(ئەنگلىيە خەلق چۆچەكلىرى)
بىر كۈنى، بىر قىز باشقىلارغا چاكار بولۇپ ئىشلەش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپتۇ.بىر مۆتىۋەر ئۇنى چاكارلىققا ئېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا مۆتىۋەرئۇنىڭغا بەزىبىر ئالاھىدە ئىشلارنى ئۆگەتمەكچى بوپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭئىسمى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن. ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە ئاتىلىشىبار ئىكەن.
ـ سەن مېنى نېمە دەپ ئاتىماقچى؟ - دەپ سوراپتۇ.
ـ سىلىنى خوجايىن ياكى ئەپەندى دەپ چاقىراي، قايسىسىنى خالىسىلا شۇنىدەي بېگىم، - دەپتۇ قىز.
ـ توغرا ئەمەس، مېنى «بەگلەرنىڭ بېگى» دەپ ئاتىشىڭ كېرەك، چۈنكى مەن بارلىقبەگلەرنىڭ بېگى، - دەپتۇ مۆتىۋەر. ئاندىن كارىۋاتنى كۆرسىتىپتۇ،
ـ خوش، ئەمدى بۇنى نېمە دەپ ئاتىماقچى سەن؟
ـ ئۇخلاش ئورنى ياكى كارىۋات دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇبېگىم.
ـ توغرا ئەمەس، بۇنى «ئاق غاز» دەپ ئاتايمىز، ھە، ئەمدى بۇنى نېمە دەيمىز؟ـ مۆتىۋەر ئۆزىنىڭ ئىشتىنىنى كۆرسىتىپتۇ.
ـ ئىشتان ياكى شىم دېسەكمۇ ئوخشاش، سىلىچە نېمە دېسەم بولىدىكىن؟
ـ ئۇنى «قوش تۇرۇبا» دېگىن. يەنە سوراپ باقاي، بۇنى نېمە دەپ ئاتىماقچىسەن؟ - مۆتىۋەر مۈشۈكنى كۆرسىتىپتۇ.
ـ مۈشۈك ياكى ئاسلان دېسەكمىكىن، ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ بېگىم.
ـ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى «بۇرۇت قويۇۋالغان كىچىك مايمۇن» دېيىشىڭ كېرەك.ھە بۇنىچۇ؟ - مۆتىۋەر ئوچاقتىكى ئوتنى كۆرسىتىپتۇ.
ـ يالقۇن ياكى ئۇچقۇندۇ، ئۆزلىرى نېمە دەيلىكىن.
ـ ئۇنى «قىزىل رەڭلىك كىچىك خوراز» دەپ ئاتىشىڭ كېرەك. ھە، بۇنىچۇ؟ ـئۇ سۇنى كۆرسىتىپ.
ـ سۈزۈك سۇ ياكى پاكىز سۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۆزلىرى بېكىتسىلە بېگىم.
ـ يەنە خاتا دېدىڭ. بۇنى «پاكلىقنىڭ مۇقەددەس بۇلىقى» دەيمىز. ھە مېنىڭبۇ ئۆيۈمنى نېمە دەپ ئاتايسەن؟
ـ ئۆي ياكى تۇرالغۇ دېسەك بولار، يەنىلا ئۆزلىرى دېگەنلىرى تۈزۈك.
ـ ئۇنى «تاغ ئىچىدىكى تاغ» دەپ ئاتىشىڭ كېرەك.
يېرىم كېچە بولغاندا ئالاقزادە بولغان چاكار ۋارقىراپ - جارقىراپ خوجايىنىنىئويغىتىپتۇ:
ـ ۋاي، بەگلەرنىڭ بېگى! ئۆزلىرى تېزدىن ئاق غازلىرىدىن چۈشۈپ، قوش تۇرۇبىنىكىيسىلە! قىزىل رەڭلىك كىچىك خوراز بۇرۇت قويغان كىچىك مايمۇننىڭ قۇيرۇقىغا چۈشۈپ كەتتى.تېز بېرىپ پاكلىقنىڭ مۇقەددەس بۇلىقىنى ئېلىپ كەلمىسىلە، قىزىل رەڭلىك كىچىك خورازسىلىنىڭ تاغ ئىچىدىكى تاغلىرىنى يەۋېتىدىغان بولدى!
ئابدۇكېرىم ئىبراھىم تەرجىمىسى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )