ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)( O: E) a7 D: A; q9 e بۇرۇن بىر ياش رەسسام بولۇپ، ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرى ئىنتايىن تەستە سېتىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ داڭلىق بىر رەسسامنىڭ سىزغان رەسىملىرىنىڭ داۋاملىق باشقىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ناھايىتى تېز سېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)* A5 y6 M9 Z& s, Z9 u* K
(http://bbs.oylirim.cn)0 f; }/ o0 [8 {7 S& j1 x+ j0 U ياش رەسسام: «مېنىڭ بىر پارچە رەسىمنى پۈتتۈرۈشۈمگە بىر كۈنمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنى سېتىپ بولۇشۇمغا بىر يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سوراپتۇ. داڭلىق رەسسام: «ئۇنداقتا سىز بۇنى ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ» دەپتۇ. «ئالماشتۇرۇپ؟» تەئەججۈپلىنىپ سوراپتۇ ياش رەسسام. «توغرا، ئالماشتۇرۇپ! يەنى سىز بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر پارچە رەسىم سىزىپ بېقىڭ، ئۇنى چوقۇم بىر كۈندە سېتىپ بولالىشىڭىز مۇمكىن» دەپتۇ داڭلىق رەسسام. «بىر يىلدا ئاران بىر پارچە رەسىممۇ؟ نېمىدىگەن ئاستا» دەپتۇ ياش رەسسام. داڭلىق رەسسام: «توغرا، ئىجادىيەت بىر جاپالىق ئەمگەك، كۆڭلىڭىزدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ۋە بىر قاتار جاپالىق جەريانلارنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. قېنى ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ بېقىڭ» دەپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ياش رەسسام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، كۈندە دېگۈدەك ئەستايىدىل مەشق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن رەسىم سىزىشقا كىرىشىپتۇ ۋە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كۆڭۈلدىكىدەك بىر پارچە رەسىمنى سىزىپ پۈتتۈرۈپتۇ. دېگەندەك، بۇ بىر پارچە رەسىمنىڭ بازىرى چىقىپ، بىر كۈندىلا ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىلىپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇنداق، «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن». ھەر قانداق نەتىجە ئىزچىل تىرىشىشتىن كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز ۋە قىلغان ئەجرىڭىز بىلەن ئېرىشكەن نەتىجىڭىز
(http://bbs.oylirim.cn)- u9 _2 [( _4 `! a7 i' K) C) S9 l كۆڭلىڭىزدىكىدەك ياخشى بولمىسا، قېنى سىزمۇ ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈڭ!