ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئونداق قازانغا مۇنداق چۇمۇچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئونداق قازانغا مۇنداق چۇمۇچ
شىنىچى خۇشى(ياپونىيە)

(http://bbs.oylirim.cn)* B* y( U3 q5 v" v* Y- ?(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
      تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى قىزغىن بازار بولىدىغانجاي، ماگىزىننىڭ ئىشىگىدىن كىرسەملا، قەدىمىم ئىختىيارسىز يېنىكلەپ قالىدۇ. شەھەردەتۈرلۈك ماللار بىناسىدىنمۇ ئارتۇق كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان جاي يوققۇدەپ ئويلاپمەن.ئۇ يەر قىش كۈنلىرى باھاردەك ئىللىق، ياز كۈنلىرى سالقىن، مودا كىيىملەر، ئىپمچورتقىلىنغان تۈرلۈك ماللار، ھەر خىل ئىسىل توۋارلار كۆزنى ئالا - چەكمەن قىلىپ تۇرىدۇ.پۇكەيلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ قەدەر كۆپ نەرسىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە خوشاللانماي تۇرالمايسىز.پۇلىڭىز بولسا خالىغىنىڭىزنى ئالىسىز، پۇلىڭىز بولمىسىمۇ، قورۇق قول يانمايسىز... مەنئاۋال قاچا - قۇچا سېتىلىدىغان پۈكەيگە كەلدىم - دە، بىر ۋىلكىنى تۇيدۇرماي سومكامغاسېلىۋالدىم. بۇنداق چاغلاردا، ھەرگىز ھودۇقۇپ ئۇيان - بۇيانغا قاراشمۇ، ئالاقزادە بولۇپغىپپىدە تىكىۋېتىشمۇ ياخشى چارە ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى، بىر نەرسە ئېلىش - ئالماسلىق توغرىسىدابىر قارارغا كېلەلمىگەن `قىياپەتكە كىرۋېلىپ، ئاندىن بىخىرامان چىقىپ كېتىۋېرىش كېرەك.تەلىيىمگە بىرمۇ پىركازچىك مېنىڭ بايىقى ھەركىتىمنى بايقىمىدى. ئېھتىمال، ئېسىل ياسىنىۋالغانلىغىمئۈچۈن ئۇلار ماڭا دىققەت قىلمىغاندۇ ياكى بۇنداق ۋىلكا ئەرزان مال بولغاچقا، ئارتۇقچەكۆڭۈل بۆلمىگەندۇ. مەن لېفىت بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ئېلېكتىر سايمانلىرى پۇكىيىگەكەلدىم. بۇ يەردە نۇرغۇن كىچىك رادىيولار تىزىقلىق تۇراتتى. مەن ئۇدۇل بېرىپ ئۇنىڭدىنبىرنى ئالىدىم، تاللاۋاتقان قىياپەتتە يەنە قويۇپ قويۇپ، ئارقىدىن يەنە بىرنى ئالدىمۋە شۇ ئارلىقتا پەملەپ تۇرۇپ، كىچىك رادىيونى سومكامغا سېلىۋالدىم. بۇ تۈرلۈك ماللاربىناسىدا بىرەر ئىش قىلىش راستلا ئاسان ئىكەن، مەن يازا پۇخادىن چىقماي، باشقا جايغابېرىشقا تەمشىلىپ تۇرغىنىمدا، كەينىمدىن بىرسىنىڭ بوش گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى:ـ خېنىم، بىرەر نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟ ئۆرۈلۈپ قارىسام، كەينىمدە ئوتتۇراياشلىق بىر ئەر تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىمى ئادەتتىكىچە ئىدى، ئەمما قارىسا ئادەمنى سۈرباساتتى. مەن قورقۇپ قېتىپلا قالدىم، بىراق يەنە تېزلا ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىپ، پەرۋاسىزلىقبىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم: - رەھمەت سىزگە، بىرەر نەرسەم ئۇنتۇلۇپ قاپتىمۇ؟ - سىز ئادەمھەيران قالغۇدەكلا ئادەم ئىكەنسىز. سىزگە دەيدىغان گەپ بار، بۇياققا كېلىڭ. ھىلىقىئەر قولۇمدىن تۇتۇپ، پۇكەينىڭ كەينىدىن بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ئۈستەل،بىر ئورۇندۇقتىن باشقا ھىچنىمە توق ئىدى. - نىمە دىمەكچىسىز؟ - خۇپسەنلىق قىلماڭ، سومكىڭىزدىكىرادىيونى دىمەكچىمەن، - ئۇ، كېنىشكىسىنى چىقاردى، ئەسلىدە ئۇ مۇشۇ ماگىزىننىڭ ساقچىسىئىكەن. مەن سومكامنى ئېچىپ، رادىيونى چىقاردىم: - نىمە بوپتۇ؟ ... سىرتقا چىققاندارودىيو ئېلىپ ماڭىدىغان ئادىتىم بار... بىراق، مېنىڭ بىلىشىمچە، سىز بۇ يەرگە كەلگەندەرادىيو ئالماي كەلگەنغۇ دەيمەن، - دىدى ساقچى بىر خىل تەئەددى بىلەن. بۇ، ئۇنىڭ ھەممىنىبىلىۋالغانلىغىنى بىلدۇرەتتى. بۇنداق رەقپىنىڭ ئالدىدا خۇپسەنلىق ئەسقاتمايدىغانلىشىنىپەملەپ، گەپنى ئۆزگەرتتىم: - ھە تاست، بۇنى بايا ئالغانتىم، - ئۇنداقتا، تالۇننى كۆرسىتىڭ.ـ ھە، بولىدۇ، بىراق ... نەدە قالدىكىنا؟ مەن يانچۇغۇمنى ئاختۇرغان بولۇپ ئۇنىڭغا نازلىنىپ،قاش ئېتىپ ئۇنى سىناپ باقتىم. بۇ چارەممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئانچە كارغا كەلمىدى. ـ... تاپالمىدىم، يۈتتۈرۈپ قويغان ئوخشايمەن. - راستلا ئالغان بولسىڭىز، پۇكەيدىن سورىساقلائېنىقلىنىدۇ، - ئۇ شۇنداق دەپلا شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تېلېفۇنغا قول ئۇزاتتى. مەن دەرھالئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، يالۋۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. - ئەيىپ مەندە، پۇلنى تولىۋەتمەپتىمەن،ماڭا تولىمۇ يارىغان ئىدى، شۇڭا ئاۋال سومكامغا سېلىۋاپتىمەن. باشتىلا مۇشۇنداق دىگەنبولسىڭىز ياخشى بولاتتى، بوپتۇ، ئەمدى، ئىسىم - فامىلىڭىزنى ئادىرسىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ.يالغاندىن توقۇما، مەن تېلېفۇن بېرىپ ئېنىقلايمەن. - سىزدىن خوش بولاي، ئىسمىمنى سورىماڭ،ئۆيۈمدىكىلەر ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىن ئۆلۈۋالغىنىم ياخشى. مەن ئاۋازىمنى چىقىرىپ يىغلىغىلىتۇردۇم. بۇ ھۈنەرنى مەن خېلى يىللاردىن بېرى تەكرار مەشىق قىلىپ ئۈگىنىۋالغان ئىدىم.مەن يىغلىشىنىمچە دەرىزىنىڭ يېنىغا بېرىپ، خۇددى بىنادىن دەرھال ئۆزەمنى تاشلايدىغانتەرىزدە تۇردۇم. بىراق، ئۇ كىشى قىمىر قىلىپمۇ قويماي، سۈرلۈك پېتىچە تۇراتتى. مەنئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، يالۋۇرغان نەزەر بىلەن قارىدىم. - سىز مۇشۇ ئىشتا ماڭا كەڭ قورساقلىققىلسىڭىز بولماسمۇ؟ ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەردىم، شىركىتىڭلارغا ھىچنىمە زىيان بولمىدى.بايا مېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. مۇشۇ كىچىككىنە نەرسە ئۈچۈن، مېنى ھالاك قىلماقىمۇسىز؟ـ ئەگەر باشقا دەم بولغىنىدا، كەچۈرۋېتىشكىمۇ بولاتتى. بىراق، سىزنىڭ «مېنى شەيتانئازدۇرۇپتۇ» دىگىنىڭىزگە قارىغاندا، سىزنىڭ بۇنداق ئىش بىلەن شۇغۇنللىنىشىڭىز تۇنجىقېتىم ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ خپسەنلىق قىلىۋاتقىنىمنى، نازلىنىپ ئەركىلەشتىكى مۇدددىئايىمنىبىلىۋالغاندەك قىلاتتى. - پەندىيات، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىققاقەسەم قىلىمەن، - مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي، قولۇمنى ئۇزىتىپ ساپتىمەن. - ئۇنداقتا،سىز بىر خىل «كېسەل» گە مۇپتىلا بولغان ئوخشايسىز. ئەگەر بۇنى بىر خىل «كېسەل» دىيىشكەتوغرا كەلسە، ئۇ ھالدا، بۇ ئىشنى ئاخىرقى قېتىم دىگىلى بولمايدۇ. ۋاقتىدا بالنېتسىدايېتىپ بۇ يامان ئىللىتىڭىزنى داۋالاتمىسىڭىز، جەمىيەتكە تېخىمۇ چوڭ زىيان كەلتۈرسىز.ساقچى زادى يول قويمىدى. مەن ئىلاجىسىزلىقتىن، ئەڭ ئاخىرقى چارىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇربولدۇم: قول ياغلىغىمنى چىقىرىپ كۆز يېشىمنى سۇرتكەن بولۇپ، پۈتۈن پۇلدىن بىرنى چىقىرىپبىلىندۇرمەي يەرگە تاشلىۋەتتىم، ئاندىن ئۇنىڭغا: - ھوي، پۇلىڭىز يەرگە چۈشۈپ قاپتۇ،ـ دىدىم. ساقچى يەردىن پۇلنى ئېلىپ تەئەججۈپ بىلەن ماڭا قارىدى - دە، قاپىغىنى تۈرۈپ:ـ بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ، - دىدى. بۇ پۇل مېنىڭ ئەمەس، ئەگەر پۇلۇم بولغىنىدا،مەن رادىيونىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتمەمتىم؟ ئۇ، يەردىن پۇل ئېلىشقا ئېڭىشكەن پۇرسەتتە، شىرەگەيەنە بىرنى تاشلاپ قويدۇم. ئاندىن ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دىدىم: - قاراڭ، بۇ يەردىمۇسىزنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان پۇلىڭىز تۇرىدۇ. ۋاي جېنىم، ئۆيدىكىلەرنى ئويلىسام، سىزگە يېلىنماقتىنباشقا ئامالىم يوق. سىزمۇ ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئويلاپ بېقىڭ؟ ئۇنداق قىلماڭ، مېنى قويىۋىتىڭ.مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىش ئۈچۈن، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرماقتا ئىدىم.شۇ ئارىدا، ساقچىنىڭ مۇئامىلىسىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى: ئۇ قولىدىكى پۇلغا تىكىلىپتۇراتتى: - ئەستاغپۇرۇللا... پەيىتتى چىڭ تۇتۇپ يەنە بىر غەيرات قىلىش زۆرۈر ئىدى.شۇڭا مەن ئېڭىشكەن بولۇپ پۇلدىن يەنە بىرنى يەرگە تاشلىدىم: - قاراڭ، شىرەنىڭ ئاستىدىمۇپۇل تۇرىدۇ. ساقچى ئۇ پۇلنىمۇ ئالدى - دە، قولىدىكى پۇللارغا قاراپ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن ئېسىگە كەلگەندەك بېشىنى لېڭشىتىپ: بوپتۇ، بۇ ئىشنى بولدىغا چىقىرىۋېتەيلى.بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشنى زادى قىلماڭ. يەنە شۇنداق قىلسىڭىز، مەن ساقچى چاقىرىپ كېلىمەن!ـ دىدى. - سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن، مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز. مەن تاتلىققىنا كۈلۈپقويدۇم. تەلىيىمگە ئۇ مېنى ئۆزەم ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ كېنىشكىسىنى چىقىرىشقا مەجبۇرقىلمىدى، بولمىسا مېنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ ماگىزىنغا يەنە كېلىش يولۇم بىراقلا ئېتىلىپقالاتتى. بېشىمدىن تۈگمەن تېشى ئېلىۋېتىلگەندەك يېنىكلەپ، ماگىزىندىن چىقىپ كەتتىم.بۇ يەردىن چىقىپ، ئۇدۇل «قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ھەسسىدارلىق شىركىتى» دىكىئىشخانامغا بارمدىم - دە، ئادىتىم بويىچە دەرھال مەلۇمات يېزىشقا كىرىشتىم: مەلۇم تۈرلۈكماللار ماگىزىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمنى، قاچا - قۇچا پۇكىيىدىكى پىركازچىكنىڭئوغرىغا نىسبەتەن ھۇشيارلىغىنىڭ كەملىگىنى؛ رادىيو پۇكىيى ئالدىدا مۇھاپىزەتچى ساقچىسىغاتۇتۇلۇپ قالغانلىغىمنى، لېكىن ساقچىنىڭ مەندىن پارا ئالغانلىشىنى، قانچە پۇل بەرگەنلىگىمنىيېزىپ، دوكلاتنى مۇدىرغا تاپشۇرۇپ بەردىم. مۇدىر دوكلادىمنى كۆرگەچ، مەندىن ئەھۋالسورىدى: - جاپا چەكتىڭىز. مەن دەرھال ئاشۇ ماگىزىننىڭ دىرىكتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىمەن.ھىلىمۇ ياخشى ئۇلار شىركىتىمىز بىلەن توختام تۈزۈپتىكەن، شۇڭا خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتستەلىگىۋە ساختا قىلمىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بىلىۋالالايدىغان بولدى. مېنىڭچە، دىرىكتۇر چوقۇمبىزدىن مەپنۇن بولىدۇ. - شۇنى دىمەمسىز. بۇ خىزمەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ، ئىشلىگەنكىشگىمۇ كۆڭۈللۈك ئىكەن. توغرا ئېيتتىڭىز. سىلەر ئاقتىپ ئىشلىگىنىڭلار ئۈچۈن، شىركىتىمىزنىڭئىناۋىتى كۈندىن - كۈنگە ئۆستى، توختام تۈزۈشكە كەلگەنلەرمۇ كۆپەيدى. يېقىندا، ھاكىمىيەتسىرتىدىكى پارتىيىلەرنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، بىز كەسپىمىزنى دۆلەت ئورگانلىرىغا بىرقەدەر كېڭەيتمەكچىمىز. شۇنداق بولغاندا، پارىخورلۇق بارغانسېرى ئازىيىشى مۈمكىن. ھامانبىر كۈنى قانۇنسىز قىلمىشلار تۈگەپ، بىر كۈنى بۇ يەرمۇ پاك جايغا ئايلىنىدۇ. - ئۇ چاغداشىركىتىمىز تاقىلىپ كەتمەسمۇ؟ - يوقسۇ، پارىخورلۇق خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش نەرسە،بىراقلا يىلتىزىدىن تۈگەپ كېتىشى ناتايىن. پۈتۈنلەي تۈگىگەن تەقدىردىمۇ، بىپەرۋالىققىلىشقا بولمايدۇ. كونا كېسەلنىڭ قايتىدىن قوزغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ھامان دوختۇر لازىم بولىدۇ - دە. - ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز... ئەمدىغۇ ھىلىقى ساقچىخىزمەتتىن قوغلىنار؟ - باشتا دۇرۇس قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مېنى قورقاتقان ھىلىقى ئادەمئېسىمىگە كېلىپ قالغان دىدى. - قائىدە بويىچە شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن، ئىشباشقىچەرەك بولۇپ قالدى. خىزمەتتىن قوغلىنىدىغان كىشى ئۇ ئەمەس، سىز. - مەن؟ قاندىقىسىغامەن بولغۇدەكمەن؟ پارا ئالغىنى ئۇغۇ؟ - دىدىم مەن ھاڭ تاڭ قېلىپ. - ئۇ ساقچى خىزمەتچىلىرىمىزنىڭقانۇنسىز قىلمىشلىرىغا نازارەت قىلىش ئۈچۈن شىركىتىمىز تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن كىشى ئىدى.بايا ئۇنىڭ سىزدىن ئالغىنى ئۈچ تىزا ئىكەن. - مەن دوكلاتتا ساقچىغا، تۆت تىزا پارابەردىم، دەپ يازغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنى ئايلىنىپ يۈردىغانكۆڭۇللۇك خىزمىتىمدىن شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ئەپسۇسكى، مەن بۇ كەسپكە ئائىتھەممە ماھارەتلەرنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈشتىن بۇرۇن، ئاخىرقى قېتىميەنە بىر يېلىنىپ كۆرمەيمۇ؟ - بۇ قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلسىڭىز بولماسمۇ؟ - دىدىم مەنشىرەنىڭ ئۇستىدىكى سومكامغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ. - ھىم، مەن ئويلىنىپ كۆرەي... مۇدىرنىڭتەلەپپۇزى كەسكىن ئىدى، لېكىن مەن خېلى يېنىكلىشىپ قالدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭئىچكىرىسىدىن بىلىنەر - بىلىنمەس، ئەمما ئىشەنچلىك بىر نىيەتنى بايقاپ قالغان ئىدىم.توغرا، پارىخورلۇققا نىسبەتەن، شىركىتىمىزدىكى ھەممە ئادەم ناھايىتى سەزگۈر، ۋاھالەنكى،بۇ سەزگۈرلۈك كۆپ ھاللاردا ناھايىتى توغرا چىقىدۇ.

(http://bbs.oylirim.cn)" o+ S. M$ L$ f, k( d

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 22:58 , Processed in 2.362252 second(s), 37 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش