ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زەھەر يىمەي تاماق يەڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زەھەر يىمەي تاماق يەڭ

(http://bbs.oylirim.cn)8 H8 O# V0 H: f6 s* g( m(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   ئۇيغۇرلار يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان مىللەت .ئۇلار دېڭىزدىن يىراق،چۆللۈك، بىكىك رايۇندا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئەتراپىدىكى بار يىمەكلىكلەردىن قانداق پايدىلىنىش،ئۇنى قانداق ئىستېمال قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلگەن ۋە ھەرقانداق كىشىدە مۇئەييەن تىببى ئاڭ شەكىللەنگەن. يەنى ئۆز مىجازىغا قاراپ غىزالىنىش ، يىمەكلىك ئارقىلىق ئۆز بەدىنىنىڭ نورمال ھەركەت ئىقتىدارىنى تەڭشەش جەھەتتە دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان تىبابەت ئېڭى، يەنى ئاممىۋى ئاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن تىبابەت قاراشلىرى بىزدە يىتەرلىك بار .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   بۇرادەر ، سىزمۇ يىمەكلىك ئارقىلىق ئۆز مىجازىڭىزنى تەڭشەپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئار-تولا كىسەل بولغۇچە دوختۇرغا يۈگۈرەش ياگشى ئادەت ئەمەس. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆز تىنىڭىزگە،ئەقلى قۇۋۋىتىڭىزگە پايدىلىق تاماق يەڭ.ئۈچ ۋاخ تاماق يىيىش ئۈچۈنلا،قورساق ئاچقانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى تويغۇزۇش ئۈچۈنلا تاماق يىمەي، ئورگانىزىملارغا كىتەرلىك يىتەرلىك قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈچۈن تاماق يەڭ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   يېقىندىن بېرى بىزدە بىنورمال ئىستىمال ئادىتى ئەۋج ئېلىپ كىتىپ بارىدۇ .بىر تولا ئەرلىرىمىزنىڭ رىستۇراندىن كىلەلمەيۋاتقانلىقىنى،داڭقان شورپىسى(خوگو)، راڭپىزا،كالاگۆشى ئۈگرىسى،سېرىق ئاش،لەڭپۇڭ،... دىگەندەك يىمەكلىكلەرگە دۈملا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. غىچلا لازا مىلەنگەن بۇ تائاملار كىشىلارگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىمايدۇ،بەلكى بەدەندىكى بار بولغان ئىنىرگىيلەرنى قىزتىپ تېخمۇ تىز خورىتىدۇ-دە،سىزنى ئىنتايىن تىز ماغدۇرسىزلاندۇردۇ،روھسىزلاندۇردۇ .مىڭە،نىرۋىلارنىڭ نورمال ھەركەت ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۇرمۇزلايدۇ.پايدا قىلارمىكىن دەپ يىگەن تاماق سىزگە زەھەرنىڭ رولىنى ئوينىسا ئوينايدۇكى، بىردەم قورسىقىڭىزنى مالىماتاڭ قىلسا قىلىدۇكى،سىزگە بۇۋاسىر،يۇتقۇنچاق ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى،12 بارماق ئۈچەي يارىسى،بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق دەششەت ئەجەللىك كىسەلىكلەرنى تۇيدۇرماي سوۋغا قىلسا قىلىدۇكى،ئارتۇقچە نەپ بەرمەيدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
       كىشىلەر لازىسىز تاماق يىيەلمەس دەرىجىگە بېرىپ قالدى. مەن ھەتتا شەھەرلەردە ياغلىرى تەپچىپ تۇرغان كاۋاپقا لازا سېپىپ پىشۇرغىنىنى،لازاغا مىلەپ يەۋاتقىنىنى كۆرىمەن. قۇيقا چىچىم تىك تۇرىدۇ . كاۋاپقا لازا سېپىپ پىشۇردىغان ئادەت كىمنىڭ مەدەنىيىتى ئىكىن؟ ئۇزۇقلۇقشۇناس ۋە جەمىئەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئەخمەتجان ئىسمائىل بىر ماقالىسىدە كىشىلەرگە تاماققا نابابلىقىڭلارنى لازا ئارقىلىق ياپماڭلار دەپ خىتاپ قىلغانىدى. ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەر تىللىرىنى چاكىلدىتىپ، ئاچچىقتىن تىتىرەپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتىدۇ، ئەمما يىگىنى زادى قايسى سەي ، قايسى خۇرۇچنىڭ تەمىنى بىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ھەممىلا نەرسە لازا تېتىيدۇ،ئاچچىقسۇ،ياكى تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ پۇرايدۇ !
(http://bbs.oylirim.cn)2 l* ]. F: x/ ~7 h3 U9 i     ھەر قېتىم ھەر قانداق ئاشپۇزۇلغا غىزالانغىلى كىرسەم بىرىنچى بۇلۇپ دەيدىغىنىم «قەتئىي لازا سېلىنمىسۇن»دىگەن گەپ بولىدۇ.كۈتكۈچى شۈبھىسىزكى،لاپپىدە ماڭا قارايدۇ. ئۇنىو «خوتەنلىككەندە»دىگنىنى بىلىپ-تۇيۇپ تۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا تالاي قېتىم «خوتەنلىكمۇ سىز،خوتەنلىكتىن باشقىسى لازا سالماڭ دىمەيدۇ»دىگەن،تالاي قېتىم رەنجىش،نارازىلىق بىلەن باققان،يەنە تالاي قېتىم ماقۇل دەپ قۇيۇپ يەنە غىچ لازا سېلنىپ،كوكىرتىپ ئاچچىقسۇ،تېتىقۇ قۇيۇلغان تاماقنى ئاچىقىپ ماڭا يىگۈزۈۋەرگەن...قارىغاندا خوتەنلىكتىن باشقىسى لازىنى ئىلغاپ كەتمىسە كېرەك.خوتەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ لازىغا دۈم چۈشكەنلەر،لازىلىق يىمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقى ئارقىلىق بەدىنىنى قىچىشتۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇشقا خۇشتارلار،«قېنىم سوۋۇپ قاپتۇ»دەپ لازىدا-زەھەردە،بىردەم قىزىتىپ ئارقىسىدىنلا قېنىنى ھوشىدىن كەتكۈچە سوۋۇتىۋېتىدىغانلار ئازمىتى؟
(http://bbs.oylirim.cn)# }8 l  x5 V; F5 a$ }' m      ئۈرمچىلىكلەرنىڭ،شەھەرلىكلەرنىڭ لازا ئىستىمال ئادىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچىتىدۇ.لازا،لازىلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز-تولا ئىستىمال قىلىپ قويغانىنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ زىينى يوق.ئەمما،ئۇنى كۈندىلىك ئىستىمال ئادىتىگە ۋا ھەر ۋاخلىق تاقاققا قېتىۋېلىش ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.لازا بەدەننىڭ پۈتكۈل تۇقۇلمىلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە  غىدىقلايدۇ.توختاۋىسىز غىدىقلىنىشتا تۇرغان تەن بارا-بارا قاشاڭلىشىپ، ھەتتا بارا-بارا بىر نەرسە تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ.سەت گەپ بىلەن سۈپەتلىسەك،بىر يالىڭاچ تەن ئالدىدا لازىغا كۆنگەن ئىنسان بىلەن لازىدىن يىراق تۇرغان ئادەمنىڭ غىدىقلىنىش دەرىجىسى،ھىسياتىنىڭ پارتلىشى ۋە ھىسياتىنىڭ داۋاملىشىش مۇددىتى ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ. لازا ھىسياتنى،شەھۋەتنى كېسىدۇ.قاننى بىردەم قىزىتىدۇ،ئاندىن شىددەت بىلەن سوۋۇتۇپ،بۆرەك،يىلىكنى كاردىن چىقىرۋېتىدۇ.شۇڭا،شەھەرلەردە يالىڭاچ دىگۈدەك يۈرۋاتقان ئاياللارنىڭ يېنىدىن بۇقىدەك بىر ئەر جىمجىت شۈمشىيىپ،ئىپادىسىز ئۆتۈپ كىتىدۇ . ئەمما يېزا-سەھرالاردا چىرايلىقراق بىر كوچىدا پەيدا بولۇپ قالسىمۇ كىچىك بالىلارمۇ ئىسقىرتىپ قويىدۇ.دىمەككى،ئەرلەرنىڭ شۇنچىلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ،قاشاڭلىشىپ،بىرەر نەرسە تەسىر قىلماس بولۇپ قېلىشىدا ناچار ئىستىمال ئادىتىنىڭ تەسىرى ئىىنتايىن زور.ھەي دەيمەن ئىچىمدە،لازاىغا تويمىساقلا بولاتتىغۇ بىر كۈنلەردە؟!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
     ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، لازا كۆكتاتلار ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك زەھەرلىك بولۇپ،ئۇنىڭ بەدەندىكى يىلىك،مەنىي،قاننى سۇيۇلدۇرۇش،بوشاشتۇرۇش،ئاجىزلاشتۇرۇش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن.ئۇزۇن مۇددەت لازىلىق يىمەكلىكلەرنى يەپ كۆنگەنلەردە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.ھەتتا ئۇرۇق پىچەكلىشىپ كېتىدىكەن.ئىشەنمىسىڭىز،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر قانداق تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراپ بېقىڭ.ئۇلارنىڭ بىردەك دەيدىغىنى،توختىماي تەۋسىيە قىلىدىغىنى،نەپسىنى يىغىشنى بىلەلمەيدىغان ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇردىغىنى لازا،ئاچچىقسۇدىن يىراق تۇرۇڭ،لازىغا قەتئىي يېقىن يولىماڭ.
(http://bbs.oylirim.cn)! z( o; o. P+ q( }9 I, U( a    كىشىلەر ئەرلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك جەسۇرلىقى،كەسكىنلىكى،چىدامچانلىقى،پاراسىتى قالمىدى،ئۇنىڭ ئورنىغا زەيپانە،لاتابەل ئەرلەر توشۇپ كەتتى،ئەرلەر خونىنىمۇ باشقۇرالماس بولۇپ قالدى،دەپ بۇ خىل ھاللارنىڭ سەۋەبىنى ئىش تەقسىماتىدىكى ئۆزگىرىش،جەمىئىيەت تەرەققىياتى،ئاياللار ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشلىرىدىن ئىزدەيدۇ.ئەمما مەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش،ئىستىمال ئادەتلىرى ئېلىپ كەلگەن بالا-قازانىڭ ئەرلەردىكى جۇشقۇنلۇقنىڭ سۇسلىشىشىدا رولى بىر قەدەر چوڭمىكىن،دەپ قارايمەن.قاراپ باقسام،تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق بىر باتۇرنىڭ تۇرمۇش پىرىنسىپىدا قۇۋۋەتلىك،مول ئۇزۇقلىنىش ئادىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.ئۇلار زىيانلىق يىمەكلىكلەردىن نەپسىنى يىغالىغانلار ۋە جەڭگىۋار خارەكتىرىگە لايىق جۇشقۇن تەننى ساقلاپ قالالىغانلار،تەننى،ئەقلىنى بۇلغايدىغان ناچار ئىستىمال ئادەتلىرىدىن يىراق تۇرالىغانلار ئىكەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
      ھەقىقەتەنمۇ ، ساغلام روھقا ساغلام تەن كېرەك.جۇشقۇن روھ ، ئۇلۇغ غايە جۇشقۇن بەدەن ، تېتىك تەننى شەرت قىلىدۇ.بولمسا تەن روھنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھال كېلىپ چىقىدۇ-دە،غايە ئۇلۇغ بولغان بىلەنمۇ سېرىق سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ئىش خۇشياقماي ئۇخلاپ قالىدىغان گەپ،تېنى زەئىپ ئەرلەردە پىلان،غايە كۆپ،ئىش ئاز،بىجىرىش قىزغىنلىقى سۇس،يۈرۈش-تۇرۇشى لامزەللە ، جان يوق ھالدا بولىدۇ.بىلى بوش،تۇرمۇش ئادىتى ناچار،ئۆزىگە مۇقەددەس بايلىق سۈپىتىدە تارتۇق قىلىپ بېرىلگەن تىنىنى-زېھنىنى قەدىرلاشنى بىلمەيدىغان مۇنداق زەيپانە ئەرلەردىن تۇغۇلغان كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھالىغا تېخمىۇ ۋاي! مەن دەيمەن،ئەرلەر،زەھەر يىمە!تېنىڭنى،زېھنىڭنى قۇتۇلدۇرۋال! سەن خاراپ قىلىۋاتقان نەرسە دەل سەندىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىدۇر !!!
(http://bbs.oylirim.cn)+ S1 r, x5 e! Y  E+ _" v9 W
(http://bbs.oylirim.cn)% W/ t, W+ r, F/ G, s& A$ i
(http://bbs.oylirim.cn)  Z6 Q. d  L0 @& J5 B7 M# B. j5 @2 B
(http://bbs.oylirim.cn)* y* k; O! {$ v1 E1 Y2 o; U+ _مەنبە :نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن نىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ،ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

(http://bbs.oylirim.cn)- I. ]2 R6 P& m+ M0 m9 w(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 02:10 , Processed in 0.663315 second(s), 42 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش