~ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق بالدۇر كۆرىلىدىغان، ياغ تەپچىشتىن بولىدىغان، جەمەت خاراكتېرلىك (ئىرسىيەت) ۋە ئەرلىك ھورمۇندىن بولىدىغان چاچ چۈشۈش بولۇپ تەخمىنەن 20 – 30 ياشتىن باشلاپ چاچ چۈشۈشكە باشلاپ، چاچ شالاڭلىشىدۇ ۋە چوققىسىدىكى چاچ چۈشۈپ پاينەكباش بولۇپ قالىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)' C* i/ M3 O" E5 j! o1 h3 s4 kبۇ خىل كېسەل ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا جەمەتلىك پاينەكباشلىق دېيىلىدۇ. نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرگەندە ، بىر ئائىلىدە بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغانلىقىى بايقىغان. يېقىندا بەزىلەر بۇنى كۆپ خىل ئامىل ياكى كۆپ گېنلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مومكىن، دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا يەنە بىر نەچچە خىل گېن بىلەن موھىت ئامىللىرىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى دېيىشمەكتە.
(http://bbs.oylirim.cn) X; v9 K+ P; f, t8 A3 sئەرلەردىكى پاينەكباشلىق ۋە ئەرلىك ھورمۇن
(http://bbs.oylirim.cn), P; H9 p6 O( Z- B% y$ Y9 N; J6 vبۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ، بايلارنىڭ ئوردا-سارايلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاغۋاتلارنىڭ كىچىكىدىلا ئۇرۇقدىنىنى ئېلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇلاردا پاينەكباشلىق بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار كېسەلگە دۇچار بولۇپ تېستوستېرون (ئەرلەردىكى بىر خىل ھورمۇن) بىلەن داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، داۋالانغاندىن كىيىن چاچ چۈشىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا پاينەكباش ئەر بىلەن نۇرمال (چاچلىق) ئادەمدىكى 17-كېتوستېروئىد ۋە قاندىكى تېستوستېرون سەۋيەسىدە پەرق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەر، بۇ خىل بىمارلار چاچ خالتىسىنىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلىكىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئوتتۇرغا قويغان. گەرچە نۆۋەتتە ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئەرلەردىكى پاينەكباشلىقنى پەيدا قىلىدىغان موھىم ئامىل ئىكەنلىكى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمى ھەققىدە ئېنىق تەتقىقاتلار بولغىنى يوق.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ خىل كېسەللىك دۇنيا مىقياسىدا ئاق تەنلىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. مەملىكەت تەۋەسىدە بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەن. لىكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولۇپمۇ قەشقەر، ئاتۇش ئەرلىرى ئىچىدە پاينەكباشلىق كۆپ ئۇچرايدۇ. چاچ چۈشۈش ئالدى بىلەن پىشانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن باشلىنىپ، پىشانىدىكى چاچ گېرۋىكى بارغانسىرى چوققا تەرەپكە قاراپ يۇقۇرلايدۇ ۋە پىشانىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ. تەدرىجى ئېغىرلىشىپ چوققا قىسمىغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. چاچ چۈشۈپ، بارغانسىرى ئىنچىكىلەيدۇ. چاچنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ يەنە ئەسلىدىكىدىن ئىنچىكە بولغان چاچ چىقىشقا باشلايدۇ. كىيىن بۇ چاچلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ يۇمرانلىشىپ سېرىق تۈككە ئوخشاپ قالىدۇ. چوققىسى بىلەن پىشانىسى پارقىراپ پاينەك بولۇپ، پەقەت چېكە ۋە ئارقا تەرپىدىلا چاچ قالىدۇ. يەنە بەزىلەردە دەسلەپتا چوققا قىسمىدىن باشلاپ چاچ چۈشىدۇ. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ شەكلى نۇرغۇن بولۇپ، چوققا قىسمى بىلەن پىشانە قىسمىدىكى چاچنىڭ چۈشۈشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەل سوزۇلما خاراكتېرلىك بولۇپ ئاز ساندىكىلەردە تېز تەرەققى قىلىدۇ ۋە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا دائىرىسى خىلى كەڭرى بولغان ئورۇندا چاچ چۈشۈپ پاينەك بولۇپ قالىدۇ. چاچ چۈشۈشنىڭ سۈرئىتى، دەرىجىسى ۋە دائىرىسى ھەر بىر ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ. ئازىراق قىچىشقاندىن سىرت باشقا ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئىلگىرى تېرىدىكى ياغ تەپچىشنىڭ ئېغىر بولىشىمۇ مەزكۇر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىلاتتى. لىكىن ھازىر تېرىدىكى مايلىشىش مەزكۇر كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمىدا ئانچە چوڭ رول ئوينىمايدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش پەقەت چاچ بىلەنلا چەكلىنىپ، ساقال-بۇرت، مەيدە تۈكى ۋە باشقا تۈكلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ كېسەلنىڭ توقۇلما پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى بىلەن كىلىنكىلىق ئىپادىسى بىردەك بولىدۇ. دەسلەپكى ۋاقتىدا چاچ يېلتىزى بوشاپ ئاسان چۈشىدۇ. بىر قانچە ۋاقىتلاردىن كىيىن تۈك خالتىى تەدىرجى كىچىكلەپ سېرىق تۈك خالتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سېرىق تۈك خالتىسىمۇ يوقايدۇ. ھەممە سېرىق تۈك خالتىسى ئاستىدا قوشقۇچى توقۇلما زەنجىرى پەيدا بولىدۇ. يۈزەكى تېرە نېپىزلەپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل قان تومۇر چىگىشى يوقايدۇ. تېرە ياغ بېزىنىڭ كۆپۈنچىسى يوقايدۇ. ئىشقارلىق فوسفاتازا بىلەن بويىغاندا ئوچۇق كۆرىنىدۇ. پاينەكباشلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۈك خالتىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نۇرمال بولىدۇ، لىكىن سېرىق تۈك خالتىسىدىكى قان تومۇرلار ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1000 يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن تېبابەت ئالىمى ئىبنى سىنا <<شىفا>> دېگەن كىتابتا: <<ئاياللار بۇ سەلئىي كېسەللىككە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئاياللاردا ھۆللۈك كۆپ بولىدۇ. ئاختا قىلىنغان كىشىلەر ھەم بۇ كېسەلگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ مىزاجى ئاياللارنىڭ مىزاجى تەرىپىگە مايىل بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھۆللۈك تارقاپ كەتمەيدۇ>> دېگەن ئىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)% j0 f3 g2 y5 F0 @' eپاينەكباشلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئېغىرلاپ كېتىشنى توسۇشقا ياردەم بەرگۈچى يېمەكلىك ۋە دورىلار:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يېمەكلىكلەردىن: تەركىبىدە ۋېتامىن ب مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: سېرىق پۇرچاق، سامساق، سەۋزە، كاۋا، تېرىق، كۆك پۇرچاق، تۇخۇم، مايسىزراق (قارا) گۆش…
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەييارلىنىۋاتىدۇ….
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەنبە: خوتەن ھەكىمە ئۇيغۇر تىبابەت تورى