ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17967|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چەتئەللىكلەرگە خوتۇن بولىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn), D  L) }- R, O+ f# H; Q. I) g8 F, |
ئاپتورى : ئىبراھىم خۇدا بەردى
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تورداشلارغا ناتونۇش ئەمەس . چۈنكى ئىلگىرى تورلاردا ‹‹ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز››،‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ›› دېگەندەك ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . يەنە بىر قىزنىڭ بىر ھېكايىسى بار بولۇپ ئۇ قىز بىر چەتئەللىك ‹‹ئاكاش ›› قا بىلمەي ئىككىنچى خوتۇن بولۇپ تېگىپ قېلىپ بالىلىق بولغان . ‹‹ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز ›› ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە تېگىپ زۇلۇم تارتىپ ئاخىرى چەتئەللىككە تېگىپ بەخىت تاپقانلىقى ۋە ئىنتايىن توغرا قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ . ‹‹ئاكاش›› قا ئىككىنچى خوتۇن بوپ قالغان باش قەھرىمان قىز‹‹مەن›› مۇ چەتئەللىك ‹‹ئاكاش ›› نى ئىنتايىن كېلىشكەن ، مەسئۇلىيەتچان ، بىلىملىك قىلىپ تەسۋىرلىگەن . ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى بەختلىك قىلىۋەتكەن ئەرەپ بىلەن ئاشۇ ‹‹ئاكاش ›› لارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن شۇنداق ئالىيجاناپ ، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرمۇ ؟ ئۇلار بىلەن ئۆي تۇتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەقىقەتەن بەختلىك بوپ كەتكەنمۇ ؟ بۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسلە . مەن ئىلگىرى شۇ توغرىلىق ماقالىلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئازراق تەنقىدى كۆز - قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان يۇ لېكىن بولدى قىلغان ئىدىم.بۈگۈن بۇ ھەقتە سۆزلەشكە ئازراق پۇرسەت بولدى . ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ ›› دېگەن ماقالىدە ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئافرىقىلىق نېگىردىن كۈيئوغلى بولسا ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىر كۈيئوغلى ئاللىبۇرۇن بوپ بولغان بولۇپ نەۋرىلەرمۇ تۇغۇلۇپ بولغان . بۇنى تېما ئىگىسى بىلمەي قالغان خالاس .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە تېگىش ھادىسىلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بوپ قالدىم. ئىلگىرى بىر قىسىملار پاكىستانلىقلارغا تېگىپ قاتتىق دەككىسىنى يېگەن بولسا ئەمدى ئوتتۇرا شەرقلىقلىكلەرگە ، تۈرك ، ئەزەرلەرگە تېگىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى چىقىۋاتىدۇ . بۇ گەپلەرنى قىلسام بەزىلەر 《كىمگە تەگسە ئۆزىنىڭ ئىشى ، سېنىڭ نېمە كارىڭ 》دېيىشى مۈمكىن . ئەمما نېمىلا بولمىسۇن كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى سۆزلەپ قويماي بولمايدۇ . ھېچبولمىغاندا چەتئەللىكلەرنى خاتا چۈشىنىۋالغان بىر قىسىملارغا پايدىسى بوپ قېلىشى مۇمكىن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيدە ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بىرسىدىن تېلىفۇن كەلدى ئالسام بىر مىسىرلىقكەن . نومۇرۇمنى ئۇنىڭغا كىم بەردىكىن بىلمىدىم .ئۇ تېلىفوندا‹‹ پالانى چايخانىغا كەل ! سەن بىلەن تونۇشۇپ پاراڭلىشىدىغان مۇھىم بىر ئىش بارتى ››- دېدى . مەن ماقۇل بولدۇم ۋە دېگەن ئادرىستىكى چايخانىغا بارسام مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ . سالاملىشىپ ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن مېنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئىشتا ياردەم قىلىشىم كېرەكلىكىنى ۋە ياردەم قىلسام مېنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى . ئۇنىڭ دېيىشىچە شىنجەننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ، چەتئەللىكلەرنىڭ تولىسى شۇنداق ئاتايدۇ ›› قىزلىرى بەك چىرايلىقمىش ۋە بەك ئەرزانمىش . بولۇپمۇ چەتئەللىكلەرگە بەك ئەرزانلا تېگەرمىش . ئۇنىڭ بىر دوستىمۇ گۇاڭجۇدا تونۇشقان بىر شىنجانلىق قىز بىلەن ئەر - خوتۇن بوپ تۇرۇۋېتىپتىمىش . شۇڭا بولسا مەن ئۇنىڭغا توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزىدىن بىرىنى تېپىپ بەرگۈدەكمەن . شۇنداق قىلسام ئۇ گۇاڭجۇدا بىرىنچىدىن خوتۇنغا ، ئىككىنچىدىن تەرجىمانغا ، ئۈچىنچىدىن تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئاشپەزگە ، تۆتىنچىدىن ئائىلە خىزمەتچىسىگە ئىگە بولارمىش . ئەرەپ ئاشخانىلىرىدىكى تاماقنىڭ قىممەتلىكىدە مۇشۇنداق قىلسا ئايدا خېلى كۆپ پۇلنى تېجەپ قالارمىش . ۋە ماڭىمۇ قىلغان ياردىمىم ئۈچۈن تاپان ھەققى بېرەرمىش . ئەگەر كېيىن باشقا دوستلىرىغىمۇ قىز تونۇشتۇرسام خېلى پۇل تېپىپ قالغۇدەكمەن....بۇ گەپلەرنى ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ ئاران ئاڭلىدىم ۋە بۇنداق ئىشلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىمنى ، ئىككىنچى مېنى ئىزدىمەسلىكنى ئېيتىپ كېتىپ قالدىم ئۇنىڭ گەپلىرىدىن خېلى بىر كەمگىچە ئىچىم ئاچچىق بولدى . كېيىن بىلسەم مېنىڭ بىر قانچە تونۇشۇممۇ نەق مۇشۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يەنە بىر قېتىم سائەت بازىرىدا بىر دۇكانغا سائەت ئالغىلى كىرسەم بىر چەتئەللىك دۇكاندار قىزغا گېپىنى ئۇقتۇرالماي تۇرۇپتۇ(ئەسلىدە ئۇ سائەتنىڭ ئىچىدىكى بىر زاپچاسنىڭ قايسى دۆلەتتە ياسالغانلىقىنى سورىماقچىكەن) مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بەردىم . ئۇ خوش بولۇپ ماڭا قاراپ :‹‹سەن شىنجاڭدىنمۇ ، ئۇيغۇرمۇ؟›› دەپ سورىدى . مەن :‹‹ شۇنداق ، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىكەنسەنغۇ›- دېسەم ئۇ : ‹‹ دېسكو كۇلۇبىدا بىر شىنجاڭلىق ئۇسۇلچى قىز بىلەن تونۇشقانتىم شۇ سۆزلەپ بەرگەن ، سىلەر جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشايدىكەنسىلەر ››- دېدى . مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئېغىر ئۇھسىندىم . بۇ چەتئەللىك ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى دېسكوخانىدىكى ئۇسۇلچى قىزدىن تونۇپتۇ . ئاشۇ قىزمۇ ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى دېسكوخانىدا ئوبدانلاتونۇتۇپتۇ .
(http://bbs.oylirim.cn)& }/ T+ k  _. s. C% E* B4 s% ~ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا بىر دوستۇم بىلەن ئۈرۈمچىدە ھەرەمباغ تاماقخانىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرساق 30 ياشلار چامىسىكى ئىككى ئەرەب يىگىتى بىر قىز بىلەن يېنىمىزدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى . قىز كۆرۈنۈشىدىن قازاقتەك تۇراتتى . مەن ئۈرۈمچىدە يىلدا ئاران نەچچە كۈنلا تۇرىدىغان بولغاچقا ئۈرۈمچىدە بۇ ئەرەپلەرنى كۆرۈپ ئازراق ھەيرانلىق ھېس قىلدىم ۋە ئۈرۈمچىگە نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە سالام قىلىپ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم . ئۇلار ئۆزلىرىنى تىببى ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ تونۇشتۇردى ۋە كەلگىلى بىر يىل بولغانلىقىنى ئېيىتتى . مەن : ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقىغا كۆنەلىدىڭلارمۇ ؟›› دېسەم ،‹‹ بەزى تاماقلىرىڭلارغا تازا كۆنەلمىدۇق ، تاماقلىرىڭلارغا ماينى بەك كۆپ ئىشلىتىدىكەنسىلەر››- دېدى . مەن:‹‹ بەلكىم ئالدىرىماي كۆنۈپ قالارسىلەر›› - دېدىم ۋە يەنە بىردەم پاراڭلىشىپ قويۇپ خوشلىشىپ ئۆز جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم . مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇلار بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە ئوخشىمايتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
گۇاڭجۇغا قايتىدىغان كۈنى ئايدورۇمدا ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدا ۋاقىت توشۇشىنى ساقلاپ ئولتۇرسام يەنە 35-36 ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ ئەرەپ كەلدى ۋە ماڭا يېقىنلا يەردە ئولتۇردى . مەن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ماڭا بۇنچە كۆپ ئەرەبلەرنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ۋە ھەيرانلىق بىلەن ئۇلاردىنمۇ نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)) \0 k4 b2 f/ R+ ]2 I% Y-كىشمىش ئالغىلى كەلگەن - دېدى بىرسى .
(http://bbs.oylirim.cn)& p6 `5 Z& m" J/ x# @-ھە ، تۇرپانغا بېرىپسىلەردە -سورىدىم مەن .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-شۇنداق ، شۇ يەرگە باردۇق.
(http://bbs.oylirim.cn)1 i% M. O' W+ Y* m-قانداق بىزنىڭ كىشمىشلەر بولامدىكەن ؟ مال ئالدىڭلارمۇ ؟
(http://bbs.oylirim.cn)6 ^3 c1 v' S8 d- بىزنىڭ يەمەننىڭكىگە يەتمەيدىكەن ، ئازراق ئۆرنەك ئېپ قايىتتۇق . كېيىن كېلىپ ئېلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ھە دەپ قويدۇم . ئاندىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تاماقخانىدا2 سەئۇدىلىق ياشنى كۆرگەنلىكىمنى ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم . ئۇلار ئۇ ئىككىسىنىڭ ماڭا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ، سەئۇدىلىقلار چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولسا ئاۋال ئامېرىكىنى ئاندىن قالسا ياۋروپانى تاللايدىغانلىقىنى ، جۇڭگونى تاللىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم بېيجىڭ، شاڭخەي ،گۇاڭجۇدەكشەھەرلەردە ئوقۇيدىغانلىقىنى ، شىنجاڭدەك ئىقتىىساد ۋە مائارىپى تۆۋەن جايلارغا ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن كەلمەيدىغانلىقىنىپەقەت ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كەلسە ئوينىغىلى كېلىدىغانلىقىنى سۆزلەشتى . مەن ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدم . بىز بىر ئايروپىلاندا گۇاڭجۇغا چۈشتۇق ۋە ئايدورومدا خوشلاشتۇق . بەلكىم ئالدىنقى ئىككى سەئۇدىلىق راستىنلا بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردۇ . كېيىنكى ئۈچ يەمەنلىك ھەقىقەتەن كىشمىش ئالغىلىرى كەلگەنلەردۇ . مەن ئۇلار ھەققىدە ئارتۇق گۇماندا بولۇشنى لايىق كۆرمىدىم .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك دېڭىز بويى رايونلىرىدا جۇڭگولۇق قىزلار بىلەن توي قىلىپ يا قىلماي بىللە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەر خېلى كۆپ . بۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇنلۇق توي خېتى بېجىرىپ بالىلىق بولغانلىرىمۇ بار . ھېچنىمىسى يوقلىرىمۇ بار . خەنزۇ قىزلارمۇ چەتئەللىكلەرگە تېگىشكە ئامراقكەن . چەتئەللىكلەرمۇ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگولۇق قىزلارغا ئۆيلىنىدىكەن . ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەنلىرى يەنە بەزى ئېھتىياجلارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىغا نەزىرىنى تىككەنىكەن . مەن بۇ يەردە ئەرەپكە تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خېلى ئاڭلىدىم ، كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمۇ بار . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ يەرلەردە تونۇشقان بولسا ھەتتا بەزىلىرىنى ئەرەپلەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئەپ كەلگەنىكەن . ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدىمۇ مەخسۇس مۇشۇنداقلارغا دەللاللىق قىلىۋاتقانلار بارمىش . ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ ھېسسىيات جەھەتتە ئاجىز ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان بولغاچقا ئەرەپكەن دېسە ماقۇل بولىدىغانلار چىقىدىكەن . ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ يەردىكى پۇلدىن باشقىنى تازا ئويلاپ كەتمەيدىغان سودىگەر ئەرەپلەرنى مىڭ يىل بۇرۇنقى تەقۋادار ئەرەپلەرگە ئوخشىتىۋالىدىكەن دە تېزلا ماقۇل بولىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ چەتئەللىكلەرمۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن ، بىركۈنلەردە دۆلىتىدىكى خوتۇنى بىلىپ قېلىپ جېدەل قىلسا ياكىتىجارىتى ئاقماي قالسا ئاستا خېتىنى بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ يوقىلىدىكەن . بۇنداق ئەھۋالدا زىيان تارتىپ يىغلاپ قالىدىغىنى يەنە شۇ بىچارە قىزلاركەن.
(http://bbs.oylirim.cn)  D$ R' n* K9 f& N0 {5 _$ pمەن يەنە تۈركلەر ۋە ئەزەرلەر بىلەن ئۆي تۇتىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر قىزىنى ئاڭلىدىم . ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باشقا مۇسۇلمان ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشى دىنى نۇقتىدىن خاتا ئەمەس . ئەمما كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى بۇ چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆي تۇتۇپ تۇرمۇش قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلمىگەن ئەكسىچە تىجارەتنى ، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن . ئۇلارنىڭ بۇ يەردە توي قىلىشى پەقەتلا باشقا مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن . چەتئەللىكلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ جۇڭگولۇق قىزلارغا ئۆيلىنىپ توي خېتى ئېلىشى جۇڭگودا تۇرۇش ئىقامىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىكەن . ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا ھەرخىل مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغانكەن . مەن چەتئەللىككە تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاجايىپ بەخت سۈرۈپ ، خوشاللىققا چۆمۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، بۇقىزلارنىڭ ئەرلىرى ئاياللىرىنىڭ باشقا ئۇيغۇر قىز دوستلىرى بىلەن باردى - كەلدى قىلىشىنى ، ھەتتا كۆپرەك تېلىفوندا سۆزلىشىشىنىمۇ خالىمايدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەن بۇنداق قىزلاردىن يىغلاپ ، ئازاپ تارتىپ قالغانلىرىدىنمۇ نەچچىنى ئاڭلىدىم .يەنە قايسىدۇر بىر قىزنىڭ شىيئەگە تېگىپ شىيئە بوپ كەتكەنلىكىنى ، يەنە بىرىنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىنى سېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ، يەنە نەچچىسىنىڭ ئالدىنىپ ۋاقىتلىق خوتۇن بوپ قالغانلىقىنى. ئىشقىلىپ ئاڭلىغانلىرىم خېلى كۆپ . ئاڭلىغان بىر- ئىككى قىرغىز ، قازاق قىزنىڭ ھېكايىسىمۇ بار . بەزى چەتئەللىكلەر كېچىلىك كۇلۇبلارغا بېرىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان قىزلارنى ئېلىپ ئۆي تۇتۇپ يۈرەرمىش. بىر قېتىم بىر نەچچە دوستۇم بىلەن مۇشۇ توغرىلىق سۆزلىشىپ قالدىم . بىرى :‹‹ بىر قىسىم قىزلار ئەرسىز كوچىدا يۈرگىچە ، ياكى كېچىلىك كۇلۇبلاردا ئۇسۇل ئويناپ ، پاھىشە بولغۇچە نېمىلا بولمىسۇن مۇشۇلارغا خوتۇن بوپ ئۆيىدە ئولتۇرغىنى ياخشى ئەمەسمۇ›› دېدى . بوپتۇ ، بۇنىغۇ ياخشى دەيلى . ئەمما قايمۇقۇپشۇلارغا خوتۇن بوپ قالغان بەزى ئەخلاقلىق قىزلارچۇ ؟ بۇ يەردىكى بىر قىسىم سودىگەر چەتئەللىكلەرنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيلا ئۇلارغا تېگىپ قالغان بىرقىسم قىزلارغا ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتماي بولمايدۇ .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىز مۇشۇ يەرلەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق . بۇ يەردىكى تۈركلەر ، ئەرەبلەر ۋە ياكى باشقا مۇسۇلمان چەتئەللىكلەر تاماقنى ئانچە ئىلغاپ كەتمەيدۇ . ماكىدونالدز ، كېنتاكىيلارغا كىرىشى ئادەتتىكى ئىش . دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئامراق بولغاچقا خەنزۇلارنىڭ ئاشخانىلىرىدىنمۇ خېلى يەپ قويىدۇ . بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەچكە دەۋاتىمىز . بۇ يەردىكى چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ ئۇنچىۋالا راستچىل ، سەمىمىيمۇ ئەمەس . ئۇيغۇر يىگىتلىرىدەك كېلىشكەنمۇ ئەمەس . ئۇلارنىڭ بولسا ئازراق پۇلى بارئەمما پۇلنى دەپلا چەتئەللىككە تېگىش توغرا ئەمەس دە . ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى سودىگەر چەتئەللىكلەرنىڭ تىجارەتتە زىيان تارتىپ ئاچقان شىركەتلىرى تاقىلىپ قالىدىغانلىرى جىق ، نەچچە قېتىم ئۆز ۋاقتىدا ۋىزا يېڭىلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ جۇڭگوغا كېلەلمەيدىغانلىرىمۇ بار . ئەگەر مۇشۇنداقلارغا يولۇقۇپ قالسىڭىز سىزنىڭ نىكاھىڭىزمۇ تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دېگەن گەپ . ئاڭلىسام چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر قىزلىرىمۇچەتئەللىكلەرگە تېگىشكە ئامراقكەن ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۇيغۇر قىزلىرى بولمىسا ئالمايدىكەن . بەلكىم ئۇيغۇر قىزلىرى رومانتىكلىققا بەك ئىنتلىدىغاندۇ ۋە ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغاندۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)) R! h; m1 u$ nشۇڭا ئۇيغۇرقىزلىرىغا دەيدىغىنىمىز چەتئەللىك يىگىتلەرگە ئۇنچە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭلار .بولۇپمۇ جۇڭگوغا كەلگەن سودىگەرلەرگە . ئۇلارغا سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئوخشىغان بىلەن ئىرقىڭلار ، تىلىڭلار ، مىجەز خۇلقىڭلار ، تۇرمۇش ئادىتىڭلار ، يېمەك - ئىچمىكىڭلار تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . شېرىنئاي مەزگىلىڭلار ھامان تۈگەيدۇ . دېمەك سىلەرنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆي تۇتۇپ كېتىشىڭلار ھەقىقەتەن مۈشكۈل . سىلەر خالىغان بىلەن ئاشۇ يولدىشىڭلار خالىسا ھېساپ . شۇڭا ئويلىنىپ ئىش قىلىڭلار ! ئۆزۈڭلارنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاڭلار ! ئېسىڭلاردا بولسۇنكى سىلەر بىر مىللەتنىڭ ئانىسىدۇرسىلەر .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)$ [/ t/ C, _! v
مەنبە : ئۈندىدار سالونى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 01:58 , Processed in 0.617489 second(s), 44 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش