ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 60741|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غەيۋەت ۋە پىتنە-پاساتتىن يىراق تۇرايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەيۋەت ۋە پىتنە-پاساتتىن يىراق تۇرايلى
(http://bbs.oylirim.cn)  n, G9 A& d- t# Z
ئادىل غوجالىم
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزنى دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان بولسىڭىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا پۇرسەت تاپسىلا غەيۋەت قىلىشقا، گەپ توشۇشقا، پىتنە – پاسات تېپىشقا خۇشتار ئادەملەرگە دائىم ئۇچراپ تۇرىسىز، بۇ خىلدىكى ئادەملەر نەگىلا بارمىسۇن ئوڭايلا باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشىدۇ. شۇڭا ياخشى مىجەزلىك ئادەم بولۇش، باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن چوقۇم غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش ۋە پىتنە – پاساتتىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالغىنىمىز ياخشى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   كىشىلىك تۇرمۇشتا تۆت – بەش ئادەم بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشىپ تۇرىدۇ، پاراڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە، ئارىدىكى بەزى ئادەملەر تۇيۇقسىز ئەقىللىقلىشىپ كېتىپ، سورۇندا يوق بىرسىنىڭ ئۈستىدىن گەپ باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىلىپ – بىلمەيلا غەيۋەت باشلىنىپ كېتىدۇ. غەيۋەتخورلار دائىم تۈگمىدەك ئىشىنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. غەيۋەت باشلانغان يەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر. پېشىڭىزنى قېقىپ قوپۇپ كېتىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا غەيۋەتخورلارغا بېرىلگەن ئۈن – تىنسىز رەددىيە. بىزدە «گاس دەپ غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانەت قىلما» دېگەن ماقال بار. غەيۋەت قانداقلا بولمىسۇن شۇ كىشىنىڭ قۇلىقىغا ھامان يېتىدۇ– دە، بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)$ A0 r7 m' ], ?3 J   غەيۋەت سورۇنلىرىدا كۆپىنچە گەپ توشۇيدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ. گەپ توشۇماق بىراۋنىڭ سۆزىنى شەخسەن باشقىلارغا يەتكۈزگەنلىك بولۇپ بۇ سۇخەنچىلىق قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. گەپ توشۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئارقىدىن پىتنە– پاسات تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ، ھەتتا بەزى پىتنە – پاساتلار باشقىلارغا ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى، پىتنە – پاسات غەرەزلىك ھالدا بىراۋنى قارىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان سۆز مۇنداقچە ئېيتقاندا تۆھمەت.
(http://bbs.oylirim.cn)+ z" O1 U. {* O) Q   مۇنداق بىر مەسەل باركەن. كالا ئېتىزلىقتا بىر كۈن ئىشلەپ قايتىپ كېلىپ ھارغىنىدىن ئېغىلغا ئۆزىنى تاشلاپ ئارام ئالاي دەپ ياتسا ئىت ئۇنى كۆرگىلى كەپتۇ. كالا ئۆزىنىڭ بەكلا ھېرىپ كەتكەنلىكىنى، بۈگۈن راۋرۇس بىر ئۇخلاپ ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىت كالا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن تام تۈۋىدە مۈشۈكنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: «ئاداش، باياتىن كالا تاغىمىزنى كۆرۈپ كەلدىم، ئۇ بەكلا ھېرىپ كېتىپتۇ. بىر كۈن ئارام ئالىمەن دەيدۇ. دېمىسىمۇ ئويلاپ باقمامسەن، خوجايىننىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىشى بەكلا كۆپ ھەم ئېغىر» دەپتۇ. مۈشۈك بۇنى ئاڭلاپ بېرىپلا توخۇغا مۇنداق دەپتۇ: «كالا تاغىمىز خوجايىننىڭ ئۆزىگە بەرگەن ئىشىنى ئېغىر دەپ ئاغرىنىپ بىر كۈن ئارام ئالماقچى ئىكەن، ئەتە ئىشلىمىگۈدەك». توخۇ قويغا «كالىنىڭ خوجايىننىڭ ئىشىنى قىلغۇسى يوق ئىكەن، خوجايىننىڭ بەرگەن ئىشىنى ئېغىر دەپ قاقشاپتۇ. ھەي، باشقا خوجايىنلار كالىلىرىغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلامدۇ – يوق، يا بىزمۇ بىلمىدۇق». قوي ئاتقا «كالا خوجايىنغا ئىشلىمەسلىكنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، دېمىسىمۇ شۇنداق، خوجايىن كالىغا قىلچىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ، يەنە تېخى ئۇنى قامچىلاپ، ئۇرۇپ، تىللايدۇ.» بۇ گەپلەر خوجايىننىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ، خوجايىن كالىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغىنىدىن دەرغەزەپكە كېلىپ، كالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، جان تىكىپ ئىشلەيدىغان بىر كالا مانا مۇشۇنداق پىتنە – پاسات سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بوپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   باشقىلار ئۈستىدىن پىتنە – پاسات تاپماسلىق، باشقىلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش شۇ كىشىنى ھۆرمەت قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى. باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ، قەدىر – قىممىتىنى قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان بىر قىسىم ئىشلار سۆز – چۆچەككە ئايلىنىپ مەيلى ئۇ يېنىك ياكى ئېغىر بولسۇن سىرتقا چىقىپ كەتسىلا شۇ ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق ھەتتا ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر بولۇپ قالماستىن، بەلكى سۆز – چۆچەك تارقاتقۇچى ئۆزىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنىمۇ يەرگە ئۇرغانلىق بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن غەيۋەت، پىتنە – پاسات سورۇنىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىشىمىز كېرەك. كوچا پاراڭلىرىنى تارقىتىشقا ئامراق «پالچى»لاردىن ئۆزىمىزنى تېخىمۇ يىراق تۇتۇشىمىز، شۇنداق كىشىلەرگە رەددىيە بېرىشكە جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)9 @3 L6 n; R# v# h8 eمەنبەسى قەشقەر تورى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 00:04 , Processed in 2.452013 second(s), 36 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش