(http://bbs.oylirim.cn)- X. i7 I% q" } [«قوش تىل» مائارىپى ۋە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات
(http://bbs.oylirim.cn)' w# T5 v. n! [' g( A$ e/ Hگۈلجەننەت تۇرسۇنتوختى، ئابدۇخەبەر ئابدۇكېرەم(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(مەكتىپىمىز فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى، تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرى)
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىسقىچە مەزمۇنى: «قوش تىل» دېگەن بۇ ئۇقۇم ھازىرقى كۆپىنچە كىشىگە نىسبەتەن خېلىلا تونۇش، بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھەرخىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ماقالىلەر يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىقات يۈرگۈزۈش ھازىرقى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ تەقەززاسىدۇر. بولۇپمۇ شىنجاڭغا ئوخشاش كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ماكاندا «قوش تىل» ۋە «قوش تىل» مائارىپىنى تەتقىق قىلىش ھەم بۇ توغرىسىدا ئىلمىي بولغان نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا، تۆۋەندە «چەت ئەل» قوش تىل مائارىپىدىكى بەزىبىر ئۇسۇللارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «قوش تىل»؛ سېلىشتۇرۇش؛ تەتقىقات
(http://bbs.oylirim.cn)- S c P- H* }0 ]8 t
(http://bbs.oylirim.cn)" L" I7 E: d$ L1 w2 M3 a(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1. «قوش تىل» مائارىپىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«قوش تىل» مائارىپىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى تېخى ئېنىق ئەمەس. كىشىلەر «قوش تىل» مائارىپىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلانغان، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ «قوش تىل» مائارىپى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا باشلانغان. كىشىلەر ئىرېلاندىيە «قوش تىل» مائارىپىنى 1921-يىلدىكى ئەركىن ئىرېلاندىيە دۆلىتىنىڭ مەھسۇلاتى، دەپ قارايدۇ. ۋېلشنىڭ «قوش تىل» مائارىپى 1939-يىلىلا باشلانغان، شۇ ۋاقىتتا ۋېلىشتا ۋېلىش تىلىدا ئوقۇتىلىدىغان تۇنجى باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان. 1965-يىلى مونترېئالدىكى سېنت لەنبېرت تەجرىبە يەسلىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى كانادا «قوش تىل» مائارىپىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. گەرچە «قوش تىل» مائارىپىدىكى بۇ مۇھىم ئىشلار 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «قوش تىل» مائارىپى 20-ئەسىردىن بۇرۇنلا باشلانغان.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«‹قوش تىل› مائارىپى بىر خىل مۇرەككەپ ھادىسىنىڭ ئاددىي نامايەندىسى.»① بىز ئالدى بىلەن «قوش تىل» مائارىپىدىكى ئىككى خىل مائارىپ ئەندىزىسىنى پەرقلەندۈرۈشىمىز لازىم: بىرىنچى خىل «قوش تىل» مائارىپى بولسا، ئىككىلى خىل تىلنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مائارىپ؛ ئىككىنچى خىل «قوش تىل» مائارىپى بولسا، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا قوللىنىلىدىغان مائارىپ. بۇ ئىككى خىل مائارىپنىڭ پەرقى شۇكى: بىرى، ئۆلچەملىك ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق «قوش تىل» قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدىغان دەرسخانا مائارىپى؛ يەنە بىر خىلى بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىق دەرسنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇپ، ئىككىنچى بىر تىلنى ھەپتىگە بىر قانچە سائەت ئوقۇتۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىل» قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرمەستىن، بەلكى ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. شىنجاڭدا ئىككىنچى خىل مائارىپنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، مەخسۇس خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)( R; U! v3 ~: E6 ]( y/ a1 `2. «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تۈرلىرى
(http://bbs.oylirim.cn)# P6 o- z6 C2 K. Q9 Z" V4 D«قوش تىل» مائارىپى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان جەمئىيەت ھادىسىسى. ئۇنى بىر خىل ئاددىي ئۆلچەمدە باھالاش ۋە ياكى تۈرگە ئايرىش ئىنتايىن تەس. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئوخشىمىغاچقا، چەت ئەلدە 20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىدىن بۇرۇنقى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئۇسۇلى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئىنتايىن يۈزەكى بولغان. «ۋىليام مايىك ‹قوش تىل› مائارىپى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن 90 تۈگە بۆلۈپ چىققان. گادېر، خون بېرگېر، ئودېگېر ۋە ئوتو قاتارلىق تىلشۇناسلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بولغان».② 20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىدىن كېيىن، چەت ئەلدە «قوش تىل» مائارىپى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، بولۇپمۇ كېلىن بېيىكنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى نۇرغۇن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىيەتكە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇشى ئۈچ خىل ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: «ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساس، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى قوشۇمچە ئورۇندا قويۇش»، «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنى ئاساس، ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى قوشۇمچە ئورۇندا قويۇش» ھەمدە «ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنى تەدرىجىي ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش». بۇ ئۈچ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تاللاپ ئوقۇتۇلغان. ئادەتتە، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى تۆۋەن، لېكىن تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپىنچە «ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى تەدرىجىي ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش» ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى يۇقىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىگەن دەرسىنى چۈشىنەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا «خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنى ئاساس، ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى قوشۇمچە ئورۇنغا قويۇش» ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. «ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساس، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى قوشۇمچە ئورۇندا قويۇش» ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان مەكتەپنىڭ شارائىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھازىرقى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن كېلىن بېيكنىڭ «قوش تىل» مائارىپىنى تۈرلەرگە ئايرىش نەزەرىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
1) چۆكتۈرمە خاراكتېرلىك «قوش تىل» مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى. «چەت ئەللەردە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان چۆكتۈرمە خاراكتېرلىك ‹قوش تىل› مائارىپى بىر خىل ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككىنچى تىل (نىشان تىل) سەۋىيەسىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلىدۇر»③. بۇ خىل ئۇسۇل باشلىنىشتىلا ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈنلەي ئىككىنچى خىل تىل ئۆگىنىش مۇھىتىغا باشلاپ كىرىپ، نىشان تىل ئوقۇتۇشىنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىدىغان «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدۇر. بۇخىل ئۇسۇلنى چۆكتۈرمە خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دېيىشتىكى سەۋەب، خۇددى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمنى ھېچقانداق قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى بولمىغان ئەھۋالدا چوڭقۇر سۇغا چۆكتۈرۈپ، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشكە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىلىشىنى چەكلەپ، ئىككىنچى تىل ئۆگىنىش مۇھىتىدا نىشان تىلنى ئۆگىنىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆكتۈرمە خاراكتېرلىك «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى. خوتەن ۋىلايىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش ۋە يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 1960-يىلى 10-ئايدا پۈتۈن ۋىلايەتتىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرىغا يىغىن ئېچىپ، خوتەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، 1961-يىلى بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ناھىيە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى سىناق قىلغان. 1962-يىلى 1-ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ پۈتۈن ۋىلايەتتە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان. 1964-يىلى 7–ئاينىڭ 31-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تارقاتقان «خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپكە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش» ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان. بۇنداق «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشان تىل ئۆگىنىش مۇھىتىغا چۆكتۈرۈپ، پەقەت بىرلا خىل تىلنى چىقىش قىلغان ئاساستا تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى تىلدا ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش، ئوقۇش ئىقتىدارى بارا–بارا يېتىلىدۇ، ئانا تىلىدا بولسا پەقەت ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارى ساقلىنىپ قالىدۇ. مەنمۇ مۇشۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى. ئادەتتە ماڭا ئوخشاش بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار «خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار» دەپ ئاتىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)8 L2 Z0 L; q" \6 P( q$ }& L3 y3. ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش شەكلىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
(http://bbs.oylirim.cn)2 ?9 e* r0 L; `1 E- E3 j1) ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى (ۋارىسلىق قىلىش شەكلىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى)نىڭ ئېنىقلىمىسى. ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دېگىنىمىز - ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتە ئانا تىلىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تەربىيەلىنىدىغان «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈنلەي «قوش تىللىق»، «قوش يېزىقلىق»، «قوش مەدەنىيەتلىك» قىلىپ تەربىيەلەشتۇر. «تىلنى ساقلاپ قېلىش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا، ئانا تىل دەرسخانا ئوقۇتۇشى %50ـ %90 گىچە نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ»④. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قەدەم قويغان دەسلەپكى باسقۇچتا ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بارا-بارا ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا 2-تىل ئوقۇتۇشى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا ئانا تىل ۋە 2-تىلنى قوللىنىش سەۋىيەسى تەڭ، يەنى %50دىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن، مەكتەپ، رايون پەرقى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش مۇددىئاسىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن، بۇ ئىككى خىل تىلنىڭ قوللىنىلىشىدىمۇ مەلۇم پەرق كېلىپ چىقىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2) جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى. مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 1980-يىلى 10– ئاينىڭ 9-كۈنى بېسىپ تارقاتقان «مىللىي مائارىپنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»دە: «ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى بار مىللەتلەر، ئانا تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشى، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەنزۇ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى دەل ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش مائارىپى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا مىللىي مائارىپ ئاساسىدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇش شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. بىز بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئانا تىلدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سىستېمىلىق ھالدا ئانا تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل ئانا تىل ئاساسىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. لېكىن، تولۇق كۇرس مائارىپى، ئاسپىرانتلار مائارىپى، دوكتورلۇق مائارىپى قاتارلىق ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، «ئانا تىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار» كەسپىي بىلىملەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار مەخسۇس تەييارلىق سىنىپلىرىدا خەنزۇ تىلى ئوقۇيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn). {; I% ?+ W8 ^* A4. چىلاش شەكلىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
(http://bbs.oylirim.cn)+ y" ]4 B4 S4 `* X8 m1) چىلاش شەكلىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئېنىقلىمىسى. «چىلاش شەكلىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى 60-يىللاردا كانادادا تەجرىبە خاراكتېرىدە بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل ئۇسۇل تىلنى دەرس قىلىپ سۆزلىمەستىن، بەلكى ئىككى خىل تىلنى دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغان قوش تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى»⑤. بۇ خىل ئوقۇتۇشتىكى ئىستراتېگىيە بولسا، دەسلەپكى باسقۇچتا تىل ئالاقە ئىقتىدارى ۋە تىل مەزمۇنىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۆزلىشىش شەكلىدە ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ھەقىقىي يوسۇندىكى تىل ئۆگىنىش ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەرخىل ئويۇن ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق، 2-تىلنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا تەدرىجىي سىڭدۈرىدۇ ھەمدە ئاددىي گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى ئۆگىتىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا 2-تىلنىڭ قائىدىلىرىنى (جۈملە تۈزۈش، گىرامماتىكا) ئۆگىتىدۇ. چىلاش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەسلىپىدە 2-تىلنى بىلىپ-بىلمەي ئۆگىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچىلاردىكى 2-تىل ئۆگەنگەندىكى جىددىيلىشىش، 2-تىلغا بولغان قارشىلىق پىسخىكىسى قاتارلىق پىسخىك توسالغۇلار يوقاپ، يېنىك، خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا تىل ئۆگىنىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2) شىنجاڭدىكى چىلاش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلى. 2003–يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹گوۋۇيۈەننىڭ مىللىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەشتۈرۈش› پىكىرىگە» ئاساسەن، 2001-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە «قوش تىل» مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش - كۈچەيتىشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئېنىق قىلىپ: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۈچىنچى يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ چىلاش شەكلىدىكى «قوش تىل» ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 2004-يىلى 3–ئاينىڭ 31-كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹قوش تىل› ئوقۇتۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش قارارىغا» ئاساسەن، «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىل ئاساسىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ‹قوش تىل› ئوقۇتۇش مائارىپىنى يولغا قويۇش، ھازىرقى باسقۇچتىكى تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش ئاساسىدا بىر قىسىم دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشنى يولغا قويۇش ياكى تىل-ئەدەبىياتتىن باشقا دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشنى يولغا قويۇش، ئاخىرىدا پۈتۈن دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن بىللە، ئانا تىل-ئەدەبىياتىنى قوشۇپ ئۆتۈش ئۇسۇلى»⑥، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىللە ئوقۇيدىغان مەكتەپ قۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش قاتارلىق ئەمەلىي تەلەپلەرنى يولغا قويدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ خىل مائارىپ ئۇسۇلىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار «قوش تىللىق سىنىپ» ئوقۇغۇچىسى دېيىلىدۇ. يۇقىرىقىلار «قوش تىل» ئوقۇتۇش مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، خالاس.
(http://bbs.oylirim.cn)4 L @9 _# `4 L3 {دېمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇش مائارىپى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەتىجە قولغا كەلدى. نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى ھەمدە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر قايسى ئىدارە–ئورگان ۋە كارخانا– شىركەتلەردە ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆپىسىنى قوشتى. مانا بۇ نەتىجىلەر «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئىشىنىمزكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى «قوش تىل» ئوقۇتۇشى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تېخىمۇ ئىختىساسلىق كىشىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)4 s0 o3 R7 X7 T2 yئىزاھاتلار:
(http://bbs.oylirim.cn) S* x8 L4 U, g6 b4 c① Cazden 和 Snos.1990
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
②④ ۋېن يەنخاڭ، گۈەن چۈنمىڭ قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان: «‹قوش تىل› ۋە ‹قوش تىل› مائارىپى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2008-يىلى 1-نەشرى، 200-بەت.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
③⑤ ۋاڭ لىيىڭ: «‹قوش تىل› مائارىپىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹قوش تىل› مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش»، شاڭخەي مائارىپ نەشرىياتى، 2008-يىلى 1-نەشرى، 156-بەت.
(http://bbs.oylirim.cn)! X3 ~" y( O1 y( ^3 j, T% @* P⑥ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تارقاتقان «[2004] 2-نومۇرلۇق ھۆججەت»، 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
پايدىلانمىلار:
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
[1] ۋېن يەنخاڭ، گۇەن چۈنمىڭ قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان: «‹قوش تىل› ۋە ‹قوش تىل› مائارىپى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2008–يىلى 1–نەشرى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
[2] ۋاڭ لىيىڭ: «‹قوش تىل› مائارىپىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى - دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹قوش تىل› مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش»، شاڭخەي مائارىپ نەشرىياتى، 2008–يىلى 1–نەشرى.
(http://bbs.oylirim.cn)* T5 I) s9 y: `0 W- ^[3] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تارقاتقان «【2004】 2-نومۇرلۇق ھۆججەت».
(http://bbs.oylirim.cn)% |7 _. W: d2 @9 B; \, d3 F' ^[4] ۋاڭ يۈەنشىن: «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى تەتقىقاتى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001–يىلى 1–نەشرى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
5. Colin Baker: Foundation of Bilingual Education and Bilingualism.[M].Philadelphia: Multilingual Matters Ltd,1993:155 .
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn): b* y) S2 Y# ~1 {* p) q论双语教学与双语教育模式的比较研究
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
古丽坚乃提•图尔荪托合提 阿布都哈巴尔•阿布都克日木
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
摘 要:结合个人的学习经历及对外汉语专业的语言学知识,本文尝试对新疆维吾尔自治区“双语教育”的情况做一个初步的考察与探讨,希望为此方面的研究提供相关的参考。本文参照科林•贝克(Colin Baker)的分类方法,将新疆现存的各种“双语教育”现象,细分成“淹没型双语教育”、“语言保持型双语教育”和“浸没型双语教育”。通过问卷调查的方式对在京学习的、接受不同双语教育模式的维吾尔族大学生在母语学习、汉语学习和身份认同等方面表现出来的差异进行了比较。
(http://bbs.oylirim.cn)9 O" N" l0 p4 [9 |关键词:双语;比较;研究