ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 693|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 21:00  (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار

(http://bbs.oylirim.cn)7 |7 _  W* l3 b(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئۇ قىز بىلەن تونۇشقىلى خېلى بولغاچقا، بىز بەزىدە دوستلار ئارا يىغىلىشلاردا ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى شەھەر مەركىزىدىكى مەيدان، باغچىلاردا ئۇچرىشىپ قالساق تەبىئىي يوسۇندا قىزغىن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشاتتۇق، بەزىدە يىغىلىشلاردىن قايتىدىغان چاغدا بىللە بولۇپ قالاتتۇق، بۇنداق چاغدا بىز يول بويى پىيادە ماڭغاچ خىزمەت، تۇرمۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىشەتتۇق. ئۇ ھەمىشە مېنى ماختاپ ‹‹سىز بەك ئۆتكۈر، شۇڭا نۇرغۇن ئىشتا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئېلىشنى خالايمەن›› دەيتتى. مەنمۇ ئۇنى ماختاپ ‹‹سىز بەك ئاق كۆڭۈل، ئوچۇق – يورۇق ھەم تىرىشچان قىز، شۇڭا كەلگۈسىدە چوقۇم بەختلىك ياشايسىز›› دەيتتىم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ. ئۇ بۇنداق چاغلاردا خۇش بولۇپ، باشقىچىلا جانلىنىپ كېتەتتى.  كۈنلەر مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ، بىز بەزىدە ئۆزئارا تېلېفوندا ئەھۋال سورىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆزىمىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۆزئارا پىكىرلەشسەك، بەزىدە ئۇچرىشىپ بىللە غىزالىنىپ، شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىلىرىنى بىللە تاماشا قىلغاچ تۇرمۇش، جەمئىيەت ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزىلەرنى قىلىشاتتۇق. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەت، تۇرمۇش ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرى مېنى ھەمىشە قايىل قىلاتتى، شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مەسىلە توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش، پىكىرلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم.  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دوستلىرىمىز ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتتىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇلارغا ‹‹ئادەم دېگەننىڭمۇ يات جىنىستىكى دوستلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ئىشقۇ، سىلەر ھېچبولمىغاندا مېنىڭ دوستلۇقنى قانداق تەرىزدە داۋاملاشتۇرۇشنى بىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىشىڭلار كېرەكقۇ!›› دېدىم توغرا چۈشەندۈرۈشكە كۈچەپ. بۇنداق چاغدا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر پاتمان ‹‹نەزەرىيە›› لىرىنى سۆزلەپ مېنىڭ دېگەنلىرىمنى رەت قىلاتتى. بۇنداق گەپ – سۆزلەر بولۇۋەرگەچ، باشقىلارنىڭمۇ ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلارچە مۇناسىۋەتنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق، بارا – بارا ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت، ئۇچرىشىشلارنى تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇچرىشىشلارنى رەت قىلىپ ئېيتقان باھانە – سەۋەبلىرىمنى ئۆز لايىقىدا چۈشىنىپ ئۆتۈۋەرگەندەك قىلاتتى. ئەمما، مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ گېپى بىلەن ئەڭ نورمال ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان پاك دوستلۇقىمنى بارا – بارا يوقىتىپ قويۇۋاتقاندەك، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىمدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئىدىم.  شۇنداق، يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئايرىماق ھەقىقەتەن تەس. ئۇ ئادەمنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سەمىمىيلىك، چۈشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى، مۇھەببەت قارشى تەرەپنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ھېسسىياتقا ئىگە بولغان بولىدۇ، دوستلۇق جىنس تاللىمايدۇ، ئۇ ئۆز سىردىشى ئۈچۈن ھەممىنى بېغىشلاشنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. مېنىڭچە، دوستلۇقتىن مۇھەببەتكىچە خېلى ئۇزاق ۋاقىت ھەم جەريان كېتىدۇ. شۇڭا بىز تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزدە دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئېنىق ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ھېسسىيات جەھەتتىكى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنالايمىز. دوستلىرىم، ئاڭلاپ قويۇڭلار، دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار!

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-4-29 20:42:19 | ئايرىم كۆرۈش
بەك توغرا......


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:01 , Processed in 0.574570 second(s), 41 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش