مەھەللەمدە قالغان خاتىرە
(http://bbs.oylirim.cn)3 N9 E H& v: \- X3 p
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۈگۈن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىمدا، ماڭا شۇنچىلىكتونۇش ھەم يېقىملىق ئاشۇ گۈزەل مەھەللەمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كارتىنىلار كۆز ئالدىمدىن بىر–بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)- y( b- x8 ~! s3 c$ C
(http://bbs.oylirim.cn)$ w' w2 P* a1 P/ ^' a9 J+ r% V مېنىڭ مەھەللەم بەئەينى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتكە ئوخشايتتى . يول بويىدا سايە تاشلاپ تۇرغان قاتار– قاتار تېرەكلەر ، ياپيېشىل باغ–ۋارانلار كىشىلىرىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلاپ تۇراتتى ، ئىشىك ئالدىدا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلار دىللارنى سۆيۈندۈرەتتى . ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، ئاۋۇ يەردە بىر كۆلچەك بار ئىدى ، ئۇنىڭ سۈيى ھەر ۋاقىت سۈزۈك ئېقىپ تۇراتتى . گۈللەر، ئوت –چۆپلەر، دەرەخلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆسۈپ چوڭ بولاتتى، گۈللەر قونۇۋالغان كېپىنەكلەر، يايلاقلاردا ئوتلىتىپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن قوي، كالىلار، دەرەخلەرگە قونۇۋالغان قۇشلارمۇبەزىدە بۇ كۆلچەككە بېشىنى تېقىپ سۇ ئىچىۋالاتتى. مەنمۇ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بۇ كۆلچەكتە سۇغا چۆمۈلەتتىم. كۈز كەلسە ساپسېرىق غازاڭلار سۇ ئۈستىدە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلاتتى، قىشتا كۆلچەكئۈستىدە تۇتۇپ كەتكەن چوكا مۇزلارنى توڭلىغىنىمىزغا قارىماي تالىشىپ يەپ كېتەتتۇق. مەھەلىمىزدىكى قىزلارمۇ بەزىدە چېلەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ كۆلچەكتىن سۇ ئېلىپ قايتاتتى. قىسقىسى، بۇ كۆلچەكنى ھەممىمىزناھايىتى ياخشى كۆرەتتۇق.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەھەللىمىزنىڭ شىمالىي تەرىپى تاغ بولۇپ، تاغ تەرەپتىن ئەسكەن مەيىن شاماللار يۈزلىرىمىزنى سىيپاپئۆتكىنىدە، ۋۇجۇدىمىزنى بىر خىل راھەتلىك سېزىم ئۆز قوينىغا ئالاتتى. مانا مەن مۇشۇنداق مېھرى ئىللىق گۈزەل سەھرا قوينىدا، يەنى مەھەللەمدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى بولغان بالىلىق دەۋرىمىنى ئۆتكۈزگەنىدىم. ھەي، شۇ بالىلىق چاغلىرىمغا قايتقىلى بولغان بولسا ئىدى – ھە!
(http://bbs.oylirim.cn)9 z$ a! `7 L2 R) n1 j
(http://bbs.oylirim.cn)* d1 O% y4 n9 `. |) e, |0 Z بىر توپ بالىلار تاڭ ئاتقاندىن كەچ كىرگىچە مەھەللىدىكى توپىلىقلاردا ئانىلىرىمىزنىڭ «كىيىمىڭنى نېمىشقا مەينەت قىلدىڭ» دېيىشلىرىگە قارىماي توپا، لايلارغا مىلىنىپ ئوينايتتۇق، كەچ كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ مەھەللىدە بالىلارنىڭ ۋاڭ – چۇڭى بېسىقمايتتى. ياز كۈنلىرى چىڭقىچۈشتە چوڭلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئوغۇللار ھېلىقى كۆلچەكتە قىپيالىڭاچ بولۇۋېلىپ سۇغا چۆمۈلەتتۇق. ئارىمىزدا بىر قانچە كەپسىز بالا بار ئىدى، ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ھەمىشە باشقىلارنىڭ بېغىغا كىرىپ توڭ غورىلارنى ئوغۇرلاپ يەيتتۇق، باغنىڭ كەينىدىكى قوغۇنلۇقتىن سويمىلارنى ئوغرىلاپ كېلىپ، قىلغان ئىشىمىزغا كۈلۈشۈپ، ھۇزۇرلىنىپ يېيىشىپ كېتەتتۇق. ھازىر بۇ ئىشنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ، ئوغۇللار ئۆيىمىزدىن سەي – كۆكتاتلارنى ئاتا - ئانىمىزدىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقاتتۇق، قىزلار ئانىلىرىغا تۇيدۇرماي قازان – قۇمۇچ ، چىنە – قاچىلارنى ئېلىپ چىقاتتى، بىز ئوتۇن ئەكىلىپ ئوچاققا قالاپ بېرەتتۇق،قىزلار بىزگە ئوخشىتىپ سەي قورۇپ بېرەتتى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم بالىلار مېنى قوشنامنىڭ توخۇسىنى ئوغرىلاپ چىقىشقا بۇيرۇدى. مەن پەقەت بىرنەرسە ئوغرىيالمايتتىم، دائىم باشقىلار ئوغرىلاپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەڭ يېيىشىپ بېرەتتىم. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭمۇ ئازراق ئەجىر قىلىشىم كېرەكلىكىنى، ھە دېسىلا باشقىلار ئەكەلگەن نەرسىلەرگە ھەمداستىخان بولۇۋەرمەسلىكىمنى ئېيتتى. مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن خىجىل بولۇپ ئاخىرى چىڭقى چۈش ۋاقتىدا قوشنامنىڭ ئۆيىگە تامدىن ئارتىلىپ كىرىپ كاتەكتىن بىر توخۇنى ئەمدىلا تۇتۇشۇمغا توخۇلار قاقىلدىشىپ قوشنىمىزنى چۆچۈتۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئويلىمىغان يەردىن ئوغرىلىغان توخۇ بىلەن تەڭلا تۇتۇلۇپ قالدىم. بۇ چاغدا توخۇنىڭ ئىگىسى: ‹‹توخۇ كېرەك بولسا مەندىن سورىساڭلا بەرمەسمىدىم، ئېلىپ چىقىپ بالىلار بىلەن تەڭ يەڭلار›› دېۋىدى، خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا قوشنىلار ئەنە شۇنداق تولىمۇ ئىجىل - ئىناق ئۆتەتتۇق، قوشنىدارچىلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشەتتۇق.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
باھار كېلىشى بىلەنلا قىزلار مەجنۇنتاللاردىن ‹‹بوستان چاچ››لارنى ياساپ ئېسىۋالاتتى. بىز ئۇلارنىڭ «بوستان چاچ»لىرىنى قەستەن تارتىپ چۈشۈرۈۋېتىپ يىغلىتىۋېتەتتۇق. قىزلار ئانىسىنى باشلاپ چىقسا، ئوغۇللار بەدەر قاچاتتۇق .... بالىلىقتا قىلمايدىغان ئىش يوقكەن،قىلسا ھەر ئىش يارىشىدىكەن. شۇ چاغلارنى ئەسلەپ بىردىنلا سۆيۈنۈپ قالىمەن. ئەگەر ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز بالىلىق پەسلىمگە بىر قېتىم قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئەشۇ گۈزەل مەھەللەمگە قايتىپ، ھېلىقى كۆلچەكتە يالىڭاچ سۇغا چۆمۈلگەن، مەھەللەمدىكى بالىلار بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغىچە قانغۇدەك ئوينىغان بولاتتىم ... ئوغرىلاپ يېگەن نەرسىلەرنى ئەجەپ سېغىندىم، بالىلىقىم! ئەسلى ئوغىرىلىغان نەرسىلىرىم يەيدىغان نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ! مەن نەرسە ئوغرىلاپ يۈرگەن چاغدا، يىللار مېنىڭ بالىلىقىمنى ئوغرىلىۋالغانىكەن. مەن بىلەن بىرگە ئات چېپىشىپ يۈرگەن، شورىلارنى ئاتلاپ يۈرگەن ئاشۇ دوستلىرىمنى ئەجەپ سېغىندىم، يۈرىكىم بالىلىقىنى ئىزدىمەكتە ....
(http://bbs.oylirim.cn)( C& i {8 X% I(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بالىلىق نېمىدېگەن گۈزەل، نېمىدېگەن شېرىن پەسىل ھە! مەھەللەمدە قالغان ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.