ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 117173|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاكام ئەسكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاكام ئەسكى
(http://bbs.oylirim.cn)5 U+ V# D' f# J: u
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئىسىمنى بىلسەم ئاكام مەندىن ئايرىلمايدىكەن. ئۇ مەندىن بەش ياش چوڭ بولۇپ بۇ ئىللىق ئائىلىمىزدە ئۇ شاھزادە ، مەن مەلىكە بولۇپ تۆت كىشىلىك دۇنيا شەكىللەندۈرىپتىمىز. دادام ، ئاپام خىزمەتتە ئالدىراش بولغاچقا ، ئاكام ماڭا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئاپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn): s) d1 g" f+ p( c9 P
(http://bbs.oylirim.cn): |6 x! A, I* Y6 l4 e ئىسىمدە … … ئاكام كىچىككىنە تۇرۇپلا دوسىتلىرى بىلەن ئوينىغىلى ماڭسا ئەگىشەتتىم. ئاپام بار بولسىلا ئۇ مېنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئالداپ قويۇپ سىرتقا ئوغۇرلىقچە ماڭاتتى. مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭدا بولغاچ ئۇ ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىشىغا يىغلاپ ئەگىشەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئاكامغا ۋاقىرايتتى:
(http://bbs.oylirim.cn). j5 _9 C- L1 P
(http://bbs.oylirim.cn)) z! W+ t2 U3 Z; Z% b. K- سېڭلىڭنىمۇ تەڭ ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىپ كىرسەڭ نىمە بولاتتى. ئۇ ئاپامنىڭ بۇيرۇقىغا ئامالسىز بوي سۇنۇپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ، قوشمىسىنى تۈرگىنىچە قايتىپ كىلىپ، مېنى يىتىلەپ سىرتقا ماڭاتتى. مەھەللىدە بالىلار ئويۇنى بەك قىزىيتتى. ئۇ بالىلار بىلەن ئويناپ يۈگۈرگەندە مەنمۇ ئەگىشىپ يۈگۈرەپ يىقىلاتتىم -دە ، ۋاقىراپلا يىغلايتتىم. ئاكام قىزىۋاتقان ئويۇندىن توختاپ كىلىپ، مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ كىيىملىرىمدىكى توپىلارنى قاقاتتى. ئويۇن قىزىسىمۇ بىچارە ئاكام مېنى دەپ قاتنىشالماي بىر چەتتە قولۇمنى تۇتقىنىچە بالىلار بىلەن تەڭ كۈلۈشۈپ قاراپ تۇراتتى.…
(http://bbs.oylirim.cn)" I9 P( x4 O9 s* w- I(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھېلىمۇ ئىسىمدە… … ئاكام مەكتەپكە بارىدىغان يېشى توشۇپ مەكتەپكە كىردى. ئاپام ياكى دادام ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا قارىدى. ئاكام مەكتەپتىن كەلسىلا بۇ ۋەزىپە ئاكامغا چىگىلدى. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا يارالغاندەكلا .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكچى بولۇپ دەرسىلىكلىرىنى يايدى ھەمدە مېنىڭ ئۈزىنى ئاۋارە قىلماسلىغىمنى ئۆتۈنۈپ ماڭا بىر تال قېرىنداش قەلەم بىلەن بىر كونا كىتاپنى بەردى. مەن بىر ھازا ئۇ كىتاپقا سىزىقلارنى سىزىپ ئوينىدىم ھەمدە ئاكامنىڭ رەسىملىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئارزو قىلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. لېكىن ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى، ئىچىم پۇشۇپ ئۇنىڭ سومكىسىدىن بىر كىتاپنى سۇغۇرۇپ ئالدىم. ۋاھ ، كىتاپتىكى رەسىملەر نىمە دىگەن چىرايلىق، كۆرىۋېتىپ بىر توپ كەمپۈتلەرنىڭ رەسىمىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىمدە يىگۈم كىلىپ كىتىپ ھەممىسىنى ئويۇپ ئېلىۋالدىم. ئاكام بۇ ئىشىمنى سىزىپ قېلىپ كىتاپنى قولۇمدىن زەپ بىلەن تارتىۋالدى ھەمدە مېنى بىرنى ئۇردى. مەن يىغلىدىم. ئاپام ئۇنىڭغا ۋاقىردى. ئۇمۇ كىتابىغا قاراپ يىغلىدى، ئاكام ئەسكى…(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)1 ]5 C* _" A- \% ^% o* w) a2 T ھېلىمۇ ئىسىمدە … … مەنمۇ چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردىم. ئاكاممۇ ئۆرلەپ ئوقىۋاتاتتى. ئۆيدە يەيدىغان ياخشى نەرسە بولسىلا ئىككىمىزگە تەڭ بۆلۈپ بىرەتتى. لېكىن مەن قولۇمدىكى ئالدىراش يەۋېلىپلا ئاكامنىڭ قولىغا ئېسىلاتتىم. ئۇ بەرمەيتتى. مەن يىغلاشنى باشلايتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئارىغا چۈشۈپ ئاكامغا:
(http://bbs.oylirim.cn)( B6 u5 \# R/ W/ n" C% z  t0 D/ _(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- سېڭلىڭ كىچىك ، سەن ئاكا بولغاندىكىن بەرگىن ،- دەپ ئاكامنىڭ قولىدىكىمۇ ئېلىپ بىرەتتى. ئاكام خاپا بولۇپ قولىدىكىنى ئاچچىغى بىلەن قولۇمغا تۇتقۇزۇپ پىشانەمگە نوقۇپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭكىنىمۇ يەپ تۈگىتەتتىم… ئاكام ئەسكى…
(http://bbs.oylirim.cn)  n  S" R% v( g(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم كىلىپ قالسا ھەرخىل سوۋغات ئويۇنچۇق ، دەپتەر - قەلەملەرگە باي بولۇپ كىتەتتىم. ھەمدە ئاكامغا دەۋا قىلىپ يۈرۈپ ئۆزۈم ئالماقچى بولغان نەرسەمنى ئالدۇراتتىم. ئۇ سوۋغاتلىرىمدىن بىرەرىنى بىرىشنى سورىسا سوۋغىتىمغا قىيماي قەتئى بەرمەيتتىم. لېكىن ئاكامنىڭ تۇغۇلغان كۈن سوۋغاتلىرى بولسا ياقتۇرغىنىمنى يىغلاپ ئاپامغا داتلاپ يۈرۈپ ئىككى - ئۈچنى ئېلىۋالاتتىم. ئاكام خاپا بولۇپ ئۇ نەرسىلەرنى ئالدىمغا تاشلايتتى. نىمە بۇلىدۇ مەن سىڭلىسى بولغاندىكىن بەرسە ، ئاكام ئەسكى… (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھېلىمۇ ئىسىمدە… … ئاكام تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا، مەن باشلانغۇچتا ئىدىم. دادام ئاكامغا چىرايلىق بىر ۋەلسىپىت ئېلىپ بەردى. ئۇ ۋەلسىپىت بەك چىرايلىق بولغاچقا مەن مىنەلمىسەممۇ يىتىلەپ ئويناپ باققۇم كىلەتتى.  لېكىن ئاكام ئۇنى ماڭا قەتئى تۇتقۇزمايتتى.  چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ گۆھىرى ئىدى . بەزى ۋاقىتلاردا كەچلەردىمۇ ئاكام ۋەلسىپىتىنى بىرەر قېتىم كۆرۋېلىپ ئۇخلايتتى.  بىر قېتىم ئاكامنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى يىتىلەپ يولغا چىقتىم. دوسىتلىرىم ھەۋەس بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن مەغرور قىياپەتتە ئۇنى يىتىلەپ يۈگۈردۈم. لېكىن كۈچۈم چەكلىك بولغاچقا كونتۇرول قىلالماي ئاكامنىڭ بۇ گۈھىرىنى تۆك تۆۋرۈكىگە ئۇرىۋەتتىم. ئۆزەمنىڭمۇ تىزىم يارلانغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئاكام قەيەردىن پەيدا بولدىكىن كەلگەن پېتى مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ تىزىمدىكى سۈرۈلگەن جاينى كۆردى ھەمدە خاپا بولۇپ مېنى بىرنى سالدى ھەمدە ۋاقىردى: (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)0 r+ E7 Y4 l! [  N0 W  b6 V+ ^- ۋۇ بەزقۇلاق ، ئەگەردە ماشىنىدەك نەرسىگە ئۇرغان بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ ؟ ئاكاممۇ قىززىقكەن ۋەلسىپىتى بىلەن كارى بولماي پۇتۇمغىلا قاراپ كەتكىنىنى … ئاكام راسلا ئەسكى……
(http://bbs.oylirim.cn)* F6 C! ~7 _4 v
(http://bbs.oylirim.cn): a6 a: `! J: F ھېلىمۇ ئىسىمدە… … بىر كۈنى مەكتەپتىن ساۋاقداشلىرىم بىلەن قايتىپ كىتىۋېتىپ بىر قەلەم ئۇچلۇغۇچ تېپىۋالدىم. بەك چىرايلىق ئىدى.  خىيالىمدا ئەتە بۇنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەرسەم مۇئەللىم مېنى ماختىسا دەپ ئويلاپ تۇرسام بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم قولۇمدىن ئۇچلۇغۇچنى شارتتىدىلا ئېلىۋالدى ھەمدە مەن تېپىۋالدىم دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ بەرمىدى . مەن ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلغانتىم، ئۇ مېنى ئىتىرىپ يىقىتىۋەتتى. مەن يىغلىدىم. شۇ چاغدا ئاكام يۈگۈرۈپ كەلدى - دە ئۇ ئوغۇل ساۋاقدىشىمنىڭ قۇلۇقىدىن سوزۇپ، پىشانىسىگە نەچچىنى نوقۇپ خاتالىغىنى تونۇتۇپ مەندىن كەچۈرۈم سوراتتى …ئاكام موشۇنداق ئەسكى…
(http://bbs.oylirim.cn)1 j) X' Q% T' g0 i/ O0 W
(http://bbs.oylirim.cn)5 _4 R" q& G) d9 M! x5 N/ B يانچۇقۇمدا پۇل تۇرمايتتى ، لېكىن ئاكام بەك ئىقدىساتچان ئىدى. بىرەر نەرسە ئالماقچى بولسام ئۇنىڭ كەينىگە كىرىپ غەلۋە قىلىپ تۇرۋالاتتىم تاكى شۇ نەرسىنى ئېلىپ بەرگۈچە. نىمە بوپتۇ ئۇ پۇل خەجلىمىسە ئۇنىڭ پۇلىنى مەن خەجلىسەم…ئاكام راسلا ئەسكى پۇل خەجلەشنىمۇ بىلمەيدۇ ..…(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)% A# l& W" |2 w8 ~( H: a ھېلىمۇ ئىسىمدە… … ئاكامنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى، مېنىڭ تولۇقسىزدىكى ۋاقىتلىرىم. بىر قېتىم ئاكام تەتىل قىلىپ كەلدى. ئۇ يوق ئۇنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدىم. شۇڭا ئۇ نەگىلا ماڭسا كەينىدىن جاۋىلداپ ئەگىشىپلا يۈرەتتىم. لېكىن ئۇ مېنى كەينىدىن ئەگىشىشىمگە يول قويمايتتى. ئاخشىمى ئاكام مەھەللىدىكى بۇرۇنقى بىر نەچچە دوستى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كىتىپ كەلمىدى. ئۇ يوق ئىچىم سىقىلىپ ئاستا مەھەللىگە چىقىپ ئۇنى ئىزدىدىم، لېكىن دوخمۇشتا ئۇنىڭ قىلىپ تۇرغان قىلىقىدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. چۈنكى ئۇ تاماكا دوسىتلىرى بىلەن تاماكا چىكىۋاتاتتى.  دەرھال ۋاقىردىم: (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn). M' y% T# j& a  k, k- ئاكا بۇ قىلىقىڭنى دادام بىلەن ئاپامغا ئېيتىمەن. ئۇ چۆچۈپ كەتتى. قولىدىكى تاماكىنى قانداق تاشلىدىكىن بىلمىدىم.  يېنىمغا ھۇدۇققان ھالدا يۈگۈرەپ كەلدى، ھەمدە قوپال ۋاقىردى:
(http://bbs.oylirim.cn)8 F! @6 _, o; i
(http://bbs.oylirim.cn)5 t0 |' j7 V4 N) b; J3 W! t! x- نىمىنى ئېيتىسەن ، مەن نىمە قىپتىمەن؟
(http://bbs.oylirim.cn), o6 [) |2 U1 T; H7 R(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- سەن بايا تاماكا چەكتىڭ ئېيتىمەن!
(http://bbs.oylirim.cn)) h! ?, `% ^0 g) p0 Z/ I(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ بىردىنلا يۇمشىدى: (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)6 M& u. A* o4 G3 p% S- جېنىم سىڭلىم ، ئۆتۈنۈپ قالاي! ئېيتما ، ئەمدى ھەرگىز چەكمەيمەن - ھە ، ئۆتۈنۈپ قالاي.
(http://bbs.oylirim.cn). B* i$ Q( p. F/ \7 K7 o3 {
(http://bbs.oylirim.cn)' Q+ y1 M! Z0 Q ئۇ قورۇققان ئىدى. ماڭا ئۇنىڭ بۇ تۇرقى تېخىمۇ قىززىق تۇيۇلدى. ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتۇپ قويغۇم كەلدى : (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn); j, w1 }5 t3 Q& k$ Q8 J- ئېيتىمەن ، چوقۇم ئېيتىمەن ، دادام ، ئاپام سېنى نىمە قىپ تاشلايدىكىن…
(http://bbs.oylirim.cn)) ]" {+ _3 P) ^. N" N; k1 T
(http://bbs.oylirim.cn)5 g* j* ~1 Y* A; c  F ئۇ يېلىناتتى ، مەن ئاۋازىمنىڭ بېرىچە ئۇنىڭغا قورقاق سالاتتىم.  بىر چاغدا ئۇنىڭ ئاچچىغى تۇتۇپتۇ، بىلەلمەيلا قالدىم مېنى بىر شاپىلاق ئۇرىۋەتتى. مەن داڭ قېتىپ بىر دەم تۇرغاندىن كىيىن يىغامنى باشلاپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.  لېكىن بۇ ئىشنى دادام ، ئاپامغا دىمىدىم. ئاكام شۇ كىچىسى بىر كىچە بىزنى ئەنسىرتىپ ئۆيگە كىرەلمىدى. شۇندىن كىيىن ئاكام قەتئى تاماكا چەكمىدى …ئاكام موشۇنداق بىزنى ئەنسىرتىدىغان باغرى قاتتىق ئەسكى… …
(http://bbs.oylirim.cn)2 B% J4 Y( x1 H! E. y2 P(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھېلىمۇ ئىسىمدە… … ئاكام ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كىلىپ ئۇزۇن بولماي بىر قىز بىلەن ئارلىشىۋاتقىنىنى ، توي قىلىشقا پۈتۈشكىنىنى ئاپامغا دەپتۇ. ئاپام ، دادام خوشاللىغىدا قىزنى ئۆيگە تاماققا ئېلىپ كىلىشىنى تاپىلىدى. بىر كۈنى چۈشتە ئاكام ئۇ قىزنى باشلاپ كەلدى، قىز بەك چىرايلىق ، لاتاپەتلىك ، ئىللىق چىراي ئىدى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ، گەپ - سۆز ، يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدىن ئەدەپلىك ، قائىدە - يوسۇنلىغى چىقىپ تۇراتتى. دادام ، ئاپام خوشال ھالدا بولغۇسى كىلىنىنى قىزغىن قارىشى ئالدى. تاماق ۋاقتىدا ئاكامغا قارىسام قىز دوستىغا تاماق زورلاش ، كۆتۈش بىلەنلا بولۇپ كىتىپتۇ. ئاچچىغىم كەلدى ، بىر قىزغا تاماقنى زورلاپ كىتىشلىرى ، مەندەك قېرىندىشى ، بىر تاللا سىڭلىسىغا ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ باققىنى يوق. شۇنىڭ بىلەن قاپىغىمنى تۈرۈپ قىز كەتكۈچە ئاكامنىڭ چىشىغا قېرىشىپلا چىقتىم. ئاكام لايىقىنى ئاپىرىۋەتكەندىن كىيىن كىلىپ مېنى ئەدەپلىدى. مەنمۇ ئۇنى ۋاپاسىز ، خوشەمەتچى دەپ تازا سوقۇشتۇم. ئاكامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزەممۇ چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارەم بولۇپ ئۇنىڭ يېرىم كىچىدە كىرگىنىنى بىلگىنىمدىلا ئاندىن ئۇخلۇدۇم. ئاكام موشۇنداق سېڭلىسىنىڭ كۆڭلىنى ئويلىمايدىغان ئەسكى… …
(http://bbs.oylirim.cn); j- @. w0 a3 ?, I$ E
(http://bbs.oylirim.cn); f0 B* d6 V. Y# Q4 J" U مانا بۈگۈن تەقدىر - پىشانە بىلەن ئاكامدىن بالدۇر مېنىڭ تويۇم بولدى. ئاكام باشتىن - ئاخىر تويۇمنىڭ ئىشلىرى بىلەن پاي - پىتەك بولۇپ ، ئۇيان - بۇيان چېپىپلا يۈرىۋاتىدۇ. ئاپام چاي ئىچىۋالغىن ، ناشتىنىمۇ تۈزۈك قىلمىغانتىڭ دىيىشلىرى بىلەن كارىمۇ يوق چېپىۋاتىدۇ. ئۇ نەچچە كۈندىن مېنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. شۇنىڭ چۇشلۇق ئورۇقداپلا قالدى،ئاچچىقىم شۇنداق كەلدى … ئاكا، سەن نىمانداق ئەسكى ، مېنى ئۆيدىن كەتكۈزۋېتىشقا شۇنچىۋالا ئالدىراش چېپىۋاتامسەن…(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
توي داۋاملاشماقتا. ئاكام مېھمان كۈتۈش ، يوق ،كەم نەرسىلەرنى تېپىش ، ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش. توي رەسمىيەتلىرنىڭ قائىدىسى بويىچە دادام ، ئاپاملاردىن كىيىن ئاكامنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئۈچۈن يىگىتىم بىلەن ئاكامغا سالام قىلدۇق. ئاكام يىگىتىمنى ، مېنى قۇچاقلاپ پىشانەمگە سۆيگەندىن كىيىن، يىگىتىمگە:
(http://bbs.oylirim.cn)# t0 L7 V% x/ b4 \/ g  H(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- ئۇكام ، سېڭلىمنى ھەمىرا قىلىپ ئېلىپ ماڭدىڭ ، ئۇ بەك ئاجىز، بوزەك قىلماي يار - يۆلەك بول. ئۇ بەك كەپسىز ، كىچىك بالىدەك ئۇشۇقلۇق قىلىدىغان مىجەزى بار ئېغىر بول. ئۇ يالغۇزلۇقتىن قورقۇدۇ، يالغۇز قويما. ئەڭ مۇھىمى ئۇنى قوغداپ كۆڭۈل بۆل،بوزەك تاپما بولمىسا مەن سېنى … ئاكام سۆزلەۋاتاتتى. ئاۋازى تىتىرەپ چىقىپ كۆزىدىن ياشلىرى تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. مەنمۇ ئۆزەمنى توختىتالماي يىغلاپ سالدىم. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مېنىڭ يېشىمنى سۈرتتى. مەن ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتتۈم، ئاكام يېشى بىلەن ماڭا بەخىت تىللەپ دۇئاغا قول كۆتەردى … ئاكا سېنىڭ كۆڭلۈڭ نىمانداق مىھرىبان … مەندەك بىر ئۇششۇق سېڭلىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىۋاتامسەن…
(http://bbs.oylirim.cn)* j; o5 U( Y; v8 D9 w+ T(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
توي داۋاملىشىۋاتاتتى، مېنى كۆچۈرۈشكە ئىشكتىن ئېلىپ چىقىشىغا بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى. كۆزۈمدىكى ياشلىرىم تېخىمۇ ئۇلغايدى. دادام ، ئاپامنىڭ كۈلۈپ ئۇزۇتىۋاتقان ھالىتىدە كۆزلىرى ياش ئىدى، كۆزلىرىمدە ئاكامنى ئىزدىدىم. ئاكام ئىشىك كەينىدە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان ئىكەن، ئاكا … سەن مېنى يالغۇز باشقا يات بىر ئۆيگە يولغا سېلىپ قويامسەن. مەن سەنسىز شۇ ئۆيدە ئەركىن بولالۇرمەنمۇ، سەن يوق كىمنى بوزەك قىلىمەن. لازىملىق نەرسىلەرنى مەجبۇرلاپ كىمگە ئالدۇرىمەن. كىمنى تىرىكتۈرۈپ ، كىمنى خاپا كىلىپ خوش بولىمەن … ئاكا سەن بەك ئەسكى … مېنىڭدەك يالغۇز سېڭلىڭنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ خاپا قىلىپ ئۆزەڭگە ئازراق ئۆچ قىلىپ قويغان بولساڭمۇ مۇنچە يىغلىماس ئىدىم … ئاكا سەن … بەك ئەسكى…(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2015-10-4
(http://bbs.oylirim.cn): o' s0 S$ e/ o" `

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2016-7-29 23:07:36 | ئايرىم كۆرۈش
مېترو ئەپەندىمنىڭ تىمىلىرى ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ .  ياخشى تىما يولاپسىز .....


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 21:02 , Processed in 2.364897 second(s), 37 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش