ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 945|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىزنىڭ قەھرىمان، ئىجادكار ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، مەرىپەت ھەم تەرەققىياتى جەريانىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، مەرىپەت ھەم تەرەققىيات ئۇنچىلىرى بىلەن تولغان شانلىق مەدەنىيەت خەزىنىسى بارلىققا كەلتۈردى. جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتى تارىخىدا ئۆزىگە خاس مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلار تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىر تارمىقىدۇر، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈركى تىللار تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، خېلى بۇرۇن شەكىللەنگەن تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ كەلگەن، باشقا قەدىمىي تۈركى قەبىلىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتاشقان. لېكىن خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى 3- ئەسىرگىچە ۋۇجيې، خۇجيې ، دەپ يېزىلغانلىقى، مىلادى 4- ئەسىردىن كېيىن  (ۋۇخې) دەپ يېزىلغانلىقى ، 6- ئەسىرلەردە بولسا  (خۇيخې)، (خۇيگۇ) دەپ يېزىلغانلىقى، كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە  (ۋېيۋۇر)، (ۋېيۋۇر) دەپ يېزىلغانلىقى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)& I/ l4 p9 w  m8 s! j" Z( Fتارىختا يۇقىرىدەك ناملار بىلەن ئاتالغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تىيانشان تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ، شەرقتە موڭغۇل يايلاقلىرى، غەربتە بالقاش كۆلىگىچە، شىمالدا ئېرتىش دەرياسى بويلىرىدىن جەنۇبتا تارىم ئويمانلىقىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ھايات كۆچۈرگەن. يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىدىن كېيىنكى 3- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا غەربتە بالقاش كۆلى ئەتراپىدىن شەرقتە بايقال كۆلىگىچە بولغان جايلاردا دىڭلىڭ ( ) قەبىلە ئىتتىپاقى ياشىغان. بۇلارنىڭمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بار. مىلادى 4- ئەسىرلەردە «دىل» دېگەن نام خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا يەنە تيېلې دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى، كېيىنچە ئۇلار ئىشلەتكەن ھارۋىلارنىڭ ئېگىز چاقلىق ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن، «قاڭقىلار» ياكى «ئېگىز ھارۋىلىقلار» ( گاۋچې) دەپ ئاتىلىپمۇ كەلدى. قەدىمى ئۇيغۇرلار تيېلې قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ غول ۋە كۈچلۈك ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ چاغدا ئۇلار ئاساسەن تىيانشان تاغلىرى بىلەن ئورخون – سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشايتتى ۋە ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)6 w8 ^( I+ _0 h- S. l3 \4 j5 p«ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى توغرىسىدا تارىخىي كىتابلاردا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان:
(http://bbs.oylirim.cn)$ Z$ E2 O9 T* t(1) «ئۇيغۇر» سۆزى «ئۇيۇشماق» ، «ياردەملەشمەك» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ قاراش تۆۋەندىكى رىۋايەتكە ئاساسلانغان:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«ئۇ (غەربىي تۈرك قەۋملىرىنىڭ قاغانى ئوغۇزخان) يېگانە تەڭرىگە ئېتىقاد قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، تاغىلىرى، ئاكا – ئۇكىلىرى خۇداغا ئېتىقاد قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى، نەتىجىدە ئوغۇزخان بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ئاكا – ئۇكىلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولدى. ئادەملەردىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى، بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلدى. ئاخىرىدا دۈشمەنلەر قەبىلىلىرى بىلەن كېلىپ تەسلىم بولدى. غەلبىدىن كېيىن ئوغۇزخان داغدۇغىلىق مەرىكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزىگە ياردەم قىلغان ۋە قوشۇلغان قېرىنداشلىرىنى، سەركەردە، لەشكەرلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۆزى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشقانلارغا «ئۇيغۇر» نامىنى بەردى. تۈركى تىلدا «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشماق»، «ياردەملەشمەك» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاتالما مۇشۇ مەنىدە بارلىق قەبىلىلەر، قەبىلە تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ تەتبىق قىلىندى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(2) ئۇيغۇر ئاتالمىسى «ئۇيۇشقاق»، «يېپىشقاق» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا مۇنداق رىۋايەت بار:
(http://bbs.oylirim.cn)2 `, x1 _8 r) I9 ?«ئوغۇزخان ئۇلارغا ‹ئۇيغۇر› دەپ ئات قويدى. مەلۇمكى بۇ تۈركى ئاتالما بولۇپ، ‹يېپىشقاق› دېگەن مەنىدىكى سۆز ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ. سۈت ئۇيۇشىدۇ، سۈت سۈت ھالەتتە تۇرسا ئۇيۇشمايدۇ، ئۇ قېتىق ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىنلا بىر – بىرى بىلەن ئۇيۇشىدۇ ھەم يېپىشىدۇ. يەنە ئىمامغا ئۇيۇدى دېگەن گەپلەرمۇ بار، چۈنكى ئىمام ئولتۇرسا، باشقىلارمۇ ئولتۇرىدۇ، ئىمام ئورنىدىن تۇرسا، باشقىلارمۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئىمامغا ئۇيۇشقىنى ياكى يېپىشقىنى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئىككى قولى بىلەن ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە مەھكەم يېپىشقان. ئوغۇزخان ئۇلارنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان. بۇ يېپىشقاق دېگەن بولىدۇ».
(http://bbs.oylirim.cn)2 I) |: Z* H0 W6 e0 C$ Fدېمەك ، يۇقىرىقىلاردىن بىلىۋېلىش مۇمكىنكى، «ئۇيغۇر» ئاتالمىسى «ئۇيۇشۇش»، «ياردەملىشىش»، «يېپىشىش» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-7-12 22:24:45 | ئايرىم كۆرۈش
توغرا ئۇيغۇر دىگەن گەپنى ئاڭلىسا نومال ئادەم بولسا ئاڭلاپلا چۈشىنىدۇ . «ئۇيغۇر» دىگەندىكى «ئۇي» دىگەن سۆزدىنلا بىلگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 21:08 , Processed in 2.577343 second(s), 35 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش