ئانىلار روھى
(http://bbs.oylirim.cn); r$ v4 V& |7 K$ [
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئايال دېمەك — ئانا دېمەكتۇر. «ئانا» — مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)8 s, `3 ]4 L; m. Y b/ j ئانا بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس كىشى. شۇڭا بالا چۆچۈپ كەتسىمۇ «ئانا» دەيدۇ، يىقىلىپ كەتسىمۇ «ئانا» دەيدۇ. بالىلار ئادەتتە ئۈچ ياشقىچە ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. بالىلارغا بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيەنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى زېھنىي قۇۋۋىتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا بۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ بالىلار تەربىيەسىدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەببەت تەربىيەنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا تەربىيەنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىدىكى پىسخولوگىيەلىك ئاساس. بالا تۇغۇلۇپلا موھتاج بولغان مەنىۋى ئوزۇق ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى، بولۇپمۇ ئانا مۇھەببىتىدۇر.
(http://bbs.oylirim.cn)+ r# b. a% w; t(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئانا بولۇش بۈيۈك بىر نېمەت ۋە شەرەپتۇر. بۇنداق شەرەپكە مۇناسىپ بولغۇچىلار پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋە ئاياللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق ئورۇنلىغاندىلا سازاۋەر بولالايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئانىنىڭ قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئانىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان بىۋاستە تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بۇرۇن كۆپ تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن خېلى چوڭقۇر ئىسپاتلانغان. ئائىلىنىڭ ھەقىقىي تۆۋرۈكى ئانىدۇر. ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بولغان تەسىرى ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سائادەتلىرى تەربىيەگە باغلىق بولۇپ، بۇ تەربىيە ئانىلار بىلەن بەكمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بالىلارنى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئانىلارنى تەربىيەلەش ھەمدە شۇ تەربىيەنى بالىلارغا بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مۇھىم. نۆۋەتتە بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-مۇھەببەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستىراتېگىيەسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئانىلار كېرەك. تەربىيەلىك ئانا بالىسىنى، يولدىشىنى، ئاتا-ئانىسىنى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ تەرتىپىنى، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دوست-بۇرادەرلەر، قولۇم-قوشنىلىرىنى، بارلىق خىزمەتداشلىرىنى تەربىيەسى بىلەن مەمنۇن قىلىدۇ. ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئانىنىڭ ئىسسىق قوينىدا ھاياتلىق مۇساپىسىنى داۋام ئېتىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق ئانىلار باركى، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى ئالدىدىكى قەيسەرلىكى، ئاقكۆڭۈللۈكى سەۋەبىدىن ئىناق، بەختىيار ئائىلە بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپ قىسىم ئانىلارمۇ ئەرلەردەك جەمئىيەتتە بىر كىشلىك خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. تەشكىل ئۇلاردىن «ياخشى خىزمەتچى» بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئەرلەر «ۋاپادار ئايال» بولۇشنى، بالىلار «ياخشى ئانا» بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈرلۈك تەلەپلەر ئارىسىدا ئانىلار چارچايدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ئەمگەكلىرىدىن قىلچە مىننەت قىلمايدۇ. بىر ئۆمۈر ئائىلە ئايالى بولۇپ، بارلىقىنى شۇ ئائىلە، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز بېغىشلاۋاتقان ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس. بىر ئۆمۈر ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا چىققان ئانىلارنى، ئۇلارنىڭ ئاقارغان چاچلىرىنى، يېقىملىق كۆزلىرىنى، يۈزلىرىگە چۈشكەن قورۇقلارنى، ئاجىزلىغان تەنلىرىنى، مۈكچەيگەن بەللىرىنى كۆرگىنىمىزدە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ ئۇلارغا قالدۇرغان ئىزنالىرى ئەمەس، دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ؟