ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 18195|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«مەن قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن بىر كەسلەنچۈك»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«مەن قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن بىر كەسلەنچۈك»(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)& [8 b- d* Q5 c+ p6 Y7 Y  q/ ?-ئۇيغۇر يازغۇچى، داڭلىق نەسىرچى پاتىگۈل بىلەن سۆھبەت(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سۆھبەتلەشكۈچى: شيې جىچياڭ
(http://bbs.oylirim.cn)1 A7 ?, F; A; u( b
(http://bbs.oylirim.cn). z" t# n  V3 tتەرجىمە قىلغۇچى: قاسىمجان ئوسمان غازى

(http://bbs.oylirim.cn)9 r  B8 X. N) [% o
(http://bbs.oylirim.cn)$ r! q$ j# T: z' \پاتىگۈلنىڭ تەرجىمىھالى: ئۇنىڭ ئىسمى پاتىگۇل، قىسقارتىپ ئېيتقاندا گۇلى. ئۇنىڭ غەربتىكى ئۇيغۇرلار ياقتۇرىغان ئىسمى بار. «گۇلى» دېگەن ئاتاقنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى «گۈل».
(http://bbs.oylirim.cn)$ X7 P* E$ {% d! E+ O/ zئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى پاتىگۈل ئۇرايىم مۇھەممەد بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ، ئاتىسىنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ ئىسمى تولۇق ئاتالغان. ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە مەلۇم بوشلۇق ۋە بىر چاغلاردىكى ئەسلەيدىغان ماكانى  بار بولغان بولىدۇ. «گۇلى»- ئاشۇ يىراق ماكاندىن كەلگەن، ھازىر ئۇ ئىككىنچى ماكانى بولغان شۇ يىراق جايدىكى كەنتىدە، بالىلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ 1965-يىلى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ كونا ساۋەن بازىرى دالىياڭپو كەنتىدە تۇغۇلغان، ھازىر جىياڭنەندە مۇخبىر. ئۇ تەڭرىتاغ باغرىدىكى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان بىر كەنىتتە تۇغۇلغان، ئاتىسى قەشقەرلىك ئۇيغۇر، ئاپىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىيەنشۈيلىك خۇيزۇ. كىچكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ تىللىرىغا پۇختا. ئۇ ئادەتتە خەنزۇ يېزىقىدا ئەسەر ئىجاد قىلىدۇ. ئانا تىل- يېزىقىنى بىلمىسىمۇ، خەنزۇلار مەدەنىيىتىگە پىششىق بولغاچقا، خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەشكە ماھىر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسلىقى نەسىر بولۇپ، ئۆز يۇرتىنىڭ تۇپرىقىنى ۋە كەنتىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە تەپەككۇرى بىلەن خاتىرلەيدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)  G! j+ j2 T* e' Oئۇ ھازىرغىچە 300مىڭ خەتلىك ئەسەر ئىجا قىلىپ، «خەلق ئەدەبىياتى»، «شاڭخەي ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى»، «ياشلار ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان.
(http://bbs.oylirim.cn)+ v  m1 K+ f+ G2 K" ~4 rئۇنىڭ «قۇزىچاق بىلەن مەخپىي سىردىشىش»، «ئارغۇنلار كەنتى»، «يۇرت ئەسلىمىسى» قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ، 2012-يىلى 4- نۆۋەتلىك نەقمەيداندا نەسىر ئوقۇش مۇكاپاتى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق مۇكاپاتى، «نەسىرلەردىن تاللانما» ژورنىلىنىڭ ئەڭ نادىر نەسىر مۇكاپاتىغا؛
(http://bbs.oylirim.cn)5 v5 ]' h) ^9 @! M+ {8 l7 D5 i7 N" j2013-يىلى ئۇنىڭ «بىر پارچە خېتىم» ناملىق نەسىرى مەملىكەتلىك نەسىر مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)9 F8 {6 w& N$ U, Z4 G2 _2 r2014-يىلى ئۇنىڭ 《被语言争夺的舌头》«تىل تەرىپىدىن تالىنىۋاتقان «تىل»» ناملىق ئەسىرى «خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.   (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)) V; S5 j% p$ q4 `* `: q! hشىيې جىچىياڭ: بىر پارچە ئېتىزغا كۆپ خىل زىرائەتنى بىرلا ۋاقىتتا تېرىغىلى بولمايدۇ. بىراق، ئەدەبىياتنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇ يەردىكى ئۇنىڭدا ئۈستى- ئۈستىلەپ «زىرائەت» يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. پاتىگۈل، سىز ئىلگىرى لىيۇ لىياڭچېڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ساۋەن ناھىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئوخشاش ھاياتنى ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزگەن. بىراق، سىلەر ئىككىڭلار  ئوخشاش بىر تۇپراقتىن، ئوخشىمىغان قەلب ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىقتىڭلار. دېمەك، ئوخشاش بىر يەردە ئوخشىمىغان «سىرلىق» دۇنيا بار ئىكەن. ئون نەچچە يىل بۇرۇن، بىز لىيۇ لىياڭچېڭ بىلەن ئەسرالاشتۇق. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ماڭا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ھازىر ئەسلىيەلمەيمەن، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ ئاشۇ ئەقىل چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى. كۆز دېگەن بۇ «دەرىزە» ئارقىلىق  نەزەر سالغىنىمىزدا، پىشقان ھەم كۆرۈش دائىرىسى كەڭ كاللىدا ھەقىقەتەنمۇ باشقىچە بىر ئالەم – يەنى، بىر ئادەمنىڭ كەنتى يوشۇرۇنغان بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر ئالەمچە كۆز قاراشلار سىڭگەن بولىدۇ. بۇ دەل «بىر ئادەمنىڭ كەنتى»نى بەرپا قىلىشتىكى سىرى. مېنىڭ نەزەرىمدە بىر ئاساسلىق كۆز قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ بارلىق مەۋجۇداتلار باپبارەۋەر.  بىر تال گىياھ، بىر پارچە تام، بىر ئىت، بىر قۇرت... ھەممىسى ئادەملەردەك ئوخشاش بىر تەبىقىدە تۇرغان بولىدۇ، مەن ھەم سىزنىڭ پىچاق، تانا قاتارلىق نەرسىلەرگە بولغان ئاجايىپ بايقاشلىرىڭىزنى كۆرۈپ يەتتىم ھەم يالغاندىن راستىنى يېزىش ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشىڭىزنى ياقتۇردۇم. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىيات دەل ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە ئۇسلۇبى ئارقىلىق «سىرنى بايقايدۇ». سىزنىڭ «بىر ئادەمنىڭ كەنتى»نى يازغان ئۇسلۇبىڭىز قايسى؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
پاتىگۇل: ھەر بىر ئادەم بىر دۇنيا. يېزىقچىلىق بولسا ئۆزىنىڭ روھىيەت ئالىمىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.گەرچە مەن لىيۇ لىياڭچېڭ بىلەن ئوخشاش بىر كەنىتتە ياشىغان بولساممۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرى ۋە ئائىلە ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر بىر يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ھېسسياتى ۋە دىققەت نەزەرى چۈشكەن نۇقتىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، مەن ئانا تىلىم ھەم يېزىقىم بولغان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم ھېس قىلغان مەدەنىيەت پەرقى ۋە ئۆزگىچە پىسخىكىلىق ئۆتمۈشلەر ھەمدە ھەرخىل مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلىشىشىگە بولغان كۈزىتىش نۇقتام ئۇنىڭكى بىلەن ئوخشاشمايدۇ. بولۇپمۇ مەن كېيىن  ئۆزۈم ياشىغان ماكاندىن چىقىپ كەتتىم، دەل مۇشۇلار مېنىڭ نەسىر ئىجادىيىتىمنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. مەن بىر ئۇيغۇر ئەر بىلەن بىر خۇيزۇ ئايالدىن تۇغۇلغان ئارغۇن (ئارىلاش قانلىق) پەرزەنت بولۇپلا قالماي يەنە كىچىكىمدىنلا خەنزۇلار مەدەنىيىتى مۇھىتىدا چوڭ بولدۇم. بالىلىق دەۋرىمدىكى ئاشۇ «سىرلىق ئەسلىملەر»نىڭ ھەممىسى مۇشۇ كەنىتكە مۇجەسسەملەشكەن. مېنىڭ قازماقچى بولغىنىممۇ دەل ئۇيغۇر، خۇيزۇ، خەنزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كەنىتتە خەنزۇ مەدەنىيىتىنى بەكرەك قوبۇل قىلغان بىر قىز بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى. مېنىڭ دا لىياڭپو كەنتىنى (ساۋەن ناھىيەسى كونا ساۋەن بازارلىق دا لىياڭپو كەنتى) چۆرىدەپ يازغان ئۇلانما نەسىرلىرىمنىڭ يېزىلىشى 2009-يىلى يازدىن باشلانغان، بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمگە ئەڭ ئېنىق بولغان تۇيغۇم شۇكى، دالىياڭپودىكى ئاشۇ ھايات ياشاۋاتقان ۋە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قەلبىمدىن بىر كىشىلىك ئورۇن تەلەپ قىلاتتى، مېنى ئۆستۈرگەن بۇ يەرگىمۇ ئورۇن بېرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ كەنىتتىكى ئادەملەر كىشىلەر نەزەرىدىن تولىمۇ يىراقتا بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھەقىقى يوسۇندا چۈشىنىلىشىگە مۇھتاج. مانا بۇ مېنىڭ ئەينى چاغدا بۇ كەنىتنى قەلەمگە ئېلىشىمنىڭ سەۋەبى. يەنى، ئۇ يەردىكى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى سىقىدىغان، جاندىن ئۆتكۈدەك سۈرلۈك مۇھىت كىشىنىڭ چاپچىپ تۇرغان يۈرىكىدىكى تۇيغۇلارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. مەن ئۆزۈم گۈزەل جىياڭنەندە تۇرغىنىم بىلەن، ھەر كۈنى ئۆز روھىمنى ئاشۇ خىلۋەت كەنىتتە قويۇشنى خالايمەن. بەلكىم، دەل بېكىنمە، سىرلىق ھەم تىنجىقلىقلا چەكسىز يېقىن ئارلىقتىن ئادەمنىڭ ئىپتىدائىيلىقى ۋە قان تومۇرلىرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. ئەكىسچە، ئادەملەر زىچ، ئۇچۇر تەرەققى قىلغان جايلارنىڭ كىشىگە بولغان ئاۋارىچىلىقلىرى شۇنچىكى كۆپ بولىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)" y3 O' B/ h7 M  u2 U& X5 I1 Wمېنىڭ كەچمىشلىرىممۇ ئازابتىن خالىي ئەمەس، پەقەت ئەدەبىياتلا ماڭا كۈچ- مادار ئاتا قىلغان. ئەدەبىيات مېنىڭ قايرىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئۆتمۈشۈمگە يۈزلىنىشىمگە جۈرئەت بەرگەن. يېزىقچىلىقلا، مەندە ئەزەلدىن كۆمۈلۈپ ياتقان ھايات كەچمىشلىرىمنى قايتىدىن ۋاراقلاپ چىقىشىمغا يول ئېچىپ بەردى. مەن شۇندىلا ئۆز- ئۆزۈمگە ئاستا- ئاستا چۆكۈپ كىرىپ، ئاندىن ئۆتمۈش- ئەسلىمىلەر ئىچىدە، پەرەز ۋە گۇمانلىرىمنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بايقىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)5 o5 w& e( ^8 {6 n  nمېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەنلىرى نېمە؟... ھېلىمۇ ياخشى تىل- يېزىق ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى ۋە ئىپادىلىگىلى بولىدىكەن. ئەسلىرىم ئارىسىدىن ھاياتىمنىڭ شېفىرىنى ۋە قېنىمنىڭ ھىدىنى ئىزدەيمەن. مېنىڭ قېنىم يېپىشقاق بولۇپ كەتكەن ئىدى، يېپىشقاقلىقىنى گويا قەدىم دەريانىڭ سۈيىدەك ھېس قىلىمەن. تېخىمۇ كۆپ ئەسلىمىلەر مېنىڭ قەلىمىمگە يامىشىپ، خۇددى قەدىمىي دەريا بويىدىكى بۆك- باراقسانلىققا ئايلىنىپ كېتەتتى. بۇنى ئەسلىمىلەرگە قايتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دالىياڭپوغا قايتىش دېسەك بولىدۇ. ئاندىن ئاستا- ئاستا بۇ كەنىتكە كىرىپ، شۇ لېنىيە بىلەن كەنت ئىچگە ۋە مېنىڭ سىرلىق كەچمىشلىرىمگە جاۋاب تاپىمەن. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن يېزىقچىلىق ۋە ئىجاد قىلىش جەريانى ئارقىلىق، كەنىتكە بولغان قايتا تونۇشۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. شۇڭىمۇ كىچىككىنە دالىياڭپونىڭ تۈگىمەس ھېكايىلىرى باردەك، مېنىڭ تەسۋىرلىرىممۇ ئۇنىڭ قات- قېتىغا سىڭىپ كەتتى ۋە ئاشۇ سىرلىق رەۋىش مېنىڭ ئۇلارنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەگەر سىرىتلاردىكى نەچچە ئون يىللىق سەرگەردانلىققا تولغان ھاياتىم بولمىغان بولسا، دالىياڭپو ماڭا نىسبەتەن قىلچىمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان ئادەتتىكى بىر يەر بولۇپ قېلىۋېرەتتى. ئەسلىمىلرىمنىڭ باھانىسىدا ئاندىن بۇ كەنىتنىڭ مەنەلەرگە تولۇپ، مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋاتقانلىىنىڭ تەكتىگە يەتتىم. مېڭەمدە ھامان بۇ يەرنىڭ ئەسلى رەڭگى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغاچقا، مەن بۇ ئەسىلى رەڭگە ئەسىر بولۇپ كەتمەستىن، بەلكى رەڭلەرگە تولغان رېئاللىق ئىچىدە ئۆزۈمنى تىكلەيتتىم.
(http://bbs.oylirim.cn)$ m7 K5 ?; s3 c: n- j% yشىيې جىچىياڭ: سىزنىڭ يۈرۈشلۈك ئۇلانما نەسىرلىرىڭىزدە ھېكايىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بارىكەن، ئېسىمدە قېلىشىچە ئالدىنقى يىلى مەن سىزنىڭ بىر گۇرۇپپا نەسىرلىرىڭىزنى بىر كىچىك ھېكايە قىلىپ چىققان ئىدىم. مەسىلەن، «سىرلىق ئىشلار» ناملىق ئەسىرىڭىزدە سىز ئالاھىدە بولغان كۆز قاراش- يەنى ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتېر ھەمدە ھازىرقى ئۆزىڭىز ئارقىلىق بۇرۇنقى ھالىتىڭىزنى كۈزەتتىڭىز، بۇ خىل ئەمەلىيەتتىن تاشقىرى تولۇق ئىقتىدارلىق كۆزىتىش- ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۆزىگە ئەسلىتىش ھېسابلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كۆز قاراشنى ئىشلىتىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)! n, t) R/ b: w( q4 O. Aپاتىگۇل: بەزىلەر ماڭا ئۆتمۈشنى يازغاندا ئۇنى پارچىلاپ بايان قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك دېگەن ئىدى، دېمىسىمۇ  مېنىڭ پارچىلاش قابىلىيتىم تۇغما بولسا كېرەك. مەن ئىككىنچى شەخس تىلىدا ئۆتمۈشۈمنى يازغاندا ئۆزۈمنى شۇ قەدەر جىمجىت ھېس قىلىمەن، خۇددى ئەينەككە قاراۋاتقاندەك تېتىك، ئەركىن ھەم بىخەتەر، گويا بەزى نەرسىلەردىن ئايرىلىپ ئۆزۈمگە قاراپ تۇرغاندەك. ھەتتا، ۋاقىتتىن ئايرىلىپ تۇرغان كەبى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«مەن» بۇ شەخس تەسۋىرلىگۈچىنى كۆزگە ئەڭ چېلىقىپ تۇرىدىغان يەرگە تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. ئەمما، ئۆتمۈشكە نىسبەتەن بىر خىل توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. تۈزلا ئېيتقاندا، «سىز» دېيىلىۋاتقان شەخسنىڭ تىلىمۇ سىزگە يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، بۇ يەردىكى «سىز» ئەمەلىيەتتە «مەن»دۇر.  بۇ ماھىيەتتە ئادەمنى مۇۋاپىق ئارلىقتا بىلىشتىن كۆرە، پېرسۇناژنى كۆزەتكۈزىدۇ ياكى تېخىمۇ مۇۋاپىق ھالدا مېنىڭ ئۆتمۈشنى ئايرىۋاشلاش ماھارىتىمنى نامايەن قىلالايدۇ. مەن يېزىق ئىچىدىكى «سىز»گە، يەنى بۇرۇنقى ئۆزۈمگە بولغان ئاشۇ چاك كېتىشنى ئايرىلغۇسى يوق، ئەمما، نېمىدىندۇر مەجبۇرى ئايرىلىپ كېتىۋاتقاندەك ئازابلىق ھەم يېرىلىپ كەتكەن بىر تۇيغۇ باردەك تۇيىمەن. شۇڭىمۇ جىياڭنەندىكى ئۆزۈم بىلەن بالىلىقىمدىكى ئۆزۈمگە نىسبەتەن مەيلى يەر يۈزىدىن، مەيلى مەدەنىيەت ئىھتىماللىقىدىن بىر خىل يوشۇرۇن ئازابىم بار. بۇلارنىڭ ھەممىسنى سىرلىق ھالدا بۇرۇنقى «سىز»گە يوشۇردۇم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئىچكى تۇرمۇشى ئىچىدىكى ئايرىم بىر ئادەملىك ھايات ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn); t# F6 P8 S( C5 c8 w2 Aكىچىك چاغلىرىمدا دائىم دەريا بويىغا بېرىپ، كەسلەنچۈكلەرگە چالما ئېتىپ قوغلايتتىم، كەسلەنچۈك قورققىنىدىن ئۈزىۋېتىلگەن قۇيرۇقىنى تاشلاپ قاچاتتى. توختىماي قوغلاپ كەلگەن ۋاقىتنىڭ قىستىشى ئاستىدا، مەن گويا قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن كەسلەنچۈك، ئۆتكەن ئىشلار دەل مېنىڭ دالىدا تاشلاپ قويغان قۇيرۇقۇم ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا، مەن ھازىرىمدىن ئۆتمۈشۈمگە قارايمەن، يۈتۈپ كەتكەن قۇ يرۇقۇمنىڭ مېنى ئىزدەپ تېپىشىنى، مەن بىلەن بېرىكىپ كېتىشىنى كۈتىمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)+ Y4 \) l9 r5 B) H* U2 B$ nمېنىڭ يېزىقچىلىقىم قارىماققا ئۆز-ئۆزۈمنىلا ئەمەس، ھەتتا بۇرۇنقى تۇرمۇشۇمنى ئېتراپ قىلغىنىمدۇر. دېمەك، ئەسلى «سىز» تۇرمۇشتا «مەن» تەرىپىدىن يوقۇتۇپ قويۇلدى، مەن ئاخىرى ئۇنىڭ ئەسلىمىلەرنى بويلاپ قايتىپ كەلگىنىنى ۋە مېنى قايتىدىن تېپىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.
(http://bbs.oylirim.cn)# h  K$ Q% n' |% F6 E' o1 bئەسلىمىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ خۇددى تاشلاپ قويۇلغىنىغا ئۇزاق بولغان قۇيرۇقتەك ھاياتلىق بىلەن نەچچە ئون يىل ھەپىلەشتى، گويا ھاياتلىقنى ئۆزىگە يۈكۈندۈرمەكچى بولغاندەك. مانا شۇندىلا، «ئەسلىمە» دەپ ئاتالغان بۇ قۇيرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى بايقىغىلى بولىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىيې جىچىياڭ: ئەسەر ماتېرىياللىرىنى تاللاشتا، چوقۇم بىر ئۇسلۇب بولىشى كېرەك. «پۇراق» دېگەن ئەسىرىڭىزدە سىز «ھىد»نى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بايقىشىڭىزغا بۆسۈپ كىردىڭىز. بۇ بۇ خىل خاس پۇراقنى كىرىش ئېغىزى قىلىپ تۇرۇپ، بىر كەنىتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق ئىزدەندىڭىز، يەنە كېلىپ ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بار. بۇ «ھىد» ھەممىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىۋەتكەن، بولۇپمۇ سىز «ھىد» ئارقىلىق دادىڭىزنى تونىۋالدىڭىز، يەنە تېخى دادىڭىزنىڭ ھىدى يىراق، كەڭرى كەتكەن جايلاردىكى سىرىتقى دۇنيادىن كەلگەن. ھەقىقەتەنمۇ «بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ ھىدنى پۇراش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ». پۇراق بولسا، سىزنىڭ بۇ نەسىرىڭىزنىڭ «پارچىسى»نىڭ يىپ ئۇچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئىنچىكە نۇقتا بار، سىز مەلۇم شەھەردىن كەلگەن بىر ئايال زىيالىينىڭ ئەتتىر سوپىنى ئارقىلىق «مەلۇم بىر چۈشتىن كېيىندە مېزىلىك پۇراپ تۇرغان خەنزۇ قىز»نى ئىما قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىز چوڭ بولۇپ كەتتىڭىز ۋە «ئاستا- ئاستا باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندىڭىز». ئەگەر نەسىر ئۆتمۈشنىڭ يالدامىسى دېيىلسە، نەسىر ئىجادىيىتىڭىز جەريانىدىكى تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)1 |) Y, L( T6 ?+ c" ~0 oپاتىگۇل: بىزنىڭ پۇراش، ئاڭلاش، تېتىش  سەزگۈمىز ۋە تېرە سەزگۈمىز بىر خىل ھېسسىياتنى قوزغىتىدۇ. پۇراقتىن، ئاۋازدىن، تەمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەسلىمىلەر دۇنياسى شۇ قەدەر جانلىنىپ كېتىدۇ. مېنىڭ پۇراش سەزگۈم كىچىكىمدىنلا ناھايىتى ئۆتكۈز، بۇ سەزگۈم مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسلىرىمنى يىغىۋالغان. ئۇلار ئارقىلىق نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر شۇنچە ئېنىق، ھەر قېتىم ئەسىلىمىلىرىمدىكى تونۇش پۇراقنى ھىدلىغان ۋاقتىمدا، شۇ پۇراققا ئەگىشىپ بۇرۇنقى تۇرمۇشۇمدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە ئىشلارنى ئېسىمگە ئالالايمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)7 Q. K' V; Q4 M' W+ z. nكۆرۈش سەزگۈم، ئاڭلاش سەزگۈم، پۇراش سەزگۈم، تەم سەزگۈم ۋە تېرە سەزگۈلىرىم ھەممىسى بىر چوڭ تورغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل تۇيغۇلارنى بىراقلا يوق قىلىۋېتىدۇ. مەن دائىم مۇشۇ سەزگۈ ئەزالىرىم بىلەن بۇ دۇنيانى سېزىمەن. پۇراقنىڭ ئۆزى بىر خىل سىرلىق تىلدۇر، پۇراق – بىزنىڭ سانسىز خىياللىرىمىزنى پەيدا قىلىدۇ. مەن تۇرغان كەنىتتە قوي قوتىنى، ئېتىزلىق، ئۆيلەر، سەي تېرىغان يەرلەر... بۇلارنىڭ ھەمممىسنى پۇرىغىلى بولىدۇ؛ خۇددى بىر شەھەردە ئۇزاق تۇرغان ئادەم، كۆزىنى تېڭىپ قويسىمۇ پۇراش سېزىمى ئارقىلىق شۇ شەھەرنىڭ  ئەڭ كونا يەرلىرىنىمۇ، ھەتتا ئاياق دۇكىنى، بولكا دۇكىنى، گۆش دۇكىنى، كىتابخانا قاتارلىقلارنى ھىدلاپ تاپالىغاندەك، مەنمۇ كەنتىمنىڭ «پۇراق خەرىتىسى»نى سىزىپ چىقالايمەن. چوڭ مېڭىنىڭ مۇشۇنچىۋالا كۆپ پۇراقنى پەرق ئېتىپ ئەستە ساقلىيالىشى- ھەقىقەتەنمۇ تەڭرىنىڭ بۈيۈك بىر سوۋغىسىدۇر. نىھايەت، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلار تۇتۇق ئەسلىمىلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، پەقەت ئەدەبىياتلا بۇ غۇۋالىققا نۇر بېرىپ كەلگەن. شۇڭا، ئەدەبىيات چوڭقۇر مەنىلىكلىكى بىلەنلا غۇۋا ئەسلىمىلەرنى قېزىپ چىقالايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)& i) f0 c4 H- \6 |0 U3 k# p" f, Xدەرۋەقە، پۇراق ئەسلىمىلەرنى كۈچلۈك قوزغۇتۇش بىلەن بىرگە، بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئويغىتىدۇ، سۈپىتىمىزنى بەلگۈلەشكە ياردەملىشىدۇ. گۆش يەيدىغان ئادەم گۆش يېمەيدىغان ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمىغان پۇراقنى تارقاتقانغانغا ئوخشاش، ھەر بىر ئادەمنىڭ پۇرىقى ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېرسىيەت ئامىلى ئوخشىمايدۇ. يېمەك- ئىچمىكى، ھېسسىيات ھالىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. بەدىنىمىزدىكى ئىپتىدائىي پۇراقلار بىزنى بالىلىق دەۋرىمىزگە قايتۇرۇپ كېتىدۇ، بۇ ھالەت ياسالمىلىقتىن، سۈنئىيلىكتىن خالىي بولىدۇ. مانا مۇشۇ سىرلىق پۇراش سېزىمىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سۇس يورۇق تۇرغان «كارىدۇر»غا كىرەلەيمەن ھەم ئۇنىڭدىن كەنتىمگە بېرىش يولىنى تاپالايمەن، سېرىق توپىدىن قوپۇرۇلغان ئەڭ تۇنجى ھىدقا ئىگە بولغان كاڭ بار ئۆيۈمگە قايتالايمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىيې جىچىياڭ: ئىنسانلارنىڭ كان قېزىش تارىخى ئاتالمىش «ئالغا ئىلگىرلەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قانداق دەۋردە قانداق كاننى قېزىشقا خۇددى پىلان سوقۇپ قويغاندەكلا بولۇپ كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوران كانى قېزىلغان، ناۋادا بۇنى ئالدىغا ياكى كەينىگە سۈرسەك جەمئىيەت تارىخىدا قانداق روي يۈز بېرەر؟ شۇنىڭدەك، بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانداق ۋاقىتتا قانداق كاننى «قېزىش» خۇددى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدەك ئەدەبىياتنىڭ «كان قېزىش تارىخى» بارلىققا كېلىدۇ. سىز لىيۇ لىياڭچېڭ بىلەن ئوخشاش بىر تۇپراق ئۈستىدە «قېزىش» ئېلىپ بارىسىلەر، قېزىپ چىققان بايلىقلارنىڭ پەرقى شۇ قەدەر ئېنىق. ئون نەچچە يىللار بۇرۇن لىيۇ لىياڭچېڭ «بىر ئادەمنىڭ كەنتى»نى قېزىپ چىقىپ بولغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن:« پاتىگۇل، سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزگە خاس بولغان بىر ئادەمنىڭ كەنتىنى يازمايسىز؟» دېگەن ئىدىم. ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن سىز ئاخىرى «مەيدانغا چىقتىڭىز»، نېمىشقا شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى؟ قانداق سەۋەب سىزنىڭ «بىر ئادەمنىڭ كەنتى»نى قېزىپ چىقىشىڭىزغا تۈرتكە بولدى؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
پاتىگۇل: شۇ يىلى يۇرتۇمغا قايتا بارغاندا، مەن چوڭ بولغان بۇرۇنقى ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى مەنەلەرنى تونۇپ يەتتىم، بۇ بىشارەتتىن مەن ئاستا- ئاستا يۈكۈنۈپ قالدىم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنىڭ گۇۋاھچىسى ئاللىبۇرۇن كېرەكسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى، بالىلىقىمدىكى مەن بىلەن بىللە ئوت ئوتاپ، قوي بېقىشقان، «شەپەق يۈدۈپ ئۆيگە قايىتقان» ئېنىمنىڭ ئاتامدىن قالغان مال- مۈلۈكلەرنى سېتىۋىتىپ دالىياڭپودىن چىقىپ، ئادەملەر مىغ- مىغ يۈرگەن شەھەرلەردە ياشاپ يۈرگىنىنى، بىر چاماداننى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، باش تىقىدىغان يېرى قالمىغان بىر سەرگەردان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن شاڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان سىڭلىمنىڭ باياشاد تۇرمۇشىدىن بەكرەك دالىياڭپودىكى كۈنلەرنى سېغىنغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن بۇ كەنىتتە يېڭىدىن بىر ئۆي سالماقچى، بۇ يەردە يېڭىدىن بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم-ھە! ئەمەلىيەتتە مەن، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەردىن قەلەمگە ئالغۇچىنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت ئويغىتىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دالىياڭپو مېنىڭ ھاياتىم باشلانغان جاي. مەن بۇ يەرگە ئەسلىمىلەرنى ئىزدەپ كەلدىممۇ ياكى خەتلىرىم ئارقىلىق ئۇلارنى ئىز قوغلاۋاتامدىم ئېنىق ئەمەس ئىدى. يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ 20 يىلدىن كېيىن، يازمىلىرىم ئەسلىمىلىرىمنى قايتا تىرىلدۈردى، قايتا كۆرۈش مۇمكىنچىلكى بولمىغان ئەشۇ نەرسىلەر يېزىپ چىقىش ئارقىلىق پەيدا بولدى، خاتىرلەش جەريانىدا ئاشۇ ئاچچىق ئەسلىمىلەر شېرىن تۇيغۇغا ئايلاندى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دالىياڭپودىكى تۇرمۇشۇم ئىككىنچى ھاياتىمغا ئايلىنىپ كەتتى، مەن بار كۈچۈم بىلەن بارلىق مودا سۆزلەرنى تاشلاپ، ئىپادىلەش ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىنى قۇملۇقتىكى بىر قەدىمىي كەنىتنىڭ ئاستا رىتىمىغا ماسلاشتۇردۇم.
(http://bbs.oylirim.cn)4 Q. e/ {8 H: j9 C- y3 C. k$ z) Dئۆتكەن كۈنلەر بىر- بىرلەپ زاھىر بولۇشقا باشلىغاندا، مەن كەچمىشلەرگە سىڭگەن بىر تال يوپۇرماق، ھەتتا بىر تال نۇرنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ ئارقىلىق قەلبىمدىكى سىرنى ئىزدەيتتىم، مېنىڭچە، بۇ سىرلارنىڭ ئارقىسىغا پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. مەن ئىزدىگۈچى، ئىزدەۋاتقىنىم ئۇنىڭدىكى تىلسىملار دېيىشكە بولىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شىيې جىچىياڭ: 2006-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئورخان پامۇق ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تۈركىيەدە تۇقۇنۇشىشى ۋە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. مەدەنىيەتنىڭ توقۇنىشىشى ۋە گىرەلىشىپ كېتىشىنى يېزىشمۇ ئەينى ۋاقىتلارغا نىسبەتەن دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان تېما ئىدى. شىنجاڭ بولسا، مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ «قېنى ئارلىشىپ» كەتكەن رايون.  دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت ئۇ يەردە ئۇچرىشىپلا قالماي يەنە تېخى كۆپ مىللەتنىڭ بىرلىكتە ياشاپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشىمۇ ئوخشىمىغان بىر ئالاھىدە مەدەنىيەتنى ھاسىل قىلغان. سىزمۇ بىر «ئارغۇن ئايال» بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مەقسەتسىز ھالدا مەدەنىيەتنىڭ بېرىكىش «يالدامىسى» بولىسىز. سىزنىڭ نەسىرلىرىڭىز بۇ خىل «سىرلىق ياشاش» ھالىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ سىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىڭىزنى، كىملىكىڭىزنى، قاياققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ خۇددى سىز «ئارغۇننىڭ كۈنلىرى» دە «دادام خۇددى ئىككى خىل نەرسىنىڭ بېرىكىشىگە ھېرىسمەن بولۇپ قالغاندەك، دائىم مەلۇم ئوخشاشلىقى بولغان ئىككى خىل نەرسىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ، ئۇلارنى كىرىشتۈرۈپ، يەنە بىر خىل نەرسىگە ئايلاندۇرۇشقا تېرىشاتتى» دەپ يازغىنىڭزدەك ئەھۋالنى ئايان قىلىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىز ئەجدادلىرىڭىزنىڭ مەدەنىيەتلەرنى يۇغۇرۇش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلدىڭىز. ئۆزىڭىزمۇ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى بەك چىرايلىق ئېيتالايسىز ۋە ياۋجۇ تىياتىرىدىكى تېكىستلەرنىمۇ ئېيتالايسىز. بۇنىڭدىن سىزدىكى جۇغلانمىنىڭ قانچىلىق چوڭلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سىزنىڭ تەقدىرىڭىز- شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىپ جېجىياڭغىچە بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا قاراپ ماڭغان. سىز مانا مۇشۇنداق ئوخشاش ۋاقىتتىكى بوشلۇق ئىچىدە مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە بېرىكىشىگە قانداق قارايسىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)5 Z7 f; O9 p- o9 A+ N, z. iپاتىگۇل: توغرا، «ئارغۇن»نىڭ مەنىسى يەنە سىز ئېيتقاندەك «بېرىكىش»، شۇنداقلا مەن دەل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگەرگەن تىپى. بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھېس- تۇيغۇسى.  مېنىڭ داداممۇ دالىياڭپو كەنتىدە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاپ ئۆستۈرۈش ئۇستىسى بولۇپلا قالماي يەنە، ھايۋاناتلارنى جۈپلەشتۈرۈپ نەسىللەندۈرۈشتە نامى چىققان ئادەم. ئۇنىڭدا گويا ئارىلاش ۋە قان تىپى ۋە ئۆزگەرگەن ئۇرۇققا بولغان بىر ئىشتىياق بار ئىدى. بىراق، مەن 18 ياشقا كىرىپ، دالىياڭپودىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ھايات ۋە تۇرمۇشۇم ھەرخىل جايلاردا دورامچىلىق ياكى تەقلىد قىلىش بىلەن تولۇپ كەتتى. ئويلاپ قالىمەن، دادام ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ كونا تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى جاھىللىق بىلەن ساقلاپ قېلىۋەرسەك، جەمەتىمىزدە چەك- چېگرا ئارلىقى تېخىمۇ زورىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممىمىزگە خەنزۇچە ئۆگەتكەنىكەن. ئەمما، مېنىڭ ھازىر تېرىشىپ قىلماقچى بولغىنىم بۇ خىل «ئارغۇن (ئارىلاشما قان)»لىق ئىچىدىكى ئۆزۈمنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
(http://bbs.oylirim.cn)1 U9 y* V* x0 s" e( _' h+ [) Xئانا يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسى ئادەتتىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم تۇيۇلىدىكەن. ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتىم قانچە ئۇزارغانسېرى ئۆزۈمنىڭ زادى كىملىكىنى بەكمۇ بىلگۈم كېلىدىغان بولدۇم، ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا توختىماي ئۆتمۈشۈمنى قوغلىشىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ ئۆتمۈشۈم ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنۇمنى بېكىتكۈم كېلىدۇ. كىملىك راستىنلا شۇنچە مۇھىممۇ؟ بەلكىم، بۇنىڭغا ئاشۇ خىل ئوخشاش كەچمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرلا ئەڭ سەمىمىي جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن.
(http://bbs.oylirim.cn)# @# S' |& @9 r/ S  W6 B«دورامچۇقنىڭ ھاياتى» دېگەن نەسىرىمدە، مەن ئۆزۈمنىڭ دۇرامچۇقلۇق سالاھىيتىمنى يازغان، يېزىقتىمۇ ئوخشاشلا ئەسلىمىلەرنى دورىدىم، ئۇنىڭدا ئۆزۈمنى: «جەنۇبقا نىسبەتەن، مەن ئەمەلىيەتتە بىر كىملىكى كەمتۈك بىر ئادەم- مەن دائىم تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلاردىن ئۆزۈمنىڭ سالاھىيتىنى تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن. تۇنجى قېتىم جەنۇبقا كەلگەن شۇ كۈنلەردە ماددى ۋە روھىي جەھەتتىن قوش بېسىمغا دۇچ كەلدىم، بۇ ھالەت يۈرىكىمنىڭ قات- قېتىغا نەزەر سېلىشىمغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بارغانچە  مەن دائىم ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىتىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك، چۈشلىرىمدىن چۆچۈپ ئويغانغاندا، ئۆزۈمنى خۇددى جىياڭنەننىڭ سوغۇق باھار يامغۇرىدا ھېچكىمنىڭ بېقىۋالغۇسىمۇ يوق، تاشلىۋېتىلگەن بىر يېتىم بالىدەك سەزمەكتىمەن.» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)# a' k* s$ `! g8 W, rشىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش مۇھىتىدا تۇرىمەن، تۇرمۇشقا بىر يوچۇق چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىدىم. بەزىلەر مېنىڭ نەسىرلىرىم ھەققىدە «كىشىگە مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە جەھەتتىن بىر خىل ئەبجەش ۋە يىمىرىلىش تۇيغۇسى بېرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئىدىيە جەھەتتىن ئېغىر ئازاب ۋە ئەلەم تۇيغۇسى بار» دىيىشتى. دېمىسىمۇ، مەدەنىيەتنىڭ بۇ خىل يېرىلىش تۇيغۇسى مەندە چوڭقۇر ھەم ئېنىق جاراھەت ئىزى قالدۇردى. ھەتتا چۈشلىرىمدىمۇ ئۆز ئۆيۈمگە قايتىش يولۇمدا تېركىشىۋاتقانلىقىمنى كۆرىمەن، يا يولدا ماشىنا ئۇچرىمايدۇ ۋە ياكى يولۇمنىڭ يۈنىلىشى ئۆزگىرىپ كېتىپلا قالماي، بۇ يوللىرىمنى قويۇق ئوت- چۆپلەر بېسىپ كەتكەنلىكتىن توسۇلۇپ قالغان، گاھى تاشلار دۆۋلىنىپ كەتكەن... ئىشقىلىپ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئېزىپ قالغانلىقتىن بولىۋاتقان قىيناڭغۇ ھېسسىيات بۇ چۈشلەرگە ھەر قاچان ھەمراھ بولغىنى بولغان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ھازىر يېزىۋاتقان نەسىرلەرنىڭ ھەممىسى- ئۆتمۈشتىكى مەن ۋە ھازىرقى مەننى مەدەنىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇپىغا قويۇپ، بىر خىل ياساپ چىقىش ۋە پەرلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك بولغان ھاياتلىق پائالىيىتى بولسا، بىر خىل مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۆز ئانا مەدەنىيىتىم بىلەن ئايرىلمىغان ھالەتتە يەنە، ئىككى خىل ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن قان ئارىسىدىن ھاياتنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلىش. ئاتا- ئۇ بىر بەلگە- نىشان. ئۇنىڭ بەلگۈلەيدىغىنى، قىلىغانلىرى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان مەدەنىيەتنىڭ يارقىن ئىپادىسى. مەن پەقەت ئاتامنىڭ ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ، ئۆزۈمنى يېزىش ئارقىلىق مۇكەممەللەشتۈرىمەن. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دالىياڭپو ۋە مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۈياۋ مېنىڭ ئىككى يۇرتۇم. مېنىڭ يلتىزىم بۇ ئىككى تۇپراقتا. مېنىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەن چۈشۈم- ھاياتقا بولغان تولۇقلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈمگە تىمسالدۇر. مېنىڭ يېزىقىم بولسا- يەر بىلەن ئاسماننىڭ چېگراسىنى بۆسۈپ، «ئىككى قۇتۇپ»نى بىرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا بىر خىل ئادىمىيلىككە كىرىش ۋە ئۇنى ئىزدەش پائالىيتىمدۇر.
(http://bbs.oylirim.cn): [. b* z9 G7 Z8 ]+ K* f+ R4 y( ~(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ سۆھبەت پاتىگۇلنىڭ ئۇستاز ئازاد سۇلتان ئۇيغۇرچە ئىسمىنى يېزىپ بەرگەن «يۇرت ئەستىلىكى» ناملىق ئۇلانما نەسىرلەر توپلىمىنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن بابىدىن تەرجىمە قىلىندى.)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2015-2-3(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 23:17 , Processed in 0.710202 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش