ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر يىل ئاخىرىغىچە «بىر كەنتتە بىر ئىستۇدېنت بولۇش» نىشانى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
لى چۈنشيانىڭ 10-ئىيۇن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدىكى كۈچنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامدا تەربىيەلەپ چېنىقتۇرىدىغان «بۇغدا كۆلى پىلانى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ،«بۇغدا كۆلى پىلانى» بويىچە جەمئىيەتتىن 2530 خادىمنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش شەكلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ، يىل ئاخىرىغىچە «بىر كەنتتە بىر ئىستۇدېنت» بولۇش نىشانىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ليۇ يەنمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،«بۇغدا كۆلى پىلانى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىدىغان، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئېھتىياجلىق بولغان تايانچ كۈچلەرنى تەربىيەلەيدىغان، ناھىيە، يېزىلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى مەنبەسىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئىكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىگىلىنىشىچە، «بۇغدا كۆلى پىلانى»غا تىزىملىتىدىغان ئوبيېكتلار: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىچكىرى ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدىكى غەربىي رايونغا ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىستۇدېنت پىدائىيلار، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ ۋە سەھىيەگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خادىملىرى، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تۈرلىرىگە قاتنىشىۋاتقان خادىملار؛ ئاپتونوم رايون يېزا-بازارلارغا بىر تۇتاش تاللاپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا يېزا-بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان مەمۇرلار
(تاللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ جورىلىرى؛ شىنجاڭلىق خادىملارنىڭ بالا-چاقىلىرى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىرلارنىڭ بالا-چاقىلىرى؛ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇغدا كۆلى پىلانىدا ئاشكارا، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋە يازما ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش خىزمىتى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ. يازما ئىمتىھان تۈرلىرى مەمۇرلار ئىمتىھان تۈرى بىلەن ئوخشاش. مەمۇرلار ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار «بۇغدا كۆلى پىلانى»دىكى بىر ئىش ئورنىغا ئىختىيارىي تىزىملاتسا بولىدۇ. بىرلا قېتىم بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئىككى قېتىم تاللاش پۇرسىتى بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ليۇ يەنمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «بۇغدا كۆلى پىلانى» بويىچە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى پىرىنسىپ بويىچە ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ھازىر تېخى ئىستۇدېنتلار سەپلەنمىگەن مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ سانىغا قاراپ تەقسىملىنىدىكەن. 2530 ئىش ئورنىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىزىملىتىشقا بولىدىغان ئىش ئورنى %67.8 نى ئىگىلەيدىكەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ سېپىدە چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، بۇ يىلقى «بۇغدا كۆلى پىلانى»دىكى بارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا كەسىپ چەكلىمىسى قويۇلمايدىكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)0 M& S& L/ ]: E+ y0 h(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەنبە:ئىمتاھان تورى