مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان مۇھىم ئەڭگۈشتەر
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ يىل 23 – ئىيۇل، يولداش خۇ جىنتاۋ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالى بولۇپ كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئېرىشكەن قىممەتلىك تەجرىبىسى. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بارغانسېرى بېيىيدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى بارغانسېرى گۈللىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)' g& u; ^7 ?% X; y. ? ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ قىبلىنەماسى. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ. ئىنسانلار جەمئىيىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىدا تۇرىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى، ئەمەلىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى مۇقەررەر ھالدا يېڭى تېما، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، مۇقەررەر ھالدا بىزدىن ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى زامانغا لايىق كەلمەيدىغان قاراش، ئۇسۇل، تۈزۈلمىنىڭ ئاسارىتىدىن، ماركسىزمغا بولغان خاتا، دوگما چۈشەنچىدىن، سۇبيېكتىۋىزم ۋە مېتافىزىكىنىڭ كىشەنلىرىدىن ئازاد قىلىپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتى قانونىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە، دۇنيا ئەھۋالىغا، دۆلەت ئەھۋالىغا، پارتىيە ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغۋار ئىش، بىز تەرەققىيات جەريانىدا مۇقەررەر ھالدا نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە، ئۇنداق ياكى مۇنداق خەۋپ، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. ئەگەر ئىدىيەمىز قاتمال بولۇپ، ئىلگىرىكى تونۇش سەۋىيەمىزدە تۇرۇپ قالساق، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان رامكىلار بىلەن مول، رەڭگارەڭ ئەمەلىيەتنى چۈشەپ قويساق، ئۇ چاغدا دەۋرنىڭ ئارقىدا قېلىپ، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇپ قالىمىز. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزمنى ئەمەلىيىتىمىزگە يېتەكچى قىلساقلا، ئاندىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز. پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ‹‹ئىككى ئومۇمەن›› نىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشنى ئوتتۇرىغا قويالىشى؛ يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈپ، قامال قىلىنىش ۋە يېرىم قامال قىلىنىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتەك تارىخىي بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرالىشىدىكى مۇھىم سەۋەب، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچى ئىدىيەدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىدە.
(http://bbs.oylirim.cn) U8 g& u# ?: B* Y& F! c ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا جاھاننىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. بۇ تۆھپە ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولغانلىقىمىزغا مەنسۇپ. ھالبۇكى، ئەمەلىي تەرەققىياتنىڭ، نەزەرىيە يېڭىلىقىنىڭ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى يوق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىي قىلغانسېرى بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇشقا شۇنچە موھتاج بولىمىز. ھازىر دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا داۋاملىق ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىز تەرەققىياتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، تەكشىسىزلىك، سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى گەۋدىلەنمەكتە، ئىلمىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە مېخانىزمىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلماق قىيىن بولماقتا، بۇ مەسىلىلەرنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇش بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا، مەركەز پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى، ئۇلۇغ ئىنقىلاب بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنى بىراقلا ئىشقا ئاشۇرغىلىمۇ بولمايدىغانلىقى، شۇڭا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق خەۋپ ۋە كاشىلىغا پىسەنت قىلماسلىقنى تەكىتلىدى. شۇنداق قىلغاندىلا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 S3 }& l& O: S# F% s3 r# b& q3 n