ئۈچىنچى شەخس بۇلاڭچى ئەمەس
( فىليەتون)
خارس
فىلورىدا شىتاتىدىكى بىركىشى بېشىدىن ئۆتكەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى شەرھىلەپ ئاغرىنىش ئىلكىدە ؛‹‹مەن ئەگەر بەش سېنتلىق نەرسىنى ئوغۇرلىۋالسام ،ئوغرى ئاتىلىپ جازالىنىدىكەنمەن ،ئەمما بىرسىنىڭ خوتۇننىڭ مۇھەببىتىنى ئوغۇرلىۋالسام ،ماڭا ھىچبىر گۇنا ئارتىلمايدىكەن ››دىگەن .
بۇ بىرخىل ئومۇملىشىپ قالغان خاتاتۇيغۇبولۇپ ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئدىيىسىنى ‹‹مۇھەببەت خۇددى مال-مۈلۈككە ئوخشاش ئوغۇرلاپ ئلغىلى بولىدىغان نەرسە ››دەيدىغان قاراش ئىگىلىۋالغان .
بىراق شۈبھىسىزكى ،مۇھەببەت توۋار ئەمەس ،ھەقىقى مۇھەببەتنى سېتىۋېلىشقا ،سېتىۋېتىشكە ،ئالماشتۇرۇشقا ياكى ئوغۇرلاپ كېتىشكە بولىدىغان نەرسە ئەمەس .مۇھببەت ئىرادە ھەركىتى بولۇپ ،ئۇ ھىسىياتنىڭ بۇرۇلۇشى ،شەخىسلىك دىيانەت ۋە سالاپەتنىڭ كەسكىن ئۆزگۈرىشىدۇر .
ئەر ياكى ئايال ئوغۇرلانغان ۋاختىدا ئوغۈۇرلىنىپ كېتىلىشكە تەرەددۇت قىلىپ قويغان ، يېڭى ھەمرايىغا تاشلىنىشقا ئالدىنئالا تەمشىلىپ بولغان بولىدۇ .‹‹مۇھەببەت ئوغرىلىرى ››ئۇنى بۇلاپ كەتمەستىن ،بەلكى بۇلۇنۇپ كېتىلىشكە تەشنا بولۇپتۇرغان بۇلانغۇچىنى كۈتۈۋالغان بولىدۇ .
بىزدائىم دىگۈدەك ئادەملەرنى مال-مۈلۈككە ئوخشۇتۇپ مۇئامىلە قىلىمىز .ھەتتا بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا ‹‹تەئەللۇق››دەيمىز .ئەمەلىيەتتە ھىچكىم ھىچكىمگە‹‹تەئەللۇق›› ئەمەس، ھەربىر ئادەم ئۆزىگەتەئەللۇق، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا قويۇلغان ئامانەت بولۇپ ،ئەگەر ئاتا-ئانىسى بالىلرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا ،ھۆكۈمەت ھاۋالە بويىچە بېكىتىلگەن ھوقۇقىنى ئېلىېتىشكە ،چەك قويۇشقا ھوقۇقلۇق .
ياش چاغلىىرىمىزدا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بېشىدىن جەلىپكارلقى بىزدىن يوقۇرىلارغا مەشۇقىمىزنى تارتقۇزۇپ قويۇشتەك ئشلار بولۇپ ئۆتكەن ،ئەينى چاغدا كۈتۈلمىگەن مىھمانلارغا قارىتا ناھايىتى نەپرەتلەنگەن ،بىراق ياشنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ،ئەينى چاغدىكى ‹‹مەشۇق ››ئىمىزنىڭ ئەسلى ھەقىقى مەشۇقىمىز ئەمەس ئىكەنلىكىنى بارا-بارا تونۇپ يەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن .بۇخىل بۇرۇلۇشنى قانداقتۇر كۈتۈلمىگەن مىھمانلار كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ،بەلكى چىن ھىسسىيات، ھەقىقى سۆيگۈنىڭ يېتەرسىز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قارىماققا كۆپلىگەن نىكاھلارئۈچىنچى شەخس تۈپەيلى بۇزۇلغاندەك بىلىنىدۇ.بىراق بۇروھىيەتتىكى بىرخىل ساختا سېزىم بولۇپ،ئەسلىدىنلا تولۇق يېتىلمىگەن بۇخىل نىكاھلارغا قارىتا ئەر ئايالغا ،ئايال ئەرگە باھانە قىلىشىدۇ ،مۇھەببىتى دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىدە غۇم ساقلايدۇ، باشقىلارنىڭ قىسىلىپ كىرىشىدىن بولدى دەپ ئۆچ ئېلىش كويىدا بولىدۇ .بۇنداق قىلىش قابىلىيەتسىزلىك بولۇپلا قالماي بەلكى ئۆز-ئۆزىگە ئورا كولىغانلىق .بۇنداق ئشلاردا ھامان ھەقىقى ئەھۋالنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشكە ئورۇنىدۇ .چۈنكى ھىچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ئەسىرى ،قۇربانى بولغۇسى كەلمەيدۇ-دە!. بىراق ئايرىلىپ كېتىشكە دۇچكەلگەندە مەشۇقى ياكى جۆرىسى ئۆز ئەركى بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلماقچى بولغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .شۇڭا ھەممىنى ئۈسسۈپ كىرگۈچىنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىغا ،ياكى جەلىپكارلىققىغا دۆڭگەپ ئۇنى گېپىنۇزچى ،بۇلاڭچى ياكى ئائىلە بۇزغۇنچىسى دەيدۇ. دەرۋەقە نۇرغۇنلىغان دىلولار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ؛‹‹ئۈچىنچى شەخس››پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا ئائىلەبۇزۇلۇشقا باشلىغان بولىدۇ .
(‹‹يومۇرلۇق فىليەتۇنلار››ناملىق كىتاپنىڭ(ئەنخۇينەشرى) دىن |