ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 20730|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شېئىر ۋە شېئىر يازمايدىغان كىشىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېئىر ۋە شېئىر يازمايدىغان كىشىلەر(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇغدا ئابدۇللا
(http://bbs.oylirim.cn)8 Q! E7 V% D2 h5 M(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)& ?& W/ c* t2 n! rھەر بىر پارچە شېئىر ئۆزىگە تەۋە بولغان مىللىي تۇپراقتىن تۆرۈلىدۇ! ئەگەر بىز بۆشۈكتە ياتقان چېغىمىزنى ئەسلىيەلىسەك ، ئانىلار ئېيتقان ئەللەي ناخشىسىدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرىقى مەنزىلگە تاۋۇتتا كېتىۋېتىپ ئېيتىلغان مەرسىيە-قوشاقلارنى ئاڭلىيالىساق، شەك-شۈبھىسىزكى شېئىر ئىنسانغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بۇلىدۇ، دېگەن خۇلاسىغا كېلىمىز. بوۋاقلارنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ئۇلار ئادەم ۋە شەيئىلەرگە ئات قويۇشقا باشلايدۇ. بىز تازا دىققەت قىلساق، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى چۈشەنچىلىرى ئاھاڭ، رېتىم، ئۇرغۇغا ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن، ھەتتا بىمەنە بولسىمۇ تەبىئىي قاپىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى شېئىرنىڭ ئامىللىرى بۇلۇپ، بۇ بىر خىل تۇغما قىزىقىشنى ئىپادىلەشتىن دالالەت بەرسە كېرەك. دېمەك ئىنسان ئۆزى ھېس قىلالمىغان ھالدا تا ئۆزى تاكاممۇللاشقۇچە ۋە ئاخىرىغىچە شېئىر مۇھىتىدا ياشايدۇ. ھەر قانداق كىشى مۇقەررەر ھالدا ئاز دېگەندە ئۆز مىللىتىنىڭ بىر قانچە كوپلىت قوشاق، بېيىتىنى ، غەزىلىنى تەبىئىي ھالدا بىلىدۇ. ئۇ خۇشال يا خاپا بولغاندا، يا نوتۇق سۆزلىگەندە بۇلاردىن پايدىلانماي قالمايدۇ. ئادەتتە كىشىلەر شېئىرنى شائىر يېزىپ چىقىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، بۇ راست، لېكىن شېئىرنىڭ ماتېرىيالى بۇ ئەسلى شائىرنىڭ كاللىسىدىكى تەييار نەرسە ئەمەس، ئۇ تەبىئەتتە، جەمئىيەتتە بىز كۆرۈپ تۇرۇپ ھەقىقىي كۆرمەيۋاتقان، بىز ئاڭلاپ تۇرۇپ ھەقىقىي ئاڭلىمايۋاتقان شەيئى . سىز شېئىر يازالماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىزدە شېئىرىي ھېسىيات، نوتۇق، پىكىر، ئاساس يوق دېسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، بۇنىڭدىكى گەپ ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلمىغانلىقىدا. بىر پارچە شېئىرنىڭ پۈتۈشى ئاپتور بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر شائىر پەقەت قۇرۇق كاللىسىغا تايانسا ئۇنىڭدىن نېمە چىقاتتى. تۇرمۇش رەڭگارەڭ بولىدۇ، ھەر بىر كۈن، ھەر بىر دەقىقە بىزنى بىز ئويلىمىغان، كۈتمىگەن ۋەقە-ھادىسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ ھەمدە بىزنىڭ ھاياتقا بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تەپەككۇرىمىزنى جانلاندۇرىدۇ. يۈزەكى تۇرمۇش تەجرىبىسى بىلەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، تۇرمۇشنى مەڭگۈ ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىش كېرەك. شېئر، بىر ئادەم يازىدىغان ھەممە ئادەم باھالايدىغان ساھە. ئادەتتە، شائىرنىڭ دىققىتى ھەر قانداق نەرسىدە بولىدۇ، ئۇ قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىزدەيدۇ، مانا بۇ، ئۇ ئىزدەپ يۈرگەن <گۆھەر>. بۇ، شائىر تۇرمۇشىدىكى ئاساس، خېمىر تۇرۇچ. مەسىلە، پەقەت بۇ <گۆھەر> نىڭ دەرىجىسىنى قانداق بېكىتىش ياكى ئۇنى قانداق تاللىۋېلىشتىن ئىبارەت. شائىر ئۇنى قايتا پىششىقلاپ بىر خىل مەنىۋىي مەھسولاتقا ئايلاندۇرغاندا، بۇنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغانلار يا چىقىدۇ، يا چىقمايدۇ. بايقىغۇچى بولمىسا يەنە بولمايدۇ، چۈشەنگۈچى بولمىسا يەنە بولمايدۇ. چۈنكى شېئىر ھاياتقا تۈس كىرگۈزىدۇ ھەم ھاياتنى بىلگۈزىدۇ. خەلق بولمىسا شېئىر بولمايدۇ، مىللىي تۇپراق بولمىسا شېئىر تېخىمۇ بولمايدۇ. ھايات شېئىرنى يارىتىپ تۇرىدۇ. قەدىمدە <ئۆي-شېئىرنىڭ بۆشۈكى> دەيدىغان تەمسىل بار ئىكەن. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتلىقنى ۋە شېئىرىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شائىر ئۆز شېئىرلىرى بىلەن ئائىلە قۇرىدۇ. ھەر بىر ئائىلە شېئىرىي مۇھىتتا ياشايدۇ ھەمدە شېئىرىي پەلسەپىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالدۇرىدۇ، بۇ، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھالقا. خەلق قوشاقلىرىنى ئىجاد قىلىدىغان، تولۇقلايدىغان ، مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ھەم ئۇنىڭغا رەڭ بېرىدىغانمۇ ئائىلە ئەزالىرىدۇر. شۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئائىلىنى ئەڭ كىچىك روھ بىرلىكى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانا ئائىلىدە ئەڭ ئاساسلىق، بىلىملىك مۇئەللىم بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇ ساۋاتسىز، نادان ، ھەر نەرسىدىن بىخەۋەر بولسا، ئۇ چاغدا ئەۋلاد بەرىبىر نادان، قارا قوساق بۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ. ئانا ئەۋلادنىڭ مۇكەممەل يېتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ھەر بىر ئانا ئالدى بىلەن شائىر، ئۇ ، ئۆزىنىڭ ئىسسىق قانىتى بىلەن ئائىلىسىگە شېئىرىي گۈزەللىك يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۆيۈمچانلىقى، مېھرىبانلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، پىداكارلىقى، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى شېئىرنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. شېئىر ئۆلمىسە ئانا ئۆلمەيدۇ، ئانىلار مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، شېئىر كۆكلەپلا تۇرىدۇ. شائىرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىمۇ ئانا ئارقىلىق قانغا ئۆتكەن ھېسىيات، سەمىمىيەت، پاكلىق، مۇھەببەت، ھەققانىيلىق. شائىرنى تۇغقانمۇ ئانا، شائىر ئانىنىڭ كۆزى، ئانا شائىرنىڭ كۆزى. ئەگەر شائىر ئاشۇ كۆز بىلەن دۇنيانى كۈزەتمەيدىغان بولسا سەنئەت يارىتالمايدۇ. يوقىرىقى ئاساسلار بويىچە ئېيتقاندا، ھەر بىر ئائىلە خۇددى شېئىرىي مەنزىرىدەك دۇنياغا كېلىدۇ ۋە يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر كىم دۇنيادا بىر ئارمان بىلەن ياشايدۇ. كىشىلەرگە تەقدىرنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئۇ ئېرىشەلىسۇن ياكى ئېرىشەلمىسۇن، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ھېسىيات دولقۇنىدا شېئىردىن بىر خىل گۈزەللىكنى ئىزدەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىۋاتقان مەزمۇن بىر خىل تارىخىي تەجرىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇش پەلسەپىسىدىن ئىبارەت. بىزگە ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا خەلقنىڭ پەلسەپىسى. بۇ، ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. دەرۋەقە، ساغلام پىسخىكىدىن ساغلام پەلسەپە توغۇلىدۇ، شېئىر بۇ يەردە پەقەت ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بىر ۋاستە. مەن شۇنداق پەخىرلىنىمەنكى، بىزدە شېئىر يازمايدىغان كىشىلەر شېئىرىي مۇھىتتا ياشايدۇ، شېئىرىي ھېسىياتتا گەپ قىلىدۇ، يېڭىدىن يېڭى ئوبرازلارنى يارىتىدۇ. بۇ دۇنيادا سەنئەت، شېئىر ھېچنىمىنى نېسى قويمايدۇ. شېئىر بىلگەن خەلق غالىب خەلقتۇر. شېئىر دېگەن قەدىم، شېئىر دېگەن تەسەللىي، شېئىر دىگەن كېلەچەك.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn). I1 R& x8 t' Y) ?
(http://bbs.oylirim.cn)+ P+ ?" g& y% H
(http://bbs.oylirim.cn)1 r8 m- ]0 ]7 H2 g$ N* R<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:19 , Processed in 0.588491 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش