يېقىندا ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما ئامېرىكا كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە (MLB) چېمپىيون بولغان كوماندا ئەزالىرىنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئارلىقتا مەزكۇر چېمپىيون كوماندىنىڭ كوماندا باشلىقى-David Ortiz پىرىزدېنت ئوباما بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشكەنىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ رەسىم كېيىن Twitter تورىغا چىقىرىلغانىدى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىگەللىنىلىشىچە، ئوباما بىلەن كوماندا باشلىقىنىڭ بۇ رەسىمى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Note 3 يانفونىدا تارتىلغان بولۇپ، ئەستايىدىل سەپسالغان كىشىلەر Ortiz نىڭ بۇ رەسىمنى تارتقان ۋاقىتتىكى قىياپىتىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. نېمىشقا بۇنداق دېيىلىدۇ؟ چۈنكى Ortiz بولسا سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ ئاقسارايدا رەسىم تارتىشقا ئىشلەتكەن سامسۇڭ Note 3 يانفونىنىمۇ دەل سامسۇڭ شىركىتى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغانىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)- g/ L1 H( |. L3 Y! g+ t% o: g
(http://bbs.oylirim.cn)9 u8 a9 ?+ e P7 x; Q0 b8 g بۇ مەسلىگە قارىتا، كوماندا باشلىقى Ortiz مۇ ئۆزىنىڭ ئاقسارايدا ئوباما بىلەن رەسىمگە چۈشكەندە ئىشلەتكەن يانفونىنىڭ ھەقىقەتەن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان يانفونلۇقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭمۇ ھەقىقەتەن يېقىندا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يانفونىغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇش توختامىغا ئىمزا قويغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.
(http://bbs.oylirim.cn)% L7 f* B. o* E3 j: w7 m% y9 J كوماندا باشلىقى Ortiz ئوباما بىلەن بىللە چۈشكەن رەسمىنى تىۋىتتىر تورىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سامسۇڭ شىركىتىمۇ بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ بۇ رەسمىنى ھەمبەھىرلەنگەن. مۇشۇ چاغقىچە تىۋىتتىر تورىدىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلىنىش قېتىم سانى جەھەتتە سامسۇڭنىڭ Note 3 يانفونى ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقانىدى