ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇھەببەتنىڭ كۆزىدىكى قەشقەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(http://bbs.oylirim.cn)+ v6 `$ ?0 O0 K' M1 T  ]
مۇھەببەتنىڭ كۆزىدىكى قەشقەر
(http://bbs.oylirim.cn)' a# @6 }+ u- k" U. a0 Y+ \: C
(http://bbs.oylirim.cn)& x  {- R2 m; u0 u6 J/ L& e1 f) o( نەسرىي شېئىر)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)# X/ R' ^5 ~, b* R9 \% m, {ئابدۇشۈكۈر راشىدىن(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
( قەشقەر شەھرىنىڭ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)9 ?3 {3 }* Q( jبوۋامنىڭ بوۋىسى، مومامنىڭ مومىسى، ئاڭلاپتىكەن بوۋىسىنىڭ بوۋىسىدىن، مومىسىنىڭ مومسىدىن سېنىڭ ئىسمىڭنى، سېھرىڭنى، مېھرىڭنى، چېھرىڭنى قەشقەر. شۇڭا، تارىختىن بۇيان تاشقا باسقان مۆھىرگە ئوخشاش، پارلاپ كەلدى  ئىسمىڭ قەلبىمدە. ئۇلۇغلىدىم نان-سۇغا ئوخشاش سېنى ھەر كۈندە، سېنى ھەر ئۈندە.  قان بولۇپ ئاقتىڭ تومۇرۇمدا، روھ بولۇپ نۇرلاندىڭ ۋۇجۇدۇمدا. شۇڭا، سەن يەر شارىدا ، يەر شارىغا تەققاس دىلىمدا ئەڭ ئەزىزانە، ئەڭ گۈزەل قەشقەر .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەشقەر مۇھەببەتنىڭ كۆزىگە ئوخشاش،  ئاشىقلارنىڭ سۆزىگە ئوخشاش، قوياش ۋە ئاينىڭ يۈزىگە ئوخشاش سۆيۈندۈرەر مېنى تاڭلاردا،تۈنلەردە، سارتان ئىسسىق ، قەھرىتان سوغلاردا، چەكسىز قۇم- بارخانلاردا، جاۋاھىرغا ئوخشاش تاشلىق سايلاردا، گۈللەر پورەكلىگەن دالىلاردا، مېۋىلەر سانجاق – سانجاق پىشىپ مەي باغلىغان باغلاردا، بۈركۈت پەرۋاز ئەيلىگەن ، ئاپئاق باشلىق تاغلاردا.
(http://bbs.oylirim.cn)+ H8 ?2 E9 I3 F6 }7 S6 r/ cقەشقەر، يىراقتىنلا كۆرۈنەر  ماڭا، چۈشۈمدىكى پەرىگە ئوخشاش، تۈمەن دەرياسى شۇ پەرىنىڭ لېۋىگە ئوخشاش، ھېيىتگاھ،  يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى خۇمارلاشقان كۆزىگە ئوخشاش، قاراخانلارنىڭ ئوردىسى، ئىپارخاننىڭ گۈمبىزى، شۇ پەرىنىڭ مەڭزىگە ئوخشاش. پەرىنىڭ كۆكسىدە يەنە پارلاپ تۇرار ياربېشى، ئۆستەڭبويى ، گۈزە، ئارقا ئوردا، ئوردا ئىشىكى،خام بازىرى، نوبېشى  يەنە يۈزلەپ رەستىلەر كۆكسىگە ئوخشاش. تۈمەن كۆلى، نەزەرباغ، شامالباش، دۆلەتباغ، بەشكېرەم گۈزەل روخسار- ھۆسنىگە ئوخشاش. تۈمەن ۋە قىزىلنىڭ ئەلۋەك سۇلىرى، تېقىمىغا چۈشكەن سۇمبۇل چېچىغا ئوخشاش. قەشقەر ، شۇڭا ئەزىزلەپ ۋە سۆيۈپ كەلگەن ئىكەن، بوۋىلىرىمنىڭ بوۋىسى، مومىلىرىمنىڭ مومىسى ئاشىق بىقارار بولۇپ بۈگۈنگە قەدەر.
(http://bbs.oylirim.cn)0 b- [" O8 E# N7 Aبۈگۈن،  ئادىتىم بويىچە ئاستا ئۇچۇپ چىقتىم شېئىردەك، كوۋىكىدىن قەشقەرنىڭ . پەرۋاز قىلدىم ئىگىز بىنالار، قەد كۆتۈرگەن كەڭ يولنى بويلاپ، يېپ - يېڭى تون –پەرەنجە ئارتقان، كونا شەھەرنىڭ ئەسلىنى ئويلاپ. تاڭ قالدىم رەستىلەردىن يامرىغان كۈيدىن، مېڭىپتۇ چېھرى كۈلگەن ، دېڭىزدەك ئادەم، بىربىرىنى قۇتلۇقلاپ تويلاپ. ئەنە ئۇزاتماقتا مەڭزىگە سۆيۈپ شوق قىزىنى ئاتا-ئانىسى، گۈل تۇتماقتا كېلىن قىزىغا  ، بەخت تىلەپ قېنىئاتىسى، قېينىئانىسى. ئۇسۇل بىلەن ساما قوينىدا، ئايلانماقتا بۇلاق سۈيىگە، ئايلانماقتا سىم - سىم يامغۇرغا، ئايلانماقتا پەرۋانىلارگە، بادام دوپپا، كانىۋاي كۆينەك بېلىگە پوتا باغلىغان، ناخشا –ئۇسسۇلغا باي ئۇيغۇر بالىسى.
(http://bbs.oylirim.cn)- F1 {. n! y7 _+ ~, M( ^$ p. Eقەشقەرنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش يېقىملىق،  بوستان سېكىلەك تارتىنچاق قىزچاق،  تارتىنىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟ موماڭدىنمۇ ، بوۋاڭدىن؟ ئىشىك يوچۇقىدىن مارىلىماقتىسەن، قەلبىمدە قۇياشتەك پارلىماقتىسەن، گۈزەل خۇلقۇڭ، ئەخلاقىڭ، گۈلگۈن چىرايىڭ، پەزلىڭ بىلەن . نەزەرى چۈشمەكتە ساڭا دۇنيانىڭ، بولسىكەن دەپ ئالەم شۇلارنىڭ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
موما،  قولۇڭ چىۋەرلىكتە گۈلمۇ، ھارمايدىكەن تىكسەڭمۇ دوپپا، ھارمايدىكەن تىكسەڭمۇ نەقىش، ھارمايدىكەن تىكسەڭمۇ ئەتىر، ھارمايدىكەن توقۇساڭمۇ گىلەم، ھارمايدىكەن لايغا مىلىنىپ، سېغىزلاردىن ياسىساڭ كوزا، ھارمايدىكەن باقساڭمۇ قوزا. ئەنە قازان بېشىدىن لەيلەپ كەلمەكتە، قەشقەرلىكنىڭ ئۆيىدە پىشقان مانتا، پولو، شورپا ،ئۆگرىسى، لەڭمىنى ۋە نارىن چۆپىنىڭ مېزىلىك ھېدى. باشلاپ كىردى يەر شارىنىڭكى ، ئۇ چېتىنىڭ مېھمانلىرىنى. يېرىۋەتتى تەمى تىلىنى. باغلىۋالدى ئۇيغۇر ئاشلىرى ، مېھمانلارغا قەشقەر دىلىنى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەشقەر كىم دىگەنكى سېنى نەقىشگەر. كىم دېگەنكى سېھىرلىك شەھەر. نەگە باقسا گۈل ۋە نەقىشلەر، بېغىشلاركەن ھەرقانداق دىلغا ، گۈزەل تۇيغۇ ئارام- بەخىشلەر. سىرتىدىن قاراپ قەشقەر ئۆيىنى، ئىچمەي تۇرۇپ  قەشقەر چېيىنى، ئەسىر بولساڭ ئەپسۇسلانمىغىن، كىرىپ قالساڭ قەشقەر ئۆيىگە، ئېغىز تەگسەڭ قەشقەر چېيىغا. چۈنكى قەشقەر مېھرىنى، زېھنىنى، تاپقىنىنى سەرپ قىلار ئايۋانلىرىغا، يېمەك-ئىچمەك ئارمانلىرىغا. شۇڭا، ئۇ ئەزىزانە يۇرت ئاتالغان، ئۆزى كىچىك بولسىمۇ يەر شارىدا ، يەر شارىغا  نام – شۆھرىتى كەڭرى تارالغان.
(http://bbs.oylirim.cn)4 w% B, L: f1 [. [4 q: Q- c   قەشقەر كۆيۈۋاتقان ماگمىغا ئوخشاش، ئاھ كۆيمەكتە يۈرىكىم ساڭا. قانداق خىسلەت ، قانداق كارامەت، قانداق مېھىر، قانداق بىر سېھىر، ئورناپ كەتكەن بولغىيتتى ساڭا؟ يىپەك يولىنى بويلاپ بەك ئۇزۇن ، تۈركىي تىللار دىۋانى، قۇتادغۇ بىلىك ، ناۋايىنىڭ شېئىرلىرى ،ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن، تەكلىماكاندىن ، دولاندىن  ئىزدەپ باقتىم بۇنىڭغا جاۋاب.  بىراق، قەلبىم تەكتىگە ئورناپ كەتكەن مىليون سۇئالغا ، تاپالمىدىم ھازىرغىچىلىك،  قايىل قىلغۇدەك بىر ئاددىي جاۋاب.
(http://bbs.oylirim.cn)9 N) r. q& T  e- F- \" [, ?قەشقەر، ئىشىكىڭنى ئاچ مەن كىرەي تازىم بىلەن،  قايرىلىپ ئاچقىن قۇچاق نازىڭ بىلەن، مەن ئالاي كۆڭلۈڭنى مۇڭ-سازىم بىلەن ، ئارمىنىم ئۆلسەم خۇشال يازىم بىلەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەشقەر، مەن شۇ تاپ تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمەن، ئالەمنى ئالما قىلىپ ئالدۇرغىنى، بۇ ئەمىن ، تەرەققىيات قاينامىدا ، جۆر بولۇپ شانلىق سەپەر كەلگۈسىدە، مېھرىمنى مېھرىڭ بىلەن قاندۇرغىنى، ئەزىزانە قەشقەر دېگەن نامىڭ بىلەن ، قەلبىمدە چىن سۆيگۈ ئوتى ياندۇرغىنى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قەشقەر، مەن ئۆزۈمنى شائىر ئاتايتتىم ، تەرىپلىسەم يەتمىدى تىلىم، ئەسلىدە، نامرات ئىكەنمەن تىلغا شۇ قەدەر. سۆزلىمىسەم بولاتتى، ئەمما رايىم قويمىدى، شۇنداقتىمۇ ئۆز تىلىم بىلەن ، سۆزلەپ باقتىم تەرىپلىرىڭنى، بىلىمەن تىلغا ئاجىزلىقىمنى، سەن بىر سېخىي ، ئەپۇچان شەھەر، كەچۈر مېنىڭ ئەيىپلىرىمنى!!!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 01:43 , Processed in 0.671002 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش