ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 16739|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان رۇمانلارنىڭ تېما ئالاھىدىلىگى تۇغرىسى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەشقەر   ھەققىدە  يېزىلغان رۇمانلارنىڭ تېما ئالاھىدىلىگى  توغرىسىدا  
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)! I& k, Z. T. U) j5 ]      قەشقەر – دۇنياغا داڭلىق قەدىمىي مەشھۇر شەھەر .يىپەك يۇلىدىكى   مۇھىم تۈگۈن.قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن سىياسى ، ئىجتىمائى ، مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايتى مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇپ كەلگەن جاي.   بۇ شەھەرنىڭ تارىخى ئۇزگۇچە سىر ھىكمەتلەر بىلەن تۇيۇنغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تارىختىن بىرى  جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىشى سەۋەپسىز ئەمەس.بۇ يەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بۇيىچە نۇرغۇن مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئىختىرا قىلىنغان . بۇ جاي بۈيۈك قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان . بۇ جايدىن نۇرغۇن ئاتاقلىق   تارىخى شەخسلەر يىتىشپ چىققان .بۇ يەردە ئۇيغۇر قول ھۈنەر-سەنئىتى تەرەققى قىلغان ، بۇ يەرنىڭ سودا ئىشلىرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى بىلەن تۇتاشقان ، بۇ جايدا نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق ئادىتى،تىل ئادىتى، كىيىنىش ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، يىمەك –ئىچمەك ئادىتى ئۆزگۈچە.     دەل شۇ سەۋەپتىن بۇلسا كېرەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىدا ۋە  يازما ئەدەبىياتىدا بۇ شەھەر ھەققىدە نۇرغۇن ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بۇيىچە نۇرغۇن  ئەدەبىي ئەسەرلەر ، تەزكىرە ئەسەرلىرى، تارىخى ئەسەرلەر  يېزىلغان .بۇگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەدەبىي  ئەسەرلەر پروزا، نەسىر ، پوئېزىيە تۈرلىرى بۇيىچە يېزىلغان بولۇپ پەقەت پوئېزىيە، ھىكايە-پوۋېت، نەسىر تۈرى بۇيىچە يېزىلغان ئەسەرلەرنى توپلام قىلساق سانى كۈپ بولغان قەشقەر ھەققىدىى ئەسەرلەر جۇغلانمىسى ھاسىل بولىدۇ.قەشقەر ھەققىدە ھېلىھەم « قەشقەر» ژورنىلىنى مەركەز قىلىپ نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ، بۇ خىسلەتلىك شەھەر ھەققىدە كىندىك قېنى مۇشۇ يەرگە  تۈكۈلگەن ئەدىپلەر قەلەم تەۋرىتىش بىلەن بىرگە بۇ يەرگە باقا جايدىن قەدەم تەشرىپ قىلغان قەلەمكەشلەرمۇ قەلەم تەۋرىتىۋاتىدۇ، بۇ شەھرنىڭ نامىنى ئاڭلىغان قەلەمكەشلەرمۇ بۇ شەھەرنىڭ غايىبانى سېھرى كۈچىگە مەپتۇن بولۇپ قەلەم تەۋرىتىۋاتىدۇ،      بۇ ئارقىلىق قەشقەر ئۆزىنىڭ  قەلەمكەشلەر ئۆچۈن تۇرمۇش مەنبەسى، ئىلھام بولىقى بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى نامايە قىلىۋاتىدۇ. قەشقەر تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭ غورۇرىنى ، ئىپتىخارىنى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە قەشقەر تېما قىلىپ يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ، جۇغلانمىسى بىر قەدەر كۈپ بۇلىۋاتىدو. شۇ سەۋەپلىك  بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە مەخسۇس بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىشقا، كۈز يۇمۇشقا بولمايدىغان پاكىتقا ئايلاندى،قەشقەر ھەققىدە ئەسەر يازغان قەلەمكەشلەر ،قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر كۈپ بولغان ئىكەن ،  قەشقەر ھەققىدىكى ئەسەرلەر تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش مىنىڭچە ئەدەبىيات  تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر ۋەزىپە بولىشى كىرەك   ، چۈنكى،قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر قەلەمكەشلەرنىڭ  نۇقۇل ، بىر تەرەپلىمە ھالدا قەشقەر ھەققىدە بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ قۇيۇش ئۆچۈنلا يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەر قەشقەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس تۇپراقتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى ئەھۋالى،كەچمىشى، كەچۈرمىشى، ئېتنوگراپىيە ۋە ئېتىمولوگىيەلىك ئەھۋالى، تىل ، ئۆرۈپ-ئادەت، مەدەنىيەت ئەھۋالى،ئۇلارنىڭ روھى ، مەنىۋىيىتى ، ئازاپلىرى ، خۇشاللىقلىرى ، بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئىخچام كۈرىنىشىنى تەسۋىرلەش جەھەتتىكى بەدىئى ئىزدىنىشلىرىنىڭ  يىغىندىسىۇر. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى يولغا قۇيۇش ۋە كۈچەيتىش كىرەك. ئەلبەتتە قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر جۇغلانمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىكى بىر چوڭ تېما، بۇ چوڭ تېمانى بىر يۇلى ، بىر ماقالىدا يۇرۇتۇپ  بەرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۆچۈن ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كىلىدۇ،ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى  تۈرلىرى بۇيىچە ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ.  مەن مۇشۇ نۇقتىنى كۈزدە تۇتۇپ ،ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان رومانلار ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۈردۈم .
(http://bbs.oylirim.cn)% C! y. J% ~7 v3 A- c& {
(http://bbs.oylirim.cn)' a7 t) V" ]$ S. c4 U8 t3 l7 d3 ?2 pشۇنى ئالدى بىلەن كۈرسىتىش كېرەككى، قەشقەر- ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇنجى رومان  بارلىققا كەلگەن ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومانغا ئارقا كۈرىنىش بولغان جاي. بۇ تەرەپمۇ قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر رومانچىلىقى ئىشلىرى تارىخىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بىر تەرىپى. مەن يۇقۇرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بۇيىچە  قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھەم  بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ سان جەھەتتىن كۈپلىگىنى ئوتتۇرغا قۇيدۇم . مىنىڭ يۇقۇرىدا بۇ ھەقتە  ئوتتۇرغا قويغانلىرىم ئوبيىكتىپ ئەھۋال بولۇپ ،بۇ قاراش بۇيىچە بولغاندا قەشقەر ھەققىدە ۋە قەشقەرنى تېما قىلىپ نۇرغۇن رومانلارمۇ يېزىلغان ۋە نەشىر قىلىنغان بولىدۇ. مەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان 1950-يىلى نەشىر ئەدەبىياتىمىزدا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان رومان ھىساپلانغان « قانلىق يەر» رومانىدىن باشلاپ تاكى 2013-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان 129 رومانىستنىڭ 278 رومانى ( جەمئى 330 پارچە كىتاپ) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم . نەتىجدە قەشقەر ھەققىدە ۋە قەشقەرنى تېما قىلىپ يېزىلغان رومانلارنىڭ تولىمۇ كۈپلىگىنى ھېس قىلدىم . بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان بولغان « قانلىق يەر » رومانىنىڭ  قەشقەردە يېزىلغانلىقى مەندە « قەشقەر- ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇنجى رومان بارلىققا كەلگەن جاي ئىكەن » ، دىگەن تەسىراتنى پەيدا قىلدى. ئەلبەتتە بۇ ھەقتىكى ئەھۋال كۈپچىلىككە سىر ئەمەس، بۇ ئاللىبۇرۇن جامائەتكە ئاشكارىلىنىپ بۇلۇنغان مەخىپىيەتچىلىك . يەنى قەشقەر تۇغۇلغان مەمتىمىن توختايۇپ ( 1920-1969) ئىسىملىك يازغۇچىنىڭ  ئۇيغۇر رۇمانچىلىقىنىڭ تۇنجى مىۋىسى ھىساپلانغان « قانلىق يەر» ناملىق روماننى 1947 -، 1948-يىللىرى قەشقەردە يازغانلىقى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن مەزكۇر رومان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۈرۈشكەن 1993-يىلىلا جامائەتكە مەلۇم بولغان ئىدى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئەينى ۋاقىتتا روماننى تېپىشقا تىرىشچانلىق كۈرسەتكەن ئاتاقلىق شائىر ئابلىز نازىرى ، روماننى خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مەخمۇتجان ئىسلام قاتارلىق ئەدىپلەر بىزگە يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بايانىچە ،رۇمان ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدا قەشقەردە يېزىلغان ۋە يېزىلىپ بۇلۇنغاندىن كىيىن شۇ ۋاقىتتا قەشقەردە ئۇزاق يىل تۇرغان شاۋيۈنئەن دىگەن كىشىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىچكىرىدا خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىش ، ئېلان قىلىش ھەققىدىكى مەسلەھىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا بىرىلگەن. شاۋيۈنئەن دىگەن كىشى شۇ چاغدا بۇ رۇماننى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ‹ غەربىي-شىمال ئەدەبىيات-سەنئىتى › ( كىيىن بۇ ژۇرنال  ‹ يەنخې دەرياسى › دىگەن نامغا ئۇزگەرتىلگەن) ژۇرنىلىغا تاپشۇرغان . ئەمما كىيىن ئاپتۇرنىڭ مالايسىياغا چىقىپ كىتىشى سەۋەپلىك بۇ رۇماننىڭ ئىزدېرىگى بۇلمىغان . 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئابلىز نازىرى قاتارلىق يۇلداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ رۇماننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ‹ غەربىي-شىمال ئەدەبىيات-سەنئىتى › ژۇرنىلىنىڭ 1951-يىللىق 4-سانىدىن 9-سانىغىچە بېسىلغانلىقى مەلۇم بۇلغان. كىيىن مەخمۇتجان ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشى بىلەن بۇ رۇمان 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن  ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان . مەزكۇر رۇمان – ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ سىياىسى جەھەتتە خېيىم-خەتەر بىلەن تۇلغان ، ئىجادىيەتتە ئۇيغۇر رۇمانچىلىقىدا ھېچقانداق بىر ئەندىزە بۇلمىغان ئەھۋالدا يېزىلىپ ، ئۇيغۇر رۇمانچىلىقىنىڭ باھار پەسلىنىڭ يىتىپ كىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئەسەر بولۇپ قالغان . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ قەشقەردە يېزىلغان بۇ رومانغا قەشقەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقى ئارقا كۈرنىش قىلىنغان .ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان قەشقەردە يېزىلغاندىن كىيىن ۋە قەشقەر بۇ تۇنجى رومانغا ماكان  بولغاندىن كىيىن  قەشقەرنى تەسۋىرلەش،قەشقەرنى تېما قىلىپ رومان يېزىش   ئۇيغۇر رومانلىرىدا 80-يىللاردىن كىيىن ئىزچىل داۋاملاشقان ئەنئەنىگە ئايلانغان . ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا قەشقەرنى تېما قىلىپ يېزىلغان رومانلارنى مۇنداق تۈرگە بۈلۈشكە بولىدۇ. (1) ۋەقەلىگى قەشقەردە باشلانغان رومانلار.(2) ۋەقەلىگى باشقا جايلاردا باشلىنىپ كىيىن قەشقەرگە كەچۈرۈلۈش ئارقىلىق قەشقەر تەسۋىرلەنگەن رومانلار. ( 3) باشتىن-ئاخىرى قەشقەرنى ئارقا كۈرىنىش قىلىپ يېزىلغان رومانلار.بۇ ئۆچ خىل شەكىلدىكى رومانلارنى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن مۇنداق تۈرگە بۈلۈشكە بۇلىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)6 J1 S9 s. T& T' J4 K+ cبىرىنچى، خەلقنىڭ دېمگۇراتىيەگە بولغان تەلەپلىرى، ئەركىنلىك،ئازاتلىققا بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن رومانلار. بۇنداق رومانلارغا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن تارتىپ شىنجاڭ تېنىچلىق بىلەن ئازات بولغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى رېئاللىق ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. مەلۇمكى، بۇ يىللار شىنجاڭدا شىڭ شىسەي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن يىللار بولۇپ ، بۇ يىللار شىنجاڭنىڭ ئەڭ زۇلۇمەتلىك يىللىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت قەشقەر تېمىسىدىكى رومانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماتىريال مەنبەسى بولۇپ ، مۇشۇ رېئاللىق ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن رومانلاردا شىڭ شىسەينىڭ تىرورلۇق ۋە خەلقنى نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرى تەسۋىرلىنىش بىلەن بىرگە ياشلارنىڭ بولۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دېمگۇراتىيەگە بولغان تەلەپلىرى، ئەركىنلىك ، ئازاتلىققا بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. «قانلىق يەر» رومانىدا مۇشۇنداق رېئاللىق ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.   
(http://bbs.oylirim.cn)1 j: w) U$ b% K% T+ {2 h(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
روماننىڭ باش قەھرىمانى سادىق . ئۇ قەشقەردە  ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى قىزىلدۆۋە بازارلىق مەكتەپنىڭ ياش ئۇقۇتقۇچىسى بولۇپ ، ئۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قۇيغاندا گۈزەل قىز رەنانى كۈرۈپ ياخشى كۈرۈپ قالىدۇ. بىراق سالىي باينىڭ لۈكچەك ، خوتۇنباز ئوغلى قادىر رەنانى تۇقاللىققا ئېلىش نىيىتىدە بولىدۇ. رەنانىڭ دادىسى قايىتبايمۇ رەنانى باينىڭ بالىسىغا بېرىش نىيىتىدە بولىدۇ. پۇل ۋە ھۇقۇق ھەممىنى ھەل قىلىدىغان ئەشۇ زاماندا  رەنانىڭ تەقدىرىنىڭ مۇشۇنداق   بىر تەرەپ  قىلىنىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى.  پۇل ۋە ھۇقۇقى بار ئادەملەر ئالدىدا ئاددىي بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇھەببەتتە ۋىسالغا يېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىككى ياش ئىرادىللىرىدن يانمايدۇ. ئەمما قادىر سادىقنى نامرات كۈرۈپ بوزەك قىلىدۇ ، قادىر ساقچىلارغا پارا بىرىپ سادىقنى قولغا ئالدۇرىدۇ ،قەشقەردىن ئۆرۈمچىگە ئاپىرىپ ،  ئۆرۈمچىدىكى تۇرمىغا سولاپ ، قىيناپ ئۈلتۈرگۈزىۋېتىدۇ . بۇ ئارقىلىق قادىرنىڭ خۈنىك روھى دۇنياسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ، سادىقنىڭ مۇھەببەتكە سادىق ، جىگەرلىك ، باتۇر ، قەيسەر روھىنى نامايەن قىلىدۇ . روماندا شۇ دەۋنىڭ ئالاھىدىلىگىنى كۈرسۈتۈپ بىرەلەيدىغان سايىت ئاخۇن، قايىتباي، سالى باي، ھامۇت  ئاخۇن ئائىلىىسىدىن  ئىبارەت بىر-بىرىدىن تۆپتىن پەرقلىنىدىغان تۆت ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت ۋەقەسىنى يېزىش ئارقىلىق،20-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بۇلۇپمۇ قەشقەرنىڭ ئىجتىمائى رئىياللىغى ئارقا كۇرىنىش قىلىنىپ، مەدەنىي ئاقارتىش ھەركىتى، ئىلىم –مەرىپەت تارقىتىشى ، ھەققانىيەت ، يۇرۇقلۇق ، ئىلغارلىق بىلەن نادانلىق، قالاقلىق،خۇراپاتلىق، پارىخۇرلۇق ، مۇتەئەسسىپلىك ئۇتتۇرسىدىكى كۇرەش شۇنداقلا ياشلارنىڭ گۇمىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىنىڭ زۇلىمىغا قارشى تۇرۇپ ئەركىنلىك، ئازاتلىققا ئىنتىلىش جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن. رۇماندا سادىق بىلەن رەنانىڭ مۇھەببىتى يىپ ئۇچچى قىلىنىپ سايىت ئاخۇن، ئايخان، مۇھەممەت ئاكا، رۇسۇل، ئايىمخان ،مەريەمخان ، ئايشەم ، تاجىخان ۋە بىر قىسىم تۇرمىداشلاردىن ئىبارەت ئىجابىي ئۇبرازلار بىلەن سالىي باي ،قادىر، چۇلپانخان ، ھامىت، قەمبەرخان قاتارلىق سەلبىي پىرسۇناژلار ئۇتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى تەسۋىرلەپ ،گۇمىنداڭ ھۇكۇمرانلىق قىلغان قەشقەر ۋە ئۇرۇمچى رايۇنىنىڭ قاراڭغۇ رىئياللىقىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن.رومان ۋەقەلىگى كىيىن قەشقەردىن ئۆرۈمچىگە يۈتكەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا « قانلىق يەر» رومانىدىن كىيىن ئۇيغۇر ورمانچىلىدىكى ئۆزۈكچىلىك تۈپەيلىدىن قەشقەر ھەققىدە رومان بولماسلىق بوشلىقى كۈرۈلگەن،لېكىن 80-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىڭى باھارىنىڭ باشلىنىشى ، بولۇپمۇ  80-يىللارىن كىيىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ پۇختا ئاساس بىلەن گۈللىنىشىگە ئەگشىپ ،رومان ئىجادىيىتدە  قەشقەردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس تۇپراق يىڭى قىياپەت بىلەن نامايەن بۇلۇشقا باشلىغان . بۇ ۋاقىتتا  قەييۇم تۇردىنىڭ « كۈرەشچان يىللار» ناملىق رومانىدا بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر زەرەپشان دەريا ۋادىللىرىدىن قەشقەرگە كەچۈرۈلۈپ ، قەشقەرنىڭ 30-يىللاردىكى رېئاللىقى نامايەن قىلىنغان . ئۇنىڭ « كۈرەشچان يىللار » ناملىق رومانىدا  ئىلغار ياشلارنىڭ ۋە ئىقىلاپچىلارنىڭ ئازاتلىققا تەلپۈنۈش ھېسىياتى نامايەن قىلىنغان.   ئارقىدىنلا ئابدۇللا تالىپنىڭ 40-يىللاردىكى قەشقەر ياشلىرىنىڭ شىڭ شىسەينىڭ  ئەسكەر تۇلۇقلاش ئۆچۈن قوللانغان ھېيلىسى بولغان « ئالتۇن كولاش »سۈيقەستىنىڭ دامىغا چۈشۈپ ،   شىمالىي شىنجاڭغا سەپەر قىلىش جاريدانىدا ھايتىدىن ئايرىلغان تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن « چالا تەگكەن ئوق» رومانى  بىلەن تۇردى ساماساقنىڭ  قەشقەر ياشلىرىنىڭ 40-يىللاردا زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ، ئۆچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا تەلپۈنۈش ھېسياتى ئىپادىلەنگەن « ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر » رومانى نەشىر قىلىنغان . بۇ رومانلاردىكى ئورتاقلىق ۋەقەلىكنىڭ قەشقەردىن باشلىنىپ ، ئۆرۇمچى قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەنلىگى  ۋە ۋەقەلىكنىڭ باشقا جايدىن قەشقەرگە كەچۈرۈلگەنلىگى بولغان . شۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئەخەت تۇردىنىڭ « ئۇنتۇلغان كىشىلەر» ناملىق رومانلىرى نەشىر قىلىنغان. روماندا قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ئارقا  كۈرىنىش قىلىنىپ ، قەشقەردىكى ياشلارنىڭ ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ئۆچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. رومان ۋەقەلىگى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان.مۇھەممەت ئوسمان ئەمرىنىڭ « ناتۇنۇش يىگىت» ، تۇرسۇن ئۆمەرنىڭ« سۇبھىدىكى گۈلخان »،« تۈندىكى كۈچمەنلەر» قاتارلىق رومانلىرىدىمۇ مۇشۇنداق تۇرمۇش مەنزىرىسى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.  (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
            ئىككىنچى، چەتئەل تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ  30-يىللاردا قەشقەردە ئېلىپ بارغان ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن  شىنجاڭدىكى خىلمۇ-خىل مەقسەتتىكى سىياسى كۈچلەرنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ، قەشقەردە كۈچ سىنىشىپ ، شىنجاڭنى مالىمان قىلىش سۈيقەستىدە بولغان قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش تېمىسىدىكى رومانلار. تارىختىن خەۋىرى بار كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى،30-يىللاردىن كىيىنكى مەزگىل شىنجاڭنىڭ سىياسى سەھنىسى تولىمۇ قالايمىقان بولغان مەزگىل ھىساپلىنىدۇ.بۇ مەزگىللەردە ئەھۋالنىڭ بۇنداق بۇلىشى قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سىياسى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،  ئەھۋالنىڭ  بۇنداق بۇلىشىدا ئىككى خىل سەۋەپ بار. بىرى ،  30-يىللاردىن كىيىن  ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم  جاھانگېر دۈلەتلەر قەشقەردە ھەر خىل نامدا مەۋجۇت بۇلۇش ئىمكانىيتى ياراتقان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە ،شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن بۈلۈۋېتىشتەك سىياسى سۈيقەستلەر بىلەن شۇغۇللاندى.  يەنە بىرى ،  شىنجاڭنىڭ سىياسى سەھنىسىدە بارلىققا كەلگەن  ئوخشاش بولمىغان قاراشتىكى نۇرغۇن سياسى كۈچلەر قەشقەرگە توپلۇشۇپ ،قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ،  قەشقەردە ھەر خىل ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ، قەشقەردە كۈچ سىنىشىپ ،جاھانگېر دۈلەتلەرنىڭ سىياسى مۇدۇئاسى بۇيىچە ئىش كۈرۈپ ،  شىنجاڭنى مالىمان قىلىش،شىنجاڭنى پارچىلاش ، شىنجاڭنى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە سۈرەپ كىرىش غەرەزلىرىدە بولدى. نەتىجىدە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە زور قالايمىقانچىلىق بولدى، ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرنى قاپلىدى، خەلق نامراتلىقتا قالدى.قەشقەردىكى ھەرخىل سىياسى كۈچلەرنىڭ ھەر خىل مۇدۇئادىكى سىياسى ھەركەتلىرى بۇ خىل رېئاللىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى. يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئويغانغان زېمىن » ناملىق رومانى بىلەن سەمەت دۇگايلىنىڭ « ھايات شاماللىرى » ناملىق تۆت توملۇق رومانى مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومانلاردىن بولۇپ قالدى. « ئويغانغان زېمىن » رومانىدا قۇمۇلدىن باشلانغان ۋەقەلىك ئۆرۈمچى ، تۇرپان قاتارلىق جايلادىن قەشقەرگە كۈچۈرۈپ كىلىنىش ئارقىلىق ، « ھايات شاماللىرى » رومانىدا ۋەقەلىك قەشقەر شەھرىدىن باشلىنىپ ، ئەتراپتىكى رايۇنلارغا ۋە كۇچاغا كەچۈرۈلۈش ئارقىلىق يۇقۇرىقىدەك رېئاللىق ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئەكس-ئەتتۈرۈلدى.
(http://bbs.oylirim.cn)5 U, d6 o& z4 o' C  ^
(http://bbs.oylirim.cn)" B/ u1 k4 C8 n1 g: X0 z2 V) aئۆچۈنچى ، قەشقەردىكى يىڭىلىق بىلەن كونىلىق ، ئىلىم –مەرىپەت بىلەن نادانلىق ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومانلار.قەشقەر قەدىمدىن بۇيان ئىلىم –مەرىپەت ئوچىقى بولۇپ كەلگەن خىسلەتلىك دىيار. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىگى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلگەن ۋە 20-  ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تېخىمۇ گەۋدىلىنشكە باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيادا ئىلىم –پەن ، تېخنىكا ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشقا باشلىدى، تەرەققى قىلغان مىللەتلەر ۋە دۈلەتلەرنىڭ ئىلىم –پەن مۇئاپىقىيەتلىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىگىنى ئويغاتتى. بولۇپمۇ قەشقەر ۋە ئاتۇش دىيارىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەردە مۇشۇنداق ئىستەكنى يالقۇنلاتتى، بۇ يەردىن بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۈلەتلەرگە بېرىپ ئۇقۇپ ،يىڭى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگەللەپ ، يىڭى مائارىپ  بۇيىچە ئۇقۇتۇش، تەلىم –تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، قەشقەرگە كىلىپ ، قەشقەردە يىڭى ئىدىيەلەرنى تارقىتىشقا  ، ئەۋلاتلارنى يىڭى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى بۇيىچە تەربىيلەشكە باشلىدى، مەتبۇئاتلارنى تەسىس قىلىپ ، كىشىلەرنى ئىلىم –پەن ئىگەللەشكە دەۋەت قىلدى.ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى،مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر مۇشۇنداق يىڭىلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ بايراقدارلىرى بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىلغار ھەركەتلىرى جاھالەت كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ بىلەن قەشقەردە يىڭىلىق بىلەن كونىلىق ، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق ،ئىلىم-پەن بىلەن نادانلىق ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش كەسكىن تۈس ئالدى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر، ئىسلاھاتچىلار نادانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.  خېۋىر تۈمۈرنىڭ « ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە » ،غۇلام ئۆمەرنىڭ « بايۋاندىكى گۈلخان » قاتارلىق رومانلىرىدا مۇشۇنداق ئەھۋال ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.بۇ رومانلار قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يۇقۇرىقىدەك رېئاللىقى ھەققىدە يېزىلغان نادىر ئەسەرلەردۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)0 X6 U) h* K- T
(http://bbs.oylirim.cn)' Z1 b! Z# A: Q) M" B. N# K+ Rتۈتىنچى، قەشقەرنىڭ قەدىمقى ۋە يېقىنقى  دەۋرلەردە  خەلقىمىزنىڭ سىياسى ، ئىجتىمائى ھاياتىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش تېمىسىدىكى رومانلار. قەشقەر خەلقىمىزنىڭ سىياسى ، ئىجتىمائى ئىشلار تارىخىدا، ئىلم –پەن ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان مۇقەددەس جاي. ئۇنىڭ تارىخىمىزىدىكى بۇنداق مۇھىم ئورنى بۇنىڭدىن  نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى تارىخ تارەققىياتىدا نامايەن بولغان .بۇ جاي بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى قۇرۇلغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ، شۇ سەۋەپلىك بۇ جايغا ئالىم –ئۆلىمالار توپلانغان ، بۇ يەردە مەدەنىيەت گۈللەنگەن، ئىلىم –پەن ئىشلىرى تەرەققى قىلغان ، بۇ يەردە نۇرغۇن دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلغان ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋىي شۈھرەتكە ئىگە بولغان مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرىمىز مۇشۇ تۇپراقتا چوڭ بولغان ، ئۇلار مۇشۇ جايدا ۋە مۇشۇ جاينىڭ خاسىيتىدە ئۆزلىرىنىڭ « ‹ دىۋان لۇغەتىت تۈرك › تۈركىي تىللار دىۋانى » ،« ‹ قۇتادغۇبىلىگ ›بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم» دەك كاتتا ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان . بۇ ئىشلار نۈۋەتتە خەلقىمىزنى ئىپتىخارغا چۈمۈلدۈرىدىغان تارىخ ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ئىپتىخارلىنارلىق تارىخ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « سۇتۇق بۇغراخان »،ھاجى مىرزاھېد كېرىمنىڭ « يۈسۈپ خاس ھاجىپ»،پەرھات جىلاننىڭ « مەھمۇد قەشقىرى » قاتارلىق رومانلىرىدا ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.
(http://bbs.oylirim.cn)" w2 i1 }) q( M/ v
(http://bbs.oylirim.cn), Y8 c# T  f6 @0 a: m% n' sبەشىنچى،  پىئۇداللىق نىكاھ تۈزۈمىنىڭ قەشقەر خوتۇن –قىزلىرىنى نىكاھ ، ئائىلە ، مۇھەببەت ئىشلىرىدا بەختسىزلىككە ئۇچراتقان قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش تېمىسىدىكى رومانلار.پىئيۇداللىق ئەنئەنە، كونا قاراش – قەشقەرنىڭ ئىجتىمائى  تۇرمۇش رېئاللىقىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولۇپ ،بۇنداق ناچار ئىللەتلەر كونا جەمئىيەتتە قەشقەر خوتۇن –قىزلىرىنىڭ پۇت-قۇلىنى چۈشەپ تۇرغان كىشەندەك ئۇلارنىڭ   نىكاھ ، ئائىلە ، مۇھەببەت  ئىشلىرىغا زور تۇسالغۇلۇقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇلىرىنى توزغاقتەك تۇزۇتقان . شۇڭا ئۇلار سەرسان- سەرگەردان بولۇپ بۇ يەردىن يىراق يۇرتلارغا چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان . ھاجى مىرزاھېد كېرىمنىڭ « جۇدالىق » ناملىق ئىككى توملۇق رومانى مۇشۇنداق تۇرمۇش رېئاللىقىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومانلارنىڭ بىرىدۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)) w2 H7 K" k& H/ [1 A  t  Q- X& B(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالتىنچى، قەشقەرلىك   ۋەتەنداشلارنىڭ چەتئەلدە تۇرۇپ ، قەشقەرنى سېغىنغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومانلار. قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇقۇش، بىلىم ئىگەللەش، سودا-تىجارەت قىلىش، تىرىكچىلىك  ، ھاياتلىق يۇلى ئىزدەش، تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا ئىشلار  مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردە تۇرۇپ قالغان ۋەتەنداشلار ئەڭ كۈپ جاي ھىساپلىنىدۇ.قەشقەردىن  چىقىپ كەتكەن ۋەتەنداشلار دۇنيانىڭ كۈپ قىسىم جايلىرىدا كۈزگە چىلىقىدۇ ، شۇنداقتىمۇ    ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق جايلار قەشقەرلىك ۋەتەنداشلار ئەڭ كۈپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ۋەتەنداشلارنىڭ كۈنلىرى دائىم ئەزىزانە قەشقەرنى سېغىنىش بىلەن ئۆتىدۇ، بەزىللىرى ئۇ يەرلەردىكى باياشات تۇرمۇشىنى تاشلاپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەشقەرنى سېغىنىشى ، قەشقەرگە قايتىپ كىلىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتەن بولغان جۇڭخۇا ئىلىنى سېغىنغانلىقى ، جۇڭخۇا ئىلىدىن ئىبارەت ئانا ۋەتەننى سۈيگەنلىگىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھاجى مىرزاھىد كېرىمنىڭ « جۇدالىق »، ئەخەت تۇردىنىڭ « سەرسان روھ» قاتارلىق رومانلىرىدا مۇشۇنداق ئىدىيە ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.
(http://bbs.oylirim.cn)2 K! _+ H9 t+ j2 o* j( {
(http://bbs.oylirim.cn)3 @3 ~8 P# c( e/ mيەتتىنچى، قەشقەر كىشللىرىنىڭ پاك مۇھاببەتكە سادىق بولۇش، مۇھەببەتنى ، سۈيگۈنى قەدىرلەشتەك ۋاپادارلىق خىسلىتىنى نامايەن قىلغان رومانلار.قەشقەر يەنە مۇھەببەتكە سادىق ، ۋاپادار ، شەرمى –ھايالىق قىز-يىگىتلەرنى يىتىشتۈرگەن ماكان. بۇ يەردە تارىختىن بۇيان مۇھەببەتكە، سۈيگۈگە سادىق ئاشق –مەشۇقلار ئۆتكەن ، بۇ ھەقتە  نۇرغۇن قىسسىلەر بارلىققا كەلگەن، بۇ قىسسەلەردە قەشقەر قىز-يىگىتلىرى مۇھەببەتكە سادىق ، ۋاپادار قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، بۇ ھال قەشقەر تېمىسىدىكى رومانلاردىمۇ ئېنىق ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. سەمەت دۇگايلىنىڭ « ھايات شاماللىرى»،مۇھەممەت ئوسمان ھاجىمنىڭ « ئىشق يۇلى»  ۋە ئەخەت تۇردىنىڭ « يىراقتا قالغان مۇھەببەت» قاتارلىق رومانلىرى مۇشۇ خىلدىكى رومانلار تىپىغا كىرىدۇ. « ھايات شاماللىرى» روماندىكى مىربىلالنىڭ بۇۋىسارىگە بولغان مۇھەببەت ، سۈيگۈ ئەقىدىسىنىڭ تىپىك ۋەقەلەر مۇھىتىغا قۇيۇپ تەسۋىرلىنىشى ، « ئىشق يۇلى» رومانىدا شاۋاز قارىمنىڭ ئاتۇشلۇق چىرايلىق قىز گۈلخۇمارغا بولغان ئەقىدىسىنىڭ چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىنىشى ئۇيغۇر يىڭى دەۋر رومانچىلىقىدا  مۇھەببەت تېمىسىدىكى رومانلارنىڭ نادىر ئۆلگىللىرىدۇر. « يىراقتا قالغان مۇھەببەت» رومانىدا قەشقەرنىڭ يىڭى دەۋرگە تەۋە ياشلىرىنىڭ مۇھەببەت، كەسپ، ئەخلاق ، غايە ، نىكاھ، ئائىلە ھەققدىكى قاراشلىرى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.  
(http://bbs.oylirim.cn)1 c/ T3 x! E6 ~2 I0 `0 n$ Y0 {* k
(http://bbs.oylirim.cn)  U5 U6 g5 M+ u; ~سەككىزىنچى، قەشقەردە يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر ۋە بۇ ۋەقەلەر جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن تارىخى شەخسلەرنىڭ ئەھۋالىنى يۇرۇتۇشقا بېغىشلانغان رومانلار. قەشقەردە تارىختىن بۇيان نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلار تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇنداتۇرىدىغان ۋەقەلەردۇر. بۇ ۋەقەلەر جەريانىدا يەنە نۇرغۇن ئىجادبىي ۋە سەلبىي تارىخى شەخسلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ نامى ئۆز تۈھپىللىرى ۋە قىلمىشلىرىغا مۇناسىپ ھالدا تارىخ بەتلىرىگە كۈمۈلگەن. كىيىنكى مەزگىللەردە مۇشۇ ۋەقەلەرنى ماتىرىيال قىلىپ نۇرغۇن رومانلار يېزىلغان ، بۇ رومانلاردا مۇشۇ ۋەقەلەر جەريانىدا بارلىققا كەلگەن تارىخى شەخسلەر ئوبرازى يارىتىلغان . مەسىلەن ، ھاجى مىرزاھېد كېرىمنىڭ « يۆسۈپ خاس ھاجىپ»،  سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «  سۇتۇق بۇغراخان»،ئابدۇۋېلى ئېلىنىڭ « ئاپاق خۇجا»،« توزغاق خوجا» ، پەرھات جىلاننىڭ « مەھمۇد قەشقىرى»، خېۋىر تۈمۈرنىڭ « ئابدۇقادىر دامموللا ھەققىدە قىسسە» ، تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ « ئۇسۇل پىشىۋاسى قەمبەر خانىم » ، غەيرەت ئابدۇللانىڭ « تەۋۋەرۈك » . ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ « پادىچى ۋاڭ»،« توختاملىق مۇھەببەت » قاتارلىق رومانلىرى   مۇشۇ خىلدىكى رومانلاردۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)# S$ p9 m/ w! r. D3 M* g! \% `3 Y# x# l(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
توققۇزىنچى، قەشقەر كىشىللىرىنىڭ ئۆزگۈچە تۇرمۇش ئادىتىنى  تەسۋىرلەش تېمىسىدىكى رومانلار .قەشقەر كىشىللىرى ئولتۇراق ئادىتى ، تىل ئادىتى  جەھەتتىن ئۆزگۈچە تۇرمۇش ئەنەئەنىسىگە ئىگە .بۇ ئەنئەنە قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايۇنىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك . بۇنداق ئەھۋال بىر قىسىم رومانلارداتەسۋىرلەنگەن، بۇ ئارقىلىق   بۇنداق رومانلاردا  قەشقەر كىشىللىرىنىڭ     تۇرمۇش ئالاھىدىلىگى،   پىسخىكىسى   ، كىشىلەرنىڭ ئائىلە، نىكاھ، مۇھەببەت، قۇشنىدارچىلىق، تۇي-تۇكۇن، ئۇلۇم-يىتىم ،سۇدا-تىجارەت جەھەتتىكى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى  ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىي-رۇھى دۇنياسى  نەسەب ۋە جەمەت بىرلىگىنى ئەلا بىلدىغان تۇرمۇش ئادىتى  گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئابلا ئەھمىدىنىڭ « تۈشۈك مۇنچاق»، زۇلپىيە كولتېگىننىڭ « كۈيۈككە داۋا يوق» قاتارلىق رومانلىرى بۇنىڭغا مىسال بۇلالايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)4 t  y. u' V: i: E! p+ O8 cئونىنچى، قەشقەردە ئازاتلىقتىن كىيىن بولغان ئىجتىمائى ، سىياسى ھەركەتلەرنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومانلار.مەملىكىتىمىزدە ئازاتلىقتىن كىيىن بىر قاتار  سىياسى، ئىجتىمائى ھەركەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، قەشقەرمۇ بۇ ھەركەتلەرنىڭ سىرتىدا قالمىغان ، بۇنداق ھەركەتلەر قەشقەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان  .مەملىكىتمىزدە ئازاتلىقتىن كىيىن   ئېلىپ بېرىلغان  سىياسى ، ئىجتىمائى ھەركەتلەرنىڭ ۋەكىللىگى ئۇن يىل داۋاملاشقان « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دۇر. بۇ ھەركەتنىڭ ئېلىپ  بېرىلىش جەريانى ، تەسىرى، شەكلى ، ئۇسۇلى،كەلتۈرگەن  ئاقىۋىتى ئابلا ئەھمىدىنىڭ« داۋالغۇش»، « يىللار » ناملىق رومانى بىلەن  سەمەت دۇگايلىنىڭ « نۇرلۇق قەلبلەر » ناملىق رومانىدا ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. « يىللار » رۇمانىدا ئاپەتلىك يىللار دەۋرىدىكى قەشقەر  ۋە ئۇنىڭ يېزىللىرى  ئارقا كۇرىنىش قىلىنغان .  رۇماندا  ‹ مەدەنىيەت زۇر ئىنقىلابى › ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىجتىمائى رىئياللىق ئارقا كۇرىنىش قىلىنىپ ،بۇغراجان بىلەن  ئابىدەمدىن ئىبارەت ئەر-خۇتۇننىڭ كەچۇرمىشى ئارقىلىق بۇلۇپمۇ بۇغراجاننىڭ ئۇلۇمى ئارقىلىق ئاپەتلىك مەدەنىيەت زۇر ئىنقىلابىنىڭ  جىنايەتلىرى ئۇستىدىن شىكايەت قىلىنغان . ئۇلارنىڭ مۇھەبەت،  ئائىلە ئىشلىرى، تۇرمۇش سەرگۇزەشتىللىرى ئارقىلىق ئاپەتلىك يىللار دەۋرىنىڭ رىئيللىقى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن. ئەينى يىللاردىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ  ۋەيرانە قىياپەتلىرى جانلىق سۇرەتلەپ  بىرىلگەن.  شۇنداقلا شۇ ئاپەتلىك يىللار مەزگىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋەيران بۇلغان ئائىلە ئىگىلىگىنى تىكلەش يۇلىدىكى جاسارىتى ، كۇرەشلىرى ۋە يىڭىچە تۇرمۇشقا  قەدەم قۇيۇش ھەققىدىكى ئارزۇلىرى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن.  رۇماندا ۋەقەلىك  مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلانغان 1967-يىلقى بىر ۋەقەدىن باشلاپ  بايان قىلىنغان . بۇغراجان   رۇماننىڭ ئاساسى باش پىرسۇناژى بۇلۇپ ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ‹ سۇل › چىل سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ ناھەق ئۇلۇپ كەتكەن زىيالىلارنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇ مەلۇم بىر باسما زاۋۇدىنىڭ خادىمى بۇلۇپ خىزمەتتە تىرىشچانلىقى ، پىرىنسىپچانلىقى، بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلىقى ، كەسىپچانلىق رۇھىنىڭ كۇچلۇكلىگى بىلەن   بۇلۇپمۇ پارتىيە- دۇلەتنىڭ ئىشلىرىغا سادىقلىغى بىلەن  ھەممىنىڭ ئېتىرابىغا ئىرىشكەن ئىدى . لېكىن ئۇ ئىسيانچىلار تەرپىدىن ناھەق قارىلىنىپ  قۇلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيىنى ئاقتۇرغان ئىسيانچىلار ئۇنىڭ ئۇيىدىن ئۇزى يازغان بىر  خاتىرىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭدىن  بۇغراجان يازغان شئېرلارنى كۇرۇپ ئۇنى ‹ ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى شئىېرلارنى يازغان  نەق ئەكسىل ئىنقلاپچى  › دەپ قىيناپ –ئۇرۇپ ئۇنىڭ ئۇلىمىنى  كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلىمىدىن كىيىن ئايالى ئابىدەم  شاۋكەت ۋە رەيھان ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتىنى بېقىش جەريانىدا  نۇرغۇن مۇشكىلاتلارغا ئۇچرايدۇ، شاۋكەت چۇڭ بۇلۇپ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ياراملىق باسما كەسپى خادىمى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ. 1978-يىلدىن كىيىن سىياسى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا  ئەگىشىپ  1980-يىلغا كەلگەندە بۇغراجاننىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇلۇمىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشتا باشلامچى بۇلغان  مۇھەممەتئىمىن ، ئاباق  قاتارلىق كىشىلەر تىگىشلىك قانۇنى جازاغا تارتىلىپ قىلمىشلىرىدىن ھىساپ بىرىدۇ. رۇماندا ‹ مەدەنىيەت زۇر  ئىنقىلابى › مەزگىلىدىكى ئەلەم كۇرىشى ۋە قەلەم كۇرىشى  ۋەزىيىتى ئەھۋالى خېلى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. رۇمان ئابىدەمنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە دۇلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 32 يىللىقىغا  قىزغىن تەنتەنە قىلغان خۇشاللىقلىرىنى تەسۋىرلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلغان . رۇماننىڭ ۋەقەلىگى خېلى ئەگرى-تۇقاي بۇلۇش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 v8 O) `* _" Z1 e
(http://bbs.oylirim.cn). Z# u. y- U% W0 L) L9 `% o$ \4 \+ Sئابلا ئەھمىدىنىڭ  « داۋالغۇش» رومانىدا« مەدەنىيەت زۇر ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى قەشقەر يېزىللىرىنىڭ ئەھۋالى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. ئىككى توملۇق بۇ روماننىڭ    1-تۇمىنىڭ نامى ‹ئاي قاراڭغۇسى › . 2-تۇمىنىڭ نامى ‹ شەبنەم ›  بولۇپ ، رۇماندا تۇلەندى ئاخۇن   ۋە ئۇنىڭ قىزى تاجىگۇل ، قەشقەر شەھرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئائىلە ھىساۋىدا قۇمساراي  دىگەن يەرگە چۇشۇرۇلگەن تاشمەت ئاكا ۋە ئۇنىڭ قىزى گۇلزار قاتارلىقلارنىڭ كەچۇرمىشلىرى ئارقىلىق  شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار بايان قىلىنغان . شۇ ۋاقتىدىكى  چېكىدىن ئاشقان ‹ سۇل › سىياسەتنىڭ كىشىلەرگە كەلتۇرگەن بالايى –ئاپەتلىرى ئۇستىدىن شىكايەت قىلىنغان . رۇماندا ‹ سۇل › چىل سىياسەت دەۋرىدىكى سۇز-ئىبارە ۋە ھەركەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ سۇز - ھەركىتىدە ، پىسخىكىسىدا ، كىيىنىشىدە ، يۇرۇش-تۇرىشىدا  ۋە مۇناسىۋەتلىرىدە چۇڭقۇر ئۇمۇملاشقانلىقىدەك ھالەت رۇشەن گەۋدىلەندۇرۇلگەن. رۇماندا يەنە مەتكېرەم  قاتارلىق پىرسۇناژلار ئۇبرازى ئارقىلىق شۇ ۋاقتىدىكى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان تۇرلۇك سىياسى ۋە ئىجتىمائى  ھەركەتلەرنىڭ ئەھۋالى نامايەن قىلىنغان . رۇمان ئاساسەن يېزا تېمىسىدا يېزىلغان بۇلۇپ ،ئاپەتلىك يىللار مەزگىلىدىكى قەشقەر يېزىللىرىنىڭ   رىئياللىغى چىنلىق بىلەن ئەكس-ئەتتۇرۇگەن رۇمان ھىساپلىنىدۇ .
(http://bbs.oylirim.cn)- k& G% k$ F- ~- u2 n' F
(http://bbs.oylirim.cn); N6 h. m; c8 H- A« نۇرلۇق قەلبلەر» رومانى قەشقەردىكى ئاپتۇمبېل سانائىتى ئىشچىللىرىنىڭ   ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەشكە بېغىشلانغان  رىياللىق تېمىسىدىكى  رۇمان بولۇپ ،     رۇماندا 1975-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 1976-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بۇلغان  ئارلىقتىكى ئىجتىمائى-سىياسى ۋەزىيەت ئارقا كۇرىنىش قىلىنىپ ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ شۇ يىللاردا پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۇرسەتكەنلىگى  ۋە ئاخىرىدا غەلبىگە ئېرىشكەنلىگى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن. رۇمان ئۇزىگە ئارقا كۇرىنىش قىلغان بۇ يىللار ئىلىمىزدە كۇڭزىنى پىپەن قىلىش، «سۇ بۇيىدا» رۇمانى ۋە ئۇنىڭدىكى سۇڭ جىياڭغا قايتا باھا بىرىش دۇلقۇنى قۇزغالغان ، سىياسى ھەممىگە قۇماندانلىق قىلىدۇ، نەزىريە ئۇگىنىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، تېخنىكا نەزىريىسى ئەسقاتمايدۇ، سىنىپىي كۇرەش تۇتقا دىگەن قاراشلار بازار تېپىۋاتقان ۋە ھەممىگە ھۇكۇمرانلىق قىلۋاتقان يىللار ئىدى. شۇ سەۋەپلىك  بۇ يىللاردا بىلىملىك كىشىلەر  ھەر  خىل ناملار بىلەن قارىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتاتتى. رۇمان دەل مۇشۇنداق رىياللىقنى ئەكس-ئەتتۇرگەن بۇلۇپ سىياسى ھەممىگە قۇماندانلىق قىلىدۇ ، دەپ قارالغان ئەشۇ يىللارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ بىر رىئيال تۇرمۇش تىمىسىدىكى رۇمان بۇلۇپ مەلۇم بىر ئاپتۇمبېل زاۋۇدىدىكى ئىشچىلار ئادىل ئىسىملىك بىر ياش تېخنىكنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئىشلەپچىقىرىشنى يۇكسەلدۇرۇش ئۇچۇن تېخنىكا يىڭىلاپ ماتۇر سىناش جازىسى ياساش سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ ۋە سىناقتا نەتىجە قازىنىدۇ.بۇ ئىشنى زاۋۇت پارتىيە ياچەيكىسىنىڭ  شۇجىسى رۇزا ئاخۇن  قۇللايدۇ. رۇسۇل، قادىر  قاتارلىق ئىشچىلارمۇ بۇ ئىشقا باش قۇشىدۇ ۋە ھەمدەم بۇلىدۇ.  لېكىن رەسمى سىناق قىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۇرىلىش ئالدىدا ھاشىم ئىسىملىك يامان نىيەتلىك بىر كىشىنىڭ سىنىپىي نۇقتىدىن ئۇچمەنلىك قىلىشى بىلەن بۇ ئىش سۇغا چىلىشىدۇ. كىيىن بۇ ئىش چۇڭ مەسىلىگە يەنى سىياسى مەسىلىگە  ئايلىنىدۇ. زاۋۇتتىكى ئىسيانچىلاردىن تەشكىللەنگەن  « نەزىريە ئۇگىنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش گۇرۇىپىسى » بۇ سىناقنىڭ مەغلۇپ بۇلىشى زاۋۇتتا سىياسىغا، نەزىريە ئۇگىىنىشكە سەل قارالغانلىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ رۇزى ئاخۇن، ئادىل قاتارلىقلاردىن ھىساپ ئېلىشنى ئۇتتۇرغا قۇيىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى  ئۇلار ئاپتۇمبېل ئىشلىرى ساھەسىدىكى  مۇتەخەسس بۇلسىمۇ لېكىن شۇ ۋاقىتلاردا «نەق ئەكسىلئىنقىلاپچى ، ئاق مۇتەخەسس» دەپ قارىلىنىپ ئازاپ تارتىۋاتقان بىلەم ئىگىسى- ۋاڭ ياخەننىڭ ئادىلغا مۇناسەۋەتلىك ماتىرياللارنى بىرىپ ئادىلنىڭ ماتۇر سىناش جازىسىنى ياسىشىغا ياردەم بەرگەن  ئىشىنى بىر-بىرىگە چېتىپ بۇلارنى كۇرەش، پىپەن قىلىدۇ. چۇڭ خەتلىك گېزىت چاپلاپ قەلەم كۇرىشىنى باشلايدۇ. رۇزى ئاخۇننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ  زاۋۇتنىڭ ھۇقۇقىنى تارتىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى پالەچ ھالغا چۇشۇپ قالىدۇ. 1976-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە رەيھانەم ئىسىمىلىك بىر   كىشىنىڭ زاۋۇتقا رەھبەر بۇلۇپ كىلىشى ، ئۇنىڭ سىياسىنىمۇ تۇتىشى، ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ تۇتىشى بىلەن زاۋۇتنىڭ ئىشلىرى تەرتىپكە چۇشۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىەە كىلىدۇ، ئادىل ئېلىپ بارغان سىناق مۇئاپىقىيەتكە ئىرىشىدۇ. رۇماندا مۇللا تۇردى، رۇزى ئاخۇن، ئادىل ، رۇسۇل قاتارلىق ئىجابىي ئۇبرازلار بىلەن ئابدىغىنى، ھېمىت، پەرىزات، نۇرئەلاخان، ھاشىم ، سەلەي  قاتارلىق سەلبىي ئۇبرازلار ئۇتتۇرسىدىكى زىددىيەت تۇقۇنۇشى ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى سىنىپىي كۇرەش ۋەزىيىتى جانلىق ۋە رۇشەن ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن. ھەر بىر ۋەقەلىك ۋە تەپسىلاتقا شۇنداقلا پىرسۇناژلارنىڭ سۇزىگە سىنىپىي تۇس بىرىلگەن  بۇلۇپ بۇ ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى رىياللىق ئۇبدان گەۋدىلەندۇرۇلگەن. ھەتتا كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىغىمۇ سىنىپىي تۇس بىرىلگەن. رۇمان ۋەقەلىگى  ئەسلىمە شەكلىدە بايان قىلىنغان بۇلۇپ ۋەقەلىگى، تىلى  قىزىقارلىق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .رۇماندا يەنە دەۋىر رۇھى رۇشەن نامايەن قىلىنغان بۇلۇپ ئادەمنى شۇ دەۋىر مۇھىتىغا باشلاپ كىرەلەيدۇ، رۇماننىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشقان بۇلۇپ ئاپتۇرنىڭ يۇقىرى بەدىئى ماھارىتى نامايەن قىلىغان ، رۇماننىڭ تىلىمۇ تاللانغان .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)7 X  z+ C% R- p: n- Q
(http://bbs.oylirim.cn)3 l9 |) }  ^# z. p(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
            ئون بىرىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۈرتكۈسىدە قەشقەر شەھرىنىڭ قىياپىتىدە بولغان ئۆزگۈرۈشلەرنى ، قەشقەرلىكلەرنىڭ بەختىيار، خۇشال تۇرمۇشقا ئېرىشكەن رېئاللىقىنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومانلار. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ قىياپىتىنى يىڭىلاش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى  ياخشىلاش قۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بەردى.   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەردە ئەمىن ئۆي قۇرۇلىشىنى يولغا قۇيۇلۇپ   ، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش  خىزمىتى ئىشلەنگەندىن بۇيان بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەردە  زور نەتىجىلەر  قولغا كەلتۇرۈلدى، قەشقەرنىڭ قىياپىتىدە يىڭىلىنىش بولدى، يىپەك  يۇلى بويىدىكى بۇ داڭلىق تارىخى شەھەر دۇنيا ئەھلىنىڭ ئالدىدا يىڭى قىياپەت بىلەن نامايەن بولدى. بۇ خىل ئەھۋال ئەخەت تۇردىنىڭ «كونا كۇچا » ناملىق رومانىدا ئەكد-ئەتتۈرۈلدى. قەشقەرنىڭ ئۇزگۇچە تۇرمۇش رىئيالىىقىنى مەنبە قىلىپ يېزىلغان بۇ رۇمان  رئىيالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان بۇلۇپ ، رۇماندا قەشقەرنىڭ ئۇتمۇشى ، بۇگۇنى ئەكس- ئەتتۇرۇلگەن. قەشقەرنىڭ گۇزەل ئەتىسىدىن  بىشارەت بىرىلگەن. رۇماننىڭ ۋەقە –سۇژىتى بەكمۇ ئاددىيدەك كۇرىنىدۇ، شۇنداقلا رۇمان ۋەقەلىگى ئادەتتىكى تۇرمۇش مەنبەسىدىن كەلگەندەك بىلىنىدۇ . لېكىن بىز رۇماننى ئۇقۇساق رۇمان تېمىسىنىڭ ئاكتىۋال، ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش دېتاللىرىدىن تاللاپ ئېلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز. رۇماندا ئەل رايى قۇرۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېما  ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان .   شەھەر پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە شەھەر تېمىسى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن بۇ رۇماندا  شەھەر قىياپىتىنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا يېڭىلاش ، پۇقرالارنىڭ كۇنىراپ كەتكەن خەتەرلىك ئۇيلىرىنى بۇزۇپ قايتىدىن يڭىلاش ياكى ئەسلىدىكى ئۇرنىدىن باشقا جايغا كۇچۇرۇپ گۇزەل،بىخەتەر  ئۇلتۇراق مۇھىتى بەرپا قىلىش ، يارىتىش ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مەركەزلىك ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان .بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋىي ئاڭ بىلەن زامانىۋىي ئاڭ ئۇتتۇرسىدىكى قاتمۇ-قات زىددىيەت تۇقۇنىشى كۇرسۇتۇپ بىرىلگەن. گەرچە بۇ ئىش ئېغىزدا دىمەككە ئاسان بۇلغىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە بۇ كۇنىلىق بىلەن يىڭىلىق، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ئۇتتۇرسىدىكى تۇنۇش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك  بۇلغان شۇنداقلا ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائى جەھەتلەردىن كۇپ مەبلەغ  تەلەپ قىلىدىغان ، ئەمىلىيلەشتۇرۇش قىيىن بۇلغان سەزگۇر مەسىلە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئاپتۇر رۇماندا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بۇلغان بۇ تىمىنى بەدئى ئەدەبىيات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ،كىتاپخانلارغا  ئېستىتىك زۇق ئاتا قىلماقچى بۇلغان . يازغۇچى رۇماندا قەشقەرنىڭ قەدىمىي مەشھۇر كۇچىسى-ئۇزىنىڭ كىندىك قېنى تۇكۇلگەن  شۇنداقلا قەشقەرنىڭ ‹كۇزى › ھىساپلىنىدىغان  جانان كۇچىسىدىكى كىشىلەرنىڭ قەشقەر شەھرىنىڭ  كۇنا شەھەر رايۇنىدىكى ئۇلتۇراق ئۇيلەرنى ئۇزگەرتىش قۇرۇلىشىغا قارىتا   قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ  ، قەشقەر شەھرىنىڭ  كۇنا شەھەر رايۇنىنى ئۇزگرتىش  قۇرۇلىشىنى ‹ئەنئەنە ئاساس، زامانىۋىيلىق نىشان › دىگەن تۇت خەتلىك ھۇكۇم خاراكتىرلىك مەنتىق پىكىرگە يىغىنچاقلاپ ئەكس-ئەتتۇرۇپ بەرگەن.بۇ جەرياندا جانلىق پىرسۇناژلار ئۇبرازىنى ياراتقان . رۇماندا باش تېمىنىڭ ئېھتىياجى ۋە  مۇرەككەپ سۇژىت تۇقۇنۇشلىرىنىڭ بەدىئى يۇنىلىشىگە ماس ھالدا زاھىر ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئۇخشىمىغان خاراكتىرىدىكى ئىككى ئۇغلى (چۇڭاخۇن ۋە ئابدۇش ) ، ئايۇپ ئىمام، غۇلام مۇدېر، رېشىت پەلەڭ، ھېزىم ھەسەن ، قاسىم ماكماك، لەيلى بىلەن ئۇبۇق قاتارلىق تىپىك پىرسۇناژلار ئۇبرازىنى ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ سىرلىق ، مۇرەككەپ رۇھى دۇنياسىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇ ئۇبرازلار مۇھەببەت ۋە نەپرەت، ، ئەلەم ۋە ھەسرەت، ئادالەت ۋە زالالەت، شاپائەت ۋە قاباھەت ئېڭىغا تۇيۇنغان ئالاھىدە ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مۇرەككەپ سۇژىت لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ  جانلىقلىققا ۋە ھەركەتچانلىققا ، جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان . بۇ ئارقىلىق قەشقەر كىشللىرىنىڭ نۈۋەتتىكى پىسخىكىسى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
            ئۇن ئىككىنچى،بازار ئىگىلىگى  تۈرتكۈسىدە قەشقەردە پەيدا بولغان  ۋە قەشقەر كىشىللىرىنىڭ مەنىۋىي –روھى دۇنياسىدا يۈز بەرگەن پۇل ئۆچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايلا ھەممە پەسكەش ئىشلارنى قىلىدىغان ناچار ئىللەتنى قامچىلاش تېمىسىدىكى رومانلار. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تۈرتكۈسىدە قەشقەردە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى.قەشقەر كىشىللىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۆستى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى. ئەمما بازار ئىگىلىگى تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغان  ۋە يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن قەشقەردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا «پۇل ھەممىگە قادىر » دەيدىغان قاراش ھۈكۈمران ئۇرۇنغا ئۆتتى.ئۇلار پۇلنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىدى.  بۇ قاراشنىڭ تۇرتكۈسىدە ئۇلار پۇلنى ئىنسانىي غورۇر، كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ئادىمىيلىك پەزىلەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ، ياشاش ئۆچۈن پۇل تېپىشقا ئەمەس بەلكى پۇل تېپىش ئۆچۈن ياشاشقا يۈزلىنىشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئۆچۈن ئۇلار خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىپ سېتىش، نارىسدە بالىلارنى ئالداپ سېتىش، قىزلارنى ئالداپ سېتىشتەك قانۇنسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىدى. بۇنداق ئىشلار ئۆز نۈۋىتىدە قەشقەردىكى بىر ئىجتىمائى مەسىلىگە ئايلاندى. ئەلبەتتە يازغۇچىلارمۇ بۇ تېمىنى ئەكس-ئەتتۈرۈشنى نەزىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرمىدى. ئەخەت تۇردىنىڭ  «قاباھەت » ناملىق رومانى مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئەكس-ئەتتۈرگەن رومان ھىساپلىنىدۇ. رۇماندا 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر ، ئۇرۇمچى ، غۇلجا، گۇاڭجۇ، جۇخەي، شېنجىن قاتارلىق جايلارنىڭ  تۇرمۇش مەنزىرسى ئەكس-ئەتتۇرۇلگەن. ئاساسلىقى گۇاڭجۇ قاتارلىق چۇڭ شەھەرلەرگە سۇدا قىلىش نامى بىلەن  قەشقەردىن  كىرىپ ، ئەكسىنچە ھەر خىل قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىپ ، مىللىتىمىزنىڭ  ئىززەت –ئابرۇيىغا  داغ كەلتۇرۋاتقان  ئاز ساندىكى ئەخلاقسىز  ، مەنىۋىي- رۇھى  دۇنياسى پۇچەك كىشىلەرنىڭ  تۇرمۇشى  تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك ئۇبرازىنى يارىتىلىش بىلەن بىزگە پۇلنىڭ  قۇلى بۇلۇپ ياشاشتىن ساقلىنىش  ئەسكەرتىلكەن، ئەخلاقنى ھەر ۋاقىت  ئۇزىمىزگە قىبىلنامە قىلىشنىڭ لازىملىقى كۈرسىتىلگەن، كىشىلەردىن   مىللەتنىڭ ئۇبرازىغا داغ كەلتۇرۇدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق   ، ھالال  يۇل بىلەن ياشاش  تەلەپ قىلىنغان.  رۇمان ۋەقەلىگى قەشقەردىن  باشلىنىدۇ. خىسلەت بىلەن ئۇتۇقنىڭ مۇھەببىتى رۇمان ۋەقەلىگىنىڭ باشلىنىش يىپ ئۇچچى بۇلۇپ  ،ئەخلاقلىق، چىرايلىق قىز  خىسلەت ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ بۇلۇپ  ئالىي ماكتەپكە ئىمتاھان بىرىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن مەكتەپكە بېرىپ كىلەي ، دەپ ئۇيىدىن چىقىپ كەتكىنىچە ئۇيىگە قايتىپ كەلمەيدۇ. بىر نەچچە كۇندىن كىيىن ئۇيىگە نامەلۇم بىر  نۇمۇردىن تېلىفۇن كىلىدۇ، لېكىن تېلىفۇن جىرىڭلاپ تۇختاپ قالىدۇ. خىسلەت چىرايلىق ، ئەخلاقلىق قىز بۇلۇپ ئۇنىڭ ناشايان يۇللارغا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما  خىسلەتنىڭ يۇقاپ كىتىشى بىر سىر بۇلۇپ  قالىدۇ، بۇلۇپمۇ ئانىسى تۇقاچخان بۇنىڭدىن بەكمۇ قايغۇرىدۇ. ئۇلار سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ ھېلىقى تېلىفۇن نۇمۇرىنىڭ گۇاڭجۇ شەھرىنىڭ نۇمۇرى ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ.شۇنڭغا ئاساسەن ئۇلار  خىسلەتنى گۇاڭجۇدا، دەپ بىلىدۇ.ئەسلىدە خىسلەت باشقىلار تەرپىدىن ئالداپ بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىنگەن ئىدى .  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۇتۇق گۇاڭجۇغا خىسلەتنى ئىزدەپ بېرىپ،خىسلەتنى قۇلىدا تۇتۇپ تۇرغان قارا جەمىيەتنىڭ ئاتامىنى ئەزەم چۇڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ، خىسلەت بۇ يەردە ئۇز ئار-نۇمۇسىنى ساقلاش ئۇچۇن زۇر تىرىشچانلىق كۇرسىتىدۇ ، لېكىن ئۇ ئەزەم چۇڭنىڭ خارلىشىغا ئۇچرايدۇ. بىر قاتار كەچمىشلەردىن كىيىن ئۇتۇق بىلەن خىسلەت يۇز كۇرىشىدۇ. رۇمان ۋەقەلىگى قەشقەردىن باشلىنىپ  ئاساسلىقى گۇاڭجۇدا قانات يايدۇرۇلغان بۇلۇپ ،بۇ يەردىكى قارا جەمىيەت كۇچلىرىدىن ئەزەم چۇڭ ، ھۇۋقۇش تاز، ھېيت ئاغماق ، مۇللاجى، ھاشىم تۇقۇناق قاتارلىق رەزىل كۇچلەرنىڭ خۇنۇك تۇرمىشى ، ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپرىپ سېتېۋتىلىپ ئۇغۇرلۇققا سېلىنغان خۇماركۇز ، ئەنۋەر ،  نەزەر ، قاتارلىقلارنىڭ ، نازاكەت قاتارلىق قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى تۇلڭمۇ ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. رۇماندا يارىتىلغان پىرسۇناژلار كۇپ ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرىمۇ ئۇزگۇچە بۇلۇپ بۇلار ئىچىدە ئىپپىتىنى ساقلاش يۇلىدا كۇرەش قىلغان خىسلەت بىلەن يانچۇقچىلىق قىلشتىن باش تارتىپ ، تاياق  يەپ ئۇلۇپ كەتكەن ناتىۋان ئۇسمۇر نەزەر ۋە قارا جەمىيەت كۇچلىرى تەرپىدىن يۇشۇرۇن ئۇلتۇرۇلگەن ئۇركەش ئۇبرازلىرى كۇز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ. رۇماندا قارا جەمىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدىيەتلەرمۇ، ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرسى، ئادەم كۇچى تالىىشىپ ئۇز –ئارا جىدەل ۋە قىرغىنچىلىق قىلىش جەريانىمۇ ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. رۇماندا بىر تۇپ مەرەزلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھالاكەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى بايان قىلىنىپ  گۇزەللىكنىڭ رەزىللىك ئۇستىدىن غالىپ كىلىدىغانلىقى نامايەن قىلىنغان . رۇماندا كۇپ خىل ئىپادىلەش ۋاستىللىرى قۇللۇنۇلغان  بۇلۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئاپتۇر بايانى ، خىسلەتنىڭ كۇندىلىك خاتىرسى شەكلىدىكى بايان ئۇسۇلى ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ . رۇماننىڭ ۋەقەلىگى قىزىقارلىق، ئەگرى-تۇقاي بۇلۇپ ئادەمنى ئۇزىگە كۇچلۇك جەلپ قىلىدۇ. رۇماننىڭ تىلىمۇ ناھايتى گۇزەل، چۇشۇنۇشلۇك، يۇمۇرىلىق بۇلۇپ ئانا تىلىمىزنىڭ جەزىبدار كۇچىدىن ئۇزۇق ئېلىش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالايدۇ .
(http://bbs.oylirim.cn)" M% r0 w. h# I7 \: K# k5 H% ?) S! U! I
(http://bbs.oylirim.cn). n7 i  \5 T3 P  `- O- C        ئون ئۆچۈنچى، قەشقەر كىشىللىرىنىڭ  جاھاندارچىلىق قىلىش كەچمىشلىرىنى تەسۋىرلەشكە بېغىشلانغان رومانلار. قەشقەر كىشىللىرى جاھاندارچىلىق قىلىشنىڭ پىكىر يوللىرىنى ، ئېپىنى بىلىش ۋە قىلىشقا ماھىر كىشىلەر بولۇپ ، باشقا يۇرتقا بارسا شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشكە ماھىرلىقى، شۇ يەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن ھەر قانداق جايغا بېرىشقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە شۇ يەردە يىلتىز تارتىپ ياشاش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن . شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۈلەت ۋە رايۇنلاردىن ،  رايۇنىمىزنىڭ ھەر قانداق يېرىدىن قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بۇلىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. بۇ ئەھۋال قەدىمقى دەۋرلەردىمۇ بولغان ، يېقىنقى مەزگىللەردىمۇ بولغان ، ھازىرمۇ كۈز ئالدىمىزدا مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ.قەشقەر كىشىللىرىنىڭ بۇنداق تۇرمۇش ئۆزگىچىلىگى ئۇيغۇر رومانلىرىغا ياخشى ماتىرىيال مەنبەسى بولغان بولۇپ مەمتىمىن ھۇشۇر بىلەن ، تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ 2013-يىلى كۈز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش ، مۇكاپاتلاش يىغىنىدا بۇ كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولغان رومانلىرىدىن « سالچىلار »  رومانى بىلەن  « ۋەتەن سۈيگۈسى » رومانى قارىشىمىزنىڭ دەلىلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. « سالچىلار » رومانىدا ئىلى دەرياسىدا سالچىلىق قىلىدىغان  سەمەت ئاخۇن قاتارلىق  كىشىلەرنىڭ ئىلى ۋادىسىغا ئەسلى قەشقەردىن تۇرمۇش يۇلى ئىزدەپ چىققان كىشىلەر ئىكەنلىگى يېزىلغان . « ۋەتەن سۈيگۈسى » رومانىدا بولسا مامۇتقارى بىلەن ھەسەنجان سىر دەرياسى بويلىرىغا بارغاندا قەشقەردىن چىققان نۇرغۇن يۇرتداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىگى بايان قىلىنغان. غەيرەت ئاسىمنىڭ « يىغلىما ئىنسان»،« يىللار ۋە ئادەملەر» قاتارلىق رومانلىرىدىمۇ ئازاتلىقنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەردىن غۇلجىغا چىقىپ كىتىپ ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەتكەن قەشقەر كىشىللىرىنىڭ  تۇرمۇش ئەھۋالى يېزىلغان .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)3 Y* C6 Q1 ?6 K% Y- l   يۇقىرىقىلار قەشقەر ھەققىدە يېزىلغان رومانلارنىڭ تېما ئالاھىدىلىگى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ،قەشقەر ھەققىدىكى رومانلارنىڭ تېما دائىرسى جەھەتتىن تارىخى تېمىدىكى رومان ۋە رېئاللىق تېمىسىدىكى رومان دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدىغانلىقىنى ، قايسى تېمىدىكى رومان بولىشىدىن قەتئى نەزەر بولاردا تېما جەھەتتىن   ئاكتىۋال بولۇش، يىڭى بۇلۇش، ئەھمىيەتلىك بۇلۇش، دەۋر روھىنى نامايەن قىلغان بۇلۇش، قەشقەرنىڭ  تارىخىنى ، مەدەنىيىتىنى ، خاسلىقىنى ، ئالاھىدىلىگىنى،قەشقەر كىشىللىرىنىڭ  تۇرمۇش ئادىتىنى ، قەشقەر كىشىللىرىنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلغان بۇلۇش ۋە  قەشقەردىكى يىڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئەكس-ئەتتۈرگەن  بۇلۇش تەلىبىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۈرۈپ ئېلىشقا بۇلىدۇ.بۇ رومانلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە مۇئاپىقيىتىگە قاراپ ، قەشقەر تېمىسى ھەققىدە يېزىلغان رومانلارنىڭ ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە مۇھىم ، سالماق ئۇرۇننى ئىگەللەيدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ. قەشقەر ھەققىدە رومان يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا پىشىپ يىتىلىپ كۈزگە كۈرىنگەن  پىشقەدەم ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يازغۇچىلار بولۇپ ، بۇلاردىن قەشقەرنىڭ قەشقەر ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمەكچى بولغان قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ نەزىرىدە نەقەدەر مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. قەشقەر تېمىسى ھەققىدە يېزىلغان رومانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە مۇئاپىقىيەتلىك چىققان ، يۇقۇرى مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان ، ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە نۇقتىلىق تەتقىق ۋە  مۇھاكىمە قىلىنغان ، ئوبزورچى- تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات دائىرسىگە كىرگەن رومانلار بولۇپ ، بۇنىڭدىن قەشقەر ھەققىدە رومان يازغان يازغۇچىلارنىڭ رومان يېزىشتىن بۇرۇن قەشقەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، قەشقەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىگى ، ئۆرۈپ-ئادىتى ھەققىدە كۈپ ئىزدىنىشلەردە بولغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. نۈۋەتتە قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى تىز بولماقتا، قەشقەر يىڭى تۈسكە كىرمەكتە، دۇنياغا بارغانسىرى يىڭى قىياپەت بىلەن تۇنۇلماقتا. ئىشىمىزكى، بۇنداق رېئاللىق قەشقەر تېمىسىدىكى رومانلارنى يەنىمۇ يىڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

(http://bbs.oylirim.cn)# k* z5 z! b( a- k) ]; H3 j3 L! R+ t
(http://bbs.oylirim.cn)" c5 g# P- i8 ~# d5 [$ i+ L% w: t" P
(http://bbs.oylirim.cn); ?5 B  H: S' v; f3 _
(http://bbs.oylirim.cn)8 N7 A+ i$ G, O: w1 |: cبۇ ماقالە « قەشقەر » ژورنىلىنىڭ 2013 يىلى 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان
(http://bbs.oylirim.cn)) p: q( B2 @* i. G7 ~
(http://bbs.oylirim.cn)+ {# k4 v0 X0 Y) o8 {3 _

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:00 , Processed in 2.615048 second(s), 47 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش