پاكلىنىش (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يامغۇرنى قۇچاقلىغۇم كەلدى،ئۇنى مېھرىم بىلەن قۇچاقلاپ قويغۇم كەلدى.قۇچاقلاندىم،يۈزلىرىمنى سۆيۈشلىرىگە تۇتتۇم.نەقەدەر يىنىكمەن،نەقەدەر...
(http://bbs.oylirim.cn)" t0 R' p% n+ ]2 r( F قاپقارا بولۇت ئاسماننى بىر ئالغاندا،شاخلاۋاتقان چاقماق بولۇت ئارا ھەيۋە قىلغاندا ،ئاۋۇ دوقمۇشتا تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ پىتراشلىرىدىن ھوزۇرلاندىم. ماشىنىلار بىر-بىرلەپ يۇقالدى،ئادەملەر ئۆيلىرىگە تىقىلىشتى،كوچىدا يامغۇر بىلەن مەنلا قالدىم. تويۇقسىز يالىڭاچ بولغۇم كەلدى،بىنالاردىن ئەمەس،دەرەخلەردىن ئەيمەندىم،يۇپۇرماقلار يۇيۇنۇپ پاكلىقىغا قايتىۋاتاتتى،يامغۇر سۈيى سىرغىۋاتقان مەجنۇنتاللار سۆيگەن قىزىمنىڭ مۇنچىدىكى چاچلىرىنى ئەسلىتەتتى،شۇنداق،ئۇلار پاكلىنىۋاتاتتى...
(http://bbs.oylirim.cn)$ j4 l1 R0 d8 T0 ?5 Z% y يامغۇرنى قۇچاقلاي دېدىم،قۇچاقلاندىم.چېقىۋاتقان چاقماقتا يۈزۈمنى يۇرۇتماقچى بولدۇم،چاقماق يورۇقى بىنالارنىڭ كۆلەڭگىسى بىلەن تەڭ تاشلاندى،بىنالارغا، مۇدھىش كۆلەڭگە تاشلاپ تورۇۋاتقان بىنالارغا نەپرەتلەندىم،ئۇلار مەخلۇققا ئوخشايتتى كۈنسىرى يوغىناۋاتقان،يوغىناپ نەگىمۇ باراركىن ؟ ياكى ئاشۇ يوغىناۋاتقان كۆلەڭگىسىدە قەلبىمىزگىلا...
(http://bbs.oylirim.cn)# ~9 Z6 {. M) p" N$ y; R- f6 { كۆزلىرىمنى بوشقىنە يۇمۇپ يامغۇرغا تۇتۇندۇم،قەلبىم جىمجىتلىققا ئېرىشتى... ئۇنىڭ ھەربىر تامچىسى شۇقەدەر يېقىملىق،ئارامبەخش ئىدى،ئاھ، مىلىيۇنلىغان ئارامبەخشلەر...
(http://bbs.oylirim.cn)# b# m/ ^3 }3 ~& m قاتتىق چاقماق ئاۋازىدىن كىيىن،تامچىلار ئارا ئىچىمدىن بىر نەرسە ئۆرلەۋاتقاندك بولدى،قۇچاقلاش ئۈچۈن سۇزۇلغان قوللىرىم يامغۇرغا، پۇتلىرىم،تىزلىرىم تۇپراققا ئايلىنىۋاتاتتى،كۆزلىرىمدىن ئاققان تامچە ياش يامغۇرغا يۇيۇلۇپ تىنىم بىلەن تەڭ تۇپراققا سېڭىشمەكتە ئىدى...
(http://bbs.oylirim.cn)" u& S" j F7 h5 F% X