ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 1901|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ھېكىمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ھېكىمەتلەر(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)% S/ O2 B1 B* p8 l: }% i1(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- بىر كۈنى ئىت بۆرىدىن سوراپتۇ:« سېنىڭ ئۆيۈڭ، ماشىناڭ بارمۇ؟» «يوق.» «ئۈچ ۋاق تامىقىڭ ۋە تاماق ئارىلىقىدا يېگۈدەك مېۋە-چېۋەڭ بارمۇ؟» «يوق.» «ئۇنداقتا سېنى ئەركىلىتىپ، بازار چۆرگىلىتىپ ئويناتقۇدەك بىرەرسى بارمۇ؟» «يوق.» ئىت بۆرىنى مەنسىتمىگەن ھالدا:« سەن بەك بىچارىكەنسەن، سېنىڭ ھېچنېمەڭ يوقكەن!» دەپتۇ. بۆرە كۈلۈپ كېتىپ، دەپتۇ:« مېنىڭ سەندەك پوق يەيدىغان ئادىتىم يوق، ئەمما ئۆزەمنىڭ قوغلىشىدىغان نىشانىم بار؛ مەندە سەندە يوق ئەركىنلىك بار؛ مەن بولسام تەنھا بۆرە، سەن بولساڭ ئۆزەڭنى بەختلىك چاغلايدىغان ئىت!»
(http://bbs.oylirim.cn)- {1 b, L, l2 L9 m, @2- بىر تامچە سىياھ بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا قۇيۇلسا، سۇنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ، ئۇنى ئىچكىلى بولمايدۇ؛ بىر تامچە سىياھ دېڭىزغا قۇيۇلسا، دېڭىز يەنىلا كۆك پېتى تۇرۇۋېرىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئىككىسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى ئوخشىمايدۇ. پىشمىغان بۇغداي باشىقى بېشىنى كۆتۈرۈپ تىككىدە غادىيىپ تۇرىدۇ؛ پىشقان بۇغداي باشىقى بولسا بېشىنى ئېگىپ ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئىككىسىنىڭ ۋەزنى، سالمىقى ئوخشىمايدۇ. باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش بولسا كەڭ قورساقلىقتۇر؛ كەمتەر بولۇش بولسا سالماقلىقتۇر. ئىككىسى قوشۇلسا بىر ئادەمنىڭ ساپاسىدۇر.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
3-توخۇ تۇخۇممۇ تۇغىدۇ، پوقمۇ چىچىدۇ، سىز چوقۇم پەقەت ئۇنىڭ تۇخۇمىنىلا يەيسىز، ئەلۋەتتە، پوقىنى يېمەيسىز. توخۇغا ئۇنداق قىلغانكەنسىز، ئەلۋەتتە، ئادەمگىمۇ ئوخشاش قىلىڭ. ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ھەم تۇخۇم تۇغالايدۇ، ھەم چىچالايدۇ. مەسىلەن: ئۇ بىر شىركەتنى ناھايىتى ياخشى ماڭدۇرالايدۇ، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ پېيىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىنى ئۆگەنمەڭ. سىزگە ئەڭ مۇھىمى كۆپرەك تۇخۇم يېيىش، پوق بىلەن كارى بولماسلىق، ئوزۇق قوبۇللاپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشتۇر. نۇرغۇنلار كۈن بويى تۇخۇمنى تاشلاپ قويۇپ، پوقنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئەجابا، سىز پوق يەپ ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرەلەمسىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)) n. x4 J4 }) D' b* w4- ئۇستاز شاگىرتلىرىدىن سوراپتۇ:«ئەگەر سىلەر بىر چۆگۈن چاي قايناتماقچى بولۇپ، يېرىمىغا كەلگەندە ئوتۇننىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بايقىساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟» شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى:« دەرھال بېرىپ ئىزدەيمىز» دەپتۇ، بەزىلىرى:« دەرھال بېرىپ باشقىلاردىن سورايمىز» دەپتۇ، يەنە بەزىلىرى:« دەرھال بېرىپ سېتىۋالىمىز» دەپتۇ. بۇ چاغدا ئۇستازى ئۇلارغا:« نېمىشقا چۆگۈندىكى سۇدىن ئازراق تۆكۈۋەتمەيسىلەر؟» دەپتۇ. جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىد قىلغاندەك بولۇپ كەتمەيدۇ، ۋاز كەچكەندىلا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn); h: U. m6 a4 L5- خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئۆمرىدە پەقەت يەتتە قېتىملا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولىدىكەن، ھەر قېتىملىق پۇرسەتنىڭ ئارىلىقى يەتتە يىل بولىدىكەن. بۇ پۇرسەتلەر ئادەتتە 25 يېشىدىن كېيىن ئۇچرايدىكەن، 75 يېشىدىن كېيىن تۈگەيدىكەن. بۇ 50 يىلدىكى يەتتە پۇرسەت ئىچىدە تۇنجى پۇرسەتنى ئاسان تۇتقىلى بولمايدىكەن، چۈنكى ئادەم بەك ياش بولىدىكەن؛ ئەڭ ئاخىرقىسىنىمۇ ئاسان تۇتقىلى بولمايدىكەن، چۈنكى ئادەم بەك قېرىپ كېتىدىكەن. قالغان بەش قېتىملىق پۇرسەتنىڭ ئىككىسىنىمۇ بىلىپ-بىلمەيلا ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن، شۇڭلاشقا، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۈچ قېتىملا پۇرسەت قالىدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)2 S' F. \/ Y2 ~6 [6 S7 s6- بوۋاي نەۋرىسىگە مۇنداق دەپتۇ:« سەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىڭدا، پەقەت سەنلا يىغلايسەن، ئەمما باشقىلار خۇشال بولىدۇ؛ سەن بۇدۇنيادىن ئايرىلىدىغاندا، باشقىلارنىڭ ھەممىسى يىغلايدۇ، پەقەت سەنلا خۇشال بولىسەن. شۇڭلاشقا، ئۆلۈم ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ھاياتلىقمۇ ئۇنچىلىك خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس».
(http://bbs.oylirim.cn)# s! [/ X$ ^8 D' [& B7- بوۋاي نەۋرىسىگە مۇنداق دەپتۇ:« مۇشتۇمىڭنى چىڭ تۈگۈپ، ئاندىن ماڭا قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىڭنى ئېيتىپ بەرگىن.» بالا مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن:« ئارزاق ھېرىپ قالدىم.» دەپتۇ. «تېخىمۇ كۈچەپرەك تۈگكىن!» «تېخىمۇ بەكرەك ھاردىم، نەپىسىممۇ سىقىلىپ كەتتى!» «ئۇنداقتا ئالقىنىڭنى ئاچقىن!» بالا بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن دەپتۇ:« ئەمدى خېلىلا راھەتلىنىپ قالدىم.» بوۋاي بالىغا دەپتۇ:« بىرەر ئىش قىلىپ ھەردۇق يەتكىنىدە، سەن ئۇ ئىشقا تېخىمۇ بەكرەك كىرىشىۋالساڭ، كىرىشكەنسېرى بەكرەك ھېرىپ كېتىسەن، ئۇنى قويۇپ قويۇپ تۇرساڭ، تەبىئىيكى، خېلىلا يېنىكلەپ قالىسەن!» نېمىدىگەن ئاددى ھەقىقەت-ھە؟ قولنى بوشاتقاندىلا يېنىكلىگىلى بولىدۇ!
(http://bbs.oylirim.cn)4 S2 P) |9 m# b8- ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن 100 يۈەننى يۈتتۈرۈپ قويدىڭىز، ئۇنى مەلۇم بىر جايدا باردەك ھېس قىلدىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۇنى 200 يۈەن كىرا خەجلەپ بېرىپ ئەكىلەمسىز؟ بۇ بەلكىم ئەخمىقانە تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆپىنچىمىز مۇشۇنداق ئەخمىقانىلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز: خەقتىن بىر ئېغىز تىل ئىشتساق، نۇرغۇن ۋاقىت ئازاپلىنىمىز؛ بىر ئىشقا غەزەپلەنمەكچى بولساق، باشقىلارنى، ئۆزىمىزنى زىيانغا ئۇچرىتىشىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدۇ، پەقەت ئۆچ ئېلىشنىلا ئويلايمىز؛ مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساق، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە نۇرغۇن ۋاقىت ئازاپلىنىمىز، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنتۇيمىز…(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
9- شاگىرت ئۇستازدىن سوراپتۇ:« ئۇستاز، ئىنساننىڭ غەلىتە تەرەپلىرى توغرىسىدا تەلىم بەرگەن بولسىلا!» ئۇستاز دەپتۇ:« ئۇلار چوڭ بولۇشقا ئالدىرايدۇ-يۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن يوقاتقان بالىلىقىنى ئەسلەپ قايغۇرىدۇ؛ ئۇلار سالامەتلىكى بىلەن كارى بولماي، تىرىشىپ-تىرمىشىپ پۇل تاپىدۇ-يۇ، كېيىن يەنە سالامەتلىكنى پۇلغا سېتىۋالماقچى بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسى ئۈچۈن تىت-تىت بولىدۇ-يۇ، ھازىرقى بەختنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ھەم ھازىرقى زاماندا ياشىمايدۇ، ھەم كەلگۈسىدە ياشىمايدۇ؛ ئۇلار ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ-يۇ، ئۆلۈش ئالدىدا ياشاپ باقمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.»
(http://bbs.oylirim.cn)5 q1 B  G% @$ S+ U- |8 i(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھېكمەت:كىشىلىك ھايات ھېسابلىغاندىن بولمايدۇ، بەلكى ساخاۋەتتىن بولىدۇ؛ تىلىگەنگە كەلمەيدۇ، بەلكى تەربىيىلىگەندە بولىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا باشقىلار تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىشكە رازى بولىمىز-يۇ، ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلىمايمىز. ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك، ئادەتتە، پەقەت سىزنىڭ بىرلا ئويىڭىزغا باغلىق بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)) F! ?3 g+ P! a9 H* oپەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قىلالمىغان ئىشلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قىلىپ بولغان ئىشلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق؛ ھاياتلىقتىكى ھەر قەدىمىڭىز سىزنىڭ بەدەل تۆلىشىڭىزگە ئېھتىياجدۇر. سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە يوقىتىشنى خالىمىغان بىر قىسىم نەرسىلىرىڭىزدىنمۇ ئايرىلىسىز. بۇنداق كەچمىش يالغۇز سىزدىلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەردە بار كەچمىشتۇر. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. شۇڭا، ئارتۇقچە ئازاپلىنىپ يۈرمەي، خۇشال ياشاڭ.
(http://bbs.oylirim.cn)) n  a" A6 v6 o6 e4 N, d7 Q' b, v; Hئادەم سۈكۈت قىلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك، چۈنكى بەزى ئىشلارنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئويلانمىسىڭىز بولمايدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 05:40 , Processed in 2.214114 second(s), 37 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش