ئادەتتە ياشانغان ئەزىزلىرىمىزدە ھەر خىل بىئاراملىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ . باش قېيىش بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر تۈرى . ياشانغانلاردىكى باش قېيىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ داۋالاش ۋە ئالدىنى ئالغاندا چوقۇم سەۋەپكە قارىتا ئامال قىلىمىز ئەلۋەتتە ! ئەگەر قالايمىقان داۋالاش قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتكىلى بولمايلا قالماستىن بەلكىم تېخىمۇ تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىمىز ھەتتا باشقا ئىككىلەمچى كېسەللەرنى پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزمۇ ھەم مۇمكىن . تۆۋەندە ياشانغانلاردىكى باش قېيىشنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1. يوقىرى قان مېيى . ئەگەر ياشانغانلاردا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىش ، قاندا ماي يوقىرىلاش ، قان پىلاستىنكىلىرى ئاۋۇپ كېتىش قاتارلىقلار مەۋجۇت بولسا ئوخشىمىغان دەرىجىدە باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل ئاستا خاراكتىرىلىك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قان ئېقىمىنى ئاستىلىتىۋېتىپ بۇ تەسىرىدە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك پەيدا بولىدۇ . بۇ ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا بىماردا باش قېيىش ، ھارغىنلىق ، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلار كۆرۈلۈپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2. قان ئازلىق . ياشانغانلاردا قان ئىشلەشكە قاتناشقۇچى ئەزا -توقۇلمىلارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىش ئاسانلا يۈز بەرگەچكە قانننىڭ سۈپەت ۋە مىقدار جەھەتتىن نورمالسىزلىشى تۈپەيلىدىنمۇ باش قېيىش ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش كۆرۈلىدۇ .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
3. ئارتىرىيە قېتىشىش . ئارتىرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ناھايىتى ئاسانلا باش قېيىش ، كۆز ئالدى غۇۋالىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ . بۇ خىل بىمارلاردا يەنە ئۇيقۇسىزلىق ، قۇلاق غوڭۇلداش ، كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىش ، ئۇنتۇغاقلىق ، مۆچىلىرى سېزىمسىزلىنىش ئالامەتلىرىمۇ ھەم كۆرۈلىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى مېڭە ئارتىرىيەلىرىنىڭ قېتىشىشىدىن بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدۇر . ئەگەر قان تومۇرلاردا قېتىشىش يۈز بەرسە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئىچكى دىۋارى تارىيىپ مېڭە قان ئېقىمى ئازىيىپ مېڭە قان ۋە ئوكسىگىن بىلەن يېتەرلىك تەمىنلىنەلمەي باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
4. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرى . بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىمۇ باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبىنىڭ بىرى . بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسۈۋالغاندا بويۇن قىسىمدىكى قان تومۇرلارنى بېسىپ ، قىستاپ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىشتىن باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ .
(http://bbs.oylirim.cn)% a4 ]% p0 s/ `# l/ j ئەسلى يازما مەنبەسى :
خوتەن تېۋىپى مۇنبىرى