سۆيگۈ (نەسىر)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەھمەد مۇھەممەد
(http://bbs.oylirim.cn) i2 T) }: w/ J7 r# ]# I% f5 Y9 v
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دۇنيادا ھېچقانداق بىر نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان بىر خىل سۆيگۈ بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن سۆيگۈسى بولۇپ، بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ئۆلمەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان سۆيگۈ. ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ئۆرنىكى ياخشىلىق، كىشىلەرگە ياخىشلىق قىلغاندا چىن يۈرەكتىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قىلغان ياخشىلىق مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەر دائىم بىر خىل ئىشتىياق بىلەن تىلغا ئالىدىغان سۆيگۈنىڭ ئۆزى تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ. سۆيگۈ ۋە مېھىر- مۇھەببەتسىز گۈزەللىك ۋە سۆيۈشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ناۋادا، كىشىلەردە چىن ئەقىدە، قىزغىن سۆيۈش ۋە سۆيۈنۈش ھېسسىياتى بولمىسا ھاياتلىقتىن سۆزسىز ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، پۈتكۈل كائىنات سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىز بۇلىقى. قاراڭ! سۆيۈشنى دەريالاردىن، مۇھەببەتنى كەڭ ئوتلاقتىن، مېھىر-مۇھەببەتنى زېمىندىن ئىزدەڭ. ئەنە دەريالاردا شۇڭقۇۋاتقان جانلىقلار، كەڭ ئوتلاقتا ياشاۋاتقان جانىلىقلار، زېمىندا كۆكلەۋاتقان جانلىقلار مانا بۇلار گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى. ئېگىز تاغ باغرىدىن باشلانغان ھاياتلىق سۈيى ئېرىق ياساپ نۇرغۇنلىغان ئېدىرلىقلاردىن ئۆتۈپ، مەنزىلگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇمۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سۆيگۈسى ۋە ھاياتلىق مەنبەسى. شۇڭا، ھاياتلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت كائىنات ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك سۆيگۈ. مانا بۇ سۆيگۈ - ئەڭ مۇقەددەس. ھاياتلىق مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، ئۇنىڭدا سۆيگۈ ۋە پىراق ئوخچۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ سۆيگۈسى زېمىننىڭ زىننىتى، سۆيۈش بولغاچقىلا ھاياتلىق تېخىمۇ گۈزەل.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەبىئەت ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان رىتىملىق ئايلىنىۋاتقان بۇ دۇنيادا نى – نى تارىخنى ۋە خۇشاللىق بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتنى، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى تالاي يىللارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز تارىخىنىڭ شاھىدى قىلغان تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە ئەمگەكچان جەلقنىڭ مول ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەسىرلەردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ۋە ياراتقان تۇرمۇش، مەدەنىيەت ئىزانلىرى تارىخ بەتلىرىگە مۆھىردەك بېسىلىپ، مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان نۇرانە مەشئەلگە ئايلاندى. ئۇلار تارىختىن بۇيان كىشىلەر ئالدىدا تىلسىمات بولۇپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ئۈسىتىدىن غەلىبە قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇردى. بۈگۈننى ئەتىگە تۇتاشتۇرۇپ پارلاق يول ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىد مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئەڭ مۇقەددەس سۆيگۈ - ۋەتەن سۆيگۈسىنى قالدۇردى.
(http://bbs.oylirim.cn)6 b; k) s9 v& Q1 F) v2 J$ Tۋەتەن دېگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنسا، ئادەمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىدۇ. ئەشۇ سۆز ئېيتىلىۋاتقان بەدەندە ئۆزى ھېس قىلالمايدىغان بىر خىل بەھرىلىنىش پۈتكۈل جىسمىنى ئۇيغىتىدۇ. مېنىڭ ئۈمىدلىرىم جانىجان ۋەتەن!!! سېنى سۆيۈش مېنىڭ مەڭگۈلۈك بۇرچۇم ھەم سېىنى مەڭگۈ ئۇلۇغلايمەن. چۈنكى، دۇنياغا كەلگەن مىنۇتلاردىن تارتىپ تاكى ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق ۋە قىرانلىق ...... قاتارلىق چاغلىرىمدا سېنىڭ قوينۇڭدا ئەللەيلىنشتىن تاكى سېنى تونۇشقىچە جەمئىيەتنىڭ ئادىمىيلىك مۇساپىلىرىدا تاۋلىنىپ، ھاياتلىق باياۋانلىرىڭدا چېنىقىپ، ئىللىق دۇنيانى كۆرۈپ يەتتىم. مانا بۇ ئىللىق باغرىڭدا سۆيگۈ شەربىتىگە قېنىپ، ئەڭ گۈزەل بەخت پەيزىنى سۈردۈم. مۇقەددەس سۆيگۈنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپتىدە ھايات دېڭىزىڭدىن دۇردانىلارنى سۈزدۈم. سۆيگۈ لەززىتىدە مېھرى- مۇھەببەتتىن ھۇزۇرلاندىم. مۇقەددەس تۇپرىقىڭ ئارقىلىق ئانا مېھىرىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تولۇق چۈشەندىم. ئۆزىگىچە ساپ ھاۋا، زىلال سۇلىرىنىڭ ئارقىلىق ئانا سۈتىنىڭ مېھرىنى تېخىمۇ تولۇق ھېس قىلدىم.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەسىرلەر قوينىدا تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە سىرلىق ۋە سېھرلىك قۇدرەتلىرىنى خاتىرىلەپ، ئەۋلادتلارنى تەربىيەلەشكە مۇقەددەس پۈتۈك ياساۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەن. ئۆزلىرىنىڭ مېھنەتسىز ئەمگىكى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئۇدۇم سېلىۋاتقان كۆيۈمچان باغۋەنلەرنىڭ بۈيۈك ئەجىرىدە باغلىرىڭدا قانات ياساپ ئۇچۇۋاتىمەن، گۈزەل قامىتىڭنى تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. تالاي ئەسىرلەر جەريانىدا ھاياتلىققا كۈچ قوشۇپ، تالاي-تالاي تاغ ۋە ئېدىرلىقلاردىن ئۆتۈپ، كېچە- كۈندۈز ئېقىپ تۇرۇۋاتقان ئەزىم دەريالىرىنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن سېنىڭ نۇرلۇق سىمايىڭنى خىيال قىلىمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)2 j8 i! l9 g& ]! A8 t1 Kنېمىلا دېمەي ھەم سېنى قانداق ماختاي ياكى...... قوينۇڭ بەختنىڭ جەنىتى. ئەشۇ بەختتە ئەركىن ياشاۋاتىمەن. بەختتىن ياڭراۋاتقان مۇڭلۇق كۈيلىرىڭگە تەڭكەش قىلىپ سۆيگۈنىڭ ئەڭ گۈزەل مېلودىيەسىنى يېزىۋاتىمەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېھ ۋەتەن! سەن ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، سەن ھاياتلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ مەڭگۈلۈك باھارى، سېنى سۆيىمەن، ساڭا بولغان ھۆرمىتىم چەكسىزدۇر. ھاياتلىق يولىدىكى بىر تامچە بولۇش سۈپىتىم بىلەن سېنىڭدىن مەڭگۈ پەخرىلىنىمەن!...