ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 24569|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئارۇز ئاتالغۇسى ۋە ئارۇز ئىلمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە ئائىت قاراشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئارۇز ئاتالغۇسى ۋە ئارۇز ئىلمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگەئائىت ئوخشىمىغان قاراشلار توغرىسىدا
(http://bbs.oylirim.cn)! j: s$ `9 v; a8 c2 ~/ w1 Wزەمىر سەئدۇللازادە(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
« ئارۇز – عرزض » ئاتالغۇسىنىڭ قانداق مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق بولۇپ خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئىجات قىلغان شېئىرىي ۋەزىن نەزىريىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىغى توغرىسىدا ھازىرغىچە تېخى بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ھەر كىم بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ؛ ھەتتا تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ شۇنچە ئېنىقلىغىغا قارىماي ئارۇز ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە دەسلەپكى كەشپىياتچىسى توغرىسىدىمۇ بەزى گومانىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان . (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۆپىنچە ھاللاردا « ئارۇز » ئاتالغۇسى ئەرەپچە ئەرز ( عرض – بايان قىلىش) سۆزى ئاساسىدا شەرھىيلىنىدۇ ؛ ئەڭ قەدىمكىي ئەسەرلەردىن شەمس قەيس رازىنىڭ « ئەل مۇجەم » ىدە : « ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئارۇز دەپ ئاتايدۇكى، شېئىر ئۇنىڭدا ئەرز - بايان قىلىنىش ئارقىلىق  مەۋزۇن ( تاناسىپلىق، ئۆلچەنگەن)  نامەۋزۇندىن، توغرىسى خاتاسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ» دەپ تەبىرلىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" x8 k9 x. Q# U% P0 t  b% r! Pبۇنىڭغا ئوخشىمىغان ھالدا ۋەھىد تەبرېزى: « ... چېدىرنىڭ مۇستەھكەم ئۆرە تۇرالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تىرەپ قويۇلىدىغان تۈۋرۈكنى  ئەرەبلەر « ئارۇز » دەپ ئاتىشىدۇ. ئارۇزنى بىلگۈچىلەر بولسا بىرىنچى مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى رۇكىننىمۇ « ئارۇز » دەپ ئاتىشىدۇ . خۇددىي چىدىر شۇ تۈۋرۈككە تايىنىپ تۇرغانغا ئوخشاش بىيىتمۇ شۇ رۇكنگە تايىنىدۇ. چۈنكى بۇ رۇكن تەلەپپۇز قىلىنغاندا مەزكۇر شېئىرنىڭ قايسى بەھرگە تەئەللۇق ئىكەنلىگى ۋە ئۇنىڭ سالىم ( بۇزۇلمىغان ) ياكى فەرئىيلىگى           (بۇزۇلغانلىغى ) مەلۇم بولىدۇ » دەپ قارايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 g. M* E1 C& _1 L$ ?+ y(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىزگە مەلۇمكى، خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز نەزىرىيىسىدىكى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان بارلىق ئاتالغۇلارنى كۆچمەن ئەرەپلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇچراپ تۇرىدىغان تۈرلۈك بۈيۈملەرنىڭ نامىنى ئىپادىلايدىغان سۆزلەردىن ئالىدۇ. ئەلىشىر ناۋائىمۇ ئارۇز ئاتالغۇسىنى شەرھىيلىگەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ: « بەس سابىت بولدىكىم، ئارۇز فەنى شەرىف فەندۇر. ۋە بۇ كىم، بۇ ئىلىمنى نېچۈن ‹ ئارۇز › دېدىلەر، مۇختەلىف ئەقۋال بار. ئۇل جۈملەدىن، بىرى بىلە ئىكتىفا قىلىلۇر ۋە ئۇل بۇدۇركىم، خەلىل ئىبنى ئەھمەد رەھمەتۇللاھكى بۇ فەننىڭ ۋازىئىيدۇر، چۇن ئەرەپ ئېرمىش ۋە ئانىڭ يەقىنىدە بىر ۋادى ئېرمىشكى، ئانى ‹ ئارۇز › دېرلەر ئېرمىش ۋە ئۇل ۋادىدا ئەئراب ئۆيلەرىن ( چىدىرلار ) تىكىپ، جىلۋە بېرىپ، بەھاغە كىيۇرۇرلەر ئېرمىش. ۋە ئۆينى ئەرەپ ‹ بەيت › دېر. چۇن بەيتلەرنى بۇ فەن بىلە مېزان قىلىپ، مەۋزۇنىنى نامەۋزۇندىن ئەيۇرۇرلار، گوياكى قىيمەت ۋە بەھاسى مەلۇم بولۇر، بۇ مۇناسەبەت بىلە ‹ ئارۇز › دېپتۇرلەر»  
(http://bbs.oylirim.cn)! p9 ]" `) |  n- @. w; J* ]6 Vيوقۇردىكىلەردىن باشقا يەنە « بۇ ئىلىمنى ‹ ئارۇز › دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ شۇكى ئەل خەلىل ئۇنى مەككە بىلەن تائىف ئوتتۇرىسىدىكى ‹ ئارۇز › ناملىق جايدا كەشف قىلغان »  دىگەن قاراش بىلەن بۇنىڭغا يېقىن بولغان «خەلىل ئۆز ******ىدىن ئىلگىرى ھىچ بولمىغان ئىلىم ئۈگىتىشنى ئۆتىنگەندە مەككىدە ئىدى. بىلىمنى ئۇ ‹ ئارۇز › دەپ ئاتىدى . ئارۇز مەككىنىڭ ناملىرىدىن بىرىدۇر، بۇنى ئۇ بىر بىشارەت دەپ بىلدى »  دەيدىغان قاراشمۇ خېلىلا ئومۇملاشقان .
(http://bbs.oylirim.cn)8 Z3 o* B& I; C0 O3 Y2 h« ئارۇز » ئاتالغۇسىنى چۈشەندۇرىدىغان قاراشلارنىڭ بىرىدە مەزكۈر ئاتالغۇ يەنە مۇنداق تەبىرلىنىدۇ: « ئەرپلەر تېخى كۆندۈرۈلمىگەن چىشى ( ساغلىق ) تۆگىنىمۇ  ‹ ئارۇز › دەپ ئاتىشىدۇ. شۇڭا شائىر ئۆز مەيلىگە رام قىلىشى (بويسۇندۇرۇشى ) كېرەك بولغان شېئىر ۋەزنىمۇ ‹ ئارۇز › نامى بىلەن ئاتالغان» (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
« ئارۇز » ئاتالغۇسىنى ئېلىپبە ئاساسىدا تەبىرلەش ئۇسۇلىمۇ بار؛ سەيفى «ئارۇزى سەيفى » ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: « بەزىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە ئارۇز تەرەپ ( نىشان، ياق ) دىگەن مەنىنى ئىپادىلايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىلىم بەزى ئىلىملارنىڭ بىر تەرىپى ( يۆلىنىشى ) بولغاچقا ‹ ئارۇز › دەپ ئاتالغان دەپ قارىشىدۇ. يەنە بەزىلەر ئارۇز ( عرض ) سۆزىنىڭ تەركىۋىدىكى ئېين ( ع ) ، را ( ر ) زاد ( ض ) دىن ئىبارەت ئۈچ ھەرپ - كەشىپ قىلىش ۋە ئاشكارىلاش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىلىمدىن توغرا ۋە ناتۇغرا ۋەزىن ئايدىڭلىشىدىغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ‹ ئارۇز › دەپ ئاتالغان » . يوقۇردىكىلەردىن مەلۇمكى« ئارۇز » ئاتالغۇسىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىغى قەدىمدىن بويانلا ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇزۇن زامانلاردىن بويان ئوخشىمىغان تەخمىنىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ « كىتاب ئەل ئەرۇز » ناملىق ئەسىرىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەنلىگى ئارۇز ئىلمىنىڭ مەنبەلىرى توغرىسىدىمۇ ئاز بولمىغان گۇمانىي قاراشلارنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەپ بولغانىدى. بۇ ساھەدە ياۋرۇپا ئالىملىرى خېلى ئەتراپلىق ئىزدەندى. بىز ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئارۇزچىلارنىڭ ئارۇز ئىلمىنىڭ ئىختىراچىسى توغرىسىدىكى بايانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئالىملار خەلىل ئىبنى ئەھمەدنى بىردەك ئارۇز ئىلمىنىڭ كەشپىياتچىسى دەپ قارىشىدۇ؛ شەمس قەيس رازى ئارۇز تۇغرىسىدا توختالغاندا خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان ئەسەرنىڭ باشقا بۆلەكلىرىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئالىدۇ ) بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدە ئارۇز ئىلمىنىڭ ئەرەپلەردىن باشلانغانلىغى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ : « شېئىرىي سەنئەت دەسلەپتە ئەرەپلەرنىڭ تەبىئىتىدىن يارالغان ۋە باشلانغان بولۇپ، ئەجەم بولسا ھەممە جەھەتتىن ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئورنىدا تۇرۇپ، ئاساسىي ئورۇندا بولمىغان. بۆلەكلەر ۋە روكنلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش، بەھر ۋە ۋەزنلەرنى بېكىتىش، راۋا بىلەن ناراۋانى ئايرىشتىمۇ مۇستەقىل بولماستىن ناقىل ( توشۇغۇچى - قوبۇل قىلغۇچى ) دۇر. ۋەزىن ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئاتالغۇلارنى شەرھىيلەش، بەھرلەرنى مۇقەرەرلەشتۈرۈش، دائىرىلەرنى خاتېرلەش، شېئىر شەكىللىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ بەھرلىرىنى ھېساپلاشتىن باشلانغان بۇ ئەسەردە ئەجەم بۇ ساھەدە ئۇنىڭغا قوشقان ۋە ئېلىپ تاشلىغان مەزمۇنلارنىڭ توغرا خاتاسىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئېنىقلاش، ياخشى يامىنىنى رۇشەنلەشتۇرۇش زۆرۈرىيتى تۇغۇلدى » . بۇ سۆزدىن شەمس قەيس رازىنىڭ ئارۇز ئىلمىنىڭ دەسلەپتە ئەرەپ ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەنلىگىگە ھىچ قانداق گۇمانىي قاراشتا ئەمەسلىگىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز .
(http://bbs.oylirim.cn)" Y& n8 l6 Q* fنەسىرۇددىن تۇسىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: « شېئىر رۇكىنلىرىنى ئىجات قىلغان خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئۇلارنى خۇددىي مۇزىكا ئەھلى « تا » ۋە «نۇن» سۆزى بىلەن ئاھاڭلارنى ئايرىغاندەك «فېئىل» ( فعل ) سۆزى بىلەن ئايرىغان. شۇڭا شېئىر رۇكنىنى ئەفائىل ۋە تەفائىل دەپمۇ ئاتاشقان»  دەپ يازىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)0 G+ K( ]0 I! z+ iمۇھەممەد غىياسۇددىننىڭ قارىشىچىمۇ خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز ئىلمىنىڭ كەشپىياتچىسىدۇر : « بىلىش كېرەككى، ئارۇز ئىلمىنىڭ ئىجاتچىسى ۋە شەكىللەندۈرگۈچىسى خەلىل ئىبنى ئەھمەددۇر، ئۇ ۋەزىننى ئەرەپ شېئىرىيىتىدىن تەتقىق قىلىپ، ئۇنى 15 بەھرگە موقىملاشتۇرغان » . (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋاجىد ئەلىمۇ خەلىل ئىبنى ئەھمەدنى ئارۇز ئىلمىنى دەسلەپتە بارلىققا كەلتۈرگۈچى شەخس دەپ قارايدۇ: « مەلۇم بولغايكى، بۇ ئىلىمنىڭ ئاساسچىسى خەلىل ئىبنى ئەھمەد بەسرىدۇر »⑪ . (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەلىشىر ناۋائىمۇ « خەلىل ئىبنى ئەھمەد رەھمەتۇللاھكى بۇ فەننىڭ ۋازىئىيدۇر»⑫ دەپ ئېنىق تەكىتلەيدۇ . (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى داڭلىق ئىلىم پىشۋالىرى ئارۇز ئىلمىنىڭ ئەرەپ ئالىمى خەلىل ئىبنى ئەھمەد تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغانلىغىغا قىلچە شەك كەلتۈرۈشمىگەن. گەرچە ئاتالغۇلار مەسىلىسىدە ئۇلار ئوخشىمىغان قاراشلارنى ياقىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى قىزىقتۇرغان مەسىلىلەرگە جاۋاپ ئىزدەشتە يەنىلا ئەرەپ ئەدەبىياتى ۋە خەلىل ئىبنى ئەھمەد ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن چەتنەپ كېتەلمىگەن. بۇ ھال ئارۇز ئىلمىنىڭ دەسلەپتە خەلىل ئىبنى ئەھمەد تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغانلىغىنى ۋە ئەرەپ ئەدەبىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىدىغانلىغىنى مۇنازىرىسىز چۈشەندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ « كىتاب ئەل ئارۇز » ناملىق ئەسىرىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەنلىگى ئارۇز ئىلمىنىڭ دەسلەپكى مەنبەلىرىگە نىسبەتەن ئايرىم ئىشەنچسىزلىكلەرنى تۇغدۇرمايمۇ قالمىغانىدى. بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئالىملىرى خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ ئارۇز ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈرۇشتە قانداق مەنبەلەرگە تايانغانلىغىنى ئېنىقلاشقا ھەممىدىن كۆپرەك قىزىقىپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئايرىم تەتقىقاتلارنىمۇ ئېلىپ بېرىشتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ تاپقان جاۋاپلىرى يەنىلا خىلمۇ خىل بولۇپ ھازىرغىچە ئىلىم ئەھلىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ ؛ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەردىن گىرمانىيىلىك مەشھۇر ئەرەپشوناسلار گ . ئېۋالد ( Г . Эвальд –  1875 – 1803 ) ، ر . ۋېستفال (    Р . Вестфаль – 1829 – 1826 ) قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە ئارۇزنىڭ مەنبىيى قەدىمقىي يونانلىقلارنىڭ شېئىرىي شەكىللىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ قارىشىچە خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز ئىلمىنى كەشف قىلغاندا يونان ئەتىقە شېئىرىيىتىنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپمۇ رېتمىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلانغان⑬ . بۇلارغا ئوخشىمىغان ھالدا ئاكادېمىك  ف. ئې . كورش ( Ф . Е . Корш – 1925 – 1843 ) ۋە شەرقشوناس  ئا . كرىستېنسېن ( А . Кристенсен – 1945 – يىلى قازا قىلغان ) قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە ئارۇز ئىلمىي ئىراننىڭ ساسانىيلار دەۋرىدىكى پەھلەۋىي تىلىدىكى شېئىر رېتىملىرىغا ئاساسەن كەشپ قىلىنغان⑭. ئىرانلىق ئالىم پەرۋىز ناتىل خانلىرى بىيرۇنىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگە ئاساسەن ئارۇزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەدىمقىي ھىندى سانسىكىرىت مەنبەلىرىگە تاقاپ: « بىيرۇنىنىڭ خاتىرىلىرى ۋە ئەرەپلەرنىڭ ئارۇز ئىلمى بىلەن ھىندىلەرنىڭ ۋەزىن ئىلمىدىكى ئوخشاشلىقلار شۇنداقلا بىر كىشىنىڭ بىر ئىلىمنى باشتىن ئاخىر يالغۇز بىراقلا كەشپ قىلىشى ئادەتتە مۈمكىن بولمايدىغانلىغىغا قاراپ، خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز قائىدىلىرىنى تۈزۈشتە سانسىكىرىتتىكى ۋەزىن ئىلمىنىڭ ئۇسۇللىرىغا تايانغان ( ئاساسلانغان ) ۋە ئارۇزنى شۇنىڭغا ئاساسەن تۈزگەن دەپ گۇمان قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلىمنى ئىجاد قىلغاندا ھىندىستان ۋە ھىندىلار بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسىدا بولۇپ كېلىۋاتقان بەسرە شەھرىدە ياشاپ تۇرغانلىغىمۇ بۇ سۆزىمىزنى تەسدىقلىيەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تەلەپپۇز تەرتىۋىدىن پايدىلىنىپ تۈنجى قېتىم تۈزۈپ چىققان ‹ كىتابۇل ئېين › (ئېين- ع - ھەرپى بىلەن باشلانغان كىتاب) ىمۇ ئەينەن سانسىكىرىتتىكى ھەرپ تەرتىۋىدىدۇر »⑮ دەپ يازىدۇ. ئارۇزنىڭ قەدىمقىي ھىندى مەنبەلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىگىنى تەكىتلەيدىغانلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىيرۇنىنڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ئاساس بولغان. بىيرۇنى بۇ ھەقتە خېلى تەپسىلى توختالغان بولسىمۇ، ئەمما،  ئۆزبېكىستانلىق ئالىم ئۇممەت تۇيچىيېۋ ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكى بىر ئابزاسنىلا يۇلىۋىلىپ، باشقىلارنىڭ بۇ سۆزنى خاتا مەنىدە چۈشەنگەنلىگىنى ئىسپاتلاشقا تېرىشىدۇ؛ « ئايرىم كىشىلەرنىڭ گومانىچە، خەلىل ئىبنى ئەھمەد ھىندىلاردا شېئىرلار ئۈچۈن ۋەزىن بارلىغىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇ ( ئەرەپ بېيىتلىرىنى ) قىسقارتىلغان بەلگىلەر بىلەن ۋەزىنلەشتە بىر مۇنچە مۇۋاپىقىيەت قازانغان ( زاتتۇر ) »⑯. ئۇممەت تۇيچىيېۋ بىيرۇنىنىڭ بۇ سۆزىنى ئىزاھلاپ : « ئەمما بەزى ئالىملار بىيرۇنىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى بۇزۇپ تەلقىن قىلىپ، خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز نەزىريىسىنى ھىندىيلاردىن ئالغان دىگەندەك خاتا مۇلاھىزىنى ھەم تارقىتىدۇ. ئەپسۇسكى بىيرۇنى بۇ مەنىدە سۆزلىگەن ئەمەس. ئەكرەم جەئفەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئارۇز ئىران ئىلمى تەسىرىدە كېلىپ چىققان دىگۇچىلەرگىمۇ، ئارۇز  ھىندى شېئىرلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى تەسىرىدە كېلىپ چىققان دىگۈچىلەرگىمۇ، ئارۇز گىرىك شېئىرلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى تەسىرىدە كېلىپ چىققان دىگۈچىلەرگىمۇ قوشۇلمايدۇ »⑰ دەپ يازىدۇ. يوقۇردىكى سۆزدىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئۇممەت تۇيچىيېۋ ئارۇز ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مەنبەلەرنى باشقا خەلقلەر شېئىرىيىتىدىن ئىزدەشكە تۈپتىن قوشۇلمايدۇ. ئۇ كرىمىسكىينىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگە تايانغان ھالدا ئەرەپلەرنىڭ سەجئنى ئۇزۇنلۇق جەھەتتىن تەڭشەپ، شېئىرغا يېقىنلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە رەجەز بەھرىنىڭ پەيدا بولغانلىغى ۋە شۇ ئاساستا كېيىنكى بەھرلەرنىڭ تەدرىجى كەشپ قىلىنغانلىغى توغرىسىدىكى قاراشنى ياقىلاپ، ئارۇز ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئەرەپلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىن بولۇپمۇ ئەرەپلەرنىڭ موزىكا ئىلمى جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن شېئىرىيەت ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىغىنى كۆپرەك تەكىتلەيدۇ⑱ . ئەمما، بىيرۇنىنىڭ مەزكۈر مەسىلە ئۈستىدە بايان قىلغان قارىشى يوقۇرىدىكى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. بىيرۇنى ئالدى بىلەن خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئارۇز قائىدىلىرىنى ئېلان قىلغانغا قەدەر ھىندىلادا شېئىرىيەت ۋە ۋەزىنگە ئائىت بار بولغان كىتاپلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارۇز ئىلمى بىلەن بولغان ئورتاقلىقلىرىنى تەپسىلى شەرھىيلەيدۇ. ئىرانلىق ئالىم پەرۋىز ناتىل خانلىرى بىيرۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى قەدىمقى ھىندى شېئىرىيەت نەزىيىسىگە تەدبىقلىغان ھالدا خىلى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىدۇ. ئارۇز ئاتالغۇلىرى بىلەن ھىندىلارنىڭ ۋەزىن ئىلمىدىكى ئاتالغۇلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى تىپىپ چىقىدۇ⑲ . شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ئىگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاشقا دائىر باشقا مەنبەلەر كەمچىل بولغانلىغى ئۈچۈن پەرۋىز ناتىل خانلەرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ئومۇمنىڭ بىردەك تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئارۇز ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەلىرىنى ئېنىقلاشتا بىر تەرەپلىمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن ئەرەپ تىلى، شېئىرىيىتى ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ ئۆزىنى چىقىش قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرەپلەر بىلەن ئۇزاق تارىختىن بويان قويۇق مەدىنىيەت ئالاقىسىدە بولۇپ كەلگەن پارىس تىللىق خەلقلەر، يونانلىقلار، ھىندىلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىشەنچلىك خۇلاسە چىقىرىش كىشىگە ئەرەپ ئارۇزچىلىغىدىن باشقا يەنە قەدىمقىي گىرىك، پارىس ۋە ھىندى شېئىرىيەت نەزىريىلىرى توغرىسىدا يېتەرلىك بىلىم ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىلا مۇيەسسەر بولىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئارۇز ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن مەنبەلەر ئۈستىدىكى تالاش - تارتىشلارنىڭ شۇنچە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغانلىغىغا قارىماي، ھازىرغىچە ئىلىم ساھەسىنى قائىل قىلغۇدەك بىرەر خۇلاسە چىقىرىلغىنى يوق. شۇڭا، ئارۇز قانداق مەنبە ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولمىسۇن ئۇ يەنىلا خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ نامى ۋە ئەرەپ شېئىرىيىتى بىلەن مۇستەھكەم باغلىنىشلىقتۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)3 u# S/ H5 x- i6 {$ \/ qئالاھىدە ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئارۇز ئىلمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئوتتۇرا ئاسىيادا 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن كېيىن يېڭىچە ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ دەۋرلەردە پارىس تىللىق ئەدەبىياتتىكى ئارۇزشوناسلىق ئىلمى بىلەن تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتىكى ئارۇزشوناسلىق ئىلمى ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنى قىززىقتۇرغان كونكىرىت تېمىلار خاراكتېر جەھەتتىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ ؛ (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ دەۋردە پارىس تىللىق ئەدەبىيات ئىران ۋە تاجىك ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنۈپ بولغانىدى. تۈرلۈك سىياسىي - ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىران ئەدەبىياتى بىلەن تاجىك ئەدەبىياتى ( ئىراننىڭ سىرتىدىكى پارىس تىللىق ئەدەبىيات ) ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە ئوخشىمىغان تىندىنسىيە ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان يۆلىنىشتە تەرەققىي قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ پەرقىي تەدرىجىي چوڭىيىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىي، ئىلمىي مىراسلارنى قېزىش ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە يەنىلا قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئارۇزشوناسلىققا دائىر ئەسەرلەرنى قايتا نەشىر قىلىش ۋە يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ۋەزنىي خوسۇسىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ . 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن كېيىن مەيلى ئىران ياكى تاجىك ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئىشلەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەربولسۇن ئۇلاردىكى ئورتاق خوسۇسىيەت شۇكى، بۇ دەۋردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالىملىرى ئۈچۈن ئارۇز ئىلمىگە دائىر مىراسلارنى قېزىپ، ئۇنى تېزدىن قايتا يورۇقلۇققا چىقىرىشتىن سىرت ئەرەپ ئەدەبىياتىدىكى ئارۇز قائىدىلىرى بىلەن پارىس تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇز قائىدىلىرىنىڭ پەرقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلاش ۋە پارىس تىللىق شېئىرىيەتكە تەدبىقلانغان ئارۇز ئىلمىنىڭ يېڭى شېئىرىيەتكە ماس كەلمەيدىغان تەركىپلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشرۈرۈش ئەڭ ئاكتىۋال تېما بولغانىدى. نەچچە ئون يىل جەريانىدا مەزكۈر تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆپلىگەن يىرىك ئەسەرلەر يېزىلىپ، ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بەزىلەر ئەرەپ ئارۇزى پارىس تىللىق شېئىرىيەتكە ھىچقانداق ئۆزگەرتىشسىزلا ئەينەن قوبۇل قىلىغان دىسە⑳  يەنە بەزىلەر ئەكسىنچە خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئۆلچەملەشتۈرگەن بەھرلەرنىڭ نۇرغۇنى ئەسلىدە ئەرەپلەردە يوق ئىدى، بۇلار پارىس تىللىق شېئىرىيەتتىن قوبۇل قىلىنغان دەيدىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى گەرچە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە تارىختىن قەپقالغان نۇرغۇن مۇجمەللىكلەرنى رۇشەنلەشتۈرۈشتە خېلىلا ئاكتىپ رول ئوينىغانىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)" y/ a( p: _! \- V6 Fبۇ دەۋردە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ناۋائى ۋە بابىر ئاساس سالغان ئارۇزچىلىق ئىلمى ئىلگىرىكى « تۈركىي تىللىق شېئىرىيەت » دىگەن ئومۇمىي گەۋدىدىن ھەرقايسى كونكىرىت مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا بۆزلەندۈرۈلۈپ، ئۆزبىك، ئۇيغۇر ۋە ئەزەربەيجان دىگەندەك بىر نەچچە مىللەتنىڭ شېئىرىيىتىگە تەدبىقلانغان ھالدا تەتقىق قىلىندى ۋە بۇ ساھەدە ئاز بولمىغان يىرىك ئىلمىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. بۇ گەرچە ئارۇز ئىلمىنىڭ دەۋر ئىھتىياجى بىلەن كونكىرىت تۈس ئېلىپ، ئىلگىرى دىققەتنىڭ سىرتىدا قالغان بەزى ئىنچىكە تەرەپلەرنى قېزىپ چىقىرىش، ئارۇز ئىلمىنىڭ قائىدە – قانۇنلىرىنى ئۆز – ئارا بۆلىنىپ، يېڭىدىن قېلىپلىشىۋاتقان تۈركىي تىللىرىنىڭ فونىتىك ۋە بوغۇم تۈزۈلۈشى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى يېڭى دەرۋدىكى شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە يول ئېچىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى مىللەتلەردە تەتقىقاتنىڭ دائىرىسى، سىجىللىغى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇپ، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىدا خېلى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ  يەنە بەزى مىللەتلەردە تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بۇ ساھەدىكى تەتقىقات بىر ئىزدا توختاپ قالغانىدى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىغى ئارۇز ئىلمى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان شىنجاڭدا بىر نەچچە بارچە ماقالىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ ساھەدە ھىچقانداق خىزمەت ئىشلەنمىدى .  (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇكى، چەتئەللەردە بۇ ساھەدە ئىشلەنگەن بەزى ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى خېلىلا يوقۇرى بولۇپ، ئۇلاردا تارىختىن بويانقى نۇرغۇن مەۋھۇملۇق ئىلمىي نوقتىدىن رۇشەنلەشتۈرۈلگەن،  قانۇنىيەتلەر ئەمىلىيەت يۈزىسىدىن شەرھىيلىنىپ، ئىجادىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە موۋاپىقلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرىدە قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن كۆرە ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئۇ ياكى بۇ بەھرىگە توغرا كېلىدىغان قايسى بىر قەدىمقىي قوشاقنىڭ ۋەزنىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق شۇنچە ئېنىق خاتېرىلەرگە پىسەنت قىلمىغان ھالدا ئارۇزنىڭ خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئىجادىيىتىدىن ئىلگىرىلا ئۇ ياكى بۇ خەلقنىڭ شېئىرىيىتىدە مەۋجۇتلىغىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇش خاھىشى خېلىلا ئېغىر دەرىجىدە ئىپادىلەنگەنىدى. شىنجاڭدىمۇ ئارۇز ئىلمىنىڭ ھەقىقىي تارىخىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خىل ئورۇنۇشلار بىرەر ئۆنۈملۈك نەتىجە بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئارۇز ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىجاتچىسى ۋە تارىخىي تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇجمەللىكنى پەيدا قىلدى .
(http://bbs.oylirim.cn)3 X) K, A& S& I% P. oئارۇز ئىلمىي توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە بىر نەرسىنى ئالدىن ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ شېئىر ۋە ۋەزىن چۈشەنچىسىدۇر. شېئىر بىر خىل سەنئەت سۈپىتىدە پەيدا بولغان كۈندىن تارتىپ ۋەزىنمۇ ئۇنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمى ئىدى. شۇنداق ئېيىتشقىمۇ بولىدۇكى ۋەزىن بولمىسا شېئىرمۇ بولمايدۇ. ۋەزىن شېئىرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى. قەدىمقىي قوشاقلارمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە . تاۋۇشلۇق تىللارنىڭ ھەرقاندىغى جۈملىدىن روس ۋە ئەنگىلىس تىللىرىدىكى ۋەزىنلىك شېئىرلارنىمۇ ئارۇزنىڭ ئۇ ياكى بۇ بەھرىگە چۈشۈرۈشكە بولىۋىرىدۇ. لېكىن ئۇ ئېنگىلىس ۋە روسلاردىمۇ ئارۇز ۋەزنى مەۋجۇت ئىدى دىگەن چۈشەنچىنى بەرمەيدۇ. خۇددىي شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى قوشاقلار ۋە قەدىمقىي شېئىرلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا ئىجات قىلىنغان ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئۇ ياكى بۇ بەھرىگە توغرا كېلىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئارۇز ۋەزنى خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ ئىختىراسىدىن ئىلگىرىلا ئۇ ياكى بۇ خەلقنىڭ شېئىرىيىتىدە مەۋجۇت ئىدى دىگەندەك قاراشقا دەلىل بولالمايدۇ. ۋەزىن ھەرقانداق بىر شېئىرىيەتتە مەۋجۇت بولىدىغان قانۇنىيەت. تاۋۇشلۇق تىللاردىكى ھەرقانداق شېئىرنىڭ ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئۇ ياكى بۇ بەھرىگە توغرا كېلىپ قېلىشى دەل شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىندىن ئىبارەت ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ ئارۇز ۋەزنى نەزىريىسى ئەمەس. يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى شېئىرىيىتىدە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولغان ۋەزىن – ئاھاڭدارلىق ۋە رېتمىي قانۇنىيەت تۈنجى قېتىم ئەرەپ ئالىمى خەلىل ئىبنى ئەھمەد تەرىپىدىن بايقالدى. ئۇ ئۆزى بايقىغان قانۇنىيەتلەرنى مەلۇم ئاساستا رەتلەپ، يېڭى ئامىللار بىلەن بېيىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئۇنى بىر مۇكەممەل نەزىرىيە سۈپىتىدە تۈنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شېئىرىي ئەسەرلەردە ئىنسانلارنىڭ ھېسىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنى ھاياجانغا سالالايدىغان ئامىللاردىن ئاڭلىق يۆسۈندە بايدىلىنىش ئۈچۈن  كەڭ يول ئاچتى. شۇڭا ئارۇز ئىلمىنىڭ خەلىل ئىبنى ئەھمەد تەرىپىدىن بىر نەزىرىيە سۈپىتىدە تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئەرەپ بولغانلىغى ھەم بۇ نەزىرىيىنى كەشپ قىلغاندا ئەرەپ شېئىرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىنى ئاساس قىلغانلىغى – ئارۇز ئىلمىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئەرەپ ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەنلىگى ھىچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىلمىي پاكىتتۇر. ئۇنىڭ بىر ئاددىي نەزىرىيىدىن تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەل بىر نەزىريىۋىي سىستېمىغا ئايلىنىشى ۋە ئەرەپ ئەدەبىياتىدىن ھالقىپ، يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى – پارىس - تاجىكلار ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ شېئىرىيىتىگە تەدبىقلىنىشى بولسا كېيىنكى ئىش بولۇپ، ئۇ نەچچە ئەسىر مابەينىدىكى ئاز بولمىغان ئالىملارنىڭ ئورتاق تېرىشچانلىغىنىڭ مەھسۇلىدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn): B3 _, w* ~, ~ مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 05:33 , Processed in 0.590080 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش