ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 578|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇركى مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆرپادەتلىرى- ئادەتلىرى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىرتەركىبى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان بارلىق كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگۈچى ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزئەلۋەتتە. ئۇيغۇر فولكلورىغا بولغان كەسپى قىزىقىش مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئادەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. مەن بۇ مەيداندا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى يەرلىك ئادەتلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى كوپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مېھماننى قەدىرلەش، مېھماننى ئىززەتلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر مىللىتى تولىمۇ مېھماندوست خۇشخۇي، داستىخىنى كەڭ مىللەت بولۇپ، مېھماننى ناھايىتى چوڭ كۆرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا"ياخشى تامىقىڭنى مېھمانغا بەر، چىرايلىق ئىگىنىڭنى ئۆزۇڭ كىي " دەيدىغان ھېكمەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرمۇشىدا بۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلگەن، ئۇيغۇرلاردا يىراقتىن بىر كىشى ئۆز مەھەللىسى ياكى ئۆز يېزىسىغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بولسا مەيلى ئۇكىشىنى تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن ئۇنىڭدىن ھال سوراپ كىرىدىغان، ئۇنى نۆۋەت بىلەن ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىدىغان ئادەت بار، ئۇيغۇرلاردا" مېھمان كەلدى بەرىكەت كەلدى. " "مېھماننى خۇدايىم رىزقى بىلەن ئەكېلىدۇ "دەيدىغان ماقال - تەمسىللەر بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆرپادەتلىرى-ئادەت تەربىيىسى بەرگەن چېغىدا مېھماننى ئىززەتلەش ھەققىدە ئالاھىدە تەربىيە بېرىدىغان بولۇپ، قىز - يىگىت نىكاھ تويىدا قىزغا تويلۇق مېلى ئالغاندا تويلۇق مال ئىچىدە داستىخان بىلەن پەرتۇقنىمۇ قوشۇپ ئالىدۇ، قىزغا "ئاقلىق چاي "( چوڭ چاي ياكى تويلۇق مال ) ئەكىرگەن كۈنى يۇرت - جامائەت ئالدىدا قىزنىڭ ئانىسىغا تويلۇق ماللارنى قويغان چاغدا، يىگىت تەرەپنىڭ ئەلچىسى ساندۇقنى ئېچىپ، ئالدى بىلەن داستىخان ۋە پەرتۇقنى قويۇپ " قىزىمىزنىڭ داستىخىنى كەڭ بولغاي، مېھمانغا خۇش چىراي ئاچقاي ؛سەھەر تۇرۇپ تۈڭلۈكنى ئاچقاي، ئۆيىگە بەرىكەت ياققاي...." دېگەنگە ئوخشاش تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئېڭىغا مېھماننى ئىززەتلەش ئېڭى سىغىپ كەتكەن بولۇپ، مەيلى چاقىرىلغان مېھمان بولسۇن ياكى چاقىرىلمىغان مېھمان بولسۇن، ئىززەت - ئىكرام بىلەن قارشى ئېلىپ ئاستىغا كۆرپە سېلىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىشتىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىپ، قايتىشىدا ساق-سالامەت ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)# \7 k- {# n8 jئۇيغۇرلارنىڭ مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلەر ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندە مەن بۇنى باسقۇچلارغا بولۇپ بايان قىلماقچىمەن.
(http://bbs.oylirim.cn): |7 p. Y  A) f$ r2 a6 E4 `4 f1. مېھمان كېلىشتىن بۇرۇن چوڭ تازىلىق قىلىش ئادىتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلاردا چاقىرىلغان مېھمان كېلىشتىن بىر ياكى بىرنەچچە كۈناۋۋال ھويلا - ئارام، ئايۋان - ساراي، ھەتتا كوچا-كويلارنى تازىلاپ مېھماننى پاكىزە ئازادە مۇھىت ئىچىدە كۈتۈۋالىدىغان ئادەت ئومۇملاشقان، بولۇپمۇ توي-تۆكۈن ھېيت - بايراملاردا ساراي ئوي ئالاھىدە تازىلىنىپ، كۆرپىلەر سېلىنىپ قويۇلىدۇ.ئۆلۈم-يىتىم نەزىر چىراغ قاتارلىق مۇسىبەت كۈنلىرىدىمۇ قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق -تۇغقانلار مۇسىبەت بولغۇچىغا ياردەملىشىپ ئوي تازىلاپ كەلگەن جامائەتنى ئۇزىتىشىپ بېرىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
2. ئىشىك- دەرۋازىلارنى ئوچۇق قويۇش ئادىتى.
(http://bbs.oylirim.cn)6 Z/ F, v# T- C) ~ئۇيغۇرلاردا مېھمان كېلىدىغان كۈنى ئىشىك - دەرۋازىلار ئوچۇق قويۇلىدۇ، ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن، نەزىر-چىراغلاردا بولسا دەرۋازا ئۇلۇغ ئوچۇق قويۇلىدىغان بولۇپ، مېھمانلارنىڭ ئىشىكنى چېكىپ كىرىشى ساھىپخان ئۈچۈن نومۇس ئىش ھېسابلىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)' B; b7 R# L3 S3 }& K% c* W3. مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىك.
(http://bbs.oylirim.cn)% G& k- \1 }7 Q7 y- Eمېھمانلار كەلگەندە ساھىپخان مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىپ سالاملىشىدۇ، ئەرلەر ئوڭ قولىنى سول كۆكرىكىگە ( يۈرىكى ئۈستىگە ) قويۇپ، "سالامۇئەلەيكۇم "دەپ ياكى ئۆز- ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، يېقىن ئۇرۇق -(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تۇغقان، ئەل -ئاغىنىلەر سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ ؛ ئاياللار مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ، ياكى ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە ئۈستىگە قويۇپ، ئالدىغا سەل ئېگىلىپ سالاملىشىدۇ ؛ ئۇيغۇرلاردا(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەر - ئاياللار ئۆز- ئارا سالاملاشقاندا قارشى تەرەپنىڭ قولىنى تۇتمايدىغان بولۇپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ باش لىڭشىتىپ، ئالدىغا سەلېگىلىپ ئامانلىق سورىشىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ ياشانغان كىشى بولسا ئاۋۋال سالام بېرىپ ئاندىن ئالدىغا بېرىپ، ئىككى قولىنى تۇتۇپ قىزغىن سالاملىشىدۇ ياشانغان كىشى ياشلارنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ،(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
4. چاقىرىلغان مېھمانغا قۇرۇق قول بارماسلىق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلاردا چاقىرىلغان مېھمان ساھىبخانىنىڭ ئۆيىگە قۇرۇق قول بارمايدۇ. ئادەتتە ئايال مېھمانلار داستىخان ھازىرلاپ كېلىدۇ، ئۇيغۇرلاردا ئەرلەر ئادىمىگەرچىلىك ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ، مېھمان كۈتۈش، مېھمانغا بارغاندا سوۋغا - سالام تەييارلاش
(http://bbs.oylirim.cn)' D" @% r8 F$ d( k% [- Kئاياللارنىڭ ئىشى، ئەرلەر پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتە ئايالنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. ساھىپخان مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئايال ساھىپخان مېھماننىڭ قولىدىن رەھمەت - ھەشقاللا ئېيتىپ، داستىخاننى ئېلىپ مېھمانلارنى ساراي ئۆيگە باشلايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
5. مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇش تەرتىپى
(http://bbs.oylirim.cn)$ P( O% ~' ~1 Jئۇيغۇرلاردا ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپى تور، سول تەرىپى پەگا دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا مېھمانلار ئادەتتە ئوينىڭ ئوڭ تەرىپىگە ھەم يۇقىرىغا باشلىنىدۇ. مېھمانلار ئۆزىنىڭ ياش قۇرامى بويىچە ئولتۇرىدۇ، يېشى چوڭلار تۆردە ياشلار پەگادا ئولتۇرىدۇ. چوڭ مەرىكىلەردە ئەر - ئاياللار ئايرىمۆيلەرگە باشلىنىپ داستىخان سېلىنىدۇ، ئەر مېھمانلار بىلەن ئايال مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇش قائىدىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەرلەر كۆرپە ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ، ياكى يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ ؛ ئاياللار تىزىنى يانتۇراق ئېگىپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، پۇتىنى كۆرسەتمىگەن ئاساستا يېنىچە ئولتۇرىدۇ، داستىخان ئۈستىدە پۇتىنى سۇنۇپ خالىغانچە ئولتۇرۇش بولۇپمۇ پۇتىنى مېھمانلارغا قارىتىپ خالىغانچە ئولتۇرۇش ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. مېھمانلار ئولتۇرۇپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، ساھىپخان بىلەن قايتا - تىنچلىق سورىشىدۇ، بۇچاغدا ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ ياكى ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىدىن ئۆز- ئارا تىنچلىق -ئامانلىق تىلىشىدۇ. كېچىكىپ كەلگەن مېھمانلار بىلەن ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىدۇ، كېچىكىپ كەلگەن مېھمانلار ئۆزىنىڭ يېشىغا يارىشا مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ ئولتۇرىدۇ، كېچىكىپ كېلىپ باشقىلارنى ئورنىدىن قوزغىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 q0 d3 Z" K  K9 G' ^5 ?6. قولغا سۇ بېرىش ئادىتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلاردا ئۆيگە كەلگەن ھەرقانداق مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىش ئادىتى بولۇپ، ساھىپخان مۈرىسىگە لەڭگە ئارتىپ، سول قولىدا چىلاپچا، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋا كۆتۈرۈپ كىرىپ مېھمانلارنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىدۇ، مېھمانلار ئۆزرە ئېيتىپ قولىنى چايقايدۇ، قولىنى چايقىغاندا سۇنى چاچراتماي ئۇچ قېتىم چايقايدۇ. ساھىپخانمۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئۇچ قېتىم سۇ بېرىدۇ. قولىنى يۇغاندا سۇنى چاچرىتىپ يۇيۇش ۋە قولىنى سىلكىش ئۇيغۇرلاردا ئېغىر ئېلىنىدۇ. سەۋەبى ئۇيغۇرلاردا سۇنى پاكلىقنىڭ، مۇقەددەسلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغاچقا، " بەرىكەت " "بەخت" نىڭ سىمۋولى بولغان مېھمانلارنىڭ قولىغا پاكىز سۇ بېرىش، مېھمانغا بولغان ئالاھىدە ھۆرمەت ئېھتىرام ھېسابلىنىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 b6 E/ _! d  _7. داستىخانغا ھەممىدىن ئاۋۋال نان قويۇش ئادىتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلاردا مېھمانلارغا تاماق تاماق تارتىشتىن ئاۋۋال داستىخانغا ئاۋۋال نان قويۇلۇپ ئاندىن باشقا تاتلىق تۇرۇملار قويۇلۇپ مېھمانلارغا چاي بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا نان ئۇلۇغلىنىدىغان بولۇپ، نان قۇرئان بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇلىدۇ، بۇ خىل ئادەت ئەسلى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان ئېتىقاتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زامانلاردا شامان دىنىغا ئېتىقات قىلغان مەزگىللەردە دەل - دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارغا ئېتىقات قىلغان، كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل ئەقىدە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئىچىگە سىڭىپ، ئىسلام دىنى مۇھىتىدا يېڭىچە شەكىلدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. ئۇيغۇرلاردا " ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا " "نان دەسسىسەڭ كۆزۈڭ كور بولىدۇ " " نان دەسسەپ قەسەم قىلىپ بېرەي " دېگەن ماقال-تەمسىللەر مانا شۇ ئەقىدىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
(http://bbs.oylirim.cn)% k: Y5 V( E4 N' n. Z" @" t1 _8. مېھمانلارغا پۇچۇق ۋە دەز چىنىدە چاي بەرمەسلىك.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلاردا مەيلى مېھمانلار بولسۇن ياكى ئۆزلىرى بولسۇن پۇچۇق -دەزچىنىدە چاي ئىچمەيدۇ. چۈنكى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ سىمۋولى بولغان چىنە چوقۇم بېجىرىم ۋە پۈتۈن بولۇشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. چاي قۇيۇلغان چىنىلەر پەتنۇسقا سېلىنىپ، ئىككى قوللاپ مېھمانغا
(http://bbs.oylirim.cn)% [1 k$ f+ w, {8 Xسۇنۇلىدۇ، چاينى بىر قولىدا سۇنۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر بىر قولىدا سۇنۇشقا توغرا كەلگەندە ئاۋۋال ئۆزرە ئېيتىلىپ ئاندىن يېنىچە تۇرۇپ سۇنۇلىدۇ، مېھمانلارمۇ چوقۇم چاينى ئىككى قولى بىلەن رەخمەت ئېيتىپ ئېلىشى شەرت. چاينى كۆپۈك چىقىرىپ پىيالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كوركىرىتىپ قۇيۇش ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا چاي پىيالىنىڭ گىرۋىكىدىن سىلىق قۇيۇلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 ?. e+ r; [7 R( O! e9. تاماق تۇرلىرى ۋە تاماق تارتىش تەرتىپى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىنچايدىن كېيىن تاماق تارتىلىدىغان بولۇپ، ئاۋۋال قويۇق تاماقلار ئاندىن سۇيۇق تاماقلار نۆۋىتى بويىچە تارتىلىدۇ. ئاساسلىق مېھمان تاماقلىرىدىن پولۇ، مانتا، گۆشنان، قورداق، سامسا، كاۋاپ، نارىن، ئۆپكە - ھېسىپ، لەڭمەن، قولداما، قاتارلىق قويۇق تاماقلار ؛ چۆچۈرە،
(http://bbs.oylirim.cn)/ T9 ~  V" u% j4 T1 P$ k' gئۈگرە، سۇيۇق ئاش، كوجا، ئۇماچقا ئوخشاش سۇيۇق تاماقلار بولۇپ، ساھىپخان مېھمانلارنىڭ تەلىپى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا مۇۋاپىق تاللاپ تەييارلايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn): Y0 W7 w9 z( m8 z10.تاماق ئۈستىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.
(http://bbs.oylirim.cn)0 S9 r6 G& k" G% \+ ?ئۇيغۇرلار تاماق ئۈستىدە قائىدە - يوسۇنلارغا ناھايىتى قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ، داستىخانغا تاماقلار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ساھىبخانىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋۋال چوڭلار ئاندىن ياشلار تەكەللۇپ بىلەن قول سۇنۇپ، تاماقنى ئالدىرىماي، ئاۋاز چىقارماي، ھەر كىم ئۆز ئالدىدىن ئېلىپ ئەدەپ بىلەن يەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىن قولنى ئۇزىتىپ ئاش ئېلىپ يېيىش ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ ئەگەر يېگۈسى بولسا ئەدەپ بىلەن شۇ كىشىدىن ئۆزىگە تاماق ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تەخسىسىنى سۇنسا بولىدۇ. تاماقنى زىيادە تويۇپ يېيىشكە، تاماق ئۈستىدە كەكىرىشكە، ئۆز قاچىسىدىكى تاماقنى يېمەي ئاشۇرۇپ قويۇشقا، تاقاق ئۈستىدە يەل قويۇپبېرىشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا تاماقنى يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويۇش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، شۇڭا ھەر كىم تاماقنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق سېلىپ يەيدۇ. ھەتتا داستىخان ئۈستىدە ئۇۋىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنىمۇ تەرىپ يەۋېتىدۇ، ياكى قۇشلارغا بېرىش ئۈچۈن داستىخاننىڭ چېتىگە يىغىپ قويىدۇ. توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق چوڭ مەرىكىلەردە ئىككى ياكى ئۇچ ئادەمگە بىر تاۋاقتىن ئاش تارتىلىدىغان بولۇپ، مېھمانلار تەكەللۇپ بىلەن ئاشقا قول ئۇزىتىدۇ، ئاساسەن تاماقنى ئاشۇرۇپ قويمايدۇ ئەگەر ئېشىپ قالسا تاۋاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ قويىدۇ، ساھىپخان ئاشقان تاماقلارنى بىر تاۋاققا يىغىپ تاۋاقلارنى بىر - بىرىگە، يۈزىنى قارىتىپ جۈپلەپ يىغىۋېتىدۇ، ئاشقان تاماقلار تۆكۇۋېتىلمەيدۇ، مېھمانلار كەتكەندە زەللە قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ياكى نامراتلارغا، مۇساپىرلارغا بېرىۋېتىلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 u  o$ G5 l: e: a$ L' w' `11. تاماقتىن كېيىن ئۇسسۇزلۇق ۋە مېۋە چېۋىلەر بىلەن مېھماننىكۈتۈش ئادىتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن قاچىلار يىغىۋېلىنىپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا تۈرلۈك مېۋىلەر ۋە يېڭى دەملەنگەن چاي ۋە شەربەتلەر ئېلىپ كېلىنىپ ساھىپخان بىلەن مېھمانلار ئۆز-ئارا ھال مۇڭ ئېيتىشىدۇ. بۇ چاغدىكى پائالىيەتلەر بىرقەدەر ئەركىن
(http://bbs.oylirim.cn)" W1 |3 p0 c5 R, W+ m& @9 {1 p5 gئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مېھمانلار ساھىبخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساز ناخشا مۇزىكىلىرى ئېيتىلىپ مېھمانلار كۆڭۈللۈك ئولتۇرىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 H3 X! W/ h( C! e12. مېھماننى ئۇزىتىش ۋە زەللە يۆگەپ بېرىش.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇيغۇرلاردا مېھمانلار قايتىدىغان چاغدا ساھىپخان شۇ كۈنكى تاماق ۋە تاتلىق-تۇرۇملاردىن ئۆيىدە قالغان، مېھماندارچىلىققا كېلەلمىگەن بالىلار ۋە باشقىلارغا ئېلىپ كەتىشكە بېرىدىغان بولۇپ بۇئۇيغۇرلاردا " زەللە بېرىلدى " دېيىلىدۇ مېھمانلار تەكەللۇپ ۋە رەخمەتلەر بىلەن زەللىنى ئالىدۇ، ساھىپخان مېھمان ئۇزاتقاندا، دەرۋازا سىرتىغىچە ئىززەت -ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ، يولغا سېلىپ قويىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئۆرپ ئادىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مېھماندارچىلىقنى ئۇيغۇرجەمئىيىتىنى چۈشىنىشتىكى بىر كۆزنەك دېيىش مۇمكىن

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-5 04:08 , Processed in 0.682936 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش