ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 501|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«دادا، سېنى ساقلاۋاتىمىز»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(http://bbs.oylirim.cn)' K) i" `* \2 _9 ~1 L( Z! s
«دادا، سېنى ساقلاۋاتىمىز»
(http://bbs.oylirim.cn)3 @# G0 q, X* {: q7 N# X: Zتۇرسۇن كېرىم قارچۇق
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بالىلار دەرستىن چۈشۈپ ئۆيلىرىگە قايتقاندىن كېيىن ئىشخانامغا چىقىپ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم. تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنىڭ بىرىگە ئىمزايىمنى قويۇۋاتسام قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك قىلدى، قارىسام دەپتەرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان خەت ئىكەن. قولۇمدىكىسى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى بولغاچقا، ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئىش قەغىزىنى  ئىككىلەنمەيلا ئاچتىم - دە، ئوقۇشقا باشلىدىم:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
− دادا، بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان، پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىڭ تولىمۇ ئاز بولغاچقا، كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ساڭا خەت ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتىم، شۇنداق قىلسام ساڭا دېمەكچى بولغانلىرىمنى تەمتىرىمەي دېيەلەيدىكەنمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جېنىم دادا، ئاۋۋال سەندىن سوراي، سەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىگە ۋاقتىدا قايتىشنى، بالىلىرى بىلەن دەرقەمدە بولۇشنى خالىمايدىغان ئاشۇ دوستلىرىڭ بىلەن ئارىلاشمىساڭ ياكى ئازراق ئارىلاشساڭ  بولامدۇ؟ شۇنداق قىلساڭ، كۆپرەك ۋاقتىڭنى چىقىرىپ بىز بىلەن بىللە بولالايتتىڭ! بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيەلەيتتىڭ، ئاپام بىلەن ئۇكام ئىككىمىزنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىپ كېلىشكىمۇ ۋاقتىڭ چىقاتتى!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دادا، ئۇلار سېنىڭ بەك يېقىن ئاغىنىلىرىڭمۇ؟ دائىم دېگۈدەك ئۆيىنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۆيدە بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالىمايدىغان ئاغىنىلىرىڭ بىلەن چىقىپ كېتىسەن، تاماقنىمۇ شۇلار بىلەن بىللە يەيسەن، ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇلار سەندىن رەنجىمدۇ؟ ئاناممۇ سەندىن خاپا بولمايدىكەن، رەنجىپ تېلېفونمۇ قىلمايدىكەن، سەن شۇنداق قىلىۋېرىپ ئانامنىمۇ كۆندۈرۈۋەتكەن ئوخشايسەن. بىراق، ئانامنىڭ ھوجراڭلارغا بېكىنىۋېلىپ يىغلايدىغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيسەن! ...ئانام دائىم تاماقنى سېنىڭ كېلىشىڭگە ئۈلگۈرتۈپ ئۈستەلگە ئەكىلىدۇ ھەم بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ «قوزىلىرىم، داداڭلار بۈگۈن سىلەر بىلەن بىللە تاماق يەيدىغان بولدى، داداڭلارنى ساقلايلى» دەپ بىزنى بەزلەيدۇ. بىز تەقەززالىق بىلەن سېنى ساقلايمىز، بىراق، سەن بىز بىلەن بىللە تاماق يېيىشنى، سېنى ساقلاپ تاماق يېمەي ئولتۇرغىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالىسەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بەزىدە تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ قالغان كۈنلىرى بىز بىلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەي دېگىنىڭدە، ئائىلىسىدىن ئۈركۈپ كەتكەن دوستلىرىڭدىن كەلگەن تېلېفون بىلەن چۇۋۇلۇپلا كېتىسەن. «سىرتقا چىق، تاماق يەيلى» دېگەن ئىككى ئېغىز سۆز قىلىنغان تېلېفوننىڭ سېنى شۇنچىلىك جىددىيلەشتۈرگىنىگە ئۈستەلدە تۈگۈلۈپ، شۈكلەپ ئولتۇرۇپ قالغان ئۈچىمىز ھەيران قالىمىز. سەن شۇ دەقىقىدە بىزنى ئۇنتۇپلا كېتىسەن - دە، قولۇڭدىكى قوشۇقنى جايىغا تاشلاپ قويۇپ، ئالدى - كەينىڭگە قارىماي چىقىپ كېتىسەن. جاپا تارتىپ تاماق ئەتكەن ئانامنى، سەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، خۇشال - خۇرام تاماق يېگۈسى كېلىپ كەتكەن بالىلىرىڭنى پەقەتلا ئويلىمايسەن دادا! نېمىشقا ئۇلارغا «مەن ھازىر بالىلىرىم بىلەن بىللە تاماق يەۋاتىمەن، سىلەر يەۋېرىڭلار» دېيەلمەيسەن، جىنىم دادا؟ سەن ياۋايىلىشىپ كەتكەن ئاشۇ دوستلىرىڭدىن شۇنچىلىك قورقامسەن؟ دادا، ئاشۇ دوستلىرىڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە ئوخشاش  بالىلىرى يوقمۇ ياكى ئۇلارنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ  تاماق يېيىشكە خۇشى يوقمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)& Z5 s/ R' ]( z$ ]بىچارە  ئانام يەنىلا «داداڭلارنىڭ نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياي ئاندىن يەڭلار» دەپ دائىم تاماقنىڭ باش بۇرنىنى ساڭا ئېلىپ قويۇشنى پەقەتلا ئۇنتۇمايدۇ، دادا.
(http://bbs.oylirim.cn)! c: b, Q) l1 p9 q6 \2 Q& S# l" a7 wدادا، كۆڭلۈمدىكى راست گەپنى قىلسام،  مۇشۇ چاغلاردا ئاشۇ دوستلىرىڭنىڭ بىر ياقلارغا ئىش - ئوقەت، كاماندىروپكا بىلەن كېتىشلىرىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۆتكەن ئايدا سەن ئىككى ھەپتە ئۆيدە بولغانتىڭ، ئائىلىمىزنىڭ كەيپىياتى باشقىچە جانلىنىپ كەتتى، ھەممىمىز بەكلا خۇشال بولدۇق. ئۇ كۈنلەردە مەكتەپتىن قايتىشىم بىلەنلا ئۆيگە يۈگۈرگۈم كېلەتتىم، چۈنكى «بۈگۈن دادام ئۆيدە بار» دېگەن بىر تاتلىق خىيال، ئىچ - ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بىر خۇشاللىق مېنى ئۆيگە ئالدىرىتاتتى، دادا. سېنىڭ ئۆيدە بولۇپ قالغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى كېيىن ئانامدىن ئاڭلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ساڭا ئارامچىلىق بەرمەيدىغان ئاشۇ دوستلىرىڭنىڭ بىرياقلارغا كېتىشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم. راستىنى ئېيتسام، ھەتتا ھېيت - ئايەم كۈنلىرىمۇ سېنى بىزگە ھەمراھ قىلدۇرمايدىغان شۇ دوستلىرىڭدىن سەن زېرىكمىگەن بىلەن، بىز بەكلا زېرىكتۇق، دادا!
(http://bbs.oylirim.cn)5 o6 o1 ]: c* L2 yدادا، كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم،  بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتتا يېرىم كۈن ۋاقتىڭنى چىقىرىپ، دوستلىرىمنىڭ دادىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ قويدىن بىرنى ئەكىلىشىڭنى، ھېيىت كۈنى  يەنە يېرىم كۈن ۋاقتىڭنى چىقىرىپ مەھەللىمىزدە قۇربانلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆڭلىمىزنى چۈشەنگىن، بىزدىن رەنجىمىگىن دادا! مومام بىلەن ئانام ساڭا يۈز تۇرا دېمىگەن بىلەن، ئىككىسىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دېيىشكەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئۆزۈڭمۇ ھېس قىلغانسەن ، سېنىڭ كۆپ ۋاقتىڭ سىرتتىلا ئۆتكەچكە، موماممۇ بىزنىڭ ئۆيدە تازا تۇرغۇسى كەلمەي قايتىپ كەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كەل دادا، بىز سېنى ساقلاۋاتىمىز!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ خەت خۇددى ماڭا يېزىلغاندەكلا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. خەتنى جايىغا ئاۋايلاپ سېلىۋاتقان قوللىرىمنىڭ سەل تىترەۋاتقىنىنى سەزدىم. كۆز جىيەكلىرىم، دىمىقىم ئېچىشقاندەك بولدى. تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى يىغىشتۇردۇم - دە، ئۆيگە ئۇچتۇم...
(http://bbs.oylirim.cn)/ ^/ y& w9 j  c. J

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 22:58 , Processed in 2.334641 second(s), 36 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش