ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17600|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىسخىكا ۋە ھېكايىچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پ
ىسخىكا ۋە ھېكايىچىلىق(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)( \( K! E. |: i, u  `سۇلتان مەقسەت
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)% A! x0 n0 D+ B4 C  ئەدەبىياتىمىزدا ئادەم پىسخىكىسى ۋە مىللەت پىسخىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ياكى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىنسان پىسخىكىسىنى ئۆزىگە بېقىندۇرىۋالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەسەرلەرنىڭ بازارلىق ئەسەر بولىۋاتقانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ مەدەنىيەت قىياپەت-مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئىنسان تەبىئىتى بىلەن توقۇنۇشقان ھالدا خېلىلا چوڭقۇر ئۇچرايدىغانلىقى ئەمىلىيەت. شۇڭا ئىنسان پىسخىكىسى ھەم تەبىئىي ئىپادىلىنىش ھەم ئىجتىمائىي تەسىرنىڭ ئىپادىلىنىشى. مەدەنىيەت قىياپىتىنىڭ قانداقلىقىغا دەل ئىنسان پىسخىكىسى ئارقىلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)% d; d# T* {4 t& O4 yمەدەنىيەت بىلەن ھېسسىيات ھەم توقۇنىشىدۇ ھەم بىرىكىپ كېتىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئىتى بىلەن ئىجتىمائىلىقى بىر-بىرىنى رازى قىلالمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنى رازى قىلدۇرمايۋاتقان سەۋەبنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشنى ئىستەيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)4 `0 r; x5 Y: Qمەن ئۆمەرجان سىدىقنىڭ « تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 1994-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان سىدۇدېنتلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھېكايىسى «بولۇمسىز سىتۇدېنت»نى ئوقۇپ چىقىپ، ئادەم تەبىئىتى بىلەن ئادەم پىسخىكىسى، مۇھىت بىلەن مەدەنىيەت خاسلىق ئارىلاشما تەڭپۇڭسىزلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆز-ئۆزۈمنىڭ قانائەتسىزلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ئىستىداتىغا بولغان قايىللىقىمنى بىلدۈرەلمەي تۇرالمىدىم. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئىنساننىڭ تەن تەبىئىتى، ئىنسان پىسخىكىسى، سىتۇدېنتلار تۇرمۇش ئەھۋالى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئالى مەكتەپ مائارىپ قۇرۇلمىسى، ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار ناھايىتى يىغىنچاق، ئاممىباپ پىكىر-جۈملىلەر بىلەن جەمىيەتكە، ئادەملەرگە، سىتۇدېنتلارغا، ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىپ بىرىلگەن. ئۈستۈن ماھارەت بىلەن قوللىنىلغان مەنتىقىلىق پىكىر بايان قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ ھېچقانداق تاشقى بېسىمغا ئۇچرىمىغان بىر سىتۇدېنتنىڭ ئىچكى زىددىيىتىدىن كىلىپ چىققان سىتۇدېنت مەنىۋى قاتلىمىدىن ھالقىپ كەتكەن ھالدا مەلۇم مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئومۇملىقنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئېچىندۇرۇش ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش مەقسىدىگە يەتكەن. ماھارەتلىك قەلەم ئىگىسى ئادەمنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى، ئىككىلىنىش، پەرۋاسىزلىقىنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ تۇرۇپ، ئادەمنى، ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى، جەمىيەتنىڭ مەلۇم كەسپى تارماقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى ھەم مەزكۇر مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى تۇرمۇش ئادىتى، ئىنسانلىق قارىشى، ئىنسانلىق قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى قاتارلىقلارنى تەپەككۇر تىلىنىڭ مەنتىقىلىق ئىقتىدارى ئارقىلىق ئادەمنى قايىل قىلىۋەتكۈدەك كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى زىددىيەت-مەنتىقە بىلەن تولۇپ كەتكەن بولغاچقا، بۇنداق ئۇسلۇبتىن چەتنەپ كىتىلىپ ياخشى ئەدەبىي ئەسەر ياراتقىلى بولمايدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىنساننىڭ تەن تەبىئىتى ئوزۇقلۇققا مۇھتاج، ئۇيقۇغا مۇھتاج، جىنسى پەرق تەلپۈنۈشىگە مۇھتاج، سوغاقتىن قورقىدۇ، ئىسسىقتىنمۇ قورقىدۇ. ئۇرۇپ-دۇمبالىنىشتىن قورقىدۇ، ئاغرىق-سىلاقتىن قورقىشتىنمۇ ئېغىر ئازابلىنىدۇ. ئادەمدىكى ئېھتىياج بىلەن قورقۇش بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغان پىسخىكىلىق ھالەت بولۇپ، ئېھتىياج قورقۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ.  قورقۇش ئېھتىياج قانمىغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ، ئادەمنىڭ ئېھتىياجى مەڭگۇ قانمايدۇ. بۇ ئادەم بەدىنىڭ سىرى يەنى بەدەن ھەرىكەتتىن توختاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنىڭ سەۋەبى ئېچىلمىغان مۇشۇ دەۋردە ئادەم بەدىنى نېمە ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، بەدەندىكى قان نېمە ئۈچۈن ئايلىنىدۇ، دېگەن سۇئالدىن ئادەم بەدىنى قۇرۇلمىسىنىڭ ھەرىكەت سۈركىلىش-قىزىشىدىن ئادەم بەدىنىدە ئېھتىياج، ھەۋەس، تەشنالىق، قانائەتسىزلىك بولىدۇ، دېمەي تۇرالمايمىز. ئاچ قالغان ئادەمنىڭ ئوزۇقلۇققا قانغاندا پەيدا بولىدىغان راھەت-سىزىملىك ئىلكىدە ئازاب-قىينىلىشنىڭ بولماسلىقى، جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئادەمنى شېرىن مەستخۇشلىققا ئېلىپ بېرىشى قاتارلىق ئىنسان تەن تەبىئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 H+ }, A0 P0 Tئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېھتىياج، ھېس-تۇيغۇسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئۆزىگە خاس تەسسىرى تۈپەيلىدىن ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئوخشىماسلىق كىلىپ چىقىدۇ. ھەر بىر ئادەمدە ئايرىم پىسخىكا بولىدۇ، مانا مۇشۇ پىسخىكا ئادەملەرنى بىر-بىرسىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ، پىسخىكا نۇقتىدىن چىقىپ سېلىشتۇرىلىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئادەم پىسخىكىسىنىڭ يۈكسەك-ناچارلىقى، ئاجىز-كۈچلۈكلىكى، چوڭقۇر ياكى تېيىزلىقى، ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بەدەن قۇرۇلمىسى ئادەمنى ئىپادىلەپ تۇرسا، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ئادەمنى نامايەن قىلىپ  تۇرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn), _3 Q! Q0 @( dبولۇمسىز سىتۇدېنت بولۇپ نامايەن بولغۇچى مۆمىن پىسخىكا جەھەتتىن بىچارىلىققا پەرۋاسىز قارايدىغان (ئۇنىڭدا بىچارىلىق ھەم بىچارىلىقنىڭ ئەكس ھالىتى ئاڭ-چۈشەنچىسى شەكىللەنمىگەن)، پەقەت ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ ئېھتىياج-تەلىپىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەت قىلىپ، سوغاقتا توڭلاپ قېچىپ، قارشى جىنىستىكىلەرگە تەشنا بولۇپ، چۈش كۆرۈپ، قورسىقى ئاچقاندا تاماق يەپ، ئوقۇتقۇچىغا نېمە دېگۈسى كەلسە شۇنى دەپ ئىختىيارسىز ھالدا مەقسەت-مۇددىئاسىز ياشاپ كېتىۋاتقان سىتۇدېنت قالپاقلىق ئىنسان بولۇپ، بۇ بىر مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىلىق ئىپادىلىنىشىنىڭ ، جۈملىدىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر سىتۇدېنتلىرىنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيىتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئادەمنىڭ مەنتىقىلىق تەپەككۇر قىلىش ماھارىتى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئىپادىلەپ چىقىشى، ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشى، ئۆز-ئۆزىنىڭ مەنىسىزلىكىنى يارىتىپ ھېس قىلىپ يېتىشى، ئويلاپ باقماي تۇرۇپ ئۆزىنى قىينىشى، بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنى قىينىشى، ئىجتىمائىي مۇھىتتىن بىزار بولۇپ يۈرگۈچىلەرنىڭ تۆۋەن ئىقتىدارلىق مەدەنىيەت ئاساسىدا ئۆسۈپ يىتىلىش ئىكەنلىكى ئېچىپ بېرىلگەن. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئادەمنىڭ قانداق قىممەتنى نامايەن قىلىشى، يۈكسەك ئورۇنغا كۆتىرىلىشىمۇ قانداق پىسخىكىنى يېتىلدۈرىشىگە باغلىق. مەزكۇر ھېكايىدىكى مۆمىن ئادەم ئېچىنىش ئىچىدە كۈلكە ئاستىغا ئالىدىغان سىتۇدېنت پىرسۇناژ، مانا مۇشۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مۆمىن پىرسۇناژ ۋاقىت لىنىيىسىدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سىتۇدېنتلارنىڭ ئەخمىقانە بىچارىلەرچە تۇرمۇشى مۆمىننىڭ ئېچىنىشلىق ياشلىقىغا تولۇقلىما ھالدا بىرلىشىپ كەتكەن. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ ھېكايە 1990-يىلى قەشقەردە يېزىلىپ مانا ئەمدى ئۋلان قىلىنغان بولسىمۇ، مۆمىندەك تىرىك پىرسۇناژلار ھېلىھەم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ھەقىقەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلە ئەلۋەتتە سىتۇدېنتلارنىڭ نېمە ئۈچۈنكىن ئىنتايىن بىچارە يىتىلگەن پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا سىتۇدېنتلار تەربىيەسىز قېلىۋاتامدۇ؟ سىتۇدېنتلار تەربىيەسىز ھالغا چۈشۈپ قالسا باشقىلار قانداق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟ ئۆمەرجان سىدىقنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ بولسا كېرەك. ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى قۇتقۇزغۇچىلار ھېسابلىنىدىغان سىتۇدېنتلارنىڭ بولۇمسىزلىك دولقۇنىغا دۈچ كىلىپ قالغانلىقى مانا مۇشۇنداق پىسخىك نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەندە، سىتۇدېنتلار دۇنياسىدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى، دەرت-ئەلەملىك ھېسسىياتى، ساددا بىچارىلىقىدىن ئالدىنىپ كىتىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالى، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى رىئاللىقنىڭ ئىنكار قىلىشى قاتارلىقلارنى تېما قىلغانغا قارىغاندا كىتابخانلارنىڭ روھىغا بەكرەك تېگەلەيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)5 [+ C5 i6 v1 |- P: Wئادەمنى تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى زىددىيەت ئىچىدە ئىنچىكىلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، بىر ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بىرىشتە، ئۇنىڭ پىسخىك-خارەكتېرىنى كۆرسىتىپ بىرىش كېرەك. «بولۇمسىز سىتۇدېنت» ئەنە شۇنداق ئۇيغۇر سىتۇدېنتلىرىنىڭ پىسخىكىسىغا بىرىلگەن باھا. سىتۇدېنت سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان تەپەككۇرسىزلىق، غايىسىزلىك، ئىرادىسىزلىك، ئىقتىدارسىزلىق، نەزەر دائىرىسى تار مۇناسىۋەت ماھارەتسىزلىكى، يىگانە چۈشكۈنلۈك، بىغەم ياشلىق، مۇستەققىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بولماسلىقى، ئۆزىنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدىغانلىقى، كەيپىياتتىكى ئىزچىل مىسكىنلىك، جىمغۇرلۇق، مۆرىمەسلىك، ھاياتلىققا گۈزەللىك-تەسەۋۋۇر نۇقتىسىدىن قارىيالمايدىغانلىقى، زادى ئادەم كۈتكەندىكىدەك بولمايۋاتقان سىتۇدېنتلار قىياپەت-پىسخىكىسى.
(http://bbs.oylirim.cn)4 ~5 a2 @0 Z5 g  پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پىسخىكىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەب-مەنبەسى ئوخشاش بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 U6 _2 ]: U8 R3 a4 }  ئىنسان تەبىئىتىدە يوشۇرۇن ئاڭ-قانائەتسىزلىك، جىنسىي قارىمۇ-قارشىلىق تەلپۈنىشىدىكى چەكسىز جىسمانىي ۋە روھىي ئېھتىياج بولىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسىنىڭ ئەكسىچە بولۇشى، جىسمانىي بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگ بولماسلىقى ئادەم ئېڭىغا ئاجىزلىق چۈشەنچىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە ئادەملەر ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئىنسان ياشىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆلۈم تەسەۋۋۇرىنى ئۆزىگە يۇقتىرىۋالىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدىكى تەبىئىي قانائەتسىزلىك، ئىجتىمائىي نارازىلىق-قورقۇش، تەبىئىي ئاجىزلىق-ئېھتىياج قانماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىنسانلاردا مۇرەككەپ پىسخىكا كىلىپ چىقىدۇ. بۇ پىسخىكا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت-ئىدىئۇلوگىيە بىلەن بىرلىشىپ (سىڭىشىپ) يۈكسەك-پاسسىپ پىسخىك قىياپەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. پىسخىكا بىلەن مەدەنىيەت ھەم بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ ھەم بىر-بىرسىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسىسى ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسان پىسخىكىسىنى يۈكسەكلىككە كۆتىرىش ئارقىلىق مەدەنىيەت قىياپىتىنىڭ مەۋجۇتلىق قىممىتىنى گۈزەللىك نۇقتىسىغا كۆتىرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات پىسخىكىنى مەسخىرە قىلىشى، ئۇنىڭغا ئېچىنىشى، ئۇنى تەھلىل-مۇھاكىمە قىلىشى، يەنە شۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىپ بىرىشى كېرەك. چۈنكى، ئادەملەر باشقىلار ئارقىلىقلا ئۆزىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" h8 T# t& k5 G* h: {' @6 V2 [% ?  ئەمدى مۆمىننىڭ ئەرزىمەس پىسخىكىسىغا كەلسەك، بۇنداق ھالەتنى مەدەنىيەت مۇھىتى-ئائىلە تەربىيىسى (ئەقىل، ئوزۇقلۇق، ھەرىكەت) ۋە مۇكەممەللەشمىگەن جەمىيەت تەربىيەسى (مائارىپ، سەنئەت، نەشرىيات، ئىقتىساد، قاتناش ئەھۋال قۇرۇلمىسى) ئىختىيارسىز شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئۆلۈم تەسەۋۋۇرى ھەركەت قىلدۇرغۇچ شەرت بولغان بولۇپ، ئىجتىمائىي شارائىت ناھايىتى ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چوڭ بولۇشتا مەقسەت-مۇددىئاسىز بولۇپ قالغان مۆمىندا مۇشۇنداق پىسخىكا شەكىللەنمەي قالمىغان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مۆمىن ھەر قېتىم ئىچكى زىددىيەتكە دۈچ كەلگەندە خۇددى نېمە قىلىشنى بىلمىگەندەك ئىختىيارسىز ھالدا ئۇخلاپ قېلىپ چۈش كۆرىدۇ. ھەر قېتىمقى چۈشىدە ئوخشاشلا ئاق مۆشۈكنى كۆرىدۇ. ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ئىلكىدە ئۇخلاۋېتىپ چۈشۈدە نەپەسلىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ھەممە چۈشىدە سۈيى لايداپ كەتكەن كۆلنىڭ بويىدا كېپىنەك قوغلاپ يۈرۈيدۇ. ..
(http://bbs.oylirim.cn); {# C/ b/ k1 z1 V& uئىنساندا قانداق روھى بېسىم ۋە تەشنالىق بولسا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چۈش كۆرمەي قالمايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 G% ^4 d$ W2 Q5 Z+ [  J/ d7 tئاق مۆشۈك-ئاقلىق، ساپ-سۈزۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق بىلەن ھەرگىزمۇ بۇغۇلۇشنى، بۇغۇلۇپ ياشاشنى ياقتۇرمايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)( H! m7 _7 \' G7 W! Lمۆشۈكنىڭ خارەكتېرى بويىچە بۇغۇلۇپ قېلىشنى خالىماسلىقى ئەركىن ياشاش ئىستىكىدىن باشقا گەپ ئەمەس. ئۇنداقتا مۆمىن ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئۇلۇغلىقىدىن ئەكسىچە ئىچ-ئىچىدىن سىقىلىش، مۇھىتنىڭ بۇغۇۋېلىش ھالىتىگە كىرىپ قالغانمۇ؟ ئىنسان تەبىئىتى ئەركىنلىكنى ھەقىقەتەن دەپ بىلىدۇ. ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەقىقەت ئاجىز بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان تەبىئىتى بۇغۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن مۆمىن ئىجتىمائىي مۇھىت تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قالغان. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇپ قېلىشى ئۇنىڭ تەبىئىي جەھەتتىن بۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يازغۇچى بۇ يەردە يۇشۇرۇن ئاڭ تۇيغۇسى بىلەن ئۇيغۇر پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسان قانداق ئىچكى زىددىيەت-توقۇنۇشقا پېتىپ قالغاندا-ئۇخلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يۈرەك سوقۇپ، ئۆپكە نەپەس ئېلىپ، قان ئايلىنىپ، مېڭە سەزگۈرلىكىنى ساقلاپ (مەسىلەن، ئۇخلاۋاتقان بىر ئادەم باشقىلار ۋارقىرىغاندا ئويغانماي قالمايدۇ. ئۇنداقتا ئادەم ئۇخلاپ قالغاندا قايسى ئەزا ئادەمنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ) تۇرغاچقا، ئادەمنىڭ ئويغاق ھالىتىدىكى ئۆز-ئۆزىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان تىت-تىتلىق، بىئاراملىق-روھى زىددىيەتلەر ئادەمنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىگىمۇ شۇنداق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئۇخلاپ قالغان بىلەن بەدەن ئوخشاشلا مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قالالايدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئادەم تەتقىقاتىدا يۇشۇرۇن ھاڭ ھالىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىش ئادەمنى ئەسلى تەبىئىتى بويىچە چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)/ D: [* Z6 K. S% ]' k  ئۆمەرجان سىدىق كۆرسىتىپ بەرگەن سىتۇدېنت ئادەم پىسخىكىسى بىلەن ئۇيغۇر پىسخىكىسى ئايرىملىق ئىچىدە بىرلىشىپ كەتكەن پىرسۇناژ. جەمىيەت قاتلىمىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىكى سىتۇدېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل ئاجىز پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مەركەزلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ تالانتى ئەلۋەتتە.
(http://bbs.oylirim.cn), E* p' k/ t4 h7 Z; f+ c- s; V  غەرپ ئەللىرى ئەدەبىياتى ئۆز بازىرى ھەم تەسىرى نۇقتىسىدىن چىقىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرىلىدىكەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بازىرى چىقماسلىقى ۋە تەسىر قوزغىيالماسلىقى ئىنسان تەبىئىتى، پىسخىك خارەكتېرى نۇقتىسىدىن چىقالماي ھادىسەشۇناسلىق يېزىقچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىمىزنى ئەخمەق ئېتىپ يۈرگەنلىكىمىزدىن باشقا گەپ ئەمەس. ھادىسە ئىنساننىڭ پىسخىكىسىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىقىدۇ. ئىنسان پىسخىكىسى ئۆزىگە ماس ھالدا ھادىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ھادىسە بىلەن پىسخىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئادەم پىسخىكىسىنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. پىسخىكا ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ، يىتەكلەيدۇ. ئەدەبىياتتا تىپ يارىتىشتا ئىنسان خارەكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرتۈشنى مۇھىم بىلىش كېرەك دېگەنلىكمۇ ئادەم پىسخىكىسىنى ناماياەن قىلىڭ دېگەنلا گەپ. سەلبى-ئىجابىي دېگەن سۆزلەرمۇ ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ قانداقلىقىغا قارىتىلغان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئادەمدىكى چۈشكۈنلۈك، زىرىكىشتىن قۇتۇلالماسلىق، بىكارچىلىقتىن ئازات بولالماسلىقمۇ پىسخىكىلىق ئىپادىلىنىش خالاس. بۇنى ئەدەبىياتتا قانداق ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىش پەقەتلا ماھارەت مەسىلىسى، يازغۇچىنىڭ تالانتى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شۇنچىۋالا ئاز ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭمۇ تەھرىر-ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بازار تاپالماسلىقى، خېلى كۆپ ئەسەرلەرنىڭ تۆنۈگۈن ئوقۇسا بۈگۈن ئادەمنىڭ ئېسىدە قالماسلىقى، يەنە شۇنداقلا ئادەمنى قىزىقتۇرالماس ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسىدە قەلەمكەشلەرنىڭ ئىز-بازارلىرىدا يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش بدرلىققا كېلىۋاتقانلىقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئادەمنى تۇنۇمىغانلىقىدىن باشقا گەپ ئەمەس.
(http://bbs.oylirim.cn). u; [; H7 n' x8 ~. a  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىسخىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلار باھا بىرىش، ئۇيغۇرلانى تۇنۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپادىلىنىش قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. پىسخىلوگىيە، ئەخلاق، ئىستىتىكا، پەلسەپە نۇقتىسىدىن تەڭ چىقىپ، ئۇيغۇر پىسخىكىسىنى بازارغا سېلىش كېرەك، بازارغا يارامدۇ-يوق، كىتابخاننىڭ ئىستىتىك كۆز قارىشىغا باغلىق. پىسخىكىنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ. پىسخىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى يارىتىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئۆمەرجان سىدىق ئۆزگىچە ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر سىتۇدېنت پىسخىكىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. سىتۇدېنت پىسخىكىسى كۈتمىگەن يەردىن ناھايىتى زەئىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئۆز پىسخىكىسى توغرۇلۇق تېخى ئويلانغىدەك بولمىدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  مەن ئۆمەرجان سىدىقنىڭ پىسخىكا نۇقتىسىدىن چىققان ئەسەرلىرىنى مەتبۇئات يۈزىدە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن (گەرچە بۇ تەلىپىم قانائەتسىزلىك بولسىمۇ). (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
  ئاخىرىدا شۇنى دەۋالاي، ئادەم ئۆلچەمگە چۈشمەيدىكەن، ئەلۋەتتە ئادەم توغرۇلۇق توختىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولمايدۇ. شەرت باشقىلارنى قايىل قىلىش.  
(http://bbs.oylirim.cn)9 Z, c1 h/ s$ a% c
(http://bbs.oylirim.cn)0 I0 m7 |: Z6 |$ d0 r: {, j" o( «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ 1995-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان)  
(http://bbs.oylirim.cn)) b  y4 N( i- z& Q

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:05 , Processed in 2.368394 second(s), 35 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش