مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)0 p' n+ x8 m. b
(http://bbs.oylirim.cn). E% z$ i! n/ d! e«كروران» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان.«14-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن .
(http://bbs.oylirim.cn)7 `! q! R; U: S$ I% j" _* T3 }(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئامانگۈل ئەزىز
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇنىڭغا ئېسىلىپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن . خۇددى ئاشۇ كۆز ياشلىرىم ، قەلبىمدىكى بارلىق ئازابلارنى يۇيىۋەتكەندەك ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ مەن ئېرىمىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم . ئېيتقۇسىز قىزغىنلىق ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ ماڭا مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى لەززىتىنى تېتىتماقتا ئىدى . توي قىلىپ ئۈچ يىل بولغاندا ، مەن ئۈچۈن ئۆلۇمدىنمۇ ئېغىر تۇيۇلغان ئازابلىق كۈنلەر بېشىمدىن ئۆتكۇزۇپ بۇلۇپ ، ھاياتىمنىڭ بارلىق خوشاللىقلىرىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ پەقەت ئوغلۇم ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە ، ئاجىرىشىشنى ھەر مىنۇت ئېسىمدىن چىقارماي يۇرگەن كۈنلىرىمدە مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېرىم ئىككىمىز بىر شەھەردە چوڭ بولغان بولساقمۇ ئىلگىرى بىر-بىرىمىزنى زادىلا كۆرۇپ باقمىغان ئىكەنمىز ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ 25- كۈنى تويىمىز بولغان ئىدى . ھازىر ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك چوڭ تاللاشتىمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلغىنىمغا ھەيران قالىمەن . شۇنداق قىلىپ تويىمىز بولدى . توي كۈنى خۇددى مېنى بىرى ئۆلۇمگە ئېلىپ ماڭغاندەك دادامغا ئېسىلىپ ئاجايىپ ئېچىنىشلىق يىغلىغىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە . ئاشۇ يىغام خېلى نۇرغۇن سۆز چۆچەككە سەۋەپ بولغان ئىدى . مەن پەقەت شۇ كۈنىلا ئۆزۈم 8يىل سۆيگەن«ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن «دەپ ئويلىغان ئادىمىمدىن ھەققىي تۈردە ئايرىلدىم دەپ ئازابلانغان ئىدىم . ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئازابنى يۇتىۋېتەلمىدىم . ئەمەلىيەتتە بۇ تويغا مېنى ھېچكىم مەجبۇرلىمغان ئۆزۈمنىڭ رازىلىقى بىلەن بولغان ئىدى . ئەمىسە نېمىشقا دەمسىز ؟
(http://bbs.oylirim.cn)* K4 R/ q9 U- [
(http://bbs.oylirim.cn); U$ a; d) J3 `+ \5 f' xمەن توي قىلمىسام بولمايدىغانلىقى ، ئەتىراپىمدىكى مېنىڭ ئۆمۈرلۇك ئىشىمغا خۇددى ئۆز قىزلىرىدەك باش قاتۇرۇشۇپ كېچىلىرىى ئۇيقۇدىن ، كۈندۈزلىرى تاماقتىن قېلىۋاتقان «ياخشى نىيەتلىك«كىشىلەرنىڭ مۇرادىنى ھاسىل قىلىپ ، ئاتا -ئانامنى باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلدۇرمىسام ، مەندىن بىر يىرىم ياشلا پەرقلىنىدىغان سىڭلىمنىڭ سۆيگەن يىگىتى بىلەن توي قىلىشىغا »يول«ئاچمىسام بولمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا توي قىلغان ئىدىم .«توي قىلىپلا ئاجىرىشىپ كېتىمەن ، ھېچ بولمىغاندا بىر ھەپتىدە چوقۇم ئاجىرىشىپ كېتىمەن »دەپ ئويلايتتىم . شۇڭا مېنۈ قوغلاشقان, باشقا قىزلارنىڭ نەزىرىدە ، زامانىمىز قىزلىرىنىڭ ھەممە ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ئۇلار بىلەن توي قىلىش ئەمەس ، بىر ئۆمۈر مالايلىقىنى قىلسىمۇ ئەرزىيدىغان نۇرغۇن يىگىتلەرنى ئەمەس ، ئاغزى بىلەن ئەمەس كۆزلىرى بىلەن سۆزلەيدىغان ، ھەر بىر ھەرىكىتىدىن كۆيۈمچانلىق ،ئاقكۆڭۇللۈك چىقىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتىنى تاللىۋالغان ئىدىم .مەندىمۇ ئامال يوق يوقتە ؟! يەنە كېلۈپ ئۇ مېنى ياخشى كۆرۇپ قالدى .
(http://bbs.oylirim.cn)7 X: j" R. L% v/ @(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇنداق قىلىپ تويىمىز بولدى . نېمىندىندۇر قورقاتتىم . ئوچۇقىنى ئېيتسام ، روھىمنى پاك ساقلىغىنىم بىلەن جىسمىمنى پاك ساقلىيالماي قېلىشىمدىن قورقاتتىم .خىيالىمدا سۆيگۈنۈمگە مەڭگۇ سادىق بۇلۇپ ياشاش ئويۇم بار ئىدى . كەچتە يەڭگەم مېنى ھۇجرۈغا ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . يۇرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سالاتتى . قارىسام ئېرىم مەندىن بەكرەك جىددىيلىشىۋاتقاندەك گەپ -سۆزى ، ھەرىكىتى قولاشمايۋاتاتتى . چىگىش خىياللىرىم ېارۈسۈدۈن چىقىپ بولالماي قاققان قوزۇقتەك ېولتۇراتتۈم ېۇ كېلۈپ ېاستا مۈرەمنۈ تۇتتۈ. ېەنسۈز توۋلۈۋەتتۈم ېۇ نۈمە بولغۈنۈمنۈ ئاڭقىرىپ بولغىچە قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم ، ئۇ كېلىپ ئىشكىنى چەكتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)/ E7 B) N* A1 e5 T7 r; q9 _- نېمە بولدىڭىز ؟ نېمە قىلغىنىڭىز بۇ ؟ بىز ئەمدى ئەر -خوتۇن بولدۇق ...
(http://bbs.oylirim.cn)( j1 _/ n6 D% x
(http://bbs.oylirim.cn)6 _" H! b8 G5 S+ D8 P8 V. T' Pئۇ نۇرغۇن سۆزلىدى ، بىر ئېغىزمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى ، ئۇ ئىشكىنى ئىتتىرەتتى ، ۋارقىرايتتى ، ئىشكىنى ئاچقۇچ بىلەن ئاچالماس قىلىۋەتكەن ئىدىم . ئەگەر كىرمەكچى بولسا ئىشىكنى چېقىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . ئۇ ئەتىراپتىكى خوشنىلاردىن نۇمۇس قىلدىمۇ بەك قاتتىق تاراقشىتالمايتتى ، قاتتىق ۋاقىرالمايتتى . بىر كېچە ھەر ئىككىمىز ئۇخلىمىدۇق ، تاڭ ئاتتى ، يەڭگەم كەلگەندە خۇددى ئالۋاستىدىن قۇتۇلغاندەك ئۇھ ! دەپ ئىشىكتىن چىقىۋالدىم ، شۇنداق قىلىپ مېنىڭ توي كېچەم مۇشۇنداق«ئۇنتۇلغۇسىز»ئۆتتى .
(http://bbs.oylirim.cn)' f$ k# B. n9 G
(http://bbs.oylirim.cn)( G& V' F1 B2 |يەڭگەم بىلەن قېينئاناملارنىڭ ئۆيگە باردىم ، ناھايىتى تارتىنچاق قىياپەتتە يەرگە قاراپ ئولتۇراتتىم . ھېچنىمىنى چاندۇرمىدىم. تۇرۇپ«غەلبەم»دىن شاتلىنىپ كۈلگۈم كېلەتتى ، بىراق چۈشتىن كېيىن قېينئاپامنىڭ كىچىك ياتاق ئۆيگە«بىردەم ئارام ئېلىڭ» دەپ سېلىپ بەرگەن كۆرپىنىڭ ئۈستىدە تۆت سائەت مىدىر - سىدىر قىلماي ئۇخلاپ قالغىنىم ، ئۆمۈر بويى ئەستىن چىقمىغۇدەك نۇمۇسلۇق ئىش بولدى . (بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۆزۈمنى كەچۇرەلمەيمەن ) ئۇلار مېنى كېچىچە چارچاپ كەتتى دەپ ئويلىغان چېغى ئۆزۈم ئويغانمىغۇچە ئويغىتىشماپتۇ . ئىش قىلىپ بىر كۈن ساق -سالامەت ئۆتۇپ كەتتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كەچتە ئۆيگە قايتىشىم كېرەك . يەڭگىلىرىمگە«سىلەر بىلەن ئۆيگە كېتەيچۇ»دىگۇم كەلدى ، بىراق دېيەلەيتتىممۇ؟ كاللامدا :«ئىش قىلىپ نېمىلا بولمىسۇن ئەتە -ئۆگۇن ئاجىرشىپ كېتىمەن، بۈگۈننى ئۆتكۇزۈۋالساملا بولدى » دېگەن خىيال ئەگىيتتى . ئۆيگە كىردۇق ، كىرىپلا شۇنداق ھەيران قالدىم ، كارۋاتنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئەتىرگۈللەردىن يۈرەكنىڭ شەكلى ياساپ قۇيۇلغان ئىدى . ئۆينى ئەتىر گۈلنىڭ پۇرىقى بىر ئاپتۇ . ئۇنىڭ رومانتىكلىقىدىن كۈلگۈم كەلدى ، يەنىلا سۆيگۇنۈمنى ئەسكە ئالدىم . بۇنىڭ ئورنىدا ئۇ بولغان بولسا قانچىلىك بەختىلىك بولار ئىدىم .....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn), c; f* _6 e3 `- v, f, V- خىيالىمنى ئۇنىڭ سۆزى بۆلدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
99تال ئەتىر گۈلنىڭ مەنىسى «ئۆلسەكمۇ ئايرىلمايمىز»دىگەن مەنىدە ئىكەن ، سىزنى ياخشى كۆرسىكەن دەپ ئويلايمەن.ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر-بېسىقلىقى، ئاخشامقى ئىشنى ئازراقمۇ ئېغىر ئالمىغانلىقىدىن ھەيران بولدۇم ۋە ھېسىياتسىزلا:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-رەھمەت بىكار ئاۋارە بوپسىز ، بىردەم تېلۋىزۇر كۆرەيلى !
(http://bbs.oylirim.cn)3 B# I& J3 t: B, ?- q* e; r3 d(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خىيالىمدا ئۇنى بۈگۈنمۇ ئامالسز قالدۇرماقچى بولۇپ :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)9 _& v7 u; q4 m) k+ ? w- ئۆزىگە تۇنجى قېتىم ئىللىقىراق سۆزلىگىنىمدىن خوشال بولدىمۇ ، بېلىمدىن تۇتۇپ مېھمانخانا ئۆيگە ماڭدى . بىردەم ئولتۇرۇپلا «كىيمىمنى ئالماشتۇرىۋېتەي »دەپ ياتاق ئۆيگە چىقتىم : ئۇ بىخارامان ئولتۇراتتى ، خىيالمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىدۋار بۇلۇپ ، ئىشكنى تاقاي دەپ شۇنداق ياپسام ، ئىشىكنىڭ ھەممىسىنىڭ بىخەتەرلىك قۇلپىنى ئېچىۋىتىپ تاقالماس قىلىۋېتىپتۇ. نىمە قىلىشىمنى بىلمەي ئولتۇراتتىم . ئازابتىن ساراڭ بولاي دىگەن ئىدىم ، ئۇنىڭدىن نەپىرەتلىنەتتىم ، ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتكۈم كېلەتتى . بىراق ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى ئىزا-ئاھانەتكە قويغۇممۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ ؟ ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلا گۇناھى بار .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاخىرى ، ئۇ تېلۋىزۇرنى ئۆچۆرۇپ ياتاق ئۆيگە كىردى .
(http://bbs.oylirim.cn). ~% W- R) d- H2 ?7 T! |8 x
(http://bbs.oylirim.cn)& C, `0 Q: N4 h5 l/ lكىيمىڭىزنى ئالماشتۇرماپسىزغۇ؟ كېلىڭەمەن ئالماشتۇرۇپ قوياي دىگىنىچە كوپتامنىڭ تۈگمىسىگە قول ئۇزاتتى. ئورنۇمدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ تامنىڭ تۈۋىگە كېلىشىمگە ئۇ مېنى تامغا تىرەپ تۇرىۋىلىپ ، ئاجايىپ كۈچلۈك تەشنالىق بىلەن سۆيۈشكە باشلىدى . ئۇنى ئىتتىرەتتىم ، يۇلقۇناتتىم ، بىراق كۈچۈم يەتمەيتى . مەن قانچە ئىتتىرىگەنسېرى ئۇ شۇنچە يېپىشاتتى . پەقەت ھالىم قالمىدى . ئۇ بىردىنلا مېنى كۆتۇرۇپ كارۋاتقا ئالدى ، گۈللەرنىڭ ئۈسىتدە ياتاتتىم ، ئۆزۈمنى ئاشۇ گۈللەردەك چەيلىنىۋاتىمەن دەپ بىلەتتىم . شۇنچىلىك تىرماشتىم ، ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتمەكچى ، ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلماقچى بۇلاتتىم ، بىراق ھالسىزلىنىپ كېتىپ باراتتىم ، ئۆزۈمنى باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندەك ھېس قىلاتتىم ، بىراق مەن ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئايالى ئىدىم ...
(http://bbs.oylirim.cn)) @5 q8 c# O1 k. J) z# J
(http://bbs.oylirim.cn)3 E: `# | c m; E. Oقەلبىمدە قانچىلىك غەزەپنىڭ بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ سۆيۈشلىرى ، قۇچاقلاشلۈرۈدۈن ، توختىماي سىلاشلىرىدىن ۋۇجۇدۇمدا ئاجايىپ بىر لەززەت غەليان كۆتەرمەيمۇ قالمايتتى، ئۇ سۆيەتتى، توختىماي سۆيەتتى ..... ئەتىر گۈللەر ئارىسىدا بىر پەرى ئىپپىتىنى قوغداپ قالماقچى ئىدى ، ئەمما ... مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى قەلبىمدىكى ئازاب، قارىشىلىق، ۋۇجۇدۇمدىكى توسالغۇسىز بىر خىل تەشنالىق ئارىسىدا بىردەمدىلا يۇز بەردى . مەن 25يىلدىن بۇيان پەقەت ئۆزۈم سۆيگەن ئادەم ئۈچۈنلا تەييارلىغان پەرۋىش قىلغان «ئەتىر گۈل »بىردەمدىلا باشقا بىرۋا تەرىپىدىن«چەيلەندى » ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئاغرىق پۇتۈن ئىچ باغىرىمنى قۇچۇپ ئۆتۈپ پۇت ،قولۇمنىڭ ئۇچىدىن چىقىپ كەتتى. ھۇشۇمدىن كەتكۈدەك بۇلۇپئەنسىز ئىڭرىۋەتتىم ، «ئەتىر گۈل» يىغلىۋەتكەن ئىدى .....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)# U; ~6 z. B2 ^: pئۇمۇ بىردىنلا لەسسىدە بولدى ۋە بىشىنى كۆتىرىپ ئاجايىپ بىر مۇھەببەت بىلەن قارىدى . ( بۇ قاراشلار مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقماس...)ئاندىن مېنى يەنە قايتىدىن چىڭ قۇچاقلاپ باغرىغا باستى ، قۇلاقلىرىمغا ، لەۋلىرىمگە سۆيۇپ تۇتۇپ :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- رەھمەت سىزگە!مەن بەكمۇ بەختلىك ، سىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيدىغىنىمغا ، ياخشى كۆرىدىغىنىمغا ئىشىنىڭ ، ئۇ ھاياجاندىن تىترەيتتى ، ھاسىرايتتى . مەن بولسام خۇددى ھەيكەلدەك كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ياتاتتىم . ياشلار ياستۇقۇمنى ھۆلدەپ توختىماي ئاقاتتى . ھېچنىمە دىمىدىم ، نېمىمۇ دېيەلەيتتىم ؟ مەن ئۆزۈمنىلا ئەيىپلىيەلەيمەن، 25ياشلىق بىر قىز توي قىلسا ئاخىرى مۇشۇنداق ئاقىۋەتنىڭ بولدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى .دۇنيانى بۇنداق گۇزەل ئەرلەرنى ، ئۇنداق ئاقكۆڭۇل ئۆزىنى ئۇنداق قابىل ئويلىماسلىقى ، تۇرمۇشنى كىتابلاردىكىدەك رومانتىك چۈشەنمەسلىكى كېرەك ئىدى ....
(http://bbs.oylirim.cn)+ m% z2 P- @8 Q/ f3 D
(http://bbs.oylirim.cn)1 {' r2 p1 d1 f0 V/ H# z* l+ T-تۇرۇپ كېتىڭ –ئاۋازىم ئاجايىپ قاتتىق چىقىپ كەتتى .
(http://bbs.oylirim.cn)2 }: Y8 D6 ]8 K% a I9 ?* y(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟ ئۇ شۇنداق دېگەچ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ، ماڭا يوتقاننى يېپىپ قويدى ۋە ئۆزى كۈيۈنۈپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى . شۇنچىلىك تەستە ئورنىمدىن تۇرۇپ تازلىق ئۆيىگە كىردىم . سۇنى چۈشۈرۈپ قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، نىمىنى ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، پەقەت يۈرىكىمگە قاتتىق بىر ئاغرىق كىرگەنلىكىنى بىلىمەن .خۇددى سۇدا قانچە ئۇزۇن تۇرسام شۇنچە پاكلىنىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ....
(http://bbs.oylirim.cn): i4 H& u1 M. \% u(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن كىچىكىمدىن سۇنى ياخشى كۆرەتتىم . ئۆيمىزنىڭ يان تەرپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆستەڭ بار ئىدى ،5-4 ياش چاغلىرىمدىن تارتىپ دوستلىرىم بىلەن ئاشۇ ئۆستەڭگە چۆمۈلۇپ ئوينايتتىم ، سۇدا ئۆزۈمنى ئاجايىپ راھەت ھېس قىلاتتىم . سائەتلەپ سۇدىن چىقماي ئوينىسام ، ئاپام خاپا بۇلۇپ :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-خەپ سېنى قانداق قىلارمەن سوغۇقۇڭ ئېشىپ كېتىدۇ ، مەن سېنى مايلاپ ئاۋارە ، سەن قىلغان دورامنى بىر پۇڭ قىلىپ بېلىقتەك سۇدىن چىقماي ئاۋارە . سەنغۇ بېلىق يىللىق ئەمەس ، نېمانداق سۇغا ئامراقسەن ، -دەپ كايىپ مېنى قانداقتۇر بىر مايلار بىلەن مايلاشقا باشلايتتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئاپا سوغقى ئاشتى دىگەن نېمە گەپ ؟ سوغقى ئاشسا قانداق بولىدۇ ؟ دىگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرىۋېتەتتىم. بۇرندىن ئازراقلا گۇمانلىق نەرسە بولسا سوراپ تېگىگە يەتمىگە بولدى قىلمايدىغان ئادىتىم بار ئىدى . ئاپام بولسا ئېرىنمەي چۈشۈندۇرەتتى .كىچىكىمدىن ھەممە ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۇرەتتىم . مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىدىم ، ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكىمۇ كەلدىم . 16يېشىمدىلا يات بىر شەھەردە مۇستەقىل ياشىشىمغا توغرا كەلدى . ئاپام مېنى يولغا سالغىچە ئەنسىرەپ كۆز يېشى قىلدى ، شۇ چاغدا كۆڭلۈم يىرىم بولغان بولسىمۇ ، يات شەھەرگە بولغان قىزىقىش ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان كەسىپكە بولغان ئىنتىلىش كۆڭۈل يېرىملىقلىرىمنى بېسىپ كەتكەن ئىدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)# y. A* j0 P# ]3 E- جىنىم بالام - دېگەن ئىدى ئاپام : ئۇ يەردە سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالدىغان داداڭ ئىككىمىز يوق ، ھەممە ئىشىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن . سەنغۇ ئەقىللىق قىز بولدۇڭ ، بىراق بەك ساددا سەن ، ھەممە ئىشلاردا بەك ئويلىشىپ ئىش قىل ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكىدەك ساۋاقدىشىم ، دوستۇم دەپ ئوغۇللار بىلەن ئۇنداق ئەركىن ئارىلىشىپ يۈرمە ، باشقىلار چۈشەنمەيدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنىپ قىلىشىڭدىن قورقىمەن ، ھەر قانداق ئىش بولسا ماڭا دېگىن ، مەن دېگەن سېنىڭ ئاناڭ ، ھەر قاچان ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن .گېپىم قۇلىقىڭدا تۇرسۇن .... ئاپام نۇرغۇن ئىشلارنى تاپىلىدى .مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتۈرگىچە سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى بۇلۇپ ، بەك ياخشى ئوقۇدۇم .چىرايلىق قىز ئىدىم (باشقىلار دائىم مۇشۇنداق ماختايتتى ) ئۆزۈمنى ناھايىتى ئەركىن تۇتاتتىم .باشقىلارغا ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە ياردەم قىلاتتىم ، شۇڭىلاشقىمىكىن ماڭا ھەممە ساۋاقداشلىرىم ئامراق ئىدى . ئوغۇللار بىلەنمۇ دوستلاردەك ئۆتەتتىم .تۇلۇق 2-يىللىققا چىققاندا سىنىپىمىزدىكى قىزلار بىر خىل سىرلىقلىشىپ ئىككىدىن ،ئۈچتىن بۇلۇپ بىر- بىرى بىلەن سىرداش بۇلۇپ كېتىشتى ،كېيىن ئۇقسام ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ ، بىر – بىرىگە«سىر» ئېيتىشىدىكەن . كۈلگۈم كەلدى ،بىراق بۇ ئومۇملۇقتە . مەن تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئويلاپ باقتىم ، ماڭا ھېچكىم گەپ ئېچىپ باقمىدى .مەن ئۆزۈممۇ بىرەر يىگىتنى ھەجەپ بولىدىغان يىگىتكەن !؟ دەپ ئويلاپ باقمىدىم ،بولمىسا ئەتىراپىمدا خېلىلا ياخشى ، كېلىشكەن ئوغۇللار بار .بۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتىمەن .بەزىدە ئۆزۈمنى مەن نورمالسىزمۇ يە دەپ ئويلاپ قالاتتىم ، ئاندىن قېنى قاراپ باقمايمەنمۇ ، نۇرمالسىز بولسام يالغۇز ئۆتسەم ئۆلۈپ قالاتتىمۇ دەپ ئويلاتتىم ، شۇنداق قىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىم نۇرغۇن ئوغۇللار ئارىسىدا ، بىراق بىرىسىنىمۇ ياخشى كۆرۇپ قالماي تىنچلا ئۆتۇپ كەتكەن ئىدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)) |5 W# p3 H( s# F+ G5 Wئالىي مەكتەپكە كەلگەن كۈنۈملا تولىمۇ چىرايلىق قارلىغاچتەك ۋىچىلاپ تۇرىدىغان خوتەنلىك زۇلپىيە ئىسىملىك قىز بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشىپلا كەتتىم . ئىككىمىزنىڭ كارۋىتى ئۇدۇل ئىدى ، ئۇ ئىككى كۈن بۇرۇن كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولغاچقا ، ئەتىراپنى خېلى پىششىق بىلىپ بوپتۇ ، دادامغا :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)! g4 S. I3 Z1 C: l- خاتىرجەم بولسىلا ، بىز بار كۆندۇرىۋالىمىز دەپ خۇددى يوقىرى قارارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدەك سۆزلەپ يۈرۈپ ،مېنى شۇ كۈنىلا ياتاقتا قوندۇرىۋالدى . دادام ئەتىسى قايتماقچى بۇلۇپ ماڭغاندىلا بىر خىل يىتىمسىراش ھېس قىلدىم ئەمما كۆز يېشىمنى پەقەت كۆرسەتمەي دادام ماشىنىغا چىققۇچە ئارانلا چىدىيالىدىم - دە ، ياتاققا كىرىپلا كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ يىغلىۋەتتىم . زۇلپىيە ئاجايىپ تاتلىق گەپ قىىلدىغان قىز ئىكەن ، بىردەمدىلا مېنى بەزلەپ يىغامنى توختاتتى ۋە كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرە ، تاماققا چىقىپ كىرەيلى ، ئەتە دەرس باشلايدىكەنمىز ، ئانچە - مۇنچە لازىمەتلىك ئېلىپ كىرىمىز ،دېدى . خۇددى ئۇزۇن يىللىق دوستۇمدەك زۇلپىيەنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم .كۆڭلۇم ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپقاندەك بولدى ،ئىككىمىز تاماققا ماڭدۇق .ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىزغىلا بويلىرى بىر - بىردىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىرى ، ئۇرۇقراق يەنە بىرى گەۋدىلىك كەلگەن ئىككى يىگىت كۈلۈمسىرەپ ئالدىمىزغا كەلدى . مەن ھەيرانلىقتا زۇلپىيەگە قارىدىم ، ئۇنىڭ چىراينىڭ گۈلدەك ئېچىلىپ كۆزلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كېتىشىدىن ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ خېلىلا يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم . تىنچىلىق سوراشقاندىن كېيىن زۇلپىيە تۇنۇشتۇردى . بۇياق ئورۇقراقىنى كۆرسىتىپ ئىسمى مۇرات ، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىدا ئوقۇيدۇ . ئۆتكەن يىل كەلگەن . بۇياق ئەلقەم ، مۇرات بىلەن بىر مەكتەپتە . ئىككىلىسى مېنىڭ يۇرتلۇقۇم ،كەلگەندىن بېرى بۇلار بولغاچقا غېرىپسىنمىدىم . بۈگۈن بىللە تاماق يەپ كېلەيلى دەپ كەپتۇ .
(http://bbs.oylirim.cn). C$ z5 J+ |: o! k
(http://bbs.oylirim.cn)3 Y* t7 G- t% F& ?# s6 rمەن بىردىنلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم .تۇنجى قېتىم يات ئوغۇللار بىلەن تۇنۈشىششم بولغاچقىمىكىن ، بىر خىل خىجىللىق يۇزلىرىمگە تېپىپ مەڭزىم ئوتتەك قىزىپ كېتىۋاتاتتى . زۇلپىيە مېنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)8 ]% `$ O, B: Q+ |/ N# y0 \# O
(http://bbs.oylirim.cn)6 U0 S) A. @7 _# J-ئىسمى گۇزەلنۇر ، ياتاقدىشىم ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «كروران گۈزىلى »بەك قارىماڭلار ، بولمىسا قېچىپ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىرمۇ يالۋۇرۇپ ئاران ئېلىپ چىقتىم دېدى .ئەلقەم :
(http://bbs.oylirim.cn)3 U$ q6 [: B8 q6 X7 Q- N, y(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-كورلىلىقكەنسىزدە ؟ بىزنىڭ سىنىپتىمۇ كورلىلىق بالىلار بار دەپ بىر قانچىسىنىڭ ئىسىمىنى دېدى . بەزىلۈرىنى تۇنۇيدىكەنمەن ، شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا پاراڭ تېمىسى چىقتى . زۇلپىيە مۇرات بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭدى .مەن ئەلقەمنىڭ سوئاللىرىغا خۇددى ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بىرىۋاتقاندەك ئېھتىيات بىلەن جاۋاپ بىرىپ مېڭىۋاتاتتىم .تاماق ئۈستىدىمۇ بىر نەرسە ئالغىلى ماگىزىنغا كىرگەندىمۇ ، ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى پەقەتلا ئەركىن تۇتالماي ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ ئولتۇردۇم . قانداق كۆڭۈللۈك چاغلار ئىدى -ھە ! خالىغىنىمىزنى دەپ كۈلۈشۇپ ،خوشال يۇرەتتۇق . شۇنچىلىك چارچىساقمۇ بىلىنمەيتتى ، بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر ئاي قالغان چاغلاردا بىر - بىرىمىزگە بەكلا ئىجىل بۇلۇپ كەتكەن ئىدۇق ..... مەن خىيالغا پاتقانسىرى ئەلقەم مېنى خىيال قوينىدىن تارىۋالماقچى بولاتتى . ئۇلار بىلەن بىللە يۈرۈش جەريانىدا زۇلپىيە بىلەن مۇراتنىڭ مۇناسىۋىتنىڭ ئەسلى يۇرتداشلىق مۇناسىۋىتىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . زۇلپىيە بۈگۈن بەكلا خوشال ئىدى ،توختىماي سۆزلەيتتى ،كۈلەتتى ،ئۇ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن ئىدى ، ئەتىسىدىن باشلاپ دەرىسىمىز باشلاندى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn): m( F- f" D8 }نۇرغۇن يېڭى ساۋاقداشلار بىلەنمۇ تۇنۇشتۇم ، بىر ئاي ئۆتۇپ كەتتى ، مۇھتقا ئازراق كۆنگەندەكمۇ بولدۇم ، كۆنمەي ئامالىم يوقتە !؟ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ ئىزدىشىپ تۇرۇم . ئاشۇ كۈنلەردە زۇلپىيە ئىككى كۈندە بىر مېنى بىللە تاماق يەپ كېلەيلى ، مۇرات كەپتىكەن دەپ تەكلىپ قىلىپ تۇردى ، ھەر قېتىم بىرەر باھانە سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلاتتىم ، ئاخىرى ئىككى ئاي ئۆتۇپ بىر كۈنى ،زۇلپيە ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى ،مۇرات ئىككىڭلار بىلەن ئۆتكۈزگۈم بار ، ئەمدىغۇ چىقارسەن مۇراتمۇ بىزدىن رەنجىپ قاپتۇمۇ ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ ،دېدى .
(http://bbs.oylirim.cn)4 l D2 K+ @2 E( p, |
(http://bbs.oylirim.cn). _& d _8 h2 M, y- سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىمىسام قانداق بولىدۇ ؟ چىقىمەن ، سەنلا خوش بولساڭ بولدى ، دېدىم .
(http://bbs.oylirim.cn)0 f8 p4 s, s, `! g3 j2 j$ |(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەتىسى دەرستىن چۇشۇپ چۈشلۈك ئارامدا زۇلپىيەگە سوۋغات تاللىدىم . ئۇندا ئويلاپ ، بۇندا ئويلاپ ئۇنىڭغا يەنىلا كىتاب سوۋغا قىلىش قاراىغا كەلدىم .«چالىقۇش» رومانى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رومانلارنىڭ بىرى ئىدى . زۇلپىيەگىمۇ شۇ كىتابنى ئېلىپ سوۋغا قىلايچۇ ، دەپ ئويلىدىم .بۈگۈن جۈمە بولغاچقا ئەتە ئارام ، ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرستىن چۇشۇپلا ئۆزلىرى ئەڭ خوشال بولدىغان ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئىدى . قىزلار تاياق بىناسىنىڭ ئالدى يىگىتلەر بىلەن تۇشۇپ كېتەتتى . بۈگۈن ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان سۇس يېشىل رەڭلىك توردىن ئاق ياقا تۇتۇلغان كۆينىكىمنى كىيىۋالغان ئىدىم . بۇ كۆينەكنى كەيسەم مەلىكىلەرگىلا ئوخشاپ قالدىڭ قىزىم ،كۆز تەگمىسۇن دەيتتى ئاپام . شۇڭا بۇ كۆينىكىمنى بەك ئاياپ كىيەتتىم .زۇلپىيە توزدەك چىرايلىق بۇلۇپ ،ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى . مەن ئۇنى ، ئۇمېنى چىرايلىق بۇلۇپ كەتتىڭ دېيىشىپ، ياتاق بىناسى ئالدىغا چىقتۇق .مۇراتنىڭ يېنىدا يەنە ئەلقەم تۇراتتى . مەن زۇلپىيىگە قاردىم ، ئۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ، مۇراتتىن كۆزىنى ئۈزمەي ساقلىتىپ قويدۇق ھە! دېگىنىچە مېڭىۋەردى .قېچىپ كىرىپ كەتكۈم كەلسىمۇ بۈگۈنكىدەك كۈندە ،ئۇنى خاپا قىلىشنى خالىمىدىمدە مەنمۇ ئۇلار بىلەن سالاملاشتىم . تاماقنى يەپ بۇلۇپ بىر چايخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق .مۇرات ئېغىز ئاچتى .بۈگۈن ئەلقەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا بىللە تەبرىكلەيلى دەپ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالدۇق .گۇزەلنۇر سىزمۇ ئازادە ئولتۇرۇڭ ، بىزنى ئۆز يۇتلۇقىڭىزدەك كۆرۇڭ ،زۇلپىيە ھەر كۆرۇشسەك سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ سىزنى كونا تۇنۇشىمىزدەك ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدۇق . مەن زۇلپىيەنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنمەن ، ئۇنىڭ دوستلىرى مېنىڭ دوستۇم ، شۇڭا مېنىمۇ يېقىن دوستىڭىز قاتارىدا كۆرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەن زۇلپىيەگە ئاچچىق بىلەن قارىدىم . قارا بۇنىڭ مېنى ئوسال قىلغىنىنى ، ئەمدى مەن نېمە دەرمەن ؟ زۇلپىيە ئەلقەمگە ئورالغان بىرقاپنى سۈنۈپ ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ! دېدى . مەن ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغىچە ، گۇزەلنۇرمۇ سىزگە سوۋغا ئالغانتى ، بېرىشتىن خىجىل بولىۋاتىدۇ ، دەپ مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان كىتابنى سۈندى . ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتاتتىم ، ئىچىمدە زۇلپىيەنى مىڭنى تىللايتتىم ، نېمىلا بولمىسۇن ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكمنى ئېيتىپ قويماقچى بۇلۇپ ، بېشىمنى كۆتىرىپ ئەلقەمگە قاراپلا نىيتىمدىن ياندىم .چۈنكى ئۇ زۇلپىيەنىڭ سوۋغىسىدىن كۆرە مېنىڭ بۇ يەرگە ئىكەنلىكىمدىن ، بەكرەك خوشال بولغاندەك قىلاتتى . كىچىكىمدىن كۆڭۈلچەك ئىدىم ، مەن سەۋەبلىك باشقىلار خوشال بولسا ،يەنە كىلىپ بۇ خوشاللىق ماڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۇزمىسە ئۇلارنى خاپا قىلىشىمنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن ھېچنېمە دېمەسلىك قارارىغا كەلدىم . قىزغىن پاراڭلار ، ئۇسسۇللار ، تانسىلار بىلەن بىرنەچچە سائەت بىردەمدىلا ئۆتۇپ كەتتى ، ئىككىلىسىنىڭ ياخشى يىگىتلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىم . ئەمدى ئۆزۈمنى ئازراق ئەركىن تۇتالايدىغان بولدۇم . شۇنداق قىلىپ كەچتە ئۇلار بىزنى ياتاققا ئەكىلىپ قۇيۇپ قايتتى . ياتاققا كىرمەيلا زۇلپىيەنى ئەيىپلىدىم ، نېمىشقا مېنى ئالدايسەن ؟قانچىلىك ئوسال بولغىنىمنى بىلەمسەن ؟ سېنىڭ يۇزىڭىنى دەپ چىداپ ئولتۇردۇم . زۇلپىيە كۈلۈپ تۇتۇپ :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)' h" D' d/ k: w# j- ساڭا راست گەپنى قىلسام چىقامتىڭ ؟ ئۇلار سېنى يېمىسە يا ، نېمىگە شۇنچىلا قىلىپ كېتىسەنكىن تاڭ ! ھەممىمىز ياشلارغا ، ئارىلىشىپ ئۆتكەنگە نېمە بوپتۇ ؟ ئۆزەڭنى رامكىنىڭ ئىچىگە ئېلىۋىلىپ شۇنىڭ ئىچىدىن چىقماي ياشايدىكەنسەن ، 17ياشلىق قىزلاردەك ياشاپ باقە ، نېمانداق ئۆزەڭنى ئەركىن تۇتالمايسەن ؟جۈمجىت بۇلۇپ قالدىم ، راسىت نېمىدىن خىجىل بولىمەن ؟ نېمىشقا ھەممە ئىشىمغا رامكا بېكىتىۋالمەن ؟دەپ ئويلاپ قالدىم . مەن خىيال قۈلۈپولغىچە زۇلپىيە يەنە گەپ باشلىدى . راسىت گەپنى قىلسام ئەلقەم سېنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ . ئىككى ئايدىن بىرى مۇرات بىلەن كېلىپ يۇردى ، بىراق سەن جاھىللىق قىلىپ چىققىلى ئۇنىمىغاندىكىن كۆڭلى يىرىم بۇلۇپ كېتىپ قالىدۇ . بۇ قېتىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خوشال ئۆتسۇن دەپ شۇنداق قىلدۇق . بىرەر يىرىڭ كاملاپ قالمىغاندۇ ؟ چۈشىنىكسىز بىر خىل ھېسلاردا ئىدىم .تۇنجى قېتىم ئوغۇل بالىنىڭ مېنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم . كۈلىمەن ئوغۇل دوستلىرىمنىڭ شۇنچە جىق بۇلۇشىغا قارىماي ئۇلارنىڭ بىرەرىمۇ مېنى ياخشى كۆرۇپ قالمىغان ئىدى بەلكىم ياخشى كۆرسىمۇ مەن ھېس قىلمىغاندىمەن ....جىمجىتلا ياتاققا كىرىپ يېتىپ قالدىم .ئەتىسىدىن باشلاپ تېخىمۇ جىمىپ كەتتىم . زۇلپىيە توختىماي ئەلقەمنىڭ گېپىنى قىلاتتى . ئۇلار4 قىز ، 5ئوغۇل ناھايىتى يېقىن ئۆتىدىكەن . 4 قىز دوست بۇلاردىن ئادىل ، مۇرات ، مەمەت ،كامىل تۆتى بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن بىر قارار يوقىرى يىللىقتا ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن . پەقەت ئەلقەملا مۇشۇ كەمگىچە بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ باقمىغان ئىكەن ، ئۇ ناھايىتى قىزىقچى ، مۇزىكا چالالايدىغان ، ناخشا ئېيتالايدىغان يىگىت بولغاچقا ، ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالىدىغان قىزلارمۇ جىقكەن نېمىشقىكىن ئەلقەم ئۇلاردىن بىرنىمۇ ياخشى كۆرەلمەپتىكەن .ھېلىقى چاغدا مېنى كۆرگەندىن كېيىنلا ئەلقەم بۇرۇنقى ئەلقەمگە ئوخشىماي قاپتۇ . بۇ دوستلارنىڭ يىغىلىشىدىمۇ بۇرۇنقىدەك قىزىقچىلىق قىلمايدىكەن ، سازمۇ چالمايدىكەن ، چۈشكۈنلىشىپلا كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مۇرات بىر كۈنى ئۇنىڭدىن راست گېپىڭىنى قىلە نېمە بولدۇڭ دەپ سوراپ تۇراۋالغاندىن كېيىن ، ئاشۇ كۈنىدىن كېيىن نېمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن ، گۇزەلنۇر كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان بولىۋالدى ، ھېچنېمە خوش ياقمايدىغان ، بىر نېمە دېسەم مېنى قانداق بالا بۇ ، بىر قېتىم كۆرۇپلا ياخشى كۆرۇپ قالدىم دەيدىغان دەمدىكىن دەيمەن .ئۇ قىز بەك نازۇك قىز ئىكەن ، ئۇنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن قورقتۇم دەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مۇرات زۇلپىيەگە دەپ ئىككىمىز كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرستى يارىتىپ بېرەيلى دېسە مەن جاھىللىق بىلەن ئۇنىماي تۇرىۋالغانكىن ، ئەلقەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مېنى ئالداپ بولسىمۇ ئۇنى مۇرادىغا يەتكۇزمەكچى بوپتۇ . ئالي مەكتەپكە كېلىپلا بۇنداق ئىشلارغا يولۇقىمەن دەپ ئويلىمغان ئىدىم . ئەلقەمنى ياخشى بالىكەن دەپ ئويلىغاندىن باشقا . ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشەنچەم يوق ئىدى .يەنە كېلىپ بۇ گەپلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشكىلى چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇندىن كېيىن زۇلپىيە بىلەن قەتئىي بىللە چىققىلى ئۇنىماس بولدۇم . زۇلپىيەدىن ئەلقەمنىڭ نەچچە قېتىم ئۆزى كېلىپ ، مېنى كۆرىۋىلىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم . يەنە ئىككى ئاي ئۆتۇپ كەتتى ، دەل ئەتە يېڭى يىل ھارپىسى دېگەن كۈنى كەچتە زۇلپىيە مۇرات بىلەن كۆرۇشكىلى چىقىپ كېتىپ ، قايتىپ كىرگەندە بىر پارچە خەتنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ گەپ قىلمايلا يېتىپ قالدى ،خەتنى قەستەن ئوقىمىدىم ، لىكىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم . ئەتىسى ئەتىگەندە زۇلپىيە خەتنى كۆردۈڭمۇ ؟ نېمە دەپتۇ ؟دېدى ، كىم نېمە دەيتتى ؟ كۆرمىدىم . دېدىم . زۇلپىيە بىردىنلا خاپا بولدى .سەن ئۆزەڭچە ئۆزەڭنىڭ غەيرەتلىكىڭىنى ماڭا كۆرسىتپ قويىۋاتامسەن .سېنى ياخشى كۆرۇش گۇناھما ؟ سەندە ئەلقەمگە نىسپەتەن مۇھەببەت بولمىسىمۇ ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان ئەقەللى مېھرىمۇ يوقما ؟ ئۇنىڭ خېتىنى ئوقىغانغا نېمە بولۇپ قالاتتىڭ ؟ كېيىن ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قالما يەنە .سەن ئۇنىڭ بۇرۇن قانداقلىقىنى بىلمىگەنكىن ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلالمايسەن ، بىر ئوغۇل بالىنىڭ بىر قىزغا ئۇنداق سەۋدايىلارچە ئاشىق بولغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن .خەقنىڭ كۆڭلىدىكى مۇھەببەتنى يوق قىلساڭ بىر كۈنى ئۆزەڭ ئازاب تارتىپ قالىسەن . قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل ، ئۇ تۇنجى قېتىم مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ سىنىپقا چىقىپ كەتتى .خەتنى ئاچتىم ، بەكمۇ چىرايلىق پوچۇركا بىردىنلا مەندە ئۇنىڭغا نىسپەتەن ھۆرمەت ھېسياتى ئويغاتتى ،خەت قىسقىلا يېزىلغان ئىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)2 h8 L3 f" z# w9 y3 M(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سۆيۈملۈك گۇزەلنۇر
(http://bbs.oylirim.cn)% i7 c: t& O6 D& W8 Y(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىزنى تۇنجى كۆرۇپ ھازىرغىچە 147كۈن بوپتۇ ، بۇ كۈنلەر سىزنى ئۇچىرتىش ،كۆرىۋىلىش تەشنالىقىدا ئاجايىپ تەستە بىراق تولىمۇ تاتلىق ئازابلار ئىچىدە ئۆتتى . بۇ جەرياندا سىز بىلەن خىيالىمدا نەچچە يۈز قېتىم پاراڭلاشقاندىمەن ......بىراق سىز بىلەن يۈزتۇرانە تۇرۇپ ئاشۇنداق پاراڭلىشىش پۇرسىتى ماڭا نىسىپ بولمىدى . ئەگەر خالىسىڭىز 31-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە سىزنى«سىتراھەت باغچىسى» دا ساقلايمەن ، چوقۇم چىقىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن ، ئەگەر چىقالمىسىڭىز سىزدىن رەنجىمەيمەن ، بىراق ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن . ئىككىنچى كۆزىڭىزگىمۇ كۆرۇنمەيمەن .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn). N, O$ e/ j+ r, Q aيوللىرىڭىزغا تەلمۇرۇپ ئەلقەم يازدىم .
(http://bbs.oylirim.cn)* J9 d+ |' @& Z' B$ o(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
چۈشكىچە ئۆتۇلگەن دەرسمۇ زېنىمگە چۈشمىدى .بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى بولغاچقا ، چۈشتىن كېيىن قۇيۇپ بىرىلگەن ئىدى .ياتاقتىكى ھەممە قىزلار ياسىنىپ قەيەرگىدۇر مېڭىشتى ، بىزنىڭ ئوتتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار بۈگۈن يىغىلىپ يېڭى يىل ېۆتكۈزمەكچۈ ېۈدۇق.زۇلپۈيە يېڭۈ يۈلنۈ مۇرات بۈلەن بۈللە ېۆتكۈزمەچۈ بولۇپ مېڭۈش ېالدۈدا
(http://bbs.oylirim.cn)2 K% p1 u+ |3 a2 D8 m/ F(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- چوقۇم چىققىن ، ھېچ بولمىغاندا گېپىنى ئاڭلاپ باق ، ئۇ راستىنلا ياخشى بالا ، كېيىن بىلىپ قالىسەن دەپ تاپىلىۋېتىپ چىقىپ كەتتى .ياتاقتا ئولتۇراتتىم ، سائەتكە قارايتتىم ، ئىككى بولدى ،جىددىيلەشتىم ، كىيىملىرىمنى يۆتكەپ تەييارلاندىم ، نېمىلا بولمىسۇن چىقايچۇ دەپ ئويلىدىم ، تۇرۇپ يەنە تەبىئىتىمدىكى قانداقتۇر بىر خىل تۇيغۇ مېنى چىقما ،چىقمىساڭ قانداق قىلىدۇ كۆرۇپ باق دەپ توساتتى . 4-3 مۇ بولدى ، ئاخىرى چىقماي دوستلىرىم بىلەن ساۋاقداشلار چېيىغا كەتتىم .ئۇ يەردە ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆرۇشۇپ شۇنداق خوشال بولغان بولسامۇ تۇرۇپ - تۇرۇپ ئۇنى ئويلاپ قالاتتىم دېمەك ، قەلبىمنىڭ ئاراملىقى بۇزۇلغان ئىدى . بۇرۇنقىدەك بىخارامان ، ئەركىن قىز ئەمەس ئىدىم .نېمە ئىشلىقىنى ئۇقمايمەن ، قەلبىمدە بىر خىل تىتىتلىق ، ئىنتىلىش ، يەنە قورقۇش ئۆزۇمنى قاچۇرۇش ھېسلىرى تەڭلا مەۋجۇت بولاتتى. ھەر قېتىم ئىنتىلىشنى ئىرادەم يېڭىۋالاتتى .ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە «ساۋاقداشلار ئادەم ھاياتىدا ئەقىل بىلەن ھېسىيات ئارىسىدا ياشايدۇ ، ئەقىل بىلەن ياشاش جاپالىق ، بىراق نەتىنجىلىك بولىدۇ . ئادەم ھاياتىدا ھېسىياتىنى ئەقلى بىلەن باشقۇرۇپ ياشىسا نۇرغۇن نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدۇ ، ئەمما بۇنداق ياشاش ئادەمدە ئاجايىپ چىدام غەيرەت ، ئىرادە بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ .چۈنكى ئادەمنىڭ يېڭىشى ئەڭ تەس بولىدىغىنى ئۆز ھېسياتى دېگەن ئىدى » بۇ سۆزنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . چايدىن 10دىن ئاشقاندا قايتىپ كەلدىم. يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئەتىسى زۇلپىيە مۇرات بىلەن كۆرۇشكىلى چىقىپ كەتتى . چىقىپ يىرىم سائەتتىلا قايتىپ كىرىپ ماڭا كايىپلا كەتتى :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn); Q5 r# Z! N' {* fسەن قانداق ئادەم ؟ نېمىشقا بىر ئادەمنى قاراپ تۇرۇپ قىينايسەن ؟چىقىپ مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ، دەپ قۇيۇپ بولسىمۇ كىرسەڭ بولمامدۇ ؟ئەلقەم تۈنۈگۇن باغچىدا سېنى 7سائەت ساقلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن سوغۇق ئۆتۇپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ . خوش بولغانسەن .ئاجايىپ باتۇر قىز ئىكەنسەن ، ئىشقىڭدا شەمشادتەك بىر ئوغۇل بالىنى ئورۇن تۇتقۇزۇپ ياتقۇزۇپ قويغاندىكىن ، ساڭا قول قويدۇم .
(http://bbs.oylirim.cn)" J$ y* c% H; T(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىچىم شۇنداق ئېچىشتى ، شۇ تاپتا تۈنۈگۈنكى قىلىقىمنى ياندۇرىۋىلىش ئىمكانىيتى بولسا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايتتىم ، لېكۈن مۇمكىنمۇ ؟ ھېچنېمە دېيەلمىدىم . ئۇنىڭ يېنىغا بارغۇم بار ئىدى . بىراق ، بىرىشتىن خىجىل بولاتتىم ، ئەمدى نېمە دەپ بارىمەن .بولدىلا بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۇپ كېتەر ، ئۇمۇ مېنى چۈشىنىپ قالار .زۇلپىيە ماڭا بىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)" c- O6 s% `! \, r-بەك رەھىمسىز ئىكەنسەن ، دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .شۇ كۈندىن باشلاپ زۇلپىيە ماڭا ئەلقەمنىڭ گېپىنى قىلماسلا بولدى . ئەلقەم ئۆزىنىمۇ كۆرمىدىم ، بىر ئاي بولغاندا چىدىيالماي ئۆزۇم سورىدىم ئەلقەم ياخشى بۇلۇپ قاپتىمۇ ؟
(http://bbs.oylirim.cn)3 I' P9 Z7 k2 C3 V- d
(http://bbs.oylirim.cn)5 T0 p* ~0 |" ~" k j4 {- i! `' K7 J-ئەمدى كۆڭۇل بۆلۇپ قاپسەنغۇ ؟! ياخشى بۇلۇپ قاپتۇ ،دېدى زۇلپىيە . ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا ئامراق ئىدى ،كۆڭۇل بۆلەتتى .پەقەت ئەلقەمنىڭ گېپىنى قىلمايتتى . تۇرۇپ ئەلقەمنى دائىم ئويلايدىغان ، ئۇنى سېغىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم ، بىراق بۇنى ھېچكىمگە تىنالمايتتىم . شۇ تەرىقىدە بىر يىل ئۆتۇپ كەتتى ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن يىگىتلەر مېنى قوغلىشىپ باقتى ،بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن ياخشى كۆرەلمىدىم . ئاشۇ ئىشتىن بىر يېرىم يىل كېيىن 4-ئاي ۋاقىتلىرىدا زۇلپىيە قالغان ئۈچ دوستى مۇرات مۇشۇ شەھەردە خىزمەت قىلىدىغان دوستىنىڭ ياتىقىدا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۇزۇپ بەرمەكچى بولدى . نېمىشقىكىن بىر يېرىم يىلدىن بېرى،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق خاتىرە كۈنلىرىمدە ئەلقەمنى سىغىنىپلا كەلدىم .ئۇ چاغدىكى ئازابنى ئويلىساممۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ . شۇنداق قىلىپ قىزلار ياتاققا باردۇق . مۇرات ۋە بىر قانچە ئوغۇللار نەرسىلەرنى تەييارلاپ قىزلارنىڭ تاماق قىلىشىغا ياردەملىشىۋاتاتتى . تاماق تەييار بۇلۇپ ھەممىمىز ئۈستەلىنى چۆرىدەپ ئولتۇردۇق .نېمىدىندۇر بىر نەرسەم كامدەك يىغلىغۇم كېلەتتى . مۇرات گەپ باشلىۋىدى ،ېۈشۈك چېكىلدى ، ھەممىمىز تۇلۇق ئىدۇق ، كىمدۇ ؟ مۇراتنىڭ دوستى ئادىل ئىشكنى ئاچتى . ئىشىكتىن بىر دەستە گۈل كۆتۇرۇپ ئەلقەم كىرىپ كېلىۋاتاتتى . ئۆزۈمنى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم ، پۇت-قۇلۇمدا كۈچ قالمىدى .يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سالاتتى . ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيتتىم ، ھاياجىنىمنى قانچە باساي دېگەنسېرى خائىن كۆزلەر باشقۇرۇشىمغا بويسۇنماي ئەلقەمگە قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى .بىر يېرىم يىلدىن بېرى قەلبىمدە بېسىلىپ قالغان چوغ بىردىنلا يالقۇنجاپ پۇتكۈل ۋۇجۇدۇمنى ، ئەقلىمنى قۇشۇپ كۆيدۈرىۋاتاتتى . ئۇ ناھايىتى تەمكىن ھالدا « تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، بەختىلىك بۇلۇڭ » دېدى .گۈلنى قانداق ئالغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئارانلا رەھمەت ! دېيەلدىم .ئۇ كۈن مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان كۆڭۈللۈك كۈن بولدى . كەچتە قايتىشىمىزدا ھەممىسى بىزنى يالغۇز قالدۇرۇشۇپ قايتىشتى ، ئەمەلىيەتتىمۇ مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىستۇرىۋالالمايتتىم . بۈگۈن قېچىش نىيىتىممۇ يوق ئىدى . ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھىجران ئازابى ، مېنى خېلى تاۋلىغان ئىدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ مېنى ساقلىغان باغچىغا كىردۇق . چېچەكلەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئەتىراپنى قاپلىغان ئاشۇ چېچەكلەر ئارىسىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق . قولۇمدىكى ئەتىر گۈلنى دەرەخ شېخىغا قويۇپ قويدۇم .
(http://bbs.oylirim.cn). n) r6 ?0 H% a9 u! [0 _7 n(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئارىدىكى جىمجىتلىقىنى يەنىلا ئۇ بۇزدى .
(http://bbs.oylirim.cn)3 ?3 p' N0 V: T(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-گۇزەلنۇر سىزگە ئەمدى كۆزىڭىزگە كۆرۇنمەيمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم ،بىراق ۋەدەمدە تۇرالمىدىم .سىزنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىدىم ، ئىككى كۈندە بىر مەكتىپىڭىزگە بېرىپ ، يىراقتىن سىزنى كۆرۇپ تۇردۇم . زۇلپىيەدىن ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ تۇردۇم ( زۇلپىيە خەپ مېنى سېتىپسەندە ؟! ) سىزنى باشقا بىرى بىلەن بەختلىك بولسا دېسەم ھېچكىمگە كۆڭۇل بەرمىدىڭىز . شۇنداق بەرداشلىق بىرەي دېسەممۇ كۆڭۇل دېگەن بەزىدە ئىرادىگە باقمايدىكەن . مەن سىزنى ھازىرلا مېنى ياخشى كۆرۇڭ دېيەلمەيمەن ، ئەمما مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر بولسىمۇ مەن بىلەن كۆرۇشۈشكە ماقۇل بۇلۇڭ ، سىزنى كۆرسەملا بولدى . ماقۇلمۇ ؟ ئۇ قۇلۇمنى ئاستا تۇتتى ، ھاياجاندىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى ،مەنمۇ زارىقىپ كۈتكەن مىنۇتلار ئىدىغۇ بۇ ! بىراق خائىن ئاغزىم بىكاردىنلا 《ياق》! دەپ سالدى ، ئۇنىڭ قولىدىن ئىتتىك قولۇمنى تارتىۋالدىمدە ، ئۇ مېنىڭ يالغان سۆزلىگىنىمنى بىلىپ قالغۇچە ، چىدىيالماي ، گېپىمدىن يېنىۋالغۇچە ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىۋالاي دەپ يۈگۈرگىنىمچە ماڭدىم . ئارقامدىن ئۇنىڭ توۋلىغان ئايانچىلىق ئاۋازى ئاڭلاندى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-گۇزەلنۇر نېمىشقا مېنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ قىينايسىز . چىپپىدە توختام قالدىم ، مېنى راستىنلا ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەمسىز ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ماڭا قاراپ تۇرۇپ «سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەڭ ئاندىن مەن سىزنى قىينىمايمەن ، ئىككىنچى كۆزىڭىزگە كۆرۇنمەيمەن ، بۇ قېتىم گېپىمدە راست تۇرىمەن ، سىزلا خوشال بولسىڭىز مەن قانچىلىك ئازابلانساممۇ مەيلى ،قېنى كېلىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ دەڭا .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)5 Y8 o+ ] n$ x; fئۇنىڭ ئالدىغا ناھايىتى دادىللىق بىلەن باردىم . كۆزلىرىگە تىكىلدىم ، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكىلەتتى . سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دېگىنىچە ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم . ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە مۈرىسىگە بېشىمنى قۇيۇپ شۇنداق ئۇزاق يىغلىدىمكى ، ئىككى يىللىق سۆيۈش ، سۆيۈلۈش ،ھىجران زارىقىپ كۈتۈش ھەممە-ھەممە ئاشۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇلۇپ ، ئۆزەمنى شۇنداق بەختىلىك ھېس قىلدىم . ئۇ مېنى باغرىغا بېسىپ شۇنداق بىر ئىشتىياق بىلەن ئۇزاق سۆيدى . دەل 18يېشىمدا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم تەرىپىدىن سۆيۈلگەن بەختىلىك قىز ئىدىم . كۆزلىرىمدە ياش ، چېھرىمدە كۈلكە بېشىمنى كۆتۇرگەن چېغىمدا ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان ئەتىر گۈل بىزگە كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى . ئۇمۇ يىغلۈغان ئوخشايدۇ ، بەرگىلىرىدە«ياش تامچىلىرى»پارقىرايتتى ..... شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز ئەتىر گۈلنى گۇۋاھ قىلىپ تۇنجى سۆيۈشكە ئېرىشتى ....
(http://bbs.oylirim.cn)$ D1 D$ n; \" U" B0 S" P(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇندىن كېيىنكى ئىككى يىل تولىمۇ بەختىلىك ئۆتتۈم ، دۇنيادىكى ھەر قانداق قىزدىن بەختلىك ئىدىم . دەرسلەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەتتىم . ئەلقەمنىڭ ماڭا ئامراقلىقىغا ھەر كىمنىڭ مەستلىكى كېلەتتى ، ئۇنى سۆيەتتىم . سۆيگەندىمۇ ئاجايىپ بىر ئەقىدە ، ئاجايىپ بىر مېھرى بىلەن سۆيەتتىم . مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى ئەمدى تۇلۇق چۈشىنۋاتاتتىم . ئاشۇ كۈندىن كېيىن ئۇ مەندىن ، مەندىن نېمىشقا شۇنچە ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈردىڭىز دەپ سورىغان ئىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)4 {/ \3 d0 @( M6 W. U7 z8 d
(http://bbs.oylirim.cn)3 I+ O6 R& g- X: {# }0 Y8 x-مەن ئويلىغىنىمنى تۇزلا دېدىم . ئىككىمىز ئىككى يۇرتلۇق ، مۇھەببىتىمىزنىڭ ئاخىرى چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم . ئۇنداق بولسا ھەر ئىككىمىز ئازابلىنىمىز ، ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغان ئىش بولسا باشتىلا ئۆزىمىزنى تۇتىۋالغىنىمىز ياخشى دەپ ئويلىغان ئىدىم . بىراق ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلمىدىم ، بۇ سۆزۈمدىن كېيىن ئۇ لەۋلىرىمگە سۆيۈپ تۇتۇپ « ئەخمەق مۇھەببەتنى مۇنداق قىلسام بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دەپ توختىتىپ قويغىلى بولىدىغان نەرسە دەپ ئويلىغانمىدىڭىز . چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز . بولمىغاندا مەن سىزنىڭ يۇرتۈڭىزغا كەتسەم بولمىدىمۇ ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئوغۇل بالا يوق ، ئەتىۋارلىق ئوغۇل بۇلۇپ ئۆتمەمدىم » دېگەن ئىدى . مەن بەشىنچى يىللىققا چىققان يىلى ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈردى . مۇرات ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسىدا ، ئەلقەم ئۇنىۋېرسىتېتا قالىدىغان بولدى . خوشال ئىدىم ، مەن ئۇقۇش پۈتتۈرسەم يە بۇ يەردە قالىمەن ، يا كورلىغا كېتەرمىز ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىمەن دەپ ئويلايتتىم ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن تەتىلگە ئاز قالغان كۈنلەردە ئەلقەمنىڭ داداىسى مېنى ئىزلەپ كەلدى . دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا كېتىۋاتاتتۇق ، زۇلپىيە بىردىنلا ئەختەمكام دەپ ھەيرانلىق بىلەن بىزدىن 100مېتىر نېرىدا تۇرغان 50نەچچە ياشلاردىكى كىشىنى كۆرسەتتى ۋە ناھايىتى تېزلا 《ئەلقەمنىڭ داداسى》دېدى . يۈرىكىم سېلىپ بىردەمدىلا جىددىيلىشىپ كەتتىم . ئۈستىبېشىم قانداق بولغىيتتى ؟ دەپ قاراپ كەتتىم . ھەر ھالدا چوڭلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغۇدەك ئەمەس ئىدىم . بىز يېنىغا باردۇق ، زۇلپىيە ناھايىتى قىزغىن سالاملاشتى . مەن بىز چەتتە قاراپ تۇردۇم . زۇلپىيە مېنى تۇنۇشتۇرىۋىدى ، ئۇ كىشى ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قىزىم ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟ سىزنى ئاڭلىغان دېدى .خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتىم ، ئۇ كىشى زۇلپىيە ئىككىمىزگە يۈرۈڭلار ، بىرەر ۋاق تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى دەپ ماڭدى . تاماق يېگەچ ئاساسەن زۇلپىيە بىلەنلا پاراڭلاشتى . بىراق ماڭا پات- پات قاراپ قوياتتى ، مەن قۇرۇنۇپ ئاران-ئارانلا ئولتۇراتتىم .تاماق يەپ بۇلۇپ زۇلپىيەگە -قىزىم گۇزەلنۇرخان بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئازراق ئىش بار ئىدى دېدى ، زۇلپىيەمۇ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ شوخلۇق بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويدى - دە ، خوش ئەختەمكا مەن چىقىپ تۇراي دەپ ماڭدى . ھەر نېمىلەرنى پەرەز قىلاتتىم ، ئاخىرى ئۇ كىشى ئېغىز ئاچتى :
(http://bbs.oylirim.cn) n$ e9 A/ S% v7 y; K7 J2 }(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-قىزىم ھەقىقەتەن باشقىلار تەرىپىڭىزنى قىلغاندەك يۈزى تۆۋەن ئەدەبلىك قىزكەنسىز ، ئەلقەمجان بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئىشىدىن بىز خەۋەردار ، سىزدەك بىر ئەقىللىق قىزنى تاللاپ ياخشى ئۆتۇپ ،مۇشۇ كەمگە كەلگىنگە بىزمۇ بەك خوش ئىدۇق . ئەمما بۇ يىل بېشىدا ئەلقەمنىڭ ئانىسى قاتتىق ئاغرىدى ، تەكشۈرسەك جىگەر راكى دەپ دىئاگنوز قويدى ، ئىشەنمەي نەچچە دوختۇرخانىدا تەكشۈرتتۇق ، دىئاگنوز ئوخشاش ئەلقەمجانغىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلدۈرمىدۇق . ئوقۇشنى پۈتتۈرسە كېلىدىغۇ دەپ ئويلىساق بۇ يەردە قالىدىغان بوپتۇ .شۇڭا مەن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەلدىم . ئۇنى خوتەنگە ئېلىىپ كەتمەكچى ، ئۇ بالىنىڭ چوڭى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئوغۇل بولغاچقىمۇ ئانىسى ئۇنىڭغا پەقەت چىدىمايدۇ . كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئۇنىڭ تويىنى كۆرسەم دەپ يىغلايدۇ . بەك ياق دەي دېسەم 30 يىللىق قەدىناسىمنىڭ ئاخۈرىقى ئارزۇلىرىنى قاندۇرسام بولمىسا ، ماقۇل دەي دېسەم سىلەرنى ئايرىۋەتكۈم يوق ، مۇراتجاندىن ئەھۋالىڭلارنى تەپسىلى ئۇقتۇم ، بۈگۈن سىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تېخىمۇ ئازابلىنىۋاتىمەن .ھېچنېمە دېمەي يەرگە قاراپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى بەك تەستە تۇتۇپ ئولتۇراتتىم ، نېمىمۇ دەيتتىم .ياق مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن دەيمەنمۇ ؟ ئۇنداق دەيدىغانغا مەن ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلىدىم . ئانا ئۇنى تۇغۇپ قاتارغا قوشۇپ مەن ياخشى كۆرگىدەك قىلىپ تەربىيلىگەن بىر ئانىنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى ئالدىدا دۇنيادا ھەر قانداق ھېسىياتنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلگۈچلىكىم بار تۇرسا ، ماڭۈغۇ گۈزەل ئەسلىمە مۇھەببەتنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بار ئۇ ئانىغىچۇ ؟.....
(http://bbs.oylirim.cn)& p) q3 M9 Z$ s3 p1 N! [(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاخىرى مەن قەتئىي قارارغا كەلدىم - دە « خاتىرجەم بولسىلا ، مەن ئەلقەمجاننى سىلى بىلەن يولغا سېلىشقا ۋەدە بېرىمەن . مەن توي قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئەمەس» دەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم . توغرىراقى ياشلىرىمنى ئۇ كىشىگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم . باغچىغا بېرىپ ئىككىمىز ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ نەچچە سائەت يىغلىدىم . شۇ كۈنى كەچتە ئەلقەم بىلەن كۆرۇشمەكچى ئىدىم ، ياتاققا كىرىپ كىيىملىرۈمنى يۆتكەپ يۈزلىرىمگە سۇس گىرىم قىلىپ ، قاپاقلىرىمنىڭ ئىششىقىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرشتىم . ئۇ مېنى كۆرۇپلا باغرىغا باستى .بەك سېغىنىپ كەتتىم سىزنى بىلەمسىز ؟ بۈگۈن دادام كەلدى .سىز بىلەن ئەتىگىچە كۆرۈشتۈرىمەن ،دادام چوقۇم سىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ . ھەي بۇ بىر يىل قانداق ئۆتەر ، سىزنى ئەمرىمگە ئالسام خوشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمۇ ؟ ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتىۋالساممۇ ياشلىرىم توختىماي ئاقاتتى . ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇراتتىم . ئىمكان بولسا ئۇنىڭ بەدىنىگە كىرىشىپ كەتكۈم كېلەتتى . ھېلىقى كام قوۋۇرغسىغا ئايلىنىپ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسىمى بۇلۇپ كەتسەم دەپ ئويلايتتىم بىراق .......
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇنى قۇچاقلايتتىم ، سۆيەتتىم ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن ...... دەپ تەكرار- تەكرار پىچىرلىدىم .ئۇ مېنىڭ بۇنداق قىزغىنلىقىمدىن ، تەشەببۇسكارلىقىمدىن مەست بولاتتى ، دۇنيانى ئۇنتۇغان ئىدى . ئاشۇ تەرىقىدە قانچىلىك ئۇراق تۇردۇقكىن .....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىزنى تەتىلگە قۇيۇپ بەردى ، قايتماقچى بولدۇم . ئازابتىن جۈدەپ كېتىۋاتاتتىم ، زۇلپىيەگىمۇ ھېچنېمە دېمىدىم ، دېسەم ۋەدەمدە تۇرىشىمنىڭ تەسكە توختىشىدىن ئۇنىڭ مېنى ئىرادەمدىن ياندۇرىۋېتىشىدىن قورقتۇم . ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنۈم بىر كېچە كىرىپ كەتمەي ئەلقەم بىلەن ئۈزۈمچىنىڭ كوچىلىرىنى ئايلاندۇق ، پاراڭلاشتۇق ،كۈلىشەتتۇق . تاڭ ئاتماسلىقىنى خۇدادىن تىلەيتتىم ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ھەمراھ بولغۇم بار ئىدى . ئۇنىڭ بېلىكىگە ئېسىلىپ بېشىمنى مۈرىسىگە قۇيۇپ ماڭاتتىم ، ئۇنىڭ قىززىق گەپلىرىدىن ھوزۇرلىناتتىم ، يېرىم كېچە بولغاندا ياتاقتىن بىرسىگە كىرىپ ئۇخلىۋالامسىز ؟ بەك ھېرىپ كەتتىڭىز دېدى ، ئۇنىمىدىم ، ئۇ مەندىن ئەندىسە قىلىۋاتامسىز ؟ خاتىرجەم بۇلۇڭ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .سىزگە توي كېچىسى ئېرىشسەم دەيمەن . ئوغۇل بالا ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى«پاختىنىڭ ئىچىدە ئوتنى ئاسرىغاندەك ئاسرىيالايدۇ »دېدى .
(http://bbs.oylirim.cn)! Q4 n2 D$ K1 |( w(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ، تۇنجى قېتىم ئۆزۈم ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ قويدۇم ۋە رەھمەت سىزگە ، بىراق بۈگۈن كېچە ئۇخلىغۇم يوق سىزگە ھەمراھ بۇلۇپ مۇشۇنداق ماڭغۇم بار دېدىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)# ^& p% g5 C) Zئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنى يۇلتۇزلۇق بولمىسىمۇ ، كوچىلىردىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ جىق چىراقلىرى ئارىسىدا ئۆزۈمنى يۇلتۇزلار ئالىمىدە تۇرىۋاتقاندەك سېزەتتىم . ھەممە ئۇيقۇدا پەقەت بىزلا ئويغاق ئىدۇق .مۇشۇ كۆچىلاردا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز قالغان ئاپپاق قارلارنى غاچىلداپ دەسسەپ ماڭغانلىرىمىز ، چېچېەكلەرنىڭ پۇرىقىدىن مەس بولغان ، كۈزنىڭ يامغۇرلىرىدا كۈنلۈك تۇتىۋېلىپ سەيلە قىلغان بۇلار مەڭگۈ ئۆچمەس سۈرەت بۇلۇپ قەلبىمىزدە ساقلىنىپ قالغان ، قالداق ئۇنتۇي ئاشۇ دەقىقىلەرنى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn); c% o/ F, K! E7 ^ئەتىسى مەن ماڭدىم . ئۇ پويىز ئىستانىسىسىغا چىقىپ مېنى ئۇزاتتى ، ئاخىرقى قېتىم كۆرىشىۋاتقىنىمىز ئېنىق ئىدى . بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيتتى ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئۆيگە كەلگەن بىر كېچىنى قانچىلىك ئازاپتا ئۆتكۈزگىنىم ئۆزۈمگىلا ئايان ، ئازاپتىن ساراڭ بۇلۇپ قالمىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران ،تەتىلدە ھېچنەگە چىقىمىدىم ، باشقىچىلا بىر ئادەم بۇلۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭدىن تېلېفون كېلەتتى . ئانىسىنىڭ مىجەزى يوقلىقىنى ، شۇڭا تەتىلدىن يانغاندا بىراقلا قايتىدىغىنىنى دەيتتى ، تېلېفوننى قويۇپلا يىغلايتتىم . تەتىلگە يىغىلىدىغانغا ئاز قالغاندا بىر كۈنى ئۇ تېلېفون بەردى ، خىزمەت ئىشىمنى كېيىنراق ئويلشىدىغان بولدۇم ، ئاپامنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىر ، ئاۋازى تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى . ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىشىنى مۆجىزە يۈز بېرىپ ساقىيىپ قېلىشىنى تىلەيتتىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)) h" b% H! V. g( w; _مەن ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلدى . ئاپام كېسىلىنى دەپ مېنى يېنىمدا تۇرغىن دەيدۇ ، شۇڭا خوتەندە ئىشلەپ تۇرىدىغان بولدۇم ، ئاپاممۇ ياخشى بۇلۇپ قالار ، كېيىن چوقۇم سىزنى ئەكىۋالىمەن يا مەن كورلىغا كېتىمەن ، مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ . يىغلىۋېتىشتىن ئۆزەمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم ، ئانىسىنى ياخشى كۆرمىگەن ئوغۇل بالىنى مەنمۇ ياخشى كۆرمەيمەن ، ئانىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ ، ئۇ جىم بۇلۇپ كەتتى . بىر مۇنچە تەسەللى بېرىپ تېلېفوننى قويدۇم .ھەر قېتىم تېلېفوندا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بولساملا ۋەدەمدىن يېنىۋالغۇم ئۇنى ھەر قانداق قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگۈم كېلەتتى ، بىراق .......
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)/ S2 R- y% W, N, [6 z! xتەتىلدىن يىغىلىپ ئوقۇش باشلىدۇق . زۇلپىيە تەتىلدىكى ئىشلارنى دەپ بەردى ، ئانىسىنىڭ ئۇنى بىر دوستىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىسەن دەپ زورلىغىنى ، زۇلپىيەلەرنى خىزمەت ئىشلەڭلار دېگىنى ، زۇلپىيەنىڭ ئۇنىمىغىنى ئىشقىلىپ نۇرغۇن جەرياننى ، ئەلقەمنىڭ مەندىن يوشۇرىۋاتقان ئازاپىنى بىلىۋالدىم . ئەمدى مەن تەدبىر قوللانمىسام بولمايتتى ، ئويلاپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ماڭا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ، كىچىكىمىزدىن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان ھازىرغىچە ھېچكىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ، ئۆگىنىشتىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ساۋاقدىشىم ئەسقەرنى مېنىڭ 《سۆيگۈنۈم》نىڭ رولىنى ئېلىپ بېرىشكە كۆندۈردۈم . زۇلپىيەگە ئەمدى ئەلقەمدىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم . خوتەن يېقىن يەر بولمىسا ئۇ ئەمدى كېلەلمەيدۇ ، ئۇمۇ ئانىسىنى مۇرادىغا يەتكۈزسۈن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسقەرمۇ كىچىكىمىزدىن مېنى ياخشى كۆرەتتى ، شۇڭىمۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈش قاراىغا كەلدىم ، دېدىم . زۇلپىيەنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى يوغىناپ ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىدى ۋە ساڭا ھەيران قىلىۋاتىمەن ، ئەلقەمنى بىر يىلمۇ ساقلىيالمامسەن ؟ ئۇ چوقۇم دېگىنىنى قىلىدۇ ، سەن ئۇنىڭغا قېيداۋاتامسەن يا ؟ سېنى بۇنداق ئىتتىك ئۆزگىرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ، توۋا ، توۋا .....دەپ كەتتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن جىممىدە يەرگە قاراپ ئولتۇراتتىم .ئۇ بۇنىڭدىن مېنىڭ بىر قارارغا كېلىپ بولغىنىمنى بىلدى . ئەسقەرمۇ چاندۇرماي كۈندە دېگۈدەك كېلىپ يۈردى ، ئۇنى قولتۇقلاپ زۇلپىيەنىڭ كۆزىچىلا چىقىپ كېتىپ يۈردۈم . ئەسقەر بىلەن ھېلىقى باغچىغا كىرەتتۇق ، ھېلىقى ئورۇنداقتا ئولتۇراتتۇق ، ئۇ ھەممە ئەھۋالنى بىلەتتى ، ماڭا تەسەللى بېرەتتى .ئىشلار ئويلىغىنىمدەك تەرەققىي قىلىۋاتاتتى ، بىر كۈنى ئەلقەم مۇراتقا تېلېفون بېرىپ ، مېنى تېلېفون بەرسۇن دەپتۇ . تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكار ھالدا ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم ،يىغىلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتىم ، ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)/ z3 ^/ B/ K5 n+ m5 R- زۇلپىيەنىڭ دېگىنى يالغان دەڭا ، مەن خوش بولاي دېدى ، ئاۋازى تىترەۋاتاتتى . جىمجىت تۇرۇپ – راست- دېدىم . مەن سىزگە يالغان سۆزلىيەلمەيمەن ، ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى ، سىزنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ قىينىغۇم يوق . ئىشىمىز بەرىبىر ئەمەلگە ئاشمىغاندىكىن باشتىلا ۋاز كەچكىنىمىز ياخشى دېدىم .
(http://bbs.oylirim.cn): z1 c% ?) f8 @. X$ Y1 B
(http://bbs.oylirim.cn)" k; u1 K9 O: s5 r0 q& `- بىر يىلمۇ ساقلىيالمامسىز؟ مەن چوقوم كېتىمەن . ئۇنداق قىلماڭ ! سىز ئۇنداق قىز ئەمەس ، سىزگە زادى نېمە تەسىر قىلدى ؟ نېمىشقا ماڭا ئىشەنمەيسىز ؟چۈشەنچىمۇ بېرەلمىدىم ، چۈشەنچە بەرسەم يىغلاپ تاشلىشىم ، ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۇرۇپ قويىشىم مۇمكىن ئىدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-خاپا بولماڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ بولدۇم ، ئوقۇشنى پۈتۈرۈپلا توي قىلىمىز ، ئىككى ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇقۇپ بولدى . ئەمدى ئىككىمىزگە ئىمكانىيەت يوق . تېلېفوننى قويۇپلا يىغىلىۋەتتىم . شۇنداق قىلىپ دەل مەن ئۇنى 7 سائەت ساقلاتقان كۈنى ئۇنىڭ ھېلىقى قىز بىلەن تويى بولدى .زۇلپىيەمۇ ماڭا خاپا بۇلۇپ چىراي ئاچماس بۇلۇپ قالدى . ئوقۇشۇمنىڭ تىزرەك پۈتۈشىنى ، ھەر بىر تال گىياھسىغا قارسام يۈرەك يارەم بىر تاشلىنىدىغان بۇ شەھەردىن تىزراق كېتىشنى خالايتتىم . ئۇنىڭ تويى بولغان كۈنى ئەسقەر ماڭا ھەمراھ بولدى . 5يىللىق ھاياتىمىزنى ، ئەلقەمنى سېغىنىشلىرىمنى توختىماي سۆزلەپ بېرەتتىم ، ئاخىرىدا شۇنچىلىك ئېچىنشىلىق يىغلىدىمكى ئەسقەر نېمە قىلىشنى بىلەلمەي بىلەكلىرىمنى تۇتۇپ بولدى ، بۇنداق قىلماڭ ، مەن چىدىيالمايدىكەنمەن دېدى . ئۇنىڭ مۈرىسىگە بېشىمنى قويۇپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا يىغىلىدىم . ئەمدى مەن ئۈچۈن ھەممە نېمە مەنىسىز ئىدى . دۇنيادا ئەلقەمسىز ياشاشنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم ، ئەمما ياشىماي ئامالىم يوق ئىدى ، شۇ كۈندىن كېيىن ئەسقەر بىلەنمۇ خوشلاشتىم .
(http://bbs.oylirim.cn)# `: ~4 |" i+ a0 G) \: v7 n(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ توي بۇلۇپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ئانىسى ئۆلۈپ كەتتى . زۇلپىيەدىن ئۇقتۇم ، ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ تەسەللى ئېيتتىم ،ئۇنى سۆيەتتىم ، ئۇنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم ..... ئۇنىڭ مەندىن رەنجىۋاتقىنى ئېنىق ، بىراق ......
(http://bbs.oylirim.cn)" v4 c" z6 M0 O& ?; ?7 S(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئوقۇشىمىز پۈتۈپ قايتىدىغان كۈنۈمنىڭ ئالدىنقى كۈنى زۇلپىيە ، مۇراتلارغا ھەممەە ئەھۋاللارنى دېدىم . زۇلپىيە مېنى قۇچاقلاپ جىنىم ئاداش سەن نېمانداق غەيرەتلىك ، نېمىشقا ئاشۇنىچىلا ئازابلارنى ئۆزەڭ يالغۇز تاتتىڭ ؟ دەپ يىغىلىۋەتتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن. بۇنىڭدىن ئارتۇق سەۋەب بولماس ، ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن ئەمدى يەنە بىرنى سۆيىشىم مۇمكىن ئەمەس ، كۆڭلۈمدە ئىككىنچى بىر ئەلقەم بولمايدۇ ، دېدىم .
(http://bbs.oylirim.cn)5 `! H7 L. ^! Y( w(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ ئىككىسىگە بەخت تىلەپ يۇرتۇمغا قايتتىم . خىزمەتكە چۈشتۈم ، خىزمەتتىن باشقا ئىشىم يوق ئىدى . بىكار بولسام كىتاب ئوقۇيتتۇم . ئەلقەمنى سېغىناتتىم ، بەزىدە چىدىيالماي يىغلىۋېتەتتىم .مۇشۇنداق چاغلاردا ھېلىقى كىچىكىمدە چۆمۆلۈپ ئوينايدىغان ئۆستەڭ مېنىڭ ئەڭ سادىق ھەمراھىم ئىدى . يىغلىغۇم كەلگەندە (قاراڭغۇ چۈشكەندە ) ئۆستەڭگە چىلىنىپ تۇرۇپ ئاۋازىمنى چىقىرىپ يىغلىۋالاتتىم ، ئىچىم بوشاپ ، سۇ كۆڭلۈمنى كۆتىرىپ قوياتتى ، 3يىل ئۆتۇپ كەتتى ، توي قىلماي دېسەم پەقەت مۇمكىن بولمىدى .....باشتا دېگەندەك ئامالنىڭ يوقىدىن توي قىلدىم .
(http://bbs.oylirim.cn): K; ]1 t1 c0 }2 A8 Q6 S. ~* b(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- تازلىق ئۆيىنىڭ چېكىلىشى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى .
(http://bbs.oylirim.cn)% j) }6 A+ J- @0 B/ G(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
نېمە بولدىڭىز سۇدا بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىڭىز ، بىرەر ئىش بولمىغانسىز ؟
(http://bbs.oylirim.cn)3 Q% }- w6 j7 c/ ~) d5 n3 g" K(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھازىر چىقىمەن - دېدىم . قوپاللا .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)+ l9 p+ _8 x2 e) Q8 Y: ~) I+ [-شۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا پەقەتلا چىراي ئاچمىدىم ، گەپمۇ قىلمايتتىم . ئۇ مېنىڭ بۇنداق خاپا بۇلۇشىمنىڭ تېگىگە يېتەلمەي قىينىلاتتى . ئەتىسىدىن باشلاپ قان توختىمىغانلىقىنى بىر يەرلىرىمنىڭ ئاغرىغانلىقىنى بانىداپ ېۇنۈ يېقىن كەلتۈرمەي يۈردۈم . ئىككى ھەپتە بولغاندا ئۇ ئاخىرى چىدىيالماي يەنە ماڭا يېقىنلاشتى ، ئەگەر گېپىمگە كۆنمىسىڭىز ئاجرىشىپ كېتىمەن نېمە دېسىڭىز دەڭ ، - دېدىم . ئۇ بۇ قېتىم بەكلا تىرىكتى :
(http://bbs.oylirim.cn)0 c/ ]: ]# _8 f e- v
(http://bbs.oylirim.cn)4 ^ U& O! l& o3 E! g-سىز دېگەن مېنىڭ ئايالىم تۇرسىڭىز بۇنداق يولسزلىق قىلامسىز ؟ ئاجراشسىڭىز ئاجرشىڭ ، ئاخىرى ئۇ يەنە مەقسىتىگە يەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم . ئاجرىشىش ئىلتىماسنى يېزىپ ئاھالىلەر كومىتېتىغا بارسام ئەر - ئايال بىللە كېلىسىلەر دېدى . ئەگەر ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىسا مەن سوتقا ئەرز قىلسەم ئاندىن سوت ئارقىلىق ئۇنى چاقىرتىدىكەن . ئەرز قىلسام نېمە دەپ ئەرز قىلىمەن . يوقارقى ئىشنى ئەرز قىلسام خەقلەر مېنى ئەقلىدىن ئادىشىپتۇ دەر ، ئۇنىڭ باشقا ھېچقانداق گۇناھى بولمىسا ، ئاخىرى يېنىپ كېلىپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشپ كېتىشنى ئويلاپ ، بىر ئىككى ھەپتىنى ئۆتكۈزىۋەتتىم . ئۆزۈمدە غەيرىلىك ھېس قىلىشقا باشلىدىم . توختىماي كۆڭلۈم ئېلىشاتتى ، ئۇيقۇچانلىشىپ كېتىم باراتتىم . بۇ ئالامەتلەر بارا- بارا ئېغىرلاپ نېمىلا يېسەم ياندۇرىدىغان بولدۇم . پەقەتلا چىدىيالماي دوختۇرخانىغا ( ئۇنىڭ مەجبۇرلىشى )بىلەن بېرىپ تەكشۈرتتۇق . ئويلىمىغان يەردىن دوختۇر مۇبارەك بولسۇن بويىڭىزدا باركەن دېگندە ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەمدى قانداق قىلىمەن دەپلا يىغلىۋەتتىم . ئۇنىڭ خوشلۇقدا ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى . ئۇنىڭغا چىش - تىرنىقىمغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بالىنى ئالدۇرۋېتىمەن دەپ ئويلىدىم . ئۆزۈم ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاش يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بالىسىنى تۇغۇش مەن ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ئىدى .مۇشۇنداق ئارسالدىلىقتا كۆڭلۈم يېرىم يۈرىۋاتقان چېغىمدا يەنىلا زۇلپىيە ئېسىمگە كەلدى . ئۇنىڭغا دەردىمنى تۆككۈم يىغلىۋالغۇم كېلەتتى . زۇلپىيە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى . ئۇزاق ئۆتمەيلا مۇرات بىلەن تويى بولدى . شۇ چاغدا ئۇنىڭغا شۇنداق ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى . ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك . زۇلپىيە ئىككىنچى يىلى تاتلىق ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇۋالدى ، بالىسىمۇ ئىككى ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىدى . تويدا ئۇ كىلىپ تويۇمغا قاتنىشىپلا ئەتىسى قايتتى . ماڭدىغان چېغىدا ئەمدى سەندىن خاتىرجەم بولدۇم سېنىڭ جاھىللىقىڭدا راستىنلا يالغۇز ئۆتۇپ كېتەرمۇ دەپ قورققان ئىدىم . سەن توي قىلماي يۈرىۋەرسەڭ ئەلقەممۇ بەك ئازاپلىنىپ كېتەتتى .يىگىتىڭ خېلى بولىدىغان بالىدەك قىلىدۇ .ھايات دېگەن مۇشۇنداق بولىدىكەن ، بەزىدە سەن شۇنداق ئارزۇ قىلغان نەرسىگەئېرىشەلمەي ، ئويلاپمۇ باقمىغان نەرسىنىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالىدىكەنسەن .تەقدىرگە تەن بەرمەي نېمە ئامالىمىز ؟! ئاللا ساڭا ئاتا قىلغان ھەر بىر كۈندىن ھوزۇرلىنىشنى ، ھەر بىر نەرسىنى قەدىرلەشنى بىل ، ئەمدى جاھىللىقىڭنى قوي بولامدۇ جىنىم ئاداش . سېنى ھەر بىر ئويلىسام مەنمۇ ئازاپلىنىمەن ، بىراق نېمە ئامال ؟! دېگەن ئىدى . مەن نۇرغۇن گەپلىرىمنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭ مېنى ئەلقەمگە سېتىۋېتىشىدىن قورقاتتىم .مۇشۇنداق ئازاپلىق كۈنلىرىمدە يەنىلا زۇلپىيە ئېسىمگە كەلدى . ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم . تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇچرىغان «ئۇۋالچىلىقلىرىم»نى بىرمۇ دەپ دەپ بالىنى قانداق ئۇسۇلدا ئالدۇرسام ئەڭ بىخەتەر ، ئەڭ ئاسان بولدىغانلىقىنى دېدىم . ئۇ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ، ئاداش سەن ياخشى ئويلا ! سەن توي قىلدىڭ ، توي قىلىش ، بالا تۇغۇش ، ئانا بۇلۇش بىر قىزنىڭ بالىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىش . سەن بالىنى ئالدۇرۋەتسەڭ سالامەتلىكىڭ زىيانغا ئۇچىرايدۇ ئېرىڭ ھەر قانداق ئىشنى كەچۇرۇشى مۇمكىن ، بالىنى يوق قىلغىنىڭنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ . ئاجرىشىپمۇ كېتەرسەن ، سەن نېمىگە ئېرىشمەكچى ؟ ئەگەر سەن ئاجراشساڭلا ئەلقەمنىڭ تۇرمۇشى تىنىچ ئۆتمەيدۇ . ئۇ ھەتتا سېنۈ مەن ئۈچۈن بەدەل تۆلىدى دەپ ئويلاپ ئايالى ۋە بالىسىدىن ھەممىدىن كېچىپ يېنىپ كېلىشى مۇمكىن .سەن باشتا بەدەل تۆلىگەن ئۇ چاغدا بىر ئانا ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ، ئەمدى بولسا بىر ئاجىز ئايال ۋە بالا ئۈچۈن ئېرىڭ ئۈچۈن قورسىقىڭدىكى بالا ئۈچۈن جاھىللىقىڭىنى تاشلىساڭ نېمە بولىدۇ ؟ ئويلاپ باق .
(http://bbs.oylirim.cn)+ F9 P- g; `8 t. E6 U9 {& p
(http://bbs.oylirim.cn)! @* ~7 m V3 r! ~; d& w. L- T5 F- مەن ئۆمۈر بويى خەق ئۈچۈنلا ياشايمەنمۇ ، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ دېمەككە ئاسان ، قىلماققا قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ يەنە يىغىلاۋېتىپ سۆزۈمنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمىدىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)7 _) u3 h% e8 b, q2 [3 Y- خاپا بولما ئاداش «دوست ئاغرىتىپ ئېيتار،دۇشمەن كۈلدۇرۇپ »دەپتىكەن . مەن ھازىر ساڭا تەسەللى بەردىم ، دەپ بالىنى ئالدۇرىۋەت دېسەم كېيىن ھەر ئىككىلىمىز تولدۇرۋالغۇسىز پۇشايمانغا قالىمىز . سەنمۇ مېنى چۈشەن ، ياخشى ئويلاپ باق بولامدۇ ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)! j2 N( D ` h# z-ئويلاپ باقاي دەپلا تېلېفونى قويىۋەتتىم. ئېرىمنىڭ بۇ كۈنلەردە خوشاللىقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيتتى .
(http://bbs.oylirim.cn)8 W1 m B' `/ g6 Q) i(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مېنى ھەددىدىن زىيادە ئايايتتى،ھەتتا ئۇزاقراق ماڭغىلىمۇ قويمايتتى ، كېچە -كۈندۇز دېگۇدەك ھەمرا بولاتتى ، سائىتىگە بىر قېتىم تېلېفون بېرىپ ئەھۋالىمنى سورايتتى . خۇددى مەن دۇنيادا ئىنسان بالىسى تۇغۇپ باقمىغان نەرسە تۇغىدىغاندەك ، مەن بولسام بالىنى قانداق چۈرۈشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ساراڭ بولايلا دېگەن ئىدىم . ئاخىرى قەتئىي قارارغا كېلىپ ھەر قانداق ئاغرىقتىن قوقماي بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈش قارارىغا كېلىپ ، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سىياسىي ئۆگىنىشىنى باھانىداپ تېلېفوننى ئەتتىمدە دوختۇرخانىغا چاپتىم . بېرىپ دوختۇرغا بالىنى چۈشۈرۈش قارارىغا كەلگىنىمنى دېدىم . دوختۇر ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ بېقىش زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى . تەكشۇرۇپ كۆرۇپ سىزدە بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بار ئىكەن . بالىنى ئالدۇرسىڭىز ساغلام ئادەملەردەك تېز ئەسلىگە كېلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرسىڭىز كېيىن ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجىراش ، توغماسلىق قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار ، يەنە تۇيۇقسىز قانسىراش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۇلىدۇ . مەن دوختۇر بۇلۇش سۈپىتىم ھەر قانداق ئېھتىماللىقلارنى ئىشتىن بۇرۇن سىزگە بىلدۇرۇش مەجبۇرىيتىم بار . شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىراق ئويلىنىپ ،يولدىشىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ . بىز يولدىشىڭىز قوشۇلغان ئەھۋالدا ئاندىن بۇ ئوپېراتسىيىنى قىلالايمىز دېدى . ئىچىمدە قانداق قىلارمەن ؟ مەن نېمىدېگەن بىتەلەي ، نېمىلا ئىش قىلماقچى بولسام ، شۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ . نېمىنى ئارزۇ قىلسام شۇنىڭغا ئېرىششەلمەيمەنيۇ ! نېمىدىن قاچسام شۇ ماڭا كانىدەك چاپلىشىۋالىدۇ ، دەپ ئويلايتىم . ئامالسىز يولدىشىم بىلەن كېلەي دەپ چىقىپ كەتتىم . بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېيەلمىدىم ، دېسەملا ھەممە ئادەمنىڭ مېنى ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم . ئاخىرى ئەمدى بولار ئىش بولدى ، چىداپ بالىنى تۇغاي ، بالىنى ئالارمەن ، ياق بەرمەيمەن دەپ تالاشسا بېرىۋېتەرمەن ، ئىشقىلىپ ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ھەرگىزمۇ بىر ئۆيدە ياشىمايمەن ، دېگەن قارارغا كەلدىم . جىمجىت ياشاۋاتاتتىم ، ياشاۋاتىمەن دېگەندىن كۆرە ، ئىتتىكراق بالىنى تۇغۇپ بۇلۇپ بۇ دوزاقتىن قۇتۇلۇشنى ساقلاۋاتاتتىم دېگىنىم تۈزۈك . ئۇ ماڭا شۇنچىلىك كۆيۈنسىمۇ ، ئاسىرسىمۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق ئەردىن بەكرەك ياخشى كۆرسىمۇ ، لېكىن ئۇنى ھەرگىزمۇ «سۆيگىنىم»نىڭ ئورنىغا قويالمايتتىم، كېچە - كۈندۈز دېگۇدەك ئۇنى ئويلايتتىم . ھەتتا ئېرىم مېنى شۇنداق بىر تەشنالىق بىلەن قۇچاقلاۋاتقاندىمۇ ، سۆيىۋاتقاندىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ خىيالىمدا ئۇنى تەسەۋۇرقىلاتتىم. ئۇنى سۆيىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم . رەھىمسىزلىك قىلىۋاتقىنىم ، پەسكەشلىك قىلىۋاتقىنىم ئۆزۈمگە ئايان ، بىراق تەبىئتىمدىكى جاھىللىق ئېتىقادىمدىكى مۇھەببەتكە بولغان چەكسىزسادىقلىق قەلبىمگە يەنە بىر ئادەمنى سىغدۇرمايۋاتاتتى . ئېغىرلىشىشقا باشلىدىم ، نېمىشقىدۇر بالا مىدىرغان كۈندىن باشلاپ ۋۇجۇدۇمدا ئاستا - ئاستا بىر خىل مېھر توغرىراقى توسىۋالغۇسىز بىر خىل ئانىلىق مېھر يېلىنجىشقا باشلىدى . ئۇ ھەر قېتىم قورسىقىمدا مىدىرغاندا مېنى تېپىپ شوخلۇق قىلغاندا قىزىقسىنىپ ئۇنى سىلاپ قوياتتىم . چىراينى ھەر خىل تەسەۋۇر قىلىپ باقاتتىم . بازار ئارىلىسام بوۋاقلارنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى كۆرسەم ئالغۇم كېلەتتى . بىردىنلا ھېلىمۇ بۇ بالىنى ئالدۇرۋەتمەپتىكەنمەن ، ئانا بۇلۇش نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك ، ھەممە ئادەم مېنى ئايايدۇ ، نېمە دېسەم شۇنى قىلالايمەن ، ئېرىمۇ مېنى باشقا ئىشلارغا مەجبۇرلىمايدۇ . نېمىدېگەن ياخشى مەڭگۈ مۇشۇنداق يۈرسەم بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ۋە بۇ ئەخمىقانە خىيالىمدىن كۈلگۇم كەلدى . ئاشۇنداق خىياللار ۋە مەيلى قايسى جاي ، قانداق شارائىتتا بولسۇن ئاجايىپ ئەتىۋارلىنىشلار ئىچىدە بۇ توققۇز ئايمۇ ئۆتۇپ ئوغلۇم ئەلقۇت دۇنياغا كۆز ئاچتى . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى . بۇ ۋاقىتتىكى ئېرىمنىڭ خوشاللىققىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . ئوغلۇمنىڭ ئىسمنى ئۆزۈم تاللىدىم . ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەلقەم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا كېيىنكى بالىمىزغا تاللىغان ئىسمىمىز ئىدى .بالىمىز ئوغۇل بولسا ئەلقەمنىڭ ئىسمىغا يېقىن ، قىز بولسا مېنىڭ ئىسمىمغا يېقىن قىلىپ قويماقچى ئىدۇق . نېمىشقىكىن يەنىلا شۇ ئىسىمنى قويغۇم كەلدى . ئېرىممۇ دەرھاللا قوشۇلدى . مەنىسىمۇ ياخشى مۇشۇنداق قويايلى دەپ ئوغلۇم تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپلا ئۇنى ئەلقۇت دەپ ئاتاۋەردى . ئوغلۇم تۇغۇلۇپ ئۇنى ئېمىتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى دادىسىغا بېرىۋېتىپلا ئاجرىشىمەن دېگەن خىيالىمنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى ھەققىي ھېس قىلدىم . دۇنيادا ماڭا ئەلقۇتتىمۇ مۇھىم ئادەم يوقتەك ھېسىياتتا ئىدىم . سائەت - سائەتلەپ ئۇنى تۇتۇپ ئولتۇراتتىم ، يىغلاشلىرىدىنمۇ ئاجايىپ بىر خىل ھوزۇر ھېس قىلاتتىم . ھېچكىمگە بەرگۈم كەلمەيتتى ، ئۆمرۈمدە ئەلقەمدىن باشقا باشقىلاردىن قىزغىندىغان ئىككىنچى ئادەم مۇشۇ ئوغلۇم بۇلۇپ قالدى . ياخشى بۇلۇپ ئىشقىمۇ چۈشتۈم ، ئېرىمۇ مېنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرەتتى ، ئايايتتى . بىراق ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرەلمىدىم ئاخىرى دەل بىر يىللىق توي خاتىرە كۈنىمىزدە ئېرىم بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلاشماقچى بۇلۇپ ، ئۇ ئىشتىن كەلگىچە ئۆيلەرنى تازىلاپ تۈجۈپلەپ تاماق قىلدىم . ئۇ ئىشتىن كىرگەندە تۇنجى قېتىم ئالدىغا چىقىپ قايتتىڭىزما ؟ ھاردىڭىزمۇ ؟ دەپ ھال سورىدىم ، ئۇ بىر ئاز تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ ، شۇنچىلىك خوشال بولغىنىنى كۆزلىرىدىكى چاقىنغان نۇرلار ئارقىلىق ماڭا بىلدۇردى . بالا ئۇخلاپ قالغان ئىدى . تاماق يەپ بۇلۇپ ئولتۇرۇپ مەن ئېغىز ئاچتىم «توي قىلغىنىمىزغا بىر يىل بوپتۇ . بۇ بىر يىل جەريانىدا سىز ھەقىقەتەن مېنى ئىزچىل ياخشى كۆرۇپ مېنىڭ بارلىق يولسىزلىقلىرىمغا چىداپ كەلدىڭىز .سىزدىن بەكلا مىننەتدارمەن ، ئەمما مەن سىزنىڭ ئاشۇ ياخشىلىقلىرىڭىزغا مۇھەببەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرالمىدىم . گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلسام سىزنى ياخشى كۆرەلمىدىم . مېنىڭچە ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشنىڭ ئۆزى ئالدامچىلىق ، ئەخلاقسىزلىق . بۇ سىز ئۈچۈنمۇ ئادىل ئەمەس، ئەسىلدە توي قىلىپلا سىزدىن ئاجرىشىپ كەتمەكچى ئىدىم ، بىراق... » جەريانلارنى سۆزلىدىم ئۇ جىممىدە ئولتۇرۇپ گەپلىرىمنى ئاڭلىدى ۋە ئەمدى مەن ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي دەپ گەپ باشلىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)* K; L6 }/ j ~& [2 P6 @& @
(http://bbs.oylirim.cn)) \9 l" y: m) R, v-سىزنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىغانلىرىڭىزنى دېگىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا ماڭا بولغان ھۆرمەت. سىز مېنى ئالداپ ئۆتسىڭىزمۇ ئۆتەلەيسىز،سىزدىكى بۇ ئوي - خىياللارنى مەن باشتىلا ھېس قىلغان، بىراق سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم . سىزنىمۇ ھامان بىر كۈنى مېنى ياخشى كۆرۇپ قالىدىغۇ ؟! دەپ ئويلىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى كۆرۇش ئۆزۈمنىڭ ئىشى ، شۇڭا ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىدۇ دەپ نۇرغۇن ئىشلاردا يول قويۇپ كەلدىم .بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىشىڭىزنىڭ ھاجتى يوق ، مەن سىز ئۈچۈن ئەمەس ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغىنىم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم . ئۇندىن باشقا سىز ئوغلىمىزنى ھەممىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىسىز ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىيالامسىزمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى ئانىسىز ئۆتۈپ كېتىشىگە چىدارسىزمۇ ؟ سىزگە دەيدىغىنىم ، ئوغلۇم ئىككىمىز سىزنى ياخشى كۆرىمىز ، بىزگە سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ ، سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇمىز يوق ، زادى ئاجرىشىمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىڭ ، مەن بارلىق تىرشچانلىقىمنى كۆرستىپ سىزدە مۇھەببەت ئويغىتىشقا تەييار ، ماڭا بۇ پۇرسەتنى بېرىڭ ، مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن . بىر ئايالنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئويغىتالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن . ۋاقىت بۇ ئىشلارغا جاۋاپ بەرسۇن بىر مەزگىل مەن بىلەن ياشاپ بېقىڭ ، ئۇنىڭغىچە بالىمۇ چوڭ بولىدۇ ، ئەگەر شۇ چاغدىمۇ مېنى ياخشى كۆرەلمىسىڭىز، مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلاي بىراق شەرتىم ئوغلۇمنى مەن ئۆزۈم تەربىيلەيمەن ، ئارتۇقچە تالاشمىدىم ، ئۇ تولىمۇ نازۇك جايدىن ماڭا ھۇجۇم قىلغان ئىدى . مېنىڭ ئەڭ كېچەلمەيدىغان ئادىمىمنىڭ ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى ئۇ بىلەتتى . ئويلىدىم ياشاپ باقاي پەقەتلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىغاندا بىر گەپ بولار ....
(http://bbs.oylirim.cn)( t& L" V$ C4 P(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇ تەرىقىدە يەنە ئىككى يىل ئۆتۇپ كەتتى . ئۇ يەنىلا شۇنداق قىزغىن ، شۇنداق رومانتىك ، شۇنداق ياخشى ئىدى . مېنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرەتتى . خۇددى ئارىمىزدا ھېچقانداق سۆز بولمىغاندەك ئىدى . مەن بولسام بىر خىل سوغۇق جىمجىتىلىق ئىچىدە ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلاتتىم ،سۆيگۈنۈمنى دائىم ئويلاتتىم ، بازىدە ئېرىم يوق چاغلاردا رەسىملىرىنى ، كۈندىلىك خاتىرلىرىمنى يېزىشقان خەتلىرىمىزنى ئېلىپ ئوقۇپ يىغلايتتىم . ئۇنىڭ مۇھەببىتى يۈرىكىمگىلا ئەمەس ،قان - قېنىمغا پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنى ئويلىمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق دېسەم ئارتۇقلۇق قىلمايتتى ، ھازىر تۇرمۇشۇمدىكى بىردىنبىر خوشاللىقىم ئوغلۇمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى چۈچۈك سۆزلىرى ئىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)/ b7 W* I/ i' u(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مۇشۇ تەرىقىدە توي قىلغىنىمىزغا ئۈچ يىل بولغان يىلى سالامەتلىكىم پەقەتلا ياخشى بولمىدى . نەچچە قېتىم بالنىستا يېتىپ چىقىتىم ، ئاخىرقى قېتىم كۆرۈنگىنمدە مەسئۇل دوختۇر بۆرەك زەئىپلىشىش بەكلا ئېغىر ، بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتىسيسى قىلغۇزغىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولمىسا ئېغىرلاۋەرسە باشقا ئەزالارغىمۇ بېسىم بۇلۇپ ئۆزىڭىزگە ياخشى بولمايدۇ ، دېدى . كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم ئىدى .30ياشقا كىرمەي تۇرۇپ بۇنداق يېرىم جان بۇلۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئاپام ، داداملارغىمۇ دېمىدىم ، ئۇلارنى ئەندىشە قىلدۇغۇم يوق ئىدى . ئىقتىسادنىمۇ بەك ئويلىمىدىم ، ھازىرقى ئىقتىساى شارائىتىمىزدا ھەر ھالدا قەرز ئالساقمۇ بۇ ئوپېراتىسيىنى قىلدۇرالايتتۇق ، ئەمما ئوپېراتسىيە مېنى بەكلا قورقۇتاتتى ، ئەگەر ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتسەم ، بالام كىچىككىنە تۇرۇپ ئانىسىز قالسا ...... نۇرغۇن خىياللارنى قىلاتتىم ، بىراق ھاياتىمنى ساقلاپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئاشۇ ئوپېراتسىيەنى قىلىش ئىكەنلىكى ئېنىق . رىئاللىققا يۈزلەنمىسەم بولمايتتى ، ئاخىرى ئوپېراتسىيە قىلدۇردىغان بولدۇم . ئېرىم بىلەن ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىم شۇنداق ئەنسىرەپ ئازاپلاندى . مەن بولسام خۇددى قولۇمم كېسىلىپ كەتسە يەنىلا تاڭدۇرغىلى دوختۇرخانىغا ماڭغاندەكلا پەرۋاسىز ھالدا يۈرەتتىم . ئەمەلىيەتتە ھەممىدىم بەكرەك قورقىۋاتقىنى يەنىلا ئۆزۈم ئىدىم . بىر كۈنى ياتاقتا ئېرىم ئىككىمىزلا يالغۇز قالدۇق .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)! E1 z' b) l @! o4 Fئۇ قوللىرىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)0 O; Y+ g M0 r* M7 U-سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز ، گۇزەلنۇر ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ ، مەيلى ئىككىمىز بىر ئۆيدە ياشىيالمىساقمۇ مەيلى ، بۇ دۇنيادا سالامەت ياشاۋاتقىنىڭىزنى كۆرۇپ تۇرۇشمۇ مېنىڭ بەختىم . مەن ئەينى ۋاقىتتا بالىنى مەن ئالىمەن دېدىم . شۇ چاغدا مېنى قىيناش ئۈچۈن ياكى يېنىدا تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانسىز . مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلاپ ئەمەس ، ئوغلىمىزدىن سىزنىڭ ھىدىڭىزنى پۇراپ تۇرۇش ، تاتلىق سۆزلىرىدىن ، قىلىقلىرىدىن سىزنىڭ ئوتىڭىزنى بىسىش ئۈچۈن شۇنداق دېدىم . سىز ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ مۇھەببتىگە ئېرىشەلمىسلىك قانچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيسىز .بۇ قېتىم ساقىيىپ چىقىسڭىز سىز تەل -تۆكۈس ساقايغاندا ئاندىن ئاجرىشىشقا قوشۇلاي . ئۆزۈمنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن سىزنى قىينىغۇم يوق ، بىراق ئالدىنقى قېتىم پاراڭلاشقىنىمىزدا دېگەن شەرتىم ئۆزگەرمەيدۇ ، دېدى . خوشال بولىۋاتاتتىم ، بىراق بالامدىن ھەرگىز ئايرىلغۇم يوق ئىچىمدە بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتىلىك بۇلۇش ئىقتىدارىمنىڭ ئاجىزلاپ ياكى يوقاپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى دەپ يۈرۈپ بولسىمۇ بالىنى چوقۇم ئالىمەن دەپ ئويلىدىم . بىر قانچە كۈندىن كېيىن مەسئۇل دوختۇرۇم ماڭا ماس كېلىدىغان بۆرەكنىڭ تېپىلغانلىقىنى يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئوپېراتسىيىنى قىلدىغنالىقىنى ئۇقتۇردى . شۇنچە تېز تېپىلغىنىغا بەكمۇ خوشال ئىدىم ، ئېرىم بولسا ئوپېراتسىيىگە 4 كۈن قالغاندا ئىدارىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان كوماندىروپكا چىقىپ قالدى . مەن بارمىسام بولمايدىكەن ، سىز ئوپېراتسىيىگە كىرگۈچە چوقۇم قايتىپ كېلىمەن دەپ مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ كۆزلىرىمگە ، پىشانەمگە سۆيۈپ ماڭدى .ئۇ نېمىشقىدۇر كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچاتتى ، كۆزىدە ياش ئەگىپ قالغانلىقىنى كۆرۇپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قەلبىمدە قانداقتۇر بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى ئويغانغاندەك بولدى .ئادەملەر ئەسلىدە بىر - بىرىمىزگە مۇھتاج ، توغىرىراقى ھەر قاندىغىمىز باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە ، كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج . شۇنداق قىلىپ ئۇ كېتىپ قالدى . كۈندە تېلېفون بېرەتتى ، ئەھۋالىمنى سورايتتى . ئوپېراتسىيىگە كىرىدىغان چېغىدا ئۇ ئايرۇپىلان كېچىكىپ ئۇچىدىغان بۇلۇپ ماڭالمىدىم ، سىز ئوپېراتسىيىدىن چىققاندا يېنىڭىزدا بولىمەن دەپ ۋەدە قىلدى . ئاشۇ ۋاقىتتا ئەتىراپىمدا ھەممە يېقىن ئادەملىرىم تۇرسىمۇ كىمدۇر بىرنى كامدەك ھېس قىلدىم . ئوچۇقىنى ئېيتسام ئېرىمنى يېنىمدا بولسىكەن دەپ ئويلىدىم ،بىراق ..... ئوپېراتسىيىگە ئېلىپ كىرىشتى .ئېسىمگە كەلسەم ئاپام ، دادام، ئۇرۇق -تۇققانلار ، ئوغلۇم ھەممىدى باركەن ، ئەتىراپىمدىن ئېرىمنى ئىزلىدىم ، ئاپام قولىقىمغا پىچىرلاپ ئايروپىلاندا كەلگۇچە ئۇنىڭ تۇيۇقسىز جىددى خاراكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي بۇلۇپ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى باشقا كېسەلخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە يىغلاپ كەتتى . ئاشۇ چاغدا يۈرىكىم ئاغرىغاندەك نېمىگىدۇر بىر نەرسىگە تارتىشقاندەك قىلدىم . مەسلىكىم تېخى تۇلۇق يېشىلىپ بولالمىغاچقا پۇت - قۇلۇمنى مىدىرتالمايتتىم ، بىراق ئىككى تامچە يېشىمنىڭ كۆزلىرىمدىن ئېقىپ ياستۇقنى ھۆللىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم . راستنى ئېيتسام ئۇنى شۇنداق كۆرگۈم ، قۇچاقلىغۇم كەلدى . بۇنىڭ مۇھەببەت ياكى كونىلارنىڭ گېپى بويىچە نىكاھنىڭ ئىسسىقى .... ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدىم ، ئاستا - ئاستا يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم .
(http://bbs.oylirim.cn)! t1 i, d' |+ P- B5 V p
(http://bbs.oylirim.cn)) {! d4 K6 G* m$ ]مەن ئوپېراتسىيە قىلىپ 3-كۈنى ئۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىدە كېسەلخانامغا كىرىپ كەلدى . ئۇنى كۆرۇپ قانچىلىك خوشال بولغىنىمنى دېمەيلا قوياي بىراق ئۇنىڭغا خوشاللىقىمنى ، ھېسىياتىمنى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنمىگەن ئىدىم . ئۇ كىرگەندە دادام-ئاپاملار بار ئىدى ، ئۇلار ئۇنى خۇددى 《خىزىر》كەلگەندەك چوڭ بىلىپ كۈتۈپ كېتىۋىدى ، يەنە بىردىنلا ئاچچىقىم كەلدى .مېنىڭ كېسىلىم ئۇنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر تۇرسا مەن ئۇلارنىڭ ئۆز قىزى تۇرسام ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن ئەر كىشى تۇرسا كىچىكىنە سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتىسيىسىگە بۇلار ئۇنى شۇنچىۋلا ئاۋايلاپ كەتتا ! بايامقى خوشاللىقىم نەگىدۇر يوقالدى ، ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزمەيتتى .ئاپام - دادامدىن خىجىل بۇلۇپ ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇرىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى . قېرىشقاندەك مېنى يوقلاپ كەلگەن بىر قانچە تۇققانلىرىممۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىنىپ 4 كۈن بولمايلا بۇ يەرگە چىقىپسىزغۇ ؟ بۇ قانداق بولغىنى ، ئۇنداق قاراملىق قىلماڭ دېيىشىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپلا كېتىشتى . ئۇلاردىنمۇ ئىچىمدە خاپا بولدۇم .خىيالىمدا ھەممىلا ئادەم ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ئىدى . ئارىدىن بىرەر ئايدەك ئۆتۇپ مەنمۇ دوختۇردىن چىقىدىغان بولدۇم ، ئۇمۇ بۇ ۋاقىتلارنى كېچە- كۈندۈز مېنىڭ يېنىمدا دېگۈدەك ئۆتكۈزدى .بىردىنلا ئۇنىڭ بىلەن ئىجىل بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم . بىراق يەنىلا ئۆزۈمنى 《قېنى سۆيگىنىمگە بىر ئۆمۈر سادىق بۇلۇپ ياشايمەن دېگەن ئىرادەڭ ؟!سادىق بۇلۇپ بولالماي جسمىڭنى بۇلغىدىڭ، تېخى بالىمۇ تۇغدۇڭ ، ئەمدى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاپاق - چاپاق بۇلۇپ يۈرسەڭ مۇشۇ سېنىڭى مۇھەببەتكە سادىقلىقىڭما؟! "دەپ سوئال قوياتتىمدە ، ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ جىمىپ كېتەتتىم .
(http://bbs.oylirim.cn). Z5 a. _/ E/ @3 R
(http://bbs.oylirim.cn)& K9 ~- E) r. X3 J5 q7 S ]/ \# {بالنىستىن چىقىدىغان كۈنى ماڭا بۆرىكىنى ئالماشتۇرۇشقا بەرگەن كىشنى سۈرۈشتۈردۈم . دوختۇر ئۇ كىشىگە پۇل لازىمكەن ، بۇ يەرلىك ئەمەس كېلىپ ئوپېراتسىيىنى قىلىپ ساقايغاندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ كەتتى . سىز بىلەنمۇ كۆرىشىش نىيىتى يوقكەن دەپ تېزلا گەپنى تۈگەتتى ۋە ئىش بارلىقىنى ئېيىتىپ چىقىپ كەتتى ، ئۆيگە قايتتىم .يەنە3-2 ئاي دەم ئېلىشىم كېرەك ئىدى . بۇ جەرياندا ئېرىمنىڭ مېنى بېقىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن . ئىشقا چۈشۈشۈمگە بىر ھەپتە قالغاندا ئېرىم گۇزەلنۇر پاراڭلىشايلى دېدى ،يېنىمغا كېلىپ قوللىرىمنى ئالقىنىغا ئېلىپ :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)' `. d- V5 I5 F1 A) ^7 B-سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغىنىمنى بىلىسىز ، ياخشى كۆرۇش ئىگەللىۋېلىش ئەمەس . سىزگە مەن سىزنى چوقۇم ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگۈزەلەيمەن دېگەن بىراق مەن بۇنداق جاھىللىق قىلسام سىزنى بەك قىينىۋەتكۈدەكمەن .سىز دوختۇرخانىدىكى ۋاقىتتتا دېيىشكىنىمىز بويىچە ئاجرىشىشقا قوشۇلاي ، بىراق بۇ دۇنيالىقتا مېنىڭ پەقەت سىز بىرلا ئايالىم بولىسىز ، ئىككىنچى بىر ئايال سىزنىڭ ئورنىڭىزنى ئالالمايدۇ ، بۇ سۆزۇمگە ئىشىنىڭ . 3 يىلدىن بېرى مەن ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ھەممە ئىشلىرىڭىزغا رەھمەت ، مەن سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن . ئۇ شۇنداق دەپ بۇلۇپلا يېنىمدىن تۇرۇپ كەتتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سەن شۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭمۇ دېمەمسىز ؟ بىراق نېمىشقىدۇر ئادەم تەسەۋۇرىدىكى مەلۇم بىر نەرسىنى ئۇزۇن يىل قوغلىشىپ ئاخىرى شۇ نەرسىگە ئېرىشكەندە ئۇ نەرسىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك مۇھىم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالغاندەك بىر خىل ھېسىياتتا بۇلۇپ قالدىم .
(http://bbs.oylirim.cn)8 a4 w' X5 X: T& b(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەتىسى ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ« ئاپا ئاجرىشىپ كېتىدىغان بولدۇم ، ئۇمۇ قوشۇلدى» دېدىم . خۇددى قەشقەرگە بېرىپ كېلىدىغان بولدۇم دېگەن ئاددى بىر گەپنى قىلغاندەك تەلەپپۇزدا . ئاپام داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ ئارقىدىنلا مۇمكىن ئەمەس ، ساڭا جېنىنىمۇ بىرەلەيدىغان بالا ئۇ ، ھەرگىزمۇ سەندىن ئاجراشمايدۇ ، سېنىڭ نېمىنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىمەن دەپ تۇرۋالغىنىڭىنى زادىلا چۈشۈنەلمىىدۈم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-چۈشەنمەيدىغان نەرى بار ئاپا ! ئازراقمۇ كۆڭلۈم يوق ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشاش قانچىلىك ئېغىر بىلەمسەن ؟ يەنىمۇ جىق گەپلەرنى قىلماقچى ئىدىم توختاپ قالدىم .
(http://bbs.oylirim.cn)/ B' v6 Y4 r; d' |1 w
(http://bbs.oylirim.cn)0 k* Y8 M0 i6 g5 U' J- سەن كىتابنى بەك ئوقۇپ رومانتىك بۇلۇپ كېتىپسەن ،كىتابلاردىكى تۇرمۇش نەدە بار ؟ بىز يا سېنى بۇ توينى قىلىسەن دەپ زورلىمىساق ئۆزەڭ بولىدىكەن دېگەندە قىلدۇق . ئەمدى بىر بالىغا ئانا بولغاندا كۆڭلۈم يوق دەپ تاينى يوق گەپنى قىلىپ ئاجرىشىپ كەتسەڭ ئەلقۇتقا ئۇۋال ئەمەسما ؟ «يېنىڭدا كىم بولسا ، ماشايقىڭ شۇ دەپتىكەن» ئېرىڭنىڭ نەرى يامان ، ئۇ ساڭا قىلغاننى كىم ساڭا قىلىپ بېرەلىدى ؟ يىراقتىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ بەرگىنىڭ بىلەن بېشىڭ ياستۇققا يەتسە بىر چىنە چاينى كىم بەردى ؟ كىم خېرىدارلىقىڭىنى قىلىپ ، كىم باقتى ؟ ئوبدانراق ئويلاپ باقە ؟! باشقىنى ئويلىمىساڭمۇ بالىنى ئويلا .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئاپا بالىنى بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيىنى بانا قىلىپ ھەر قانداق بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ ئۆزۈم ئېلىۋالىمەن . خاتىرجەم بولە ! ئىش قىلىپ ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن ، ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
(http://bbs.oylirim.cn)9 s' u4 M) h' Q$ i# g
(http://bbs.oylirim.cn)4 R! r: G4 @# J: l" N* p5 W! H-بالام سەن بەك يولسىز بۇلۇپ كېتىپسەن ، نېمىنداق ئۆزەڭنىلا ئويلايسەن سەن بالىنى ئېلىۋالساڭ ، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەلەم بولىدۇ ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ ئۇ بالىنىڭ جاپاسىنى سەندىن بەكرەك تارتتى ، ئۆزۈڭ بىلىسەنغۇ ؟ بىردىنلا ئاچچىقىم كەلدى .
(http://bbs.oylirim.cn)% a# ^* v T) D/ Q
(http://bbs.oylirim.cn)3 b& Q* {# I& X( U- ئاپا مەن سېنىڭ بالاڭمۇ ؟ ئۇ سېنىڭ بالاڭمۇ ؟ ھەجەپ ئۇنىڭغا بۇلۇشۇپ مېنى ئەيىپلەۋاتىسەنغۇ ؟ مەن يېرىم جان بۇلۇپ قالدىم ئەمدى تۇغۇش ئىنكانىيتىىممۇ يوق ھەم توي قىلىش نىيتىممۇ يوق ، شۇڭا بالىنى چوقۇم ئېلىۋالىمەن .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn), G# L4 U- e* W6 f- سەن يېرىم جان بولساڭ ئۇ بولماپتىما ئاپام ئىتتىك گېپىنى توختىتىۋېلىپ باشقا ياققا قارىۋالدى .
(http://bbs.oylirim.cn): t q; h1 c9 i! q3 z) T7 ](بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- كىچىكىنە سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيىگە نېمانداق قىلىپ كېتىسىلەر ؟ سىلەر ئۇنى ئۆز قىزىڭلاردىنمۇ مۇھىم بىلىپ كەتتىڭلارمۇ ؟ مەن چىدىيالماي يىغلىۋەتتىم . ئاپام ، داداملار ئېرىمگە ھەقىقەتەن ئامراق ئىدى . بىر سەۋەبى ئۇنىڭ خارەكتېرىدىكى ياخشىلىقلار بولسا . يەنە بىر سەۋەبى بىزنىڭ ئۆيدە سىڭلىم ئىككىمىزلا بولغاچقا ئۇنى ئاپام - داداملار ئوغلى قاتارىدا كۆرۇپ ئامراقلىق قىلاتتى . ئۇمۇ ئاپام - داداملارنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلاتتى ، لېكىن ھەر قانچە ئامراق بولسىمۇ مەن دېگەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىدە ....
(http://bbs.oylirim.cn)9 Y" z$ x& p+ {8 }# L6 F. b4 [
(http://bbs.oylirim.cn)3 v3 o. E# }$ uئاخىرى ئاپام يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سۆز باشلىدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)& ~' Y# Y; p4 V- s; ^! M5 J+ V- بالام ساڭا بۆرىكىنى بەرگەن كىشىنىڭ كىملىكىنى ئۇقتۇڭمۇ ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)2 J, q+ Y8 W. U1 ^6 a- نېمە بۇنى سوراپ قالدىڭ ؟دوختۇردىن سۈرۈشتۈرسەم باشقا يۇرتتىن كەلگەن بىرەيلەن سىز بىلەن كۆرۇشۈش نىيتى يوق ئىكەن ، پۇلنى ئېلىپلا يۇرىغا قايتتى دېدى ، دېدىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)/ x9 {5 w/ u: R$ b$ Q- ئەسلى بۇنى ساڭا دېمەيدىغانغا ۋەدە بەرگەن ئىدۇق . ئەمدى دېمىسەم سەن«ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپ قويغيدەكسەن» ساڭا بۆرىكىنى بەرگەن باشقا بىرى ئەمەس ، دەل سەن ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ قىيناۋاتقان ئادەم ، ئويلاپ باققىن بالام باشقىلار ساڭا جىنىنىمۇ ئايمىسۇن ، سەن بولساڭ ئۇنى ئاشۇنداق ئازاپلا ، قىينا . سېنىڭ خىيالىڭىدىكى مۇھەببەت ، ياخشى كۆرۇش زادى قانداق ؟ گۈللەرنى بەرسە ، خەت يازسا ،ياخشى كۆردۇم دەپ توختىماي دەپ تۇرسا شۇ ياخشى كۆرۈشما ؟ئېرىڭ ساڭا قىلغاننى ھېچكىم قىلىپ بېرەلمەيدۇ . ئەمدى قالغىنىنى ئۆزەك ئويلا .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)& Z* \* k8 A% ]' Vمېڭەم قۇپقۇرۇق بۇلۇپ قالدى .نېمە قىلىشمنى ئۇقمايتتىم ، مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- ئىشەنمەيمەن دېدىم ، مەن سەن مېنى ئاجراشمىسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىسەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن . ئۇ ھەر قانچە بولىسمۇ بۇنداق ساراڭلىقىنى قىلمايدۇ .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)# P6 [/ [; I( Y. i; }- ئىشەنمىسەڭ دوختۇردىن سورا بالام ، سەندىن باشقا ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئۇ ساڭا ئۇقتۇرمايلى ، بولمىسا جاھىللىق قىلىپ ئۇنىماي تۇرىۋالىدۇ دەپ تۇرىۋالغاچقا ھەممىمىز سەندىن يوشۇردۇق .ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم ،تاكسىدا كېتىپ بارىمەن ، ئىچىمدە چوقۇم يالغان ئاپام ماڭا يالغان ئېيتىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)1 y0 q6 a! l; X# iتەلىيىمگە مەسئۇل دوختۇر نۆۋەتچى ئىكەن ، ئىشىكتىن كىرىشمگە ئۇ مېنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىمنى كۆزۈمدىكى ياشنى كۆرۇپ بىردىنلا جىددىلىشىپ كەتتى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)- I) W5 U1 G0 u4 N$ _( D' l-نېمە بولدىڭىز ؟ بىرەر يېرىڭىز ئاغرىدىمۇ ؟ دېدى بىر ئستاكان قايناقسۇنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ مەن ئۇدۇللار :
(http://bbs.oylirim.cn)% |! C# v% X: p2 Z0 y3 e. @
(http://bbs.oylirim.cn)# q/ u7 R' a4 {; p, r1 m: yدوختۇر راست گەپ قىلىڭە ماڭا بۆرەك ئىئانە قىلغان كىم ؟ دېدىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوختۇر — مەن ئۆتكەندە سىزگە دېدىمغۇ باشقا يۇرتتىن ...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)1 |' {9 _/ ^ F5 A9 p0 aدوختۇرنىڭ گېپىنى بۇلۈپلا .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)4 V: u( |( a6 p- راست ئېيتىڭ دوختۇر سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، بۇ مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ، مەن ئېرىم بىلەن ئاجىرىشىپ كەتمەكچى ئىدىم ....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)$ S- M: Y5 t7 q* o3 ^6 D-دوختۇر گېپىمنى بۆلىۋېتىپ نېمە دەيسىز ؟ نېمىشقا ئەمدى ؟ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا شۇنچىۋلا نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈرگەن قوشماقلار ئىدىڭلار ئەمدى كېلىپ ئاجراشماقچى بولغىنىڭلار نېمىسى ؟
(http://bbs.oylirim.cn)' m: O: T* ^$ f( ~
(http://bbs.oylirim.cn)9 K0 `# f% T" f$ O) h I# |-مەن دەرھاللا - نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ دېدىڭىزما نېمىشقا ؟ دوختۇر بىردىنلا :
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)* ^) Y) ] M) g/ c- مەن بىمارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ۋەدە بەرگەن . بۇ بىزنىڭ كەسپى ئەخلاقىمىز خاپا بولماڭ ، دېدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)7 `: w1 o( N# V6 R* |ئاپامنىڭ دېگىنى راستكەندە ، راستىنلا ئېرىم ماڭا بۆرىكىنى ئىئانە قىلدىمۇ ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوختۇر ماڭا بىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن :
(http://bbs.oylirim.cn)% r; ?3 p Z" i$ A, z- b
(http://bbs.oylirim.cn)" H9 k r1 f: n-قىزىم سىز ھەقىقەتەن بەك بەختلىك ئىكەنسىز ، سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان ئېرىڭىز باركەن ، مەن بىر ئايال ئۈچۈن ئۈنچىلىك بەدەل تۆلىگەن ئەرنى كۆرۇپ باقمىغان مەنلا ئەمەس ، نۇرغۇن بىمارلار ،دوختۇرلار ئېرىڭىزنىڭ ئىشىدىن بەك تەسىرلەندى . ئېرىڭىز سىزنى بەك جاھىل ، ئۇقۇپلا قالسا ئوپېراتسىيىنى قىلغىلى ئۇنىمايدۇ دەپ تۇرىۋالغاچقا سىزدىن يۇشۇردۇق . ئەسلى بىر باشقا بۆرەك ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئىشلىتەيلى دېگەن ئىدۇق .بىراق ئۇ ئالدى بىلەن مېنى تەكشۇرۈڭلار ، ماس كەلسىلا مېنىڭكىنى ئېلىڭلار ، بىرەر ئەزايىمنىڭ ئۇنىڭ تېنىدە بىر ئۆمۈر تۇرىشى مەن ئۈچۈن بەخت بۇنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، دېدى . ھەممىمىز ھەيران قالدۇق ، تەسىرلەندۇق . ئۇنىڭ مۇھەببەتتىدىن بىز ئەمەس ،خۇدامۇ تەسىرلەنگەن ئوخشايدۇ . ئويلىمغان يەردىن ئىككىڭلارنىڭ قېنىڭلار ئوخشاش چىقىپ قىلىپ ، تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ئالماشتۇرۇشقا بولدىغان چىقتى . شۇڭا كوماندىروپكىغا بېرىش ، سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيىسى كومىدىيسىنى ئوينىدۇق .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)3 U) a6 A7 ?6 f, }) M8 oيىغلايتتىم ، ياشلىرىم يۈزلىرىمنى ،كۆينىكىمنىڭ ياقىلىرىنى ھۆللەيتتى .«ساراڭ»دەيتتىم ئىچىمدە بۇ سۆزنى مەن پەقەت سۆيگىنىمگە ئەركىلگەندىلا ئىشلىتەتتىم . 8-7 يىلدىن بۇيان پەقەتلا ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم .بىردىنلا ئېرىمنى ئاجايىپ سېغىندىم (ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئەتىگەنلا كۆرگەن ئىدىم ) بۇ سېغىنىش ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ھىجران ئازابى تارتىپ سېغىنىش ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر ئاشقنىڭ سېغىنىشىغا ئوخشاش شۇنچىلىك كۈچلۈك ، شۇنچىلىك چاڭقاق ،شۇنچىلىك تاتلىق بىر سېغىنىش ئىدى . دوختۇرغا خوشمۇ دېمەيلا قانداق تېز كىرگەن بولسام شۇنداق تېز دوختۇرخانىدىن چىقتىم .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆزەمنى كاچاتلىغۇم كېلەتتى. مەن نېمىدېگەن دۆت ،نېمىدېگەن رەھىمسىز ، بىر ئادەم مەن ئۈچۈن ئۈچ يىل ئۈن - تۈنسىز ئازاب چەكسۇن ، بەدەل تۆلىسۇن ، ئازابلانسام دوست، يىقىلسام يۆلەك بولسۇن ، ماڭا نېمە كېرەك بولسا شۇنى بەرسۇن ھەتتا جېنىنىمۇ ...مەن بولسام مەن ئۈچۈن تاتلىق ئەسلىمە ئاچچىق ھىجران ئازابىدىن باشقا ھېچنېمە بېرەلمەيدىغان خىيالىمدىكى سۆيگۈنۈمگە سادىق بولىمەن دەپ ئۇنى ھارغۇچە قىيناي . 6يىلدىن بېرى مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ ئازابتىن باشقا نېمىگە ئېرىشتىم، ئېرىمنى بولسا مېنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈنلا مۇشۇنچىلىك قىيناشقا ھەققىم بارمىدى . مەن نېمىدېگەن شەخسىيەتچى ، ھەتتا ئۇنىڭدىن بالىنمۇ تارتىۋېلىپ ئاجىرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىرىمچۇ ؟!
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)4 P7 E- T1 \: x! l8 ^. W9 ` dئۆيۇمگە قانداق كەلگىنىمنى بىلمەيمەن ،ئىشكتىن كىرىپلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم «ساراڭ، ئەخمەق» دەيتتىم پىچىرلاپ : نېمە قىلغىنىڭىز ؟ نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭىز ، مەن ئەرزىمتىم ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ دەسلەپتە نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ، كېيىن بىردىنلا چۈشەندىدە مېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى .
(http://bbs.oylirim.cn)% L! @* ^, W0 {: b" D(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- سىز ئەرزىيسىز . مەن بىر ئەر ئايالىغا قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم ، سىز ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشكە ئەرزىيسىز .چۈنكى سىز مەن سۆيگەن ئايال ئوغلۇمنىڭ ئانىسى ، مەن سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن ،ياخشى كۆرىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن ئاشۇ كۈن يادىڭىزدا بارمۇ ؟....
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)9 C X* ]& e% b. _خىجىل بۇلۇپ يۈزۈمنى ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يوشۇردۇم . بۇ قىلىقىمدىن ئۇ بەكلا سۆيۈندى بولغاي يۈزلىرىمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ كۆزۈمگە قارىدى .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بىراق بۇ ئىشنى سىزنى مىننەتدار بۇلۇپ مەندىن ئايرىلمىسۇن دەپ قىلمىدىم ، ئايرىلىپ كەتسەكمۇ مېنىڭ بەدىنىمنىڭ بىر پارچىسى مەڭگۈ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسۇن دەپ قىلىدىم ، خاتا چۈشەنمەڭ بولامدۇ ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ لەۋلىرىگە ئۇراق سۆيدۇم ۋە :
(http://bbs.oylirim.cn): }+ @* ~* ^0 C+ [# f: R2 m(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«ئەمدى مەندىن مەڭگۈ ئايرىلىپ كېتەلمەيسىز ، چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم»، دېدىم ئۇ بىردىنلا مېنى كۆتىرىپ كارۋاتقا ئالدى ، دەرىزىگە قارىدىم. توۋا ئۇ ئۆزى تۈجۈپلەپ پەرۋىش قىلىۋاتقان ئەتىر گۈلدىن ئىككى تال ئېچىلىپتۇ . شۇنداق قىلىپ 28 ياشلىق ئايال تەشتەكتە ئېچىلىپ تۇرغان بىر جۇپ ئەتىر گۈلنى گۇۋاھ قىلىپ ئېرىگە روھىنى ،جسمىنى بارلىقىنى بەردى . بۇ قېتىم ئەتىر گۈل يىغلىۋەتمىدى ...
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ ! مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم