ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 35271|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالما شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ %90 پايدىسىغا ئى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالما شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ %90 پايدىسىغا ئىگە بولدى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)* a7 P1 G6 b* V8 Z
سىنا تورى خەۋىرى:
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇر دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ، سونىي ۋە قارا بۆلجۈرگەن قاتارلىق كارخانىلار قىيىنچىلىق ئىچىدە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە، باشتىن-ئاخىرى غالىبىيەتچى بولۇپ كەلگەن ئالما شىركىتى بولسا مەمنۇن بولۇپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەكتە. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2-پەسىل ئىچىدە، ئالما شىركىتى پۈتكۈل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى ئومومىي پايدىسىنىڭ %90 نى ئىگەللىگەن، يالغۇز پايدا ئېلىش جەھەتتە سېلىشتۇرغاندا، ھىچقانداق بىر كارخانا ئۇنىڭ رەقىبى بولالمىغان.
تۆۋەندىكى گىرافىكقا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 2-پەسىلدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا ئەڭ كۆپ پايدا ئالغىنى ئالما شىركىتى، ئۇنىڭدىن قالسا سامسۇڭ بولغان، قالغان شىركەتلەر ئىگەللىگەن پايدا ئۈلۈشى ئىنتايىن چەكلىك بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، سونىي ۋە قارا بۆلجۈرگەن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدىن چېكىنمەكچى بولغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس!
سامسۇڭ شىركىتى گەرچە ئاز بولمىغان خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدىن ئالغان پايدىسى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنى بېسىپ چۈشكەن. ئالما شىركىتىگە كەلسەك، بۇ يىل يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 6s ۋە iPhone 6s Plus لارنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، بازاردا يەنە بىر قېتىم ئايفون سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، 3D Touch قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋە ئالتۇن ئەتىرگۈل رەڭلىك ئۆزگىچە نۇسخىسىغا تايىنىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە يېڭى ئايفون سېتىۋېلىش ئارزۇسى پەيدا قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالما شىركىتى يۇقىرى ئىستېمال بازىرىدا يەنىلا ئىنتايىن مەزمۇت قەدەم بىلەن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرماقتا.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2015-11-9 02:55:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئالما  شىركىتنى بوش  چاغلىغىلى  بولمايدۇ  جۇمۇ ؟ گوگېلنىڭ بىردىنبىر رىقابەتچىسىمۇ شۇ تۇرسا ......


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 08:46 , Processed in 2.168552 second(s), 38 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش