مال-مۈلكىنى «يوشۇرغان» ۋەزىر
(http://bbs.oylirim.cn)/ D0 ?9 o' F, Z0 g
(http://bbs.oylirim.cn). o5 z- Y6 m' N% s$ C5 p+ wمىڭ يىللار ئىلگىرى، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدا سەيمور ئىسىملىك بىر ۋەزىر بولغان ئىكەن. بۇ كىشى دانىشمەن، سودا ئىشلىرىغا ماھىر بولۇپ، پادىشاھ بەكمۇ ئەتىۋارلايدىكەن ۋە پادىشاھتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش شەرىپىنى بەرگەن ئىكەن. ئۇ دۆلەتكە نۇرغۇن بايلىق يارىتىپ بەرگەچكە ئىش ھەققىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئارىلاپ پادىشاھنىڭ ئىنئاملىرىغىمۇ ئېرىشىپ تۇرىدىكەن. بىراق باشقا ۋەزىرلەر بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشىدىكەن، ھەمدە ئۇنى پارىخورلۇق قىلىپ مال-بىساتى دۆلەت خەزىنىسىگە يېتەي دەپ قالدى دەپ پادىشاھقا مەلۇمات يوللاپ تۇرىدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)4 e2 m" h: J$ r$ D9 `' Oۋاقىت ئۇزارغانچە پادىشاھمۇ باشقا ۋەزىرلەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قېلىشقا باشلاپتۇ ۋە بۇ دانا ۋەزىرىنىڭ مال-بىساتىنى ئېنىقلاپ بېقىش قارارىغا كەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بارلىق ۋەزىرلىرىنى ئوردىغا چاقىرتىپ كېلىپ، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشكەندىن كېيىن، ۋەزىر سەيمورنى يېنىغا ئېلىپ قېلىپ، شەخسى مال-بىساتىنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ. دانا ۋەزىر پادىشاھنىڭ تۇيۇقسىز چىقارغان قارارىدىن ئەجەبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يارلىققا قارشى چىقالمىغاچقا قەلەم، قەغەز كەلتۈرۈپتۇ. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ تىزىملىكنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
پادىشاھ تىزىملىكنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ ۋە شىرەنى مۇشتلاپ:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- مال-دۇنيايىڭنى مەندىن يوشۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ تېخى! بۇ تىزىملىكتە بارلىق مال-بىساتىڭنىڭ يېرىمى يېزىلىپتۇ، ساڭا تارتۇق قىلغان نەرسىلىرىممۇ بۇنىڭدىن كۆپ ئىدى، قارىغاندا باشقا ۋەزىرلەرنىڭ مەلۇماتلىرى راست ئىكەن. سەن تولىمۇ سەمىمىيەتسىز ئىكەنسەن، ئىقتىسادى مەسىلەڭمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ، مال-مۈلكىڭنى مۇسادىرە قىلىپ دۆلەت خەزىنىسىنى تولدۇرىمەن. كېلىڭلار، بۇنى قاماققا ئېلىڭلار!-دەپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)0 Z$ G( |+ R' x' Oسەيمور پادىشاھقا چوڭقۇر تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئالىيلىرى، سىلى ئېيتقاندەك مېنىڭ ئىلكىمدىكى مال-مۈلۈك بۇلا ئەمەس، ئەمما ھەقىقىي ماڭا تەۋە بولغانلىرى دەل سىلى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان تىزىملىكتىكى نەرسىلەردۇر. چۈنكى باشقا بايلىقلار ماڭا تەئەللۇق ئەمەس، ئۇلاردىن ھەر ۋاقىت مەھرۇم بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. قاراقچىلار بۇلاپ كېتىشى، جەڭ ئوتىدا ۋەيران بولۇشى ۋە ياكى تەبىئىي ئاپەتلەردە يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مانا سىلىنىڭ بىر پەرمانلىرى بىلەن مەن ھەممىدىن ئايرىلدىم. ماڭا ھەقىقىي مەنسۇپ بولغان بايلىقلا باشقىلار تارتىۋالالمايدىغان مال-مۈلۈكتۇر. سىلىگە خاتىرىلەپ كۆرسەتكەنلىرىم دەل ماڭا مەنسۇپ بولغانلىرى، ماڭا بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلغان، ماڭا بىر ئۆمۈر مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن، ھېچكىم تارتىپ ئالالمىغان دۇنيالىرىم. بۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېرىۋەتكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋەزىرنىڭ سۆزلىرى پادىشاھتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ، كېيىنكىلەرمۇ مال-مۈلۈك توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە بوپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)6 x. q9 [% b. f/ c. T, Xخالىدە ئوسمان تەرجىمىسى