گۈل - ئۇ كۆڭۈل،ئۇ گۈزەللىك ئەلچىسى.گۈل ئەزەلدىنلا كىشىلەرنىڭ قەلب ئىزھارى سۈپىتىدە قولدىن قولغا تۇتقانلىرىدا ئۇنىڭ قەلبىگە قانچىلىك دەرد،ئازاپلارنىڭ يۇشۇرۇنغىنىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟..... بۇلبۇل گۈلگە ئاشىق بولدى،ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئىشقىدا زوق-شوق بىلەن سايرىدى،ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ئەس ھوشىنى يوقاتتى،ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىپ كېتەلمەي يۈرەكلىرى پۇچۇلاندى.بۇنى گۈلمۇ بىلەتتى،ئۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى.ئۇ تاڭ سەھەرنىڭ ساباسىدا ئېچىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىدە بۇلبۇل ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە توختىماي ناخشا ئېيتىپ چاڭىلداپ سايرايتتى.ئاخىر بىر كۈنى بۇلبۇلنىڭ كۆڭلىدە بىر ئوي پەيدا بولدى:ئۇ گۈلنىڭ سەھەردە ئېچىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرمەكچى بولۇپ كۈنبويى گۈلگە ھەمراھ بولۇپ توختىماي كۈننى تۈنگە ئۇلاپ گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتەتتى.لېكىن ئۇ ھەر كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇخلاپ قالاتتى. بۇ ۋاقىتتا گۈل يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە ئىدى.تاڭ شەپىقىدە گۈل پورەكلەپ ئېچىلدى.لېكىن بۇلبۇل گۈلنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرەلمىدى.بۇ ئەھۋال كۈندە تەكرارلىنىۋەردى......تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇلبۇل گۈلنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرەلمىدى...تاڭ سەھەر گۈلنىڭ بەرگىدە شەبنەم تامچىلىرى يالتىرايتتى.ئېنىقكى بۇ گۈلنىڭ كۆز ياشلىرى ئىدى....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇنىڭ ئازاپلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت شۇ شەبنەملا بىلەتتى...بۇلبۇل ئۇنىڭغا ئاشىق،لېكىن ئۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالغانىدى:يار ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن ھەقىقىي پاك نىيەت ۋە سەۋىرچانلىق بولۇشى كېرەك،يېرىم يولدا توختاپ قالغۇچىلار پەقەت بىر مەغلۇبىيەتچى خالاس....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىسىڭدىمۇ جېنىم،مەن بۇ گۈل رىۋايىتىنى نەقەدەر ياقتۇراتتىم ھە!شۇنداقلا مەن سەندىن ئۇشبۇ رىۋايەتتىكى بۇلبۇلدا كەم بولغان پاك نىيەتنى تەلەپ قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە،سەمىمىيەتنى،ۋاپانى كۈتەتتىم.ئەمما <<ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ>> دېگەندەك،سەن دەل ئەكسىنىلا ماڭا <<ھەدىيە>> قىلدىڭ!سېنىڭ بۇ تۇيۇقسىزلا قىلغان <<سوۋغىتىڭ>> مېنى گاھ گاڭگىراتتى،گاھ يىغلاتتى.مۇھەببەتنىڭ بىركۆزى جەننەت بولسا بىر كۆزىنىڭ دوزاخ بولىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەنمۇ ئىشەندىم.
(http://bbs.oylirim.cn)% v3 X% j; }- p/ P' E
(http://bbs.oylirim.cn); I4 }# |; w9 ^& T- H شۇنداق بىر ۋاقىتلار بولغان...سۆيگۈ گۈلشىنىدە،مەن بىر تۈپ گۈل ئىدىم،سەن بولساڭ گۈل ئىشقىدا توختىماي ساز قىلىدىغان بۇلبۇل ئىدىڭ!سېنىڭ شۇ مۇڭ كۈيۈڭ تۆكۈلگىنىدە مۇھەببەتنىڭ تۇمانلىرى مېنى قارىغۇ قىلىپ قويغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قاپتىمەن.ساڭا ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك ئىشەنگىنىم ئۈچۈن،مەنمۇ ھەم سەن ئۈچۈن پەقەتلا سەن ئۈچۈن ھەر بىر تال بەرگىمدىن خۇش پۇراق تارقاتقانىدىم.ئەمما ئاقىۋەتتە ئۇ ئىشەنچ مېنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئازابىمنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان!!! بىز ئىنسانلار ئەنە شۇنداڭ ئىكەنمىز،ئاينىڭ ئون بەشىنىڭ يورۇق ئون بەشىنىڭ قاراڭغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بىلەن،بەخىت ۋە ياكى ئازاپنىڭ،بالا قازا ياكى خۇشاللىقنىڭ قايسى كۈندە كېلىدىغانلىقىنى بىلسەك كاچكى..... ئويلاپ قالدىم،بەزى ئىشلارنى قانچىكى چۈشەندۈرگەنسىرى،شۇنچە تەتۈرىسىگە يېنىپ كېتىدىكەن،قانچىكى ئەزىزلىگەنسىرى،شۇنچىكى بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىپ قۇيىدىكەن.شۇنداق ئەمەسمۇ،سەن گەرچە باشقا گۈللەر ئۈچۈن كۈي ناۋا قىلساڭمۇ مەن يەنىلا سەندىن ئۈمۈت كۈتكەن،سېنى تېخىمۇ ئەزىزلىگەن،ئەمما سەن مەندىن بىزار بولدۇڭ،زەمبىرەك ئوقى يالىتىلغان سۆزلىرىڭنى ئايىماي قىلدىڭ!مېنىڭ يۈرەك باغرىم شۇ ئاچچىق سۆزلەر تۈپەيلى تىتما-تىتما بولۇپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن ھەقىقەتەن يىغلىدىم،كۆزۈمدىن ئەمەس يۈرۈكۈمدىن يىغلىغان.شۇنى بىلگەنىدىمكى:ئادەمنىڭ يۈرۈكىدىن چىققان ياش ھەقىقەتەنمۇ ئازاپلىق بولىدىكەن.ئەمما سېنىڭ يۈرۈكىڭ گاسمۇ ئەيتاۋۇر،مېنىڭ يۈرەك زارىمغا قۇلاق سالمىدىڭ!ئەگەر قۇلاق سالغان بولساڭ،ئىشىنىمەنكى يۈرۈكۈڭ تاشتىن بولسىمۇ ئېرىپ كىتەتتى.ئەپسۇس.....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەمما رەببىمىز ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ھاجەت ئۈچۈن كۆتۈرگەن قوللارنى قۇرۇق ياندۇرمايدىكەن. مەن ئەنە شۇنداق قاتتىق ئازاپلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئاللاھ ماڭا شۇنداڭ بىر تورداشنى،شۇنداق بىر دوستنى ئەۋەتتى.مەن ئۇنىڭ تەسەللىي سۆزلىرى ئىچىدىن،ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھەدىسلىرى ئىچىدىن ھاياتنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈنۈپ يەتتىم
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ پەقەت ياراتقۇچىمىز ۋە بىز بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىلا بولسا ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.رەببىمىز ماڭا شۇ قىممەتلىك ھەدىسلىرى بىلەن ئېيتتىكى:ئېي مۇسۇلمان!نېمىگە بىئارام بولىسەن،ئەگەر بىئارام بولۇشقا توغرا كەلسە قازا بولۇپ كەتكەن نامازلىرىڭ ئۈچۈن بىئارام بول،مىسكىن فەقىرلەرنىڭ بېشىنى سىلىيالمىغىنىڭ ئۈچۈن بىئارام بول،مېنىڭ سەندىن كۈتكىنىمنى ئادا قىلالمىغىنىڭ ئۈچۈن بىئارام بولغىن.شۇنىسى ئېسىڭدە بولسۇنكى،مۇھتاجلىق ھەقىقەتەنمۇ يامان،ئەمما سەبىر قىلساڭلا ئۆتۈپ كىتىدۇ.مەن سېنى كېيىن يەنىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھازىر پەقەت ۋاقىتلىقلا يىغلاتتىم،سېنى يەنىمۇ ياخشىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھازىرقىدىن ئايرىدىم،ئەمما سەندە چوقۇم بىر سەبىر بولىشى كېرەك....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇنداق!رەببىم ئالدىدا بىلىپ بىلمەي قىلىپ قويغان گۇناھلىرىم بەلكى يېتىپ ئاشار،يەنە نېمىدەپ ئۆزۈمگە گۇناھ ئارتىۋالاي...مەن دەل شۇنداق زور ئىشەنچ بىلەن خۇشال ئۆتۈۋاتقىنىمدا،سېنى ئۇنتىغاندا،قەلبىمدە پەقەتلا ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش،مۇھەببەت قالغىنىدا سەن يەنە مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولماقچى بولدۇڭ!ئەمما ساڭا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى:مېنىڭ زادى قانچىلىك ئۆمرۈم بار بۇنىسى ماڭا نامەلۇم،ئەمما ئەمدىكى ھايات نىشانىم شۇكى،قالغان كۈنلىرىمنى رەببىمگە ساداقەتمەن بولۇپ،غەمسىز ئۆتكۈزگىم بار،ھاياتلىقنىڭ،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇھەببەتنىڭ رەھىمسىز بورانلىرى،تۇمانلىرى ئارىسىدا يەنە تەمتىلەپ قېلىشىمنى خالىمايمەن.كەچۈر جېنىم،ياق،كەچۈر بۇلبۇلۇم،ياق،ياق،ئەڭ توغرىسى كەچۈر قېرىندىشىم،ئەمدى سەن ئۈچۈن ئېچىلالمايمەن......
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)4 W- w5 q5 l3 E0 a
(http://bbs.oylirim.cn)2 _2 J- A. _" ^ مەنبە : خاقانىيە تورى