ئامىرخاننىڭ «دانگال» فىلىمىنىڭ ئالدىدىن كۈرنىشى
ئامىر خاننىڭ «دانگال» ناملىق فىلىمىنى ئالدىن مۆلچەرلەنگىنىدەك بېلەت كىرىمى جەھەتتە ھەقىەتەن يېڭى بىر تارىخ ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ فىلىمى قويۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە بولغان ئومۇمىي بېلەت كىرىمى مانا بۇنىڭ دەلىل ئىسپاتى بولالايدۇ. ئۇنىڭ يەر-جاھاننى زىلزىلگە كەلتۈرگەن بۇ فىلىمى 423 مىليون 500 مىڭ رۇپىيەلىك بېلەت كىرىمى ياراتتى. بۇ تارىختىن بۇيانقى ئۈچ كۈندە يىغىلغان ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى ھېسابلىنىدۇ. «دانگال» ناملىق فىلىم قويۇلۇپ ئۈچ كۈندىلا بېلەت كىرىمى 100 مىليون رۇپىيەدىن ئېشىپ كەتتى. شۇڭلاشقا، بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى فىلىم قويۇلغان بىرىنچى ھەپتىسىلا بېلەت كىرىمى 100 مىليون رۇپىيەدىن ئېشىپ كەتكەن ئالتىنچى فىلىم ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئامىرخاننىڭ 2013-يىلى قويۇلغان، بىر ھەپتىدىلا 100 مىليون رۇپىيەلىك بېلەت كىرىمى ياراتقان «ئۇچقۇر ماشىنا 3 (Dhoom 3)» دېگەن فىلىمىدىن بۇيانقى بېلەت كىرىمى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى فىلىمىگە ئايلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا «دانگال» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە ياراتقان ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 106 مىليون 950 مىڭ رۇپىيە (ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 148 مىليون 450 مىڭ رۇپىيە) نىڭ ئىچىدە، تامىل ۋە تېلىگۇ «Telugu» تىلىدا قويۇلغان فىلىمدىن يارىتىلغان بىر مىليون 70 مىڭ رۇپىيەلىك بېلەت كىرىمىمۇ بار ئىكەن.
بۇ 100 مىليون رۇپىيەگە ھەپتە ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمىنى قوشقاندا، 2016-يىلى قويۇلغان ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان فىلىملەردىن باشقا، ئاكشاي كۇمار «Akshay Kumar» نىڭ «Airlift»، «Housefull 3» ۋە «Rustom» ناملىق فىلىملىرى، سۇشانت سىڭ راجپۇت «Sushant Singh Rajput» نىڭ «كىشىلەر بىلمەيدىغان ھېكايە (MS Dhoni- The Untold Story)» ۋە سالمانخاننىڭ «سۇلتان» ناملىق فىلىملىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ فىلىمگە يېزىلغان بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: «(دانگال) ناملىق بۇ فىلىم بۇ يىل مەن كۆرگەن فىلىملەر ئىچىدىكى ئەڭ نوچىسى. ئامىرخان بۇ فىلىمدە بىر پۈتۈن ئۆمرىنى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن ياشىغان، چىدامچان، سەمىمىي بىر دادىنىڭ رولىنى شۇنداق تەبئىي ۋە ئۇستىلىق بىلەن ياراتتى. مەن بۇ بىر يىلدا بۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان فىلىم يوق دەپ قارايمەن. مەن (سۇلتان) نىمۇ ياخشى كۆرىمەن، ئەمما (دانگال) مېنى پۈتۈنلەي (ئەسىر) قىلىۋالدى»
«دانگال» ناملىق بۇ فىلىم قويۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ بىردەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىمدە كىنو چولپانلىرىدىن ئامىرخان ماخاۋىرنىڭ، فاتىمە سانا شەيىخ Geeta Phogat نىڭ، سانىيە مالۇترا Babita Phogat نىڭ رولىنى ئالغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئارتىسلاردىن ساكشى تانۋار، ئاپارشاكتى كۇررانا ۋە گىرىش كۇلكارنى بار ئىكەن.
|