مۇھەببەتلىشىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھەر قانداق ئادەم مۇھەببەتلىشىدۇ . بۇنىڭدىكى باشلىنىش بەلكىم بىر بۇتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى ياكى كىچىككىنە بىر چاقماقنىڭ ئوتى ۋە ياكى تاساددبىي خاتا ئۇرۇلغان تېلىفون. ئۇنداقتا مەيلى قانداقلىكى باشلىنىش بولمىسۇن مۇھەببەتلىشىكە باشلىغان قىز- يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۆت پەسىلدىكى مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقىدۇ . مۇھەببەتتە چۇقۇم باھار، ياز، كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىل بۇلىدۇ . قىز - يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەندە ئوخشاش مۇھەببەت پەسلىگە كىرەلەيدىغانلار ناھايتى ئاز .
(http://bbs.oylirim.cn)4 N4 F! b4 w3 Vكۆپ قىسىم يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتى ياز پەسلىدىن باشلىنىدۇ . يىگىتنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى قىزنىڭ تىنىچ قەلبىدە مەيىن دولقۇن پەيدا قىلىدۇ . بۇ چاغدا قىز دەل باھار پەسلىدە تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ، يۇشۇرۇن ئەپلىشىپ ، كۆڭلى مايىل بۇلۇپ، تاتلىق ھېس تۇيغۇلارغا چۆمۈپ ، دۇنيادا << مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىلىش >> دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن يىگىت قىزغا بولغان مۇھەببەتتە ئويلىمىغان يەردىن كۈز پەسلىگە قەدەم تاشلايدۇ ھەم قىش پەسلىگە قاراپ ماڭىدۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ۋاقىتتا قىز دەل تۇمۇز پەسلىدە تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ ، ئارقا - ئارقىدىن مۇھەببەتنىڭ ئازاپ- ئۇقۇبەتلىرىگە دۇچار بۇلىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتتىكى ئوبرازى دائىم ئوۋچىغا ئوخشايدۇ . قىزلار بولسا ھەم قېچىۋاتقان ھەم كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئوۋچىغا قارىۋاتقان ئانا بۇغىغا ئوخشايدۇ ياز پەسلىدىكى يىگىت بىلەن باھاردىكى قىز ئەڭ مۇۋاپىق بىر جۈپلەر ھېساپلىنىدۇ . يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتى مەيلى قەيەردىن باشلانسۇن ، ھەممىسى قىش پەسلىدە ئاخىرلىشىدۇ . قىزنىڭ مۇھەببىتى باھاردىن يازغىچە ، يازدىن كۈز، قىشقىچە بۇلۇپ، ئاخىرىدا يەنە باھار پەسىلىگە قايتىدۇ . راستنى ئېيىتقاندا ، يىگىتنىڭ كۆڭلى بىر قىزغا نىسبەتەن تۆت پەسىلنىڭ بىرىدە پەقەت بىر قېتىملا مېۋە بېرىدۇ . ئەكسىچە قىزنىڭ كەيپىياتى باھار بىلەن كۈز ئوتتۇرىسدا ئايلىنىدۇ . شۇڭا قىزلار مۇھەببەتلەشكەندە ، يىگىتكە نىسبەتەن زادى قايسى پەسىلدە تۇرۇشنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك.