتتە» سانلىرى كۆپلۈك ۋە كامالەتنىئىپادىلەيدۇ. خۇددى ئۇيغۇرتىلىدىكى توققۇز ۋە توقسان سانلىرى «توققۇزى تەل بولدى»ۋە « توقسىنى تولدى » دېگەن ئىبارىلەردىكىدەك كامالەتنى ۋە كۆپلۈكنىئىپادىلىگەندەك، بۇھەدىستىكى «يەتمىش» كۆپلىكنى ۋە مەڭگۈلۈكنى ئىپادىلەيدۇ.بۇنىڭغا بىنائەت، بۇھەدىسىنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتقانكىشى دوزاختىن مەڭگۈ ئۇزاق قىلىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭمۇنۇ سۆزىنى تەكىتلىمەكتە: « بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت- سائادەتكە تېگىشلىكبولغانلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ » (ئەنبىيا سۈرىسى 101- ئايەت).   7- رامىزان ئېيى شەيتانلار باغلىنىدىغان ئايدۇرئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن:« رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ » (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى«شەيتانلار باغلىنىدۇ » دىگەن ئىبارە رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن شەيتانلارنىڭئىنسانلارنى ئازدۇرۇش كۈچى ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭمۇ بۇئايدا شەيتانىيھەۋەسلەرگە ئالدانمايدىغان تەقۋالىققا ھەم چىن ئىرادىگە ئېگە بولىدىغانلىقىنىئىپادىلەيدۇ.   8- رامىزان ئېيى جەننەتنى قازىنىش ئېيىدۇر سەھلئىبنى سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن:« جەننەتتە رەييان (ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلىنمايدىغان) ئىسىملىك بىر ئىشىكبار بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن كىرىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلاربۇ ئىشىكتىن كېرەلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە: روزا تۇتقانلار قېنى؟ دېيىلىدۇ ۋە روزاتۇتقۇچىلار توپلىشىپ بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار بۇ ئىشىكتىنجەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ ئىشىكتىن كېرەلمەيدۇ. ئۇلار كىرىپبولغاندىن كېيىن بۇئىشىك يېپىلىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى). مانا بۇ، بۇ دۇنيادا ئاللاھتائالانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ روزا تۇتقان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان كاتتائىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار بۇدۇنيادا روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۇسسۇزلۇق ۋەئاچلىق دەردى چەككەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئالاھىدە پەرقلىقمۇكاپاتلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.   9 -رامىزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: «ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتارۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشانىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى»(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).   10- رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە تەڭدۇر رامىزان ئېيىنىڭ شاراپىتى ۋەئۇلۇغلىقىدىن بۇئايدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە خۇددى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانغا ئوخشاشساۋابلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « رامىزان ئېيىدائادا قىلىنغان ئۆمرە (ساۋاب جەھەتتە) ھەج قىلغانغا ئوخشاشتۇر » (بۇخارى رىۋايىتى)   

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:38 , Processed in 0.620925 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش